A-A+

بىر پۇڭ خەجلىمەي كۆچكىلى بولامدۇ ؟

2015-يىل 29-دېكابىر كاپىتال ئىگىلىكى باھا يوقكەن زىيارەت: 460 قېتىم

ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى

timg

ئەنگىلىيە دۆلەتلىك كۇتۇپخانىسى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق كۇتۇپخانىلارنىڭ بىرى . كۇتۇپخانىدا ناھايىتى قىممەتلىك كىتابلار بار .

دۆلەتلىك كۇتۇپخانىنىڭ بۇرۇنقى ئورنىدىن ھازىرقى يېڭى ئورنىغا كۆچۈش توغرىسىدا ناھايىتىمۇ قىزىقارلىق ھەم دۇنياغا داڭلىق بىر ۋەقەلىك بار :

يېڭى كۇتۇپخانىغا كۆچۈش ئىشى كۇتۇپخانا باشلىقىنىڭ ناھايىتىمۇ بېشىنى قاتتۇرىۋەتتى . شۇنچە كۆپ كىتابلارنى كۆچۈرۈشكە ئاز بولغاندىمۇ نەچچە مىليون خىراجەت كېتەتتى ھەم بۇ كىتابلارنى ساق - سالامەت يېڭى كۇتۇپخانىغا ئاپىرىشمۇ بىر مۈشكۈل ۋەزىپە ئىدى .

كۇتۇپخانا باشلىقىنىڭ بېشى قېتىپ تۇرغاندا بىرەيلەن ناھايىتى قالتىسبىر ئامال كۆرسەتتى .

ئەتىسى دۆلەتلىك كۇتۇپخانا گېزىتتە مۇنداق ئېلان بەردى: << ھەر بىر ئەنگىلىيە پۇقراسى كۇتۇپخانىمىزدىن ئۆزى خالىغان 10 پارچە كىتابنى بىر ھەپتىلىك ئارىيەتكە ئالسا بولىدۇ .

بىراق ،شەرت -كىتابنى بىر ھەپتىدىن كېيىن چۇقۇم يېڭى كۇتۇپخانىغائاپىرىپ بېرىشىڭىز كېرەك >>

دۆلەتلىك كۇتۇپخانىدىكى نۇرغۇن كىتابلار ناھايىتى قىممەتلىك ھەم ئادەتتە پۇقرالارغا ئارىيەت بېرىپ تۇرۇلمايدىغان بولغاچقا بۇ ئەنگلىيە خەلقى ئۈچۈن تېپىلغۇسىز ياخشى پۇرسەت ئىدى .شۇڭا ئەنگىلىيە خەلقى  كۇتۇپخانىغا سەلدەك ئېقىپ كېلىشكە باشلىدى ۋە ئۈچ كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن كۇتۇپخانا قۇپقۇرۇق بولۇپ كەتتى .

بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن كۇتۇپخانا باشلىقىنىڭ خۇشلۇقتا بېشى كۆككە يەتتى . چۈنكى بۇ قېتىم كۇتۇپخانا پۇل خەجلىمەيلا كۆچۈش مەقسىتىگە يېتىش بىلەن بىرگە ئەنگىلىيە پۇقرالىرىنىڭمۇ كۆڭۈل مايىللىقنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.

مەنبە : تور دۇنياسى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