نامراتلار پۇل ئۈچۈن ئالاقىنى ئۈزىدۇ. بايلار پۇل خەجلەپ ئالاقە ئورنىتىدۇ
نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ
(ئىككىنچى كىتاپ )
كىشلىك ئالاقىدىكى پەرق:
نامراتلاردا بارى يەتتە ئۈلۈش قابىليەت، ئۇچ ئۈلۈش كىشلىك ئالاقە؛
بايلاردىكىسى يەتتە ئۈلۈش كىشلىك ئالاقە، ئۇچ ئۈلۈش قابىليەت
6-باپ 1-پاراگىراپ
نامراتلار پۇل ئۈچۈن كىشلىك ئالاقىنى ئۈزىدۇ. بايلار پۇل
خەجلەپ كىشلىك ئالاقە ئورنىتىدۇ
كىشلىك ئالاقە شامالغا ئوخشاش ئۈمۈد ئۇرۇقلىرىنى جاھانغا تېرىيدۇ. شامالنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئىلىكتىر ئېنىرگىيەسى ھاسىل قىلىنغانغا ئوخشاش كىشلىك ئالاقىگە ماھىر ئادەم ئاز كۈچ سەرىپ قىلىپ كۆپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىدۇ.ئەمما نامراتلار بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئۇلار كۈن بويى ئۆزىنى ئۆيگە سولىۋېلىپ، باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشقا سەل قارايدۇ. بايلار كىشلىك ئالاقە بولمىسا، ئىش قىلىشنىڭ تەسلىكىنى بىلىدۇ،شۇڭا ئۇلار پۇرسەت ئىزدەپ دوسىت تۇتىدۇ. ئۆزىنىڭ كىشىلىك ئالاقە ماھارىتىگە تايىنىپ كەلگۈسىگە ئېرىشىدۇ.
بىلىمنى مەڭگۇ بىر كۈندىلا ئۆگۇنۇپ بولغىلى بولمايدۇ. چۈنكى بىلىم ھەر كۈنى يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. يېڭىلانماي بىر ئىزىدا توختاپ قالغان تەپەككۇر پەقەت جەمئىيەتنىڭ ئادىل ئەمەسلىكىدىن ئاغىرنىدۇ،لىكىن ئۆزى ئۆزگەرمەيدۇ. ئەمما بايلاردا مول كىشىلىك ئالاقە ۋە توختاۋسىز ئۆگۈنۈپ تەرەققىياتقا ماسلىشىش روھى بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئىشى ئوڭغا تارتىدۇ، تېخىمۇ كۆپ بايلىققا، تېخىمۇ ياخشى پۇرسەتكە ئىگە بولىدۇ. نامراتلارنىڭ كىشلىك ئالاقىنى بىلمەسلىكىدىن پايدىلىنىپ، نامراتلار ئارزۇ قىلغان غەلبىگە ئېرىشىدۇ.
نامراتلار پۇل ئۈچۈن كىشلىك ئالاقىنى ئۈزىدۇ. بايلار پۇل خەجلەپ كىشلىك ئالاقە ئورنىتىدۇ
نامراتلارنىڭ نەزىرىدە پۇل ئىلاھقا ئوخشاش بولۇپ،ئۇنىڭ قىلالمايدىغىنى يوق. نامراتلارنىڭ ئىلاھى ئۇلارغا ماددى بەھىرلىنىش ئاتا قىلىدۇ. ماددى بەھىرلىنىش ئاتا قىلالمايدىغىنى پەقەتلا ئۆزى بىلەن ئازراقمۇ مۇناسۋېتى بولمىغان ۋائىزلىق. دۇنيادا ھەقىقەتەن كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان بايلىق مەۋجۇت. ئەگەر بۇ خىل بايلىق كەمچىل بولسا، سۇنۋۇكۇڭغا ئوخشاش ئىقتىدارىڭىز بولسىمۇ، <بەش تاغنىڭ ئاستىدا بېسىلىپ قېلىپ ئۇزۇنغىچە ئورنىدىن تۇرالماسلىق > تەقدىرىڭىزگە پۈتۈلگەن بولىدۇ.
نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ پەرقى نامراتلارنىڭ ئىلاھى پۇل. بايلارنىڭ ئىلاھى كىشلىك مۇناسىۋەت.
ئىلگىرى بىر ئادەم موي قەلەم تىجارىتى قىلىدىكەن. ئەمما ھىچكىممۇ ئۇنىڭ مەھسۇلاتىنى ھەم ئىسمىنى بىلمەيدىكەن. ئۇ پەقەت چوڭ رەسىم كۆرگەزمىسىدىلا ئۆزى ياسىغان موي قەلەمنى تۇنۇشتۈردىكەن. لىكىن ئۈنۈمى ئۈنچە ياخشى ئەمەس ئىكەن. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ كۆرگەزمىخانىدا رەسىم كۈرىۋاتقان ئالاھىدە بىر خېرىدارنى كۈرۈپتۇ ھەم دەرھال ئۇنىڭغا بىر دانە موي قەلەم ھەدىيە قىلىپتۇ. گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ فرافىسسورى بولغان بۇ كىشى ئۆزىگە ھەدىيە قىلىنغان تۇخۇ پېيى قەلىمىنى ئەستايىدىل كۆرگەندىن كىيىن بۇ قەلەمگە قىزىقىپ قاپتۇ...بۇ قىزىقىپ قېلىش قەلەم سودىگىرىگە ئامەت ئېلىپ كەپتۇ
سوۋغات قەلەمنى ئالغان بۇ كىشى سودىگەر ئۈچۈن مەخسۇس قەلەم كۆرگەزمىسى ئوتكۈزۈپ بېرىپتۇ. كىشلەرگە ئۇنىڭ موي قەلىمىنى تۇنۇشتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ ئارىسىدا گۇزەل سەنئەت ئىنىستۇتى ئۇقۇتقۇچىللىرى ۋە رەسسملار بار ئىكەن. ئارقىدىنلار ھەممە ئىش ئوڭوشلۇق بۇلۇپ كېتىپتۇ. رەسسام سودىگەرىگە ئېسىل رەسىم سوۋغا قىپتۇ. يەنە بىر خېرىدار قەلەم سودىگىرى ئۈچۈن ھەقسىز ئىشلەپچىقىرىش ئورنى تەمىنلەپتۇ. كۆپچىلىكنىڭ ياردىمىدە قەلەم سودىگىرىنىڭ يىللىق ئالاھىدە موي قەلەم سېتىش مىقدارى ئەللىك مىڭ تالغا يىتىپ،كىچىك بىر كارخانىنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىپتۇ. بۇ سودىگەرنىڭ ئىسمى جاڭ شىنگېن ئىدى.
سىز تەقدىر ئۇنىڭغا ياردەم قىلدى دىيىشىڭىز مۇمكىن. خاتالاشتىڭىز! تەقدىر ھەممە ئادەمگە باراۋەر .جاڭ شىنگېن رەسىم كورگەزمە ئورنىدا قەلەم تۇنۇشتۇرۇپ ساتقاندا ھىچكىم ئۇنىڭغا دىققەت قىلمىغان. ھەر كۈنى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغىنى باش-ئايىغى يوق جىمجىتلىق ئىدى. لىكىن ئۇ ئەگەر قەلەملىرىنى ياخشى سېتىشنى ئويلىسا، چۇقۇم ماددى جەھەتتە بەدەل تۆلەش كېرەكلىكىگە ئىشەنگەن.چۈنكى مۇنداق چاغدا قۇرۇق رەھمەت ئېيتىش ئېنىقلا يېتەرلىك ئەمەس ئىدى.
كۆپىنچە ئەھۋاللاردا نامراتلار بايلارغا ھەۋەس قىلىدۇ. لىكىن پەقەتلا ھەۋەس قىلىدۇ،خالاس. بەلكىم بۇ ئۇلارنىڭ ۋىجدانلىق بولغىنى، ھۇقۇقدارلارغا ۋە باشقىلارغا تەخسىكەشلىك قىلمىغىنى بۇلۇشى مۇمكىن.
