بايلار پۇل خەجلەپ مۇناسىۋەت دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ
سۈرەتتە : جۇڭگۇغا داڭلىق ئارتىس ، رىژىسسور ، كارخانىچى جاۋ ۋېي
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
نامراتلار پۇلنى ئىسراپ قىلماسلىق ئۈچۈن مۇناسىۋەت دائىرىسىنى كىچىكلىتىدۇ، بايلار پۇل خەجلەپ مۇناسىۋەتدائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ
نامراتلار پۇلنى چوقۇم كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان جايغا خەجلەش كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن ئىسراپ قىلغانلىق بولىدۇ دەپ قارايدۇ، بۇ خىل قاراش ئېنىقلا خاتا. ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا شۇنداق بىر نەرسە بار، ئۇنى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولمايدۇ، ئۇ بىۋاستە بايلىق يارىتالمايدۇ، ئۇ بىر شەكىلسىز يوشۇرۇن بايلىق بولۇپ، ئەگەر ئۇ بولمىسا سىزنىڭ كەسپى قابىليىتىڭىز قانچىلىك كۈچلۈك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىزنىڭ بايلىق توپلىشىڭىز يەنىلا تەسكە چۈشىدۇ. بۇ نەرسە دەل كىشلىك مۇناسىۋەتتۇر.
نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ بىر مۇھىم پەرقى: نامراتلار ئازراقلا پايدىنى دەپ دوستىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، بىراق بايلار ھەمىشە پۇل خەجلەپ كىشلىك مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرىدۇ.
جاڭ شىنگېن خاڭجۇدىكى چوڭ بىر قەلەمچىلىك زاۋۇتىنىڭ خوجايىنى، ئۇ موي قەلەم بىلەن توپتوغرا 15 يىل ھەپىلەشكەن بولۇپ، ئۇنى بىر ئەخلاقلىق سودىگەر دەپ ئاتاشقا بولىدۇ.
جاڭ شىنگېننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولسىمۇ، بىراق ئۇ 1989 –يىلى خاڭجۇدا ئەمدىلا ئىش باشلىغان ۋاقىتتا ئەھۋالى ناھايىتى ناچار ئىدى، ھەتتا ئوتۇن – كۆمۈر ئالغۇدەكمۇ پۇلى يوق دەرەخ قوۋزاقلىرىنى قالايىتتى.
شۇنداق بولسىمۇ، جاڭ شىنگېن ئەزەلدىن تىرىشىشنى توختىتىپ قويمىغان. ئۇ ھەر كۈنى خاڭجۇدىكى ھەر قايسى جايلارغا بېرىپ، پۇرسەت بولسىلا ئۆزى ياسىغان موي قەلەمنى باشقىلارغا تونۇشتۇراتتى. نۇرغۇن قېتىملىق ئوڭۇشسىزلىقتىن كىيىن، جاڭ شىنگېن ئاخىرى ھاياتىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا ئىگە بولدى.
بىر قېتىم جاڭ شىنگېن خۇاڭلوڭ تاماقخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر رەسىم كارىدورىدا موي قەلەملىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ سېتىش ئۈچۈن پۇرسەت كۈتىۋاتاتتى. بۇ رەسىم كارىدورىنى خاڭجۇ سەنئەت ئىنىستىتۇتى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، ئۇ كۈنى خاڭجۇ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن ئىنىستىتتۇت باشلىقى جوۋۋېنچىڭمۇ بۇ جايدا رەسىم كۆرۈۋاتاتتى،
جاڭ شىنگېن جوۋۋېنچىڭنىڭ تەقى –تۇرقىنىڭ ئادەتتىكىچە ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ، ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن ئۇنىڭغا توخۇ پېيىدىن ياسىغان موي قەلەمدىن بىرنى سوۋغا قىپتۇ، جوۋۋېنچىڭمۇ بۇنىڭدىن ناھايىتى ھەيران بوپتۇ. ھەم بۇ قەلەمنى ئەستايىدىل كۈزەتكەندىن كىيىن، جوۋۋېنچىڭ جاڭ شىنگېننىڭ ياسىغان قەلىمىگە قىزىقىپ قاپتۇ.
جاڭ شىنگېننىڭ قارىشىچە، جوۋۋېنچىڭ ئۇنىڭ قىممەتلىك ئادىمى بولۇپ،پايدىلىنىش قىممىتى ئەڭ يۇقىرى ئادەم ئىدى.
كۆپ قېتىملىق قەلەم كۆرگەزمىلىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىلىپتۇ. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ جاڭ شىنگېننىڭ قەلىمىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن،جوۋۋېنچىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەقسىز قەلەم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ. بۇ قەلەم كۆرگەزمىسى ئارقىلىق، جاڭ شىنگېن سەنئەت مەكتەپنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئوقۇتقۇچىسىنى تونۇپ،تېخىمۇ كەڭ بولغان كىشلىك مۇناسىۋەت تورى ئورنىتىپتۇ.
