A-A+

قاشتېشى،گىلەم ماكانى-شەھىدانە خوتەن

2015-يىل 4-ئاپرېل ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 180 قېتىم

قاشتېشى،گىلەم ماكانى - شەھىدانە خوتەن

2ab905b0-bf34-41b6-8c88-8515423f78ac

قاشتېشى ماكانى __ خوتەن

خوتەن ۋىلايىتى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب تەرىپى قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي جەنۇب تەرىپى كەشمىر (ھىندىستاننىڭ ئەمەللىي كونتروللىقىدىكى رايون) بىلەن چېگرىلىنىدۇ. چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 200 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 670 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى تەخمىنەن 600 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 247 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدار بىر شەھەر،. يەتتە ناھىيە (خوتەن شەھىرى، گۇما ناھىيىسى، قاراقاش ناھىيىسى، خوتەن ناھىيىسى، لوپ ناھىيىسى، چىرا ناھىيىسى، كېرىيە ناھىيىسى، نىيە ناھىيىسى) بار. تەۋەسىدە ئشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خوتەن دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بار. مەمۇرىي مەھكىمە جايلاشقان خوتەن شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1520 كىلومېتىر 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى بىر مىليون 504 مىڭ 800 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار %97.4 نى، خەنزۇلار% 2.66 نى، باشقا مىللەتلەر% 0.2 نى تەشكىل قىلىدۇ.

خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق جايلار خەن سۇلالىسى دەۋرىدە گويا، ئۇدۇن، كېرىيە، نىيە، روڭلۇ دۆلەتلىرىنىڭ يېرى بولغان. غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ۋەيسا تۇتۇق مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە موڭغۇل ئەۋلادىدىن بولغان خانلارنىڭ سۇيۇرغاللىق يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ - يىلى (1759 - يىلى) خوتەن ئامبىلى قويۇلغان. چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈنىڭ 9 - يىلى ( 1983 - يىلى) خوتەن بىۋاسىتە قاراشلىق ئايمىقى تەسىس قىلىنغان. قەشقەر دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگو 9 - يىلى ( 1920 - يىلى) خوتەن دوتەي مەھكىمىسىگە تەسىس قىلىنغان. كېيىن 7 - مەمۇرىي رايون دەپ ئۆزگەرتىلگەن. مىنگو 32 - يىلى (1943 - يىلى) ۋالىي مەھكىمىسىگە ئۆزگەرتىلگەن 1950 - يىلىنىڭ باشلىرىدا خوتەن ۋالىي مەھكىمىسى قۇرۇلغان. 1959 - يىلى خەنزۇچىدىكى 和 (خوتەن) دېگەن خەت 和田 دېگەن خەتكە ئۆزگەرتىلگەن 1979 - يىلى خوتەن ۋىلايىتى قۇرۇلغان.

يەر تۈزۈلۈشى: جەنۇبىي ئېگىز، شىمالى پەس، غەربىي ئېگىز، شەرقىي پەس. بۇ تاغلىق رايون% 33.3 نى، چۆل - چەزىرە 63% نى، بوستانلىقلار% 3.7 نى ئىگىلەيدۇ 36 چوڭ - كىچىك دەرياسى، 58 بۇلىقى بار. يەر ئاستى سۇ بايلىقى سەككىز مىليارد 770 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۇ بايلىقى مىقدارى ئۈچ مىليارد 246 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، تىبەت قۇلۇنى، قوتاز، تىبەت بۆكىنى، ئارقار، ياۋا تۆگە، ئاق بوغۇز بۆكەن، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن توشقان زەدىكى، قانتېپەر، قارلەيلىسى، رەۋەن قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن نېفىت، كۆمۈر، ئالتۇن، تۆمۈر، تانتال، لىتىي، پېرىللىي، سىندىي، نىئوبىي، سىڭىر تاش، ھاك تېشى، قاشتېشى قاتارلىقلار بار.

خوتەن ۋىلايىتى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 10.4℃ - 12.2℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 43.2℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 28.9℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2400 - 2900 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4300℃ - 4100℃. قىروسىز مەزگىلى 210 - 024 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدرى 30-50 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2400 - 8002 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە قاقاس قۇم ئۇچۇش - بوران چىقىش ۋاقتى 30-25 كۈن.