كىرتىن كانادانىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك زۇڭلىسى بۇلۇپ، بالا ۋاقتىدا ئۇنىڭ بىر قۇلىقى ئاڭلىماس بۇلۇپ قالغان. گەپ قىلغاندا ئاغزى ھەمىشە بىر تەرەپكە كىتىپ قالاتتى. تەڭتۈشلىرى ئۇنى مازاق قىلاتتى. ئۇ دائىم باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىش ۋە ئۇيۇن ئويناشنى ئويلايتى، لىكىن ئېرىشكىنى مەسخىرە بولاتتى. ئۇ چوڭ بۇلۇشنى ئويلايتى،چۈنكى ئۇنىڭغا چوڭلار بەك قالتىس كورىنەتتى. ئۇلار ئۇنى مازاق قىلمايتى. پەقەت كۈلۈمسىرەپ ئۇنىڭغا تەسەللى بېرەتتى. تەدىرجى ھالدا كىرتىن باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بۇلۇپ قالدى. مېيىپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇ چوڭلارغا ئوخشاش پىشقان ھەم تەمكىن بۇلۇپ قالغاندى.
كىچىك كىرتىن ئۈچۈن چوڭلار باي، قابىليىتى بار ھېسابلىناتتى. ئۇ بىر ئاقىلانە قارار چىقاردى. قارارىدا باي بۇلۇشنى تاللىدى.بۇنى ئەلۋەتتە تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ. ئەگەر ئۇ پەقەت تەڭتۈشلىرىدىن تەسەللى ئىزدىسە، ئۇنىڭ ئېرىشىدىغىنى پەقەتلا مەسخىرە قىلىنىش بولىدۇ. ئاندىن ئۇ تەڭتۈشلىرىدىن ئاغرىندۇ. نىمىشقا تەڭرى ئۇنىڭغا كۈرۈمسز چىراي بەرگەندۇ؟ نىمىشقا جەمئىيەت ئۇنىڭغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىدۇ؟ ئەھۋال شۇنداق تۇرسا ئۇ يەنىلا زۇڭتۇڭ بولالامدۇ؟ ئەمما كىشىلىك ئالاقە ماھارىتىنى تىرىشىپ يىتىشتۈرگەن كىرتىن ئاخىر بۇ توسالغۇلارنى بۈسۈپ ئۈتۈپ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى.
بايلار ئەلۋەتتە كىشلىك ئالاقە قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئىنتايىن چوڭقۇر چۈشىنىدۇ. بىلگايتىسقا قاراپ باقايلى. ئۇ قانداق قىلىپ دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى بېيىغا ئايلاندى؟ 20 ياش ۋاقتىدا ئۇ دۇنيادىكى تۈنجى كومپىيوتىر شىركىتى IBM بىلەن توختاملاشقان. ئۇ بۇ ئىشنى قانداق قىلالىغان؟ بېلگايتىسنىڭ ئانىسى IBM نىڭ باش لىدىرى بۇلۇپ، قارىماققا بۇ ئۇنىڭغا ھىچقانچە ئىش ئەمەس، پەقەت دەپلا قويسىلا بولىدۇ. IBM شىركىتى بىلەن توختاملىشىشقا قانچىلىك پۇل كىتەر ؟ نامراتلارنىڭ ئۇنى بىلگۈسى بۇلۇشى مۇمكىن. لىكىن بېلگايتىس ئۈچۈن بۇ تۇيۇقسىز خوشاللىق پەقەتلا بىر ھەدىيە ئىدى. مەسىلىلەرنى نەق پۇل ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچەپ تەپەككۇر قىلىسىڭىز دۇنيانىڭ سىزگە بېرىدىغىنى پەقەتلا ئازغىنە پۇل. ئەگەر كىشلىك ئالاقە ئىدىيىسى بىلەن تەپەككۇر قىلسىڭىز دۇنيانىڭ سىزگە بېرىدىغىنى پۈتۈن دۇنيا.
