تىجارەتنىڭ ئالدىنقى شەرتى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشتۇر
ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى
3 - باب 10 - پارگىراف
بېيىش تەپەككۇرى
نامراتلار: ھازىرقى جەمئىيەتتە چوقۇم ئەمەلىي كۈچكە تايىنىش كېرەك، شۇندىلا ھەر قانداق ئادەمگە ھاجىتىمىز
چۈشمەيدۇ.
ۋېنجۇلۇقلار: جۇڭگودا كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھېسىيات مۇھىمدۇر. ئەمەلىي كۈچمۇ مۇھىم، ئەمما مۇناسىۋەتكە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئەگەر چوڭ ئىشلارنى قىلىمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم مۇناسىۋەتكە ئېتىبار بېرىش زۆرۈر.
تىجارەتتە كىشىلىك مۇناسىۋەت مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ باي بولۇشتىكى ئاچقۇچدۇر. بىر ئادەمنىڭ كۈچى ناھايىتى چەكلىك، ھەتتا بەزىلەر بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى %30 ئۆزىگە، %70 باشقىلارغا تايىنىشتىن كېلىدۇ دەپ قارىغان. كىشىلىك مۇناسىۋەت دەل بايلىقتۇر، ھەربىر ئادەم باشقىلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا موھتاج.
ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان ۋېنجۇلۇقلار مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا باشلىغان، شۇ ۋاقىتلاردا ۋېنجۇلۇقلاردا «ئاۋال شەخسنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش، ئاندىن سودا قىلىش كېرەك» دىگەن سۆزلەر مودا بولغان.
ۋېنجۇلۇق سودىگەر خۇاڭ لياڭمىڭ 1987-يىلى چۇڭچىڭغا بېرىپ سودا قىلىشنى باشلىغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ چۇڭچىڭ گۇتەي خەۋەرلىشىش شەھەرچىسىنىڭ خوجايىنىغا ئايلانغان.
خۇاڭ لياڭمىڭ ئەسلىدە كۆزەينەك سودىسى قىلاتتى، ئون يىللىق تىرىشىش ئارقىلىق ئۇ گۇتەي پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. خەۋەرلىشىش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ 1999-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا كەلگەندە خۇاڭ لياڭمىڭ پۈتۈن دېققىتىنى خەۋەرلىشىش كەسپىگە قاراتقان. ئۇنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مۇساپىسى ناھايىتى قېيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتكەن، بىراق ئۇ ئىزچىل مۇناسىۋەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ كەلگەن. ئۇ مۇنداق بىر ھېكايىنى ئېيتىپ بەرگەن: ئەينى ۋاقىتتا ئۇ سىرتقا چىققاندا ھەمىشە ئىككى خىل تاماكا ئېلىۋالىدىغان بولۇپ، بىر قېپى تۆت يۈەنلىك «قىزىل مۇنار» ماركىلىق تاماكىنى مېھمانلارنى كۈتۈشكە ئىشلىتىدىكەن، يەنە بىر قېپى بىر يۈەنلىك «تاغلىق شەھەر» ماركىلىق تاماكىنى ئۆزى چېكەتتىكەن.
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ۋېنجۇلۇقلار ئۈچۈن كىشىلىك مۇناسىۋەت ناھايىتى مۇھىم. باشقىلارنى ھۆرمەتلەپ ئۆزىنىڭ ئىززىتىنى قىلىش-بۇ ۋېنجۇ سودىگەرلىرىنىڭ باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلىشىدىكى مۇھىم سەۋەب. ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن، ۋېنجۇلۇقلار توختىماستىن كىشىلىك مۇناسىۋەت چەمبىرىكىنى قۇرۇپ چىقىدۇ، ھەمدە بۇ توردىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ كەسپىنى كېڭەيتىدۇ.
2004-يىلى، ۋېنجۇدىكى داڭلىق باسمىچىلىق ئەسلىھەلىرى سودىگىرى لى فاڭيۈەن نەنجىڭگە بېرىشنى قارار قىلىدۇ. بىراق ئۇ قانداق قىلىپ ناتونۇش بولغان نەنجىڭدە پۇت تىرەپ تۇرۇش توغرىسىدا ئويلىنىپ قالىدۇ.ۋە ئاخىردا ھەربىر ۋېنجۇلۇق سودىگەرنىڭ تىجارەت ئەندىزىسىدىكى «كىشىلىك مۇناسىۋەت ماھارىتى» نى ئىشقا سالىدۇ.
