رىقابەت-ئۆسۈپ يېتىلىشتىكى كاتالىزاتور
مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى
11-دەرس 2-پارىگىراپ
رىقابەت-ئۆسۈپ يېتىلىشتىكى كاتالىزاتور
بۈگۈنكى ناھايىتى كەسكىن بولۇۋاتقان بازاردا، ئەگەر سىز تېخى ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان بىر قۇش بولسىڭىز، سىزنىڭ بۇ مەيداندا مۇقىم پۇت دەسسەپ تۇرالىشىڭىز بىر ئاسان ئىش ئەمەس. چۈنكى سىز خېرىدارلارنىڭ سىزگە بولغان سىنىقىنى قوبۇل قىلىپلا قالماستىن، يەنە رىقابەتچىڭىزنىڭ خىرىسىغا دۇچ كېلىسىز.
مايۈن مۇنداق دېگەن: «ئادەم چوڭ زەربىلەرگە ئۇچرىغان ۋاقىتتىلا ئاندىن بىڭسىنى كۆرسىتەلەيدۇ.» جەڭ مەيدانىغا تەققاسلانغان سودا مەيدانلىرىدا، رىقابەتلىشىشكە جۈرئەت قىلالايدىغان بولۇش كارخانىچىنىڭ كارخانىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىكى زۆرۈر شەرت. بەزىلەر رىقابەتچىلەر تىغ ئۇچىنى ئۆزىگە قاراتقان ۋاقىتتا، ناھايىتى سىپايىلىك بىلەن ئۇلارغا يول قويىدۇ-دە، پەقەت ئۆزىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. ئەممە بەزى كىشىلەر رىقابەتچىلىرى ئالدىدا قورقۇپ قالمايدۇ، گەرچە ناھايىتى ئاجىز ئورۇندا تۇرغان بولسىمۇ يەنىلا تىرىشىپ باقىدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇنداق قىلغاندا ھېچبولمىغاندا ئۈمىد بارلىقىنى، ئاكتىپلىق بىلەن چېكىنىشنىڭ ھالاكەتكە ئاپىرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
مايۈن دەل رىقابەتلىشىشكە جۈرئەت قىلالايدىغان كارخانىچى، ئالى بابامۇ دەل رىقابەت جەريانىدا پىشىپ يېتىلگەن. مايۈن بۇنىڭغا قارىتا ئوبرازلىق سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «خۇددى چەۋەندازلار ھەققىدىكى ھېكايىلەردە تەسۋىرلەنگىنىگە ئوخشاش، بىر لاياقەتلىك تالانت ئىگىسى ئارقىمۇ-ئارقا ئېلىشىش جەريانىدا ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان ھېسىياتقا ئىگە بولىدۇ: ھۇجۇم قىلساڭ كۈچۈڭ ئاشىدۇ.»
2002-يىلى 7-ئايدىن بۇرۇن، جياۋ چىبو قاتارلىق «ۋەتەنگە قايتقۇچىلار» دۆلەت ئىچىدىكى C2C تور سودىسىنى ئىزچىل كونترول قىلىۋالغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى بازار ئەھۋالى مۇنداق ئىدى: دۇنيا C2C بازىرىنىڭ خوجىسى-ئايال قوماندان ختمان باشچىلىقىدىكى eBay تور بېكىتى 2002-يىلى 3-ئايدا 30 مىليون دوللارلىق باھا بىلەن يىچۈ تور بېكىتىنىڭ %33 پېيىنى سېتىۋالغان، قىسقىغىنە ئۈچ ئايدىن كېيىن eBay تور بېكىتى يەنە 150 مىليون دوللار مەبلەغ بىلەن يىچۈنىڭ قالغان %67 پېيىنى سېتىۋېلىپ، يىچۈنىڭ پېيىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلغان. شۇنداق قىلىپ، جياۋ چىبو قاتارلىقلار 1999-يىلى بارلىققا كەلتۈرگەن يىچۈ تور بېكىتى ئىنتېرنېتتىن ئىبارەت بۇ كەسپنىڭ «غالبىيەتچىلەر ئورتاق بېيىش» پىرىنسىپى ئاستىدا، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىككى تور بېكەتنى بىرلەشتۈرگەن.