خوتەن ۋىلايىتى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 157 مىڭ گېكتار (ئىككى مىليون 365 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 263 مىڭ 300 گېكتار (ئۈچ مىليون 950 مىڭ مو) تەبىئىي ئورمان، 94 مىڭ گېكتار (بىر مىليون 240 مىڭ مو) سۈنئىي ئورما، ئىككى مىليون 492 مىڭ 300 گېكتار ( 37 مىليون 391 مىڭ مو) ئوتلاق، 17 مىڭ 200 گېكتار (258 مىڭ مو) سۈنئىي ئوتلاق بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، كېۋەز، ياغلىقدان ۋە ھۆل - قۇرۇق مېۋە - چېۋىلەر بار. چارۋىچىلىقى يايلاق چارۋىچىلىقى ۋە دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى دەپ ئايرىلىدۇ. دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئات، ئېشەك، تۆگە قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە خوتەن يېرىم ئىنچىكە يۇڭلۇق قويىنىڭ سانى ئەڭ كۆپ. سانائىتىدىن ئاساسلىقى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، كۆمۈر سانائىتى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى، پاختا توقۇمىچىلىق، يىپەكچىلىك، گىلەمچىلىك، قاشتېشى ئويمىچىلىقى، ئاشلىق - ماي ۋە يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە يىپەكچىلىك، گىلەمچىلىك ۋە قاشتېشى ئويمىچىلىقى خوتەننىڭ ئۈچ گۆھىرى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولىنىڭ 315 - لىنىيىسى تەۋەسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. تارىم قۇملۇق تاشيولىدا قاتناشنىڭ باشلىنىشى خوتەن بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئارىلىقىنى زور دەرىجىدە قىسقارتتى؛ ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان بولۇپ، 90% دىن كۆپرەكى ئاسفالىتلاشتۇرۇلۇپ بولدى. خوتەن ئايرودرومىغا چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولوچىلار ئايروپىلانى قونالايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئۇچالايدۇ. ھەر ھەپتىدە قەرەللىك ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان ئايروپىلان بار. يەتتە ناھىيە، بىر شەھەردىكى پروگراممىلىق تېلېفونلارنىڭ ھەممىسى مەملىكەتلىك ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوماتىك ئۇچۇر تورىغا كىرگۈزۈلدى. كۆچمە تېلېفون، چاقىرغۇ ئاپپاراتلىرى تەڭلا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

بۇ ۋىلايەتنىڭ ئاساسلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن نىيە خارابىسى، ئاقسېپىل قەدىمىي شەھىرى، مىلىكئاۋات خارابىسى قاتارلىقلار بار. ئاساسلىق مەنزىرىلىك جايلىرىدىن قۇملۇق مەنزىرىسى، بىپايان كوئىنلۇن، چەكسىز كەتكەن ئۈزۈم كارىدورى، يىپەك يولى قەدىمىي ئىزى قاتارلىق ئېتنوگرافىيىلىك مەنزىرىلەر بار.

خوتەندىكى ئاجايىپ مەنزىرە ئۈزۈم تال كارىدورى

خوتەندىكى ئاجايىپ مەنزىرە ئۈزۈم تال كارىدورى — خوتەن دېھقانلىرىنىڭ ئۆزگىچە ئىجادىيىتى بولۇپ، مەملىكەتنىڭ جۈملىدىن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا كەم ئۇچرايدۇ. ئۈزۈم تال كارىدورى ئاساسلىقى يېزا يوللىرىنىڭ ئىككى تەرىپىگە تال كۆچىتى تىكىش، يولنىڭ ئۈستىگە تال باراڭ ياساش ئارقىلىق پەرپا قىلىنغان بولۇپ، يازنىڭ تومۇز ئىسسىق كۈنلىرىدە يولدىن ئۆتكەن كىشىلەر سالقىنلايدىغان، ھاردۇقىنى چىقىرىدىغان جاي ھېساپلىنىدۇ. ئۈزۈم تال كارىدورى دەسلەپتە 1984- يىلى خوتەن ناھىيىسىدە بارلىققا كەلگەن، ئەينى ۋاقىتتا ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 16 كىلومېتىر ئىدى، 1985- يىلى 90 كىلومېتىرغا ئۇزارتىلىپ، 1986- يىلغا كەلگەندە ناھىيە بويىچە ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلدى. ھازىر بۈتۈن ۋىلايەت بويىچە كېڭەيتىلگەن بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 1700 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۈزۈم تال كارىدورىنىڭ ئەمگەك كۈچى سېلىنمىسى ئاز، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، ئېكولوگىيىلىك ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ، يول ئۈستىگە ياسىلىدىغان بولغاچقا، يەرنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.

