A-A+

سودىدا چوقۇم ئۆز-ئارا ئىشەنچ بولۇشى كېرەك

2015-يىل 3-ئىيۇل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 317 قېتىم

ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى

3-باب 9-پارگىراف 

w0200707133487108540484

بېيىش تەپەككۇرى:

  نامراتلار: توختامغا ئەمەل قىلىش، ئىشەنچىنى تەكىتلەش ئەلۋەتتە زۆرۈردۇر، بىراق نۇرغۇنلىغان ئەھۋال ئاستىدا بۇنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.

   ۋېنجۇلۇقلار: توختامغا ئەمەل قىلىش، ئىشەنچنى تىكلەش -تىجارەتنىڭ ئۇل تېشى. ئادەم بولۇشتا ۋەدىسىگە

ئەمەل قىلىش مۇھىم بولىغىنىدەك، تىجارەتتىمۇ ۋەدىگە ۋە توختامغا ئەمەل قىلىش كېرەك.


   تىجارەتتە ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان كىشىلەر ھەمىشە باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ۋەدىسىدە تۇرمىغاندا ئېھتىمال ساناق

لىقلا پايدىغا ئېرىشىش مۇمكىن، ئەمما ۋاقىت ئۇزارسا ھېچكىم ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان كىشى بىلەن تىجارەت قىلىشنى خالىمايدۇ. ۋېنجۇلۇقلار ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان ئىشنى ھەرگىزمۇ قىلمايدۇ.

 چۇڭچىڭ سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكى جۇ كاتىپ ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بۇ خىل روھىغا ئىنتايىن قايىل. ئۇ ۋېنجۇلۇقلارنىڭ تىجارەتتىكى قائىدىسىنى«مەن ئاۋال سىزگە ئىشىنىمەن، سىز ئاندىن ماڭا ئىشىنىڭ» دېگەن بىر جۈملىگە مۇجەسسەملىگەن. ۋېنجۇلۇقلار دائىم مۇنداق سودا قىلىدۇ: مەن سىزگە نەچچە مىليونلۇق مالنى بېرىمەن، ھەمدە مەن سىزنىڭ توختامغا ئەمەل قىلىپ قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرالايدىغانلىقىڭىز

غا ئىشىنىمەن.

   توختامغا ئەمەل قىلىپ، ۋەدىسىدە تۇرۇش- تىجارەتتىكى ئەڭ مۇھىم پىرىنسىپ. بۇ پىرىنسىپ كەم بولىشى - «ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چېپىش» بىلەن باراۋەر.

   دۇنيا كېمە پادىشاھى باۋ يۈگاڭ مۇنداق دېگەن: «توختام تۈزۈش تىجارەتتىكى كەم بولسا بولمايدىغان قائىدە. قەغەز يۈزىدىكى توختامنى يىرتىۋېتىشكە بولىدۇ، ئەمما «يۈرەككە يېزىلغان توختام» نى يوقاتقىلى بولمايدۇ. ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ئۆز-ئارا ئىشەنچ ئۈستىگە قۇرۇلغان.

 ۋېنجۇلۇقلار بۇنى ئاللىقاچان ھېس قىلىپ يەتكەچكە توختام تۈزۈش ۋە ئىشەنچ ئورنىتىشقا ناھايىتى ئېتىبار بېرىدۇ، ھەتتا بەزىدە ئۆزىنىڭ پايدىسىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە كارخانىنىڭ ئىناۋىتىنى قوغدايدۇ.

   بىر قېتىم، ۋېنجۇ ئاۋكاڭ گۇرۇھىنىڭ خەلقئارا سودا بۆلۈمى ئىتالىيەلىك بىر خېرىدار بەرگەن  زاكاسنى قوبۇل قىلغان، ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن  مالنىڭ يەككە باھاسى 23 دوللار  بولۇپ،  ئۇلار  سېتىۋېلىش توختامى تۈزۈشكەن.

   بۇ ماللار ئىشلەپچىقىرىشقا تاپشۇرۇلغاندا، ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمى تەنەرقىنى ھېسابلاپ خۇرۇم باھاسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە تۆۋەن

بولۇپ قالغانلىقى سەۋەبلىك، بۇ ماللاردا پايدا يوقلۇقىنى، ھەتتا زىيان تارتىدىغانلىقىنى ، تەنەرق باھاسى بويىچە  ئەسلىدىكى باھاغا بىر

دوللار قوشقاندىلا ئاندىن زىياندىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

   شۇنداق قىلىپ مەزكۇر بۆلۈمنىڭ مەسئۇلى ئەھۋالنى ۋاڭ جېنداۋغا دوكلات قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، چەتئەللىك ئۇ سودىگەر بىلەن باھا قوشۇش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىش ياكى سۆھبەتلەشمەسلىكنى سورىغان. بىراق ۋاڭ جېنداۋ كەسكىنلىك بىلەن توختام تۈزۈلگەن ئىكەن، زىيان تارتسىمۇ مالنى ئىشلەپچىقىرىش لازىملىقىنى ئېيتقان.

  ئىتالىيەلىك سودىگەر بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن ئاكتىپلىق بىلەن ئەسلىدىكى باھاغا بىر دوللار قوشۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىراق ۋاڭ جېنداۋ‹ ئۇ بىر دوللارنى كۆپ تېپىش ياكى ئاز تېپىشنىڭ كارايىتى چاغلىق، مۇھىمى ئىناۋەت ›دەپ خېرىدارنىڭ پىكىرىنى رەت قىلغان.

 ئىتالىيەلىك سودىگەر ۋاڭ جېنداۋنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن ناھايىتى تەسىرلىنىپ ئەسلىدىكى 200 نەچچە مىڭ دوللارلىق زاكاسنى بىر مىليون دوللاردىن كۆپرەك زاكاسقا ئاشۇرغان، ھەمدە ئاۋكاڭ گۇرۇھى بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

   كاڭنەي گۇرۇھىدىكى جىڭ شيۇكاڭمۇ دەل مۇشۇنداق ئادەم.

   1995-يىلى چاغاننىڭ ھارپىسىدا، گۇاڭجۇلۇق سودىگەر چېن ئەپەندىم ۋېنجۇ كاڭنەي گۇرۇھىدىن قەرزنى سۈيلىگىلى بارماقچى بوپتۇ. ئۇ ئاۋال شۇ كۈنى گۇاڭجۇغا قايتىپ كېتىدىغان بېلەتنى زاكاس قىپتۇ. بىراق ئۇ كۈنى گۇاڭجۇدىن ۋېنجۇغا بارىدىغان ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتى كېچىككەچكە، چېن ئەپەندىم ئۆزىنىڭ ۋېنجوغا كېلىپ ھىساپ-كىتاپنى تۈگۈتۈپ ئاندىن گۇاڭجۇغا قايتىپ كېلىدىغان ئايروپىلانغا ئۈلگۈرەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بېشى قېتىپ گۇاڭجۇ ئايرودورومىدا تۇرۇپلا كاڭنەي گۇرۇھىغا تېلېفون قىپتۇ.

   جىڭ شيۇكاڭ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن دەرھال يىل ئۆرۈلۈشتىن بۇرۇن قەرزنى چوقۇم قايتۇرۇشتىن ئىبارەت ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ھەم گۇئاڭجولۇق سودىگەرنىڭ ۋاقتىنى تېجەپ ،ئۇنىڭ شۇ كۈندىكى ئايرۇپىلان بىلەن يەنە گۇئاڭجوغا قايتىشىغا كېپىللىك قىلىش ئۈچۈن مالىيە خادىمى بىلەن بىرلىكتە ۋېنجۇ ئايرودورومىغا بېرىپ ئۇ سودىگەرنىڭ كېلىشىنى ئىككى سائەتچە ساقلاپتۇ.

   مالىيە خادىمى بىلەن چېن ئەپەندىم نەق مەيداندا ھېساباتنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، جىڭ شيۇكاڭ چەك يېزىپ چېن ئەپەندىگە تاپشۇرۇپتۇ. چېن ئەپەندىم ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا: «كاڭنەي ۋەدىسىدە تۇرىدىكەن!» دەپتۇ.

   ئىناۋەتنى مۇھىم بىلگەچكە، كاڭنەي خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلىگەن ھەمدە تەرەققىيات يولىدا تېخىمۇ ئۇزۇنغا ماڭالىغان.

   ئىلگىرى بەزىلەر مەيلى نېمە ئىش قىلىشتىن قەتئىينەزەر ماركا ئوبرازىغا تايىنىش كېرەك؛ ‹ ئاۋال ئادەم بولۇشنى ئاندىن ئىش قىلىشنى ئۆگۈنىش كېرەك ›دىگەن قائىدە بويىچە  ئادەم بولۇشتىمۇ يەنىلا ئادەمنىڭ «ماركىسى» نى تىكلەش كېرەك، بۇ يەردىكى ماركا دەل ئىناۋەتتۇر

دېيىشكەن. ئىناۋەت تىكلەنگەن ھامان ئۇ ئادەم ۋە كارخانىغا غايەت زور پايدا يارىتىپ بېرىدۇ، بۇ خىل بايلىق بىر ئۆمۈر ئەسقاتىدۇ.

   ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:

توختام تۈزۈلگەن ئىكەن زىيان تارتىشتىن قەتئىينەزەر چوقۇم ئىجرا قىلىش كېرەك، ئاۋكاڭنىڭ بىر دوللارنى كۆپ تېپىشى ياكى ئاز تېپىشى مۇھىم مەسىلە ئەمەس، مۇھىمى ئىشەنچنى تىكلەشتۇر.

-ئاۋكاڭ گۇرۇھىنىڭ لېدىرى ۋاڭ جېنداۋ


مەنبە: 时事出版社   نەشىر قىلغان

<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب

2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى

 ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى 

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