ئەلۋەتتە بۇ نوقتىنى ئويلاپ يېتەلەيدىغان ئادەملەر خېلە كۆپ. مەسلەن: ئامېركىدىكى داڭلىق تۈمۈر يول شىركىتىنىڭ دېرىكتورى AH .سىمىت بۇ نوقتىنى ئويلاپ يەتكەنلەرنىڭ بىرى. ئۇ كۆپ يىللىق تۈمۈر يول تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق مۇنداق خولاسە چىقارغان. «تۈمۈر يول تىجارىتىدە كىشىلىك ئالاقىنىڭ رۇلى %95 ،تۈمۈر يولنىڭ رۇلى %5 بولىدۇ». مۇۋاپىقيەت ئىلمىنىڭ ئۇستازى كارنىگ ئۇزۇن مەزگىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مۇنداق يەكۈن چىقارغان. «بىر ئادەمنىڭ مۇۋاپىقىيىتىدە كەسپى بىلىم %15 ، كىشلىك ئالاقە %85 رول ئوينايدۇ».
ئەمىليەتتە كىشلىك ئالاقىنىڭ پۇلدىن قىممەتلىك بۈلۈشىدىكى سەۋەب ،ماددى ياردەم بولغانلىقتىن ئەمەس. نۇرغۇن كىشلەر بايلار بىلەن دوسىت بولسا، ئۇلاردىن ماددى ۋە كەسىپىي جەھەتتە ياردەمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمىليەتتە ئۇنداق ئەمەس.
1966 - يىلى ئەلى ھەربى مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى رەت قىلىپ «ئۇرۇشتىن قاچقانلىقتىن»، ئامېركا بىرلەشمە سوتى ئۇنىڭغا 5 يىللىق مۇددەتلىك جازا ھۈكۈم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ «بوكۇس شاھى» ئۇنۋانى بىكار قىلىنىپ، پاسپورتىمۇ مۇسادىر قىلىندى. ئەينى چاغدىكى گېزىت «ئامما ئەلىنىڭ ئۈلۈشىنى ئارزۇ قىلىدۇ» تېمىسىدىكى باياننى ئاشكارا باسقان. ئۇ ھەر كۈنى دىگۈدەك تىللاپ، قورقۇتۇپ ئۇرۇلغان تېلفۇنلارنى قۇبۇل قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلشقا ئامالسىز قالغان. بۇ ۋاقىتتا ئەلىنىڭ روھى ۋە جىسمى ئىلگىركى چۇقۇنغۇچىللىرى تەرپىدىن قىيلىنىپ ھالسىزلانغان ئىدى.
بىر كۈنى كېچىدە ئەلى بىر تېلفۇننى قۇبۇل قىلدى. تېلفۇندىكى ئادەم «ۋەي ،ئەلى ئەپەندى، مەن بىر ئەنگىلىيەلىك ،مەن سىزنىڭ تىنىچلىق ئۈچۈن ھىچنىمىنى ئايماي تەقدىم قىلىدىغان روھىڭىزغا قايىل. مەن سىزگە پەقەت ئۆزەمنىڭ ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش ھەمدە سىزگە پۈتۈن دۇنيادىكى تىنىچلىقنى سويدىغان كىشلەرنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ دوستىڭىز ئىكەنلىكىنى دەپ قۇيۇشنى ئويلىدىم...» ئاشۇ دەقىقىدە ئۇنىڭ كۆزلىرى ئىختىيارسىز ياشقا تولدى. بۇ ئۇ تۈنجى قېتىم ئاڭلىغان «دوستىنىڭ سۆزى» ئىدى. شۇنىڭدىن كىيىن ئەلى بۇ ناتۇنۇش دوستى بىلەن تېلفۇن ۋە خەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ تۇردى. بۇ دوستىنىڭ ياردىمدە ئەلى يېڭى بىر ئۈمىدنى كۆردى، ۋۇجۇدىدا ئىشەنىچ تۇغۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېسىمغا قارشى تۇرۇپ، بىر تەرەپتىن نارازىلىق ئەرىزى سۈندى. يەنە بىر تەرەپتىن ئالى مەكتەپلەردە ئۈرۇشقا قارشى نۇتۇق سۆزلىدى. ئاخىرى 1970-يىلى ئامېركا يۇقىرى سوتى خەلىقئارا بېسىم سەۋەبىدىن ئەلىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولدى.