ئەينى ۋاقىتتا جاڭ شىنگېننىڭ قەرزى بار بولۇپ، يۈكى ئېغىر ئىدى. ئۇنىڭ بۇ رەسسام دوستلىرى بۇنى بىلگەندىن كىيىن، ئۇنىڭغا ئۆزلىرىنىڭ رەسىملىرىنى سوۋغا قىپتۇ. جاڭ شىنگېن بۇ داڭلىق كىشىلەرنىڭ رەسىملىرىنى سېتىش ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان قەرزلىرىنى قايتۇرۇپتۇ.
قەرزنى قايتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئۇ ناھايىتى يىنىكلەپ قاپتۇ. بۇ ۋاقىتتا جوۋۋېنچىڭ ئۇنى ھەقسىز ئىشلەپچىقىرىش ئورنى بىلەن تەمىلەپتۇ، شۇنداق قىلىپ جاڭ شىنگېن ئۆزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئىگە بوپتۇ.
بىر مەزگىللىك تىرىشچانلىق ئارقىلىق جاڭ شىنگېننىڭ خاڭجۇدا نامى چىقىپتۇ. ھەر كۈنى ئۇنىڭ دۇكىنىغا مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن، ھەتتا چەتئەلدىن خېرىدارلار كېلىدىغان بوپتۇ. ئۇنىڭ سودىسى بارغانسىرى ياخشىلىنىپ، ئىككى زاۋۇتقا ئىگە بوپتۇ، ھەمدە يىلدا 50 مىڭ يۈرۈش خاس رەسساملىق قەلىمى ساتىدىغان چوڭ كارخانىغا ئايلىنىپتۇ.
جاڭ شىنگېننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى قارىماققا <مۇنداقلا ئۇدۇل كېلىپ قېلىش >تەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما بۇ ئۇنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئۇ ئارزۇ –ئارمانلىرى ئەمەلگە ئاشمىغان ۋاقىتتا ھەر كۈنى رەسىم كارىدورلىرىنى ئايلىنىپ يۈرەتتى. قەلەم سوۋغا قىلىشتىن ئىبارەت قارىماققا ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە تەسىر يېتىدىغان بۇ ئاددىي ئۇسۇل ئارقىلىق جاڭ شىنگىن كىشىلىك مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتىشنىڭ ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
بىر كىشىلىك مۇناسىۋەت تەتقىقاتچىسى مۇنداق بىر سۆزنى قىلغان: «ئەگەر سىز ياراملىق كىشىلەرنى يېنىڭىزغا تارتماقچى بولسىڭىز، چوقۇم ئۇنىڭغا بەلگىلىك ماددى ئىلھام بېرىشىڭىز كېرەك،چۈنكى،قۇرۇق رەھمەت ئېيتىش يىتەرلىك ئەمەس،ئەگەر ماددى جەھەتتىكى ئىلھاملاندۇرۇش بولمىسا، كىشىلەرنىڭ باشتىن ئاخىرىغىچە سىزگە ھەمدەم بولىشى مۇمكىن ئەمەس>>
. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى: «مەن بىرىنچى خانىم بولۇپ تۇرغان ۋاقىتتا ئۆگىنىۋالغان ئەڭ مۇھىم دەرسىم شۇكى، دۇنيا سەھنىسىدىكى دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ناھايىتى زور دەرىجىدە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى شەخسىي مۇناسىۋەتكە بېقىنىدۇ. ئېتىقادى ئوخشىمايدىغان دۆلەتلەر بولسىمۇ، پەقەت ئىككى دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچ مۇناسىۋىتى بولسىلا، ئۇنداقتا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىناق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلىغىلى بولىدۇ.» دىگەن.
نامراتلار كىشلىك مۇناسىۋەتنىڭ مۇھىملىقىنى بىلمەيدۇ، ئۇلار پەقەت كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنىلا كۆرىدۇ. ئازراقلا ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تالاش – تارتىش بولسا كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ئۈزىدۇ.بۇنىڭ بىلەن پايدىنى ئاز ئېلىپ چىقىمنى كۆپ تارتىدۇ، ئاڭ ئاخىرىدا ھېچقانداق نەتىجە قازىنالمايدۇ.ھازىرقى جەمئىيەتتە <يەككە قەھرىمان> ھېچقانداق ئىش قىلالمايدۇ. پۇل بىلەن كىشىلىك مۇناسىۋەت ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى زىچ باغلىنىش بار.ئەگەر سىز بايلارنى كۈزەتسىڭىز، ئۇلارنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتكە سەرپ قىلغان ۋاقتى ۋە پۇلى قانچە كۆپ بولسا، ئۇلارنىڭ بايلىقىنىڭمۇ شۇنچە كۆپ بولىدىغانلىقىنى بايقايسىز.
ئەگەر بىر نامرات باي بولماقچى بولسا، چوقۇم ئۆزىنىڭ كۆز – قارشىنى ئۆزگەرتىپ تىرىشچانلىق بىلەن ئۆزىنىڭ كىشلىك مۇناسىۋەت تورىنى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.