ئەنجۈر پادىشاھى

<< ئەنجۈر پادىشاھى >> خوتەن ناھىيىسىنىڭ لايقا يېزىسى تەۋەلىكىدە بولۇپ ، خوتەن شەھىرىگە 22 كىلومېتىر كېلىدۇ . بۇ دەرەخنىڭ ئىگىلىگەن يېرى 0.1 گىكتار كېلىدىكەن . ھەر يىلدا 20 مىڭ دانە ئەنجۈر سالىدىغان بولۇپ ، 6– ئايدىن 10 – ئايغىچە ئۈچ نۆۋەت مېۋە پىشىدىكەن .

ياڭاق پادىشاھى

500 يىللىق << ياڭاق پادىشاھى >> خوتەن شەھىرىگە 17 كىلومېتىر كېلىدىغان باغئىچى بازىرى تەۋەلىكدە بولۇپ ، دەرەخنىڭ ئېگىزلىكى 20 مېتىردىن ئاشىدىكەن ، دەرەخ غولىنىڭ ئايلانمىسى سەككىز مېتىر ئەتىراپىدا ، ئىگىلىگەن دائىرىسى بىر مودىن ئاشىدىكەن ، يىلدا 6000 ئەتىراپىدا ياڭاق سالىدىكەن .

خوتەن ۋىلايىتىدىكى سەيلىگاھلار

خوتەن — مېۋە- چېۋە ماكانى. ئەگەر سىز ياز پەسلىدە خوتەنگە ساياھەتكە كەلسىڭىز، مەي باغلاپ پىشقان مېۋە- چېۋىلەر، مەرۋايىتتەك يالتىراپ تۇرىدىغان قىزىل ئۈزۈم، مۇناقى ئۈزۈم، قارا ئۈزۈم قاتارلىقلارغا ئېغىز تېگىپلا قالماي، يەنى ئۇزۇندىن- ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۈزۈم تال كارىدورىنىڭ ئاجايىپ مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلىنىپ، ئىشچان خوتەن دېھقانلىرىغا ئاپىرىن ئوقىماي تۇرالمايسىز.

مازار تاغ — مازار تاغنى يەرلىك خەلق قىزىل، ئاق تاغ دەپمۇ ئاتايدۇ. ئۇ تەكلىماكان چۆلىنىڭ غەربىي قىسمىدىن باشلىنىپ، خوتەن دەريا ساھىلىغا تۇتىشىدۇ. قاراقاش ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 210 كىلومېتىر ئەتراپىدا، يېڭىيەر يېزىسىدىن مازار تاغقا بارىدىغان قۇملۇق تاشيولى تاق لېنىيىلىك بولۇپ، ھەر 200 مېتىر ئارىلىقتا بىر ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ياسالغان. يولنىڭ ئىككى چېتى بىپايان قۇملۇق بولۇپ، ئاندا- ساندا قۇملۇق ئۆسۈملۈكلىرى ۋە توغراقلار ئۆسكەن. ئىچكىرىلەپ ماڭغانسېرى ئۇپۇقتا بىر قىزىل سىزىق كۆرۈنىدۇ. بۇ قىزىل سىزىق دەسلەپتە ئۇزۇن كەتكەن كارىدورغا، بارا- بارا ئېگىز سېپىلغا، ئارقىدىن چوققىسىنى ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان مازار تاغقا ئايلىنىدۇ. مازار تاغ ئوتتۇرا قىسمىدىن بىر پاسىل سىزىقى بىلەن ئايرىپ قويۇلغاندەكلا بولۇپ، تاغنىڭ ئۈستى تەرىپى قىزىل، ئاستى تەرىپى ئاق كۆرۈنىدۇ. قۇملۇق تاشيولىنىڭ 120 كىلومېتىرلىق بۆلىكىدە مازارتاغ نىشانىغا بۇرۇلۇپ، 40 كىلومېتىر ئەتراپىدا ماڭغاندىن كېيىن، خوتەن دەرياسى بويلىرىدىكى توغراقلىق ۋە ئانچە ئېگىز بولمىغان مازار تاغ چوققىسى كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولىدۇ. تۆگىنىڭ لوكىسىدەك تۇتاش كەتكەن قۇم باراخانىلىرى، چەكسىز توغراقلىق ۋە ھەيۋەتلىك خوتەن دەرياسى گىرەلىشىپ ئاجايىپ مەنزىرە ھاسىل قىلىدۇ. تاغ چوققىسىدىكى قەدىمىي قۇرغان ئىزنالىرىنى يىراقتىن غىل- پال كۆرگىلى بولىدۇ.