بىراق مايۈن بۇنداق ۋەزىيەت ئالدىدا قورقۇپ قالمىغان، ئۇنىڭدىن بۇرۇن مايۈن قوشۇنىغا رەھبەرلىك قىلىپ خاڭجۇدا مەخپىي ھالدا يەنە بىر C2C تور بېكىتىنى قۇرىۋاتقان بولۇپ، بۇ كەسپتىكى سەردارلارغا جەڭ ئېلان قىلماقچى بولغان. 2003-يىلى 7-ئايدا مايۈن شۇنداق جاكارلىغان: ئالى بابا 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ C2C ساھەسىگە كىرىدۇ.
مايۈننىڭ بۇنداق قىلىشى بىردەملىك ھاياجاندىن ئەمەس ئىدى، ئەكسىچە چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق چىقىرىلغان قارار ئىدى. كۆپ يىللاردىن كېيىن مايۈن «بىرىنچى مالىيە گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «ئەمەلىيەتتە بىز C2C ساھەسىگە كىرىش ئۈچۈن ئون ئايغا يېقىن تەييارلىق قىلدۇق، ھەمدە مەخسۇس بىر بۆلۈمنى بۇ خىزمەتكە مەسئۇل قىلدۇق. ئۆتكەن يىلى نۇرغۇنلىغان چوڭ كارخانىلار تور بېكىتىمىزگە كىردى، تەخمىنەن ئۈچ ئايلار بۇرۇن يەنە نۇرغۇنلىغان سودىگەرلەر تور بېكىتىمىزگە كىرىپ دۇكان ئاچتى، ئۇلار ئۈنۈمىنىڭ ناھايىتى ياخشى بولغانلىقىنى ئىنكاس قىلغاندىن كېيىن، بۇ بىزنىڭ ئىرادىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى.»
سودا مەيدانلىرى بوران-چاپقۇنلارغا تويۇنغان بولىدۇ. 2007-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى، TOM يىچۈ تور بېكىتىنىڭ قايتا قوزغىتىلغانلىقىنى، رەسمىي ھالدا eBay دىن ئايرىلىپ، تۆت يىلغا سۇزۇلغان eBay يىچۈ تور بېكىتى دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىپ، پۈتۈنلەي يېڭىچە بولغان ئالى بابا دەۋرىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىغان.
سودا مەيدانلىرى دەل مۇشۇنداق، سىز پەقەت رىقابەتچىڭىز بىلەن رىقابەتلىشىشكە پېتىنالىسىڭىزلا ئاندىن غەلبە قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز.
مايۈنگە ئوخشاشلا، رەڭلىك تېلېۋېزور كەسپىنىڭ باھا ئۇرۇشىنى قوزغىغان چاڭخۇڭ گۇرۇھىنىڭ ئىلگىرىكى باش لىدىرى دۇ رۈنفېڭمۇ رىقابەتلىشىشكە ناھايىتى ماھىر كارخانىچى، دەل ئۇنىڭ بۇ خىل رىقابەتلىشىشكە مايىل خاراكتېرى چاڭخۇڭنى جۇڭگو سودا دۇنياسىدا مۆجىزە يارىتىشقا يېتەكلىگەن!