ئاۋال ئۇ نەنجىڭدىكى ۋېنجۇلۇقلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەربىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆزى ئۈچۈن مۇناسىۋەت توپى شەكىللەندۈرىدۇ-دە، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نەچچە يۈز كىشىلىك «يۇرتداشلار تورى» نى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.
ئارقىدىن ئۇ دۆلەتلىك شەخسىي كارخانىلارنىڭ خىزمەت يىغىنىنىڭ ۋېنجۇدا ئېچىلغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ نەنجىڭدىن كەلگەن نۇرغۇنلىغان خېرىدارلار بىلەن تونۇشىدۇ، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ كەسپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان خېرىدارلار بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەيدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ نەنجىڭدىكى ئىشلىرىنى باشلايدۇ.
لى فاڭيۈەن مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش جەريانىدا يەنە ئاۋارىچىلىققا ئۇچرايدۇ. كۆپ يىللار بۇرۇن شەكىللەنگەن «ۋېنجۇ ماللىرى ياخشى ئەمەس» دېگەن ئىدىيەنىڭ نەنجىڭ خەلقى ئارىسىدىكى تەسىرى كۈچلۈك بولغاچقا، لى فاڭيۈەننىڭ ماللىرى نەنجىڭدە قارىشى ئېلىشقا ئېرىشەلمەيدۇ. ئەمما ئۇ ھېچقانداق ئەنسىرىمەستىن پۇرسەت كۈتىدۇ.
دېگەندەك ئاخىرى ئۇنىڭغا پۇرسەت كېلىدۇ.
مەملىكەتلىك باسمىچىلىق ماتېرىياللىرى كۆرگەزمە يىغىنىدا، ئۇ نۇرغۇنلىغان مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ، ھەمدە كارخانىلاردا ھەقسىز سىناپ ئىشلىتىپ بېقىشقا تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق دۆلىتىمىز كارخانىلىرى ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى بىلەن تۇنۇشىدۇ، لى فاڭيۈەننىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولغاچقا سېتىلىش يوللىرىمۇ كېڭىيىشكە باشلايدۇ.
نۆۋەتتە لى فاڭيۈەننىڭ مەھسۇلاتلىرىنى خېرىدارلارنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ تونۇشتۇرۇشنىڭ ھاجىتى قالمىدى، ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن نەنجىڭدە خېلى شۆھرەت قازانغاچقا، خېرىدارلار ئۆزى ئىزدەپ كېلىدىغان بولدى.
لى فاڭيۈەننىڭ بازار ئېچىشتىن تارتىپ مەھسۇلات سېتىشقىچە بولغان بۇ قىسقىغىنە بىر يىلدا قازانغان نەتىجىسى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل مۇناسىۋەت كېڭەيتىش ئىقتىدارىغا تايىنىدىغان ھەر بىر ۋېنجۇلۇق سودىگەر مەيلى نەگە بېرىشتىن
قەتئىينەزەر تېزلا «يىلتىز تارتالايدۇ.»
دەل بۇ خىل كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئېتىبار بېرىدىغان ئىدىيە بولغاچقا، ۋېنجۇ سودىگەرلىرى ناھايىتى زور غەلبىگە ئېرىشەلىگەن.
«ئۇلار بېيجىڭ، تيەنجىن، گۇاڭجۇ، ھەتتا چەتئەللەرگىچە بولغان بازار ئۇچۇرلىرىنى بىلەلەيدۇ. ئۇلار بۇ خىل بازار ئۇچۇرلىرىنى دەل كىشىلىك مۇناسىۋىتىگە تايىنىپ جۇغلايدۇ.» دېدى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ چۈنگۇاڭ.
ۋاڭ چۈنگۇاڭ 2003-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېچىلغان ،دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ۋېنجۇلۇقلارنىڭ يىغىلىشى بولغان «ۋېنجۇ سودىگەرلىرى ۋە ۋېنجۇ روھى» مۇنبىرىدە مۇنداق دېگەن:
«ئەنئەنىۋى كىشىلىك مۇناسىۋەت بولسا مەسىلە ھەل قىلىشتىكى ئەڭ تېز، قولايلىق، يەنە كېلىپ ئىشەنچىلىك ئۇسۇل. ۋېنجۇلۇقلار دەل ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، دوست-بۇرادەرلىرىگە تايىنىپ ئاستا-ئاستا زورايغان.