دەريا ساھىلى كۆز يەتكۈسىز توغراقلىق بولۇپ، ئويمانلىقلارغا يىغىلغان سۇلار زۇممرەتتەك يالتىراپ تۇرىدۇ. قىزىل تاغ بىلەن ئاق تاغ گىرەلەشكەن جىلغىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ، قىيا ئارقىلىق قىزىل تاغ چوققىسىغا چىققىلى بولىدۇ. بۇ چوققىغا قەدىمىي مازارتاغ قورغىنى جايلاشقان بولۇپ، قورغان شىمالىي تەرەپتىكى ئاق تاغ ئېغىزى ۋە جەنۇبىي تەرەپتىكى قىزىل تاغ ئېغىزى بىلەن قوشۇلۇپ ئاجايىپ ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ. قورغاننىڭ دەرۋازىسى، كۈزىتىش سۇپىسى، زەمبىرەك سۇپىسى، سېپىل قاتارلىقلار بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلانغان، ئومۇمىي كۆلىمى 841 كۋادىرات مېتىر، قورغان تېمىنىڭ قېلىنلىقى 1.5 مېتىر كېلىدۇ. سېپىل تېمى توغراق ياغىچى، يۇلغۇن، توغراق شېخى قاتارلىقلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ياسالغان. قورغاننىڭ تېگىدە ئامبار بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان لەخمە بار. دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ قارىغاندا، قىزىل تاغ بىلەن ئاق تاغنىڭ پاسىلىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرگىلى، يەرلىك خەلقنىڭ بۇ تاغنى قىزىل، ئاق تاغ دەپ ئاتىشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، مازارتاغ قورغىنى بۇنىڭدىن 1500 يىل ئىلگىرى ياسالغان، قورغان خارابىسى ھازىر << ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى>> دەپ بېكىتىلىپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ساياھەت لېنىيىسىگە ئايلاندى.

قاراقاش دەرياسى— قارا قۇرۇم تاغلىرىدىن باشلىنىپ 808 كىلومېتىر ئاققاندىن كېيىن، يورۇڭقاش دەرياسى بىلەن قوشۇلۇپ خوتەن دەرياسىنى ھاسىل قىلىدۇ. باش ئېقىنى تاغلار، ئوتتۇرا ئېقىنى تاغ، دۆڭلۈكلەر، تۆۋەن ئېقىنى تۈزلەڭلىكلەر ئارىسىدىن ئاقىدۇ. تاغلار ئارىسىدىكى ئېقىننىڭ ئۇزۇنلىقى 569 كىلومېتىر بولۇپ، باش مەنبەدىن ئۇلۇغئاتا سۇ ئىنشائاتى تۈگۈنى قۇرۇلۇشىغىچە بولغان ئارىلىق باش ئېقىن ھېساپلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە شەيدۇللانىڭ يۇقىرىدىكى 359 كلومېتىر ئارىلىقتىكى دەريا قىرغىقىنىڭ يانتۇلىقى 20 گىرادۇستىن 60 گىرادۇسقىچە كېلىدۇ. بۇ ئارىلىقتا تىك چوققىلار ئاز، تاغلارنىڭ ئۈستى ئاساسەن تەكشىلىك، يىلبويى قار- مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. شەيدۇللارنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كەڭلىكى بىر كىلومېتىردىن 28 كىلومېتىرغىچە، ئۇزۇنلىقى 130 كىلومېتىر كېلىدىغان مۇزلۇق بار. شەيدۇللادىن ئۇلۇغئاتا سۇ ئىنشائاتى تۈگۈنى قۇرۇلۇشىغىچە بولغان 230 كىلومېتىر ئارىلىقتا تىك چوققىلىق ھەيۋەتلىك تاغلار جىق ئۇچرايدۇ. بۇ ئارىلىقتا 20دىن كۆپرەك تارماق ئېقىن بار. چوڭ قىيا تاشلار كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. دەريا جىلغىسىنىڭ تار يېرى 20 مېتىر، كەڭرەك يېرى 100 مېتىر كېلىدۇ.