2005-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى، «دۇنيا ماركا تەتقىقات ئىشخانىسى (WBL)» ئېلان قىلغان «جۇڭگودىكى ئەڭ قىممەتلىك 500 ماركا» دا كۆرسىتىلىشىچە، 39 مىليارد 861 مىليون يۈەنلىك ماركا قىممىتى بىلەن جۇڭگودىكى ئەڭ قىممەتلىك ماركىلار ئىچىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. دۇ رۈنفېڭنىڭ قانداق قىلىپ بۇ چەت-ياقا جاي-ميەنياڭغا جايلاشقان دۆلەت ئىلكىدىكى كىچىك شىركەتتىن بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن تەرەققىي قىلىپ رەڭلىك تېلېۋېزور پادىشاھىغا ئايلاندۇرغانلىقى ھەققىدە گەپ بولۇنسا، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇنىڭ دۇ رۈنفېڭنىڭ رىقابەتكە مايىل خاراكتېرىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
ھەربىيلىكتىن يېتىشىپ چىققان دۇ رۈنفېڭ ئىستىلى دۇرۇس، سۇمباتلىق ۋە جاسارەتلىك ئادەم ئىدى. 1989-يىلى 8-ئايدا دۆلەت رەڭلىك تېلېۋېزورلاردىن ئالاھىدە ئىستېمال بېجى يىغقان، دۇ رۈنفېڭ بازار ئەھۋالىغا ئاساسەن، دۆلەت ئىچىدە تۇنجى بولۇپ رەڭلىك تېلېۋېزور باھاسىنى 300 يۈەنگە چۈشۈرۈشنى قارار قىلىپ، توختاپ قالغان رەڭلىك تېلېۋېزور بازىرىنى قوزغىتىپ، يامان نىيەتلىك سېتىقچىلىققا زەربە بېرىپ، مەبلەغنى تېز سۈرئەتتە قايتۇرۋالغان، ھەمدە ئەينى ۋاقىتتا قىيىنچىلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالغان چاڭخۇڭنى قۇتقۇزۇپ قالغان.
1995-يىلى دۇ رۈنفېڭ چاڭخۇڭنىڭ بۇرچى بولغان «كەسپ ئارقىلىق دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش» نى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ شۇئار ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەرنىڭ مىللەت ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان.
1996-يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ رەڭلىك تېلېۋېزور تاموژنا بېجى %35 تىن %23 كە تۆۋەنلىتىلگەچكە، چەتئەل رەڭلىك تېلېۋېزور كەسپىدىكى كارخانىلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جۇڭگو بازىرىغا قىستىلىپ كىرگەن، ھەتتا مەلۇم خەلقئارالىق رەڭلىك تېلېۋېزور ياساش كارخانىسى «3 مىليارد دوللار خەجلەپ جۇڭگو رەڭلىك تېلېۋېزور بازىرىنىڭ مۇتلەق ئۈلۈشىنى ئىگىلەش» شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ھەمدە «بىر شىركەتنى مەغلۇب قىلىپ، بىر كەسپكە قىسىلىپ كىرىش» نىشانىنى بەلگىلەپ، جۇڭگو رەڭلىك تېلېۋېزور بازىرىنى ئومۇميۈزلۈك مونوپول قىلماقچى بولغان.
ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ياپونىيە سونىي شىركىتى شاڭخەيدە جۇڭگو-چەتئەل مەبلىغىدىكى يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى بىر مىليون دانە بولغان رەڭلىك تېلېۋېزور زاۋۇتىنى قۇرۇپ چىقىپ، سونىي ماركىسىدىكى رەڭلىك تېلېۋېزورلارنى ئىشلەپچىقارغان؛ پىلپىس شىركىتىمۇ سۇجۇ توز شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، پىلپىس ماركىسىدىكى رەڭلىك تېلېۋېزورلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى بىر مىليون دانە بولغان زاۋۇت قۇرغان؛ تيەنجىندىكى بىر شىركەت بىلەن كورىيە سامسۇڭ گۇرۇھى بىرلىكتە سامسۇڭ ماركىسىدىكى رەڭلىك تېلېۋېزورلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، ئۈچ يىل ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 3 مىليوندىن ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان. ئىستاتسىتىكىغا ئاساسلانغاندا، ئەينى ۋاقىتتا دۆلەت ئىچىدىكى رەڭلىك تېلېۋېزور بازىرىنىڭ يىللىق ئىستېمال ئېھتىياجى