نۇرغۇنلىغان بايلار باي ئائىلىدە دۇنياغا كەلمىگەن، ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى سەۋەب ئۇلار كىشىلىك مۇناسىۋەتكە دەسمى سېلىشقا ناھايىتى ئېتىبار بەرگەن. بىر ئۆمۈر نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىغان ئاشۇ كىشىلەر بولسا ئۆزىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت تورىنى قۇرۇشنى چۈشەنمىگەن.
شەخىسنىڭ كۈچى ھامان چەكلىك بولىدۇ. بۇ چەكلىك كۈچ ئەتراپتىكى دوستلارنىڭ كۈچى بىلەن بىرلەشكەندىلا ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت ئەڭ تىز سۈرئەتتە يىتىپ كېلىدۇ. چوڭ بېلىق كىچىك بېلىقنى يەيدىغان بۇ دەۋردە دوستلىرى بولمىغان كىشىلەر ئەڭ بۇرۇن شاللىنىپ كېتىدۇ،يىتەرلىك كىشىلىك مۇناسىۋەت تورى ئورناتقان كىشىلەر بولسا يەنىلا بايلىققا ئېرىشەلەيدۇ.
مۇنداق بىرگەپ بار: سىز قانداق ئادەم بولماقچى بولسىڭىز كۆپرەك شۇنداق ئادەملەر بىلەن بىللە بولۇڭ. كۆپىنچە نامراتلار بايلارنىڭ تۇرمۇشىغا ھەۋەس قىلىدۇ، بىراق بايلار بىلەن بېرىش – كېلىش قىلىشنى خالىمايدۇ. ئۇلار پەقەت نامرات تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بىراق قانچە بارغانسىرى شۇنچە نامراتلىشىدۇ. ئەگەر بىر نامرات ئادەمنى بايلارنىڭ تۇرمۇش چەمبىرىكىگە تاشلاپ قويسا، ئوزۇن مەزگىللىك ئارلىشىپ ياشاش ئارقىلىق ئۇمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بايلارنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىشى مۇمكىن.
پائۇل -مىكروسوفت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى، «فوربىس» ژورنىلىنىڭ بايلار رەت تەرتىپىدە ئۇ ئالتىنچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، شەخسىي بايلىقى 210 مىليارىد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ بىردەمدىلا مىليادېرغا ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ناھايىتى تەلەيلىك ئادەم دەپ قارىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ شۇنچىلىك تىز تەرەققىي قىلىشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ يېنىدا كىشىلىك مۇناسىۋىتى ئەڭ ياخشى بولغان بېل.گېيتىسنىڭ بولغانلىقىدا. پائۇل ياش ۋاقتىدا بېلنى چوقۇم كاتتا بايلاردىن بولىدۇ دەپ ھۆكۈم قىلغان، شۇڭا ئىزچىل ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىگىلىك ياراتقان. ئۇلار بوستوندا مىكروسوفت شىركىتىنى تىزىمغا ئالدۇرغان، تىزىملىتىش ئۇچۇرىدا بېل. گېيتىس باش دېرىكتور،پائۇل مۇئاۋىن باش دېرىكتور بولغان.
پائۇلنىڭ شەخسىي ئىقتىدارى بېل. گېيتىسقا يەتمەيدۇ، بىراق ئۇنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتكە بولغان تونۇشى ئۇنى يەنىلا دۇنيادىكى بايلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرغان.
بايلىققا ئېرىشىش چۈشىنى كۆرۈۋاتقان بارلىق كىشىلەر، تىزدىن ئويغىنىڭلار!
ئادەم ئۆزىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت تورىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن چوقۇم ماددى جەھەتتە بەلگىلىك مەبلەغ سېلىش لازىم. ئەگەر ىسز بىر پۇلدارغا ئايلانماقچى بولسىڭىز، چوقۇم بايلارغا ئوخشاش تەپەككۇر قىلىشىڭىز، بايلارغا ئوخشاش ئۆزىڭىزنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت تورىنى كېڭەيتىشىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋىتىدىكى قىممەتلىك ئادەملەرنى ئىزدىشىڭىز كېرەك.
بايلىقنىڭ بايانى:
كىشىلىك مۇناسىۋەت بولسا پايدىلىنىش قىممىتى بار شەكىلسىز بايلىق. كىشىلەر قىستا – قىستاڭ بولغان چوڭ كوچىدا تۇرسىڭىز، كۆز ئالدىڭىزدا سىزنىڭ ئېچىشىڭىزنى ساقلاۋاتقان بىر چوڭ ئالتۇن كان بولغان بولىدۇ.بايلارنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارى بولمىسىمۇ ناھايىتى تىزلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىشىدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ قۇدرىتىدىن پايدىلانغانلىقىدا. ئەگەر ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۆزىڭىزنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت تورىڭىز بولسا، يېقىن كەلگۈسىدە بايلىق سىزگە قاراپ كېلىدۇ.
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 1-قىىمىدىن ئېلىندى