ئۇزۇندىن بۇيان، ۋېنجۇنىڭ تەرەققىياتى يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشەلمەي كەلدى، ئەكسىچە ئۇلار ۋېنجۇ خەلقنىڭ كۈچىگە تايىنىپ تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈردى. ئۇنداقتا بۇ خىل ئەلئارا كۈچ زادى نەدىن كېلىدۇ؟ ۋېنجۇدا ئادەم كۆپ يەر ئاز، تارىختىن بۇيان ئىقتىسادىي شارائىتى ياخشى ئەمەس، ئەلئارا مەبلەغمۇ مول ئەمەس. بىراق دەل مۇشۇنداق شارائىتتىمۇ ۋېنجۇ تەرەققىي قىلالىدى، ۋېنجۇلۇقلارنىڭ ئۆزىگە خاس تەرەققىيات شەكلى بولغاندىن كېيىن، ئۇلار دۆلىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ سودا قىلىپ ‹باشقا جايلاردىكى ۋېنجۇلۇقلار ۋېنجۇدىكى ۋېنجۇلۇقلاردىن باي بولۇش ›تەك ئەھۋالنى پەيدا قىلدى. ئۇلارنىڭ ئاساسى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەلئارا مەبلەغ، ئەلئارا تەشكىلات ۋە ئالاقىگە تايانغان، بىز ئۇنى ئەلئارا كۈچ دەپ ئاتايمىز، ئائىلە، دوست-بۇرادەر، خوشنا، ئەلئارا قەرز، ئۆز-ئارا ئىقتىسادىي ياردەم قاتارلىقلار بۇ خىل كۈچنىڭ تايانچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ۋېنجۇلۇقلار چوقۇم بۇ خىل كۈچتىن پايدىلىنىشى كېرەك.
مەن ئىلگىرى كىتابتىن شۇنداق قۇرلانى ئوقۇغان، بازار تېخنىكىسى بويىچە ئۆلچىگەندە ۋېنجۇلۇقلار ناھايىتى تۆۋەن دەرىجىگە تەۋە، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ساۋاتسىز، ئەمما ئۇلار ئالەمنىڭ ھەر قانداق جايىدا پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ، ھەمدە ئادەمنى قايىل قىلىدۇ، بۇ ۋېنجۇلۇقلارنىڭ ئادەمنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان يېرى. ئۇنداقتا ۋېنجۇلۇقلار نېمىگە تايىنىپ بۇ ھالەتكە كەلگەن؟ جەمئىيەتتە بۇنىڭغا نىسبەتەن نۇرغۇنلىغان چۈشەندۈرۈشلەر بار، مەسىلەن: ۋېنجۇلۇقلار جاپاغا چىدايدۇ، ۋېنجۇلۇقلار ئەقىللىق، ۋېنجۇلۇقلار جاسارەتلىك قاتارلىقلار... بۇ چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ مۇۋاپىق تەرەپلىرىمۇ بار، بىراق ۋېنجۇلۇقلارنىڭ ھەمكارلىشىش روھى ۋە ئۆز-ئارا ياردەم قىلىدىغان ئالاھىدىلىكى دائىم نەزەردىن ساقىت قىلىنىدۇ. جەمئىيەتتشۇناسلىقتا دائىم ئېيتىلدىغان ‹ ئىجتىمائىي كاپىتال› دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئۇقۇم بار، ئىجتىمائىي كاپىتال دېگىنىمىز ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتىن پايدىلىنىپ ياشاش ۋە تەرەققىي قىلىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىشنى كۆرسىتىدۇ، بۇ خىل ئىجتىمائىي كاپىتالدا خۇددى پۇلغا ئوخشاش مەبلەغ سېلىپ پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ۋېنجۇلۇقلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت كاپىتالىدىن پايدىلىنىشىدىن ھەمدە ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي كاپىتالىغا ئايلاندۇرۇشتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
مۇناسىۋەت مەبلىغى بولسا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ قويۇق بولغان خىزمەت مۇناسىۋىتى ۋە تايىنىش مۇناسىۋىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتىكى ماھارەتنى كۆرسىتىدۇ، مۇناسىۋەتنى ياخشى قۇرۋالغان ئىكەنمىز، تىجارىتىمىزنى ناھايىتى راۋان ھالەتتە ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. خۇددى ۋېنجۇ كىيىم-كېچەك سودا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى چېن مىن ئېيىتقاندەك: «بۇ خىل مۇناسىۋەت چەمبىرىكى ۋېنجۇلۇقلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى، باشقىلار بۇ خىل ئەۋزەللىكنى پۇل خەجلەپمۇ ئالالمايدۇ.»