شۇنىڭدىن كىينكى بىر كۈنى ئەلى ئالاقىلىشىش ئادىرسىغا ئاساسەن، قىيىن ۋاقىتلاردا ئۆزىگە كۈچ بەرگەن ئادەمنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىنى تاپتى. ئىشىكنى قېرى مالاي ئاچقان بۇلۇپ، ئۇ ئەلىگە خەت ئالاقىسى قىلغان خوجايىننىڭ ئاللىقاچان ئۈلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيىتتى. ئۇنىڭ ئىسمى بېرتىرانىد بۇلۇپ، ئۇ بىر ئۇلۇغ پەيلاسوپ ئىدى.
پەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بايلىقنى مەڭگۇ ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، چوقۇم چوڭقۇر كىشلىك ھايات پەلسەپىىسى ۋە جاھاندارچىلىق تەجىربىسى بۇلۇش كېرەك. بولمىسا ھەر قانچە كۆپ مال-مۈلۈكى بولسىمۇ بىردەمدىلا ۋەيران بولىدۇ. بايلارنى دوسىت تۇتقاندا، ئۇلارنىڭ باي بۇلۇش تەجىربىسى ۋە ھەركەت ئۇسۇلى ئەڭ پۇلغا ئەرزىيدىغان ھوسۇل. سىز ھەتتا ئۆزىڭىزنىڭ قانداق قىلىپ، زېرەك قابىلەتلىك بۇلۇپ قالغانلىقىڭىز، قاندىقىسىگە بايغا ئايلىنىپ قالغانلىقىڭىزنى بىلمەي قېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن. بۇ باي دوستىڭىزنىڭ سىزگە بەرگەن سوۋغىسىدۇر. پىسخولوگلار ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈدى. ئۇلارنىڭ گەپ-سۆزى، ھەركىتى، سىزگە يۇقىدۇ. بايلار بىلەن دوسىت بولسىڭىز ئۇلارنىڭ سىزگە بولغان تەسىرىنى سىز ھىس قىلىپ بولالمايسىز. بۇلارنىڭ سىزنىڭ ئۆزگىرىشىڭىزگە بولغان تەسىرى تىز ۋە زۆر.
شۇڭا نامراتلارنىڭ ھىچ ئىشتا تەنىجە قازىنالماسلىقى نۇرغۇن ئامىللارغا باغلىق بولسىمۇ، بۇنىڭ ئىچىدە كىشلىك مۇناسۋەت ئىنتايىن مۇھىم بىر ئامىل ھىساپلىنىدۇ. ئەقىللىق نامرات ئادەم بايلارنى دوسىت تۇتۇشنى بىلىدۇ. كىيىن بايغا ئايلىنىدۇ. ئاددەتتىكى نامراتلار ئۆز تەقدىرىدىن قايتا-قايتا ئاغرىنىدۇ ياكى بايلارنىڭ پۇلىغا ھەۋەس قىلىدۇ.
بايلىقنىڭ بايانى:
ئادەمنىڭ پۇلغا بولغان ئېھتىياجى بىر ئەگرى سىزىق. ئەگىرى سىزىق نولگە يېقىنلاشقاندا، ئەگرىلىك دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ، ئەگرى سىزىق چەكسىزلىككە يېقىنلاشقاندا، ئەگىرلىك دەرىجىسى تۆۋەن بولىدۇ. مۇنداقچە قىلپ ئېيىقاندا ئەگەر پۇل يوق بولسا، ئازىراق پۇل كىشلەرگە ھەقىقەتەن مۇھىم. لىكىن ئەگەر ناھايىتى كۆپ پۇلى بار بولسا، پۇلنىڭ كۆپىيىشى كىشىگە نىسبەتەن چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئېنىقكى بۇ بايلارنىڭ پۇل خەجلەپ كىشلىك مۇناسىۋەت تورىنى كېڭەيتىشنى خالىشىدىكى سەۋەب. ئەكسىچە نامراتلار بىردەملىك ئازغىنە مەنپەئەتنى قوغلىشىپ، دائىم باشقىلار بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزىدۇ. شۇڭا ئۇلار يەنە ئاۋالقىدەكلا نامرات.
*****************
مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى -ئويغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام
2014-يىلى