ئۇلۇغئاتىدىن قاراقاش دەرياسى كۆۋرۈكىگىچە بولغان 91 كىلومېتىرلىق ئارىلىق ئوتتۇرا ئېقىن بولۇپ، ئىككى تەرىپى تاغ ۋە دۆڭلۈكلەردىن باشقا، قارا قاش ۋە خوتەن ناھىيىلىرىنىڭ تۇتاش كەتكەن باغۇ- بوستانلىقلىرىدۇر. باش ئېقىننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000 مېتىردىن 6500 مېتىرغىچە، ئەڭ ئېگىز چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 7013 مېتىر كېلىدۇ. ئوتتۇرا ئېقىنىنىڭ ئېگىزلىكى 1300 مېتىردىن 3000 مېتىرغىچە، تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ئېگىزلىكى 1100 مېتىردىن 1200 مېتىرغىچە كېلىدۇ. قاراقاش دەرياسىنىڭ كۈنلۈك ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقتارى 69.8 كۇب مېتىر بولۇپ، دەرياغا كەلگەن سۇنىڭ پەسىللەردىكى پەرقى ناھايىتى چوڭ. ئەتىيازدا كەلگەن سۇ يىللىق ئومۇمىي مىقتارىنىڭ % 9.8ىنى، يازدا كەلگەن سۇ % 73.1ىنى، كۆزدە كەلگەن سۇ %13.6ىنى، قىشتا كەلگەن سۇ %3.5ىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان قاراقاش دەرياسىدىن قارا قاشتېشى، سەيۋىرەڭ قاشتېشى، زۇمرەت قاشتېشى، قىزىل قاشتېشى، سېرىق قاش تېشى تېپىلىپ كەلمەكتە. قاراقاش دەرياسى ساھىلىدىكى تۇزاقچى، ئۇچات، كۇسۇي، بوستانتوغراق، ئۇلۇغئاتا قاتارلىق جايلاردىن كېپەك ئالتۇن جىق تېپىلىدۇ. قاراقاش دەرياسىدىن 1945- يىلى بىر ئالماس تېپىلغان. بۇ ئالماس ھازىرغىچە موسكۋا موزېيىدا ساقلانماقتا. 1984- يىلىدىن 1989- يىلىغىچە توزاچىدا كېپەك ئالتۇن ئىزدىگەن كىشىلەرگە يەتتە ئالماس ئۇچرىغان. بىراق ئالماس قېزىلىدىغان كان ئورنى ھازىرغىچە ئېنىقلانمىغان.

قاراقاش دەرياسىنىڭ سۇ ئېنىرگىيە بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، دەريانىڭ باش ۋە ئوتتۇرا ئېقىنىدا دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى-- كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، سۇ ساقلاش، توك چىقىرىش بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇلۇغئاتا سۇ ئىنشائاتى تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى بولغان پەيزىۋات سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قاتارلىق چوڭ- كىچىك بەش سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى بار.

نىيە خارابىسى __ خوتەندىكى نىيە ناھىيىسىگە 100 كىلومېترچە كېلىدىغان تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدا. بۇ خارابىلىك بۇددا مۇنارلىرىنى مەركەز قىلغان بولۇپ، قەدىمكى نىيە دەرياسىنى بويلاپ جەنۇبتىن شىمالغا بەلباغسىمان ھالەتتە جايلاشقان. بۇ جايدا تۇرالغۇ ئۆي خارابىسى، بۇددا مۇنارى، ئىبادەتخانا، شەھەر خارابىسى، قۇيمىچىلىق خارابىسى، ساپال خۇمدىنى، قەبرە، مېۋىلىك باغ قاتارلىق 100دىن ئارتۇق خارابىلىق بار. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزىدىكى قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارىسىدا كۆلىمى ئەڭ چوڭ، شۇنداقلا بىر قەدەر ياخشى ساقلانغان چوڭ تىپتىكى خارابىلىكلەرنىڭ بىرى.

مەنبە:ئەلكۈيى تورى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