ۋېنجۇلۇقلار كىشىلىك مۇناسىۋەتكە نۇرغۇن پۇل خەجلەيدۇ. ھەر قېتىملىق بايراملاردا ئۇلارنىڭ خەجلىگەن پۇلى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. ئۇرۇغ-تۇغقانلارنىڭ توي مەرىكىلىرى بولغاندا خەجلىنىدىغان پۇللار تېخىمۇ كۆپىيىدۇ.
ۋېنجۇلۇقلار ئۇرۇغ-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى بايلىق مەنبەسى دەپ قارايدۇ. ۋېنجۇلۇقلار «قانداشلىق، يۇرتداشلىق، ئۇرۇغداشلىق» قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ۋېنجۇلۇقلارنى كەڭرى ۋە تېز بولغان ئۇچۇر تورىغا مۇجەسسەملىگەن.
بۈگۈنكى كۈندىمۇ ۋېنجۇلۇق ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ دوستلىرىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ. ۋېنجۇدىكى نۇرغۇنلىغان بالىلارنىڭ مەكتەپتىكى نەتىجىسى ياخشى ئەمەس، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئالاقىگە ماھىر. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ھەر ئايلىق تۇرمۇش پۇلىنى بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئۇلارغا مۇئەييەن مىقداردىكى «ئاغىنىدارچىلىق پۇلى» بېرىدۇ، بالىلار بۇ پۇلنى دوستلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىش ۋە پائالىيەتلەردە خەجلەيدۇ. ۋېنجۇلۇقلارنىڭ قارشىچە، ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىتى تىجارەتتىكى مۇھىم مۇناسىۋەت، بالىلار كىچىكىدىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى بىلىۋالسا كېيىنكى ئىشلىرىغا پايدىسى زور.
ئۆزىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزنى كېڭەيتكەندە ھەرگىزمۇ ئۆزىمىز ياختۇرىدىغان كىشىلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقىمىز كېرەك. سودا مەيدانلىرىدا ھەر قانداق ئادەم تېپىلىدۇ، بىز ئوخشىمىغان كىشىلەر بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز، ئۇلارنىڭ تەپەككۇر ئادىتى ۋە ئىستىلىغا قانداق ماسلىشىشنى، ئۇلار بىلەن قانداق بېرىش-كېلىش قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى سودىدىكى ياردەمچىلىرىمىزگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. ھېسىيات مەبلىغى جەھەتتە چوقۇم «كۆزنى يوغان ئېچىش» كېرەك، ئۇ چوقۇم سىزگە تېخىمۇ كۆپ بايلىقلارنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ.
ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:
ئەنئەنىۋى كىشىلىك مۇناسىۋەت بولسا مەسىلە ھەل قىلىشتىكى ئەڭ تېز، قولايلىق، يەنە كېلىپ ئىشەنچىلىك ئۇسۇل. ۋېنجۇلۇقلار دەل ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، دوست-بۇرادەرلىرىگە تايىنىپ ئاستا-ئاستا زورايغان.
-جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ چۈنگۇاڭ
بۈگۈنكى جەمئىيەتتە، سىزدە سودا پۇرسىتى ۋە تىجارەت ئىقتىدارىنىڭ بولۇشىلا كۇپايە قىلمايدۇ، سىزدە بىر تۈركۈم كەسپ ئىگىلىرى بولۇشى، ئىجتىمائىي كاپىتالىڭىز، يەنى بىز دەۋاتقان ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىڭىز بولۇشى كېرەك.
-داليەن بەينيەنچىڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لېدىرى ۋۇ يۈنچيەن
مەنبە: 时事出版社 نەشىر قىلغان
<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب
2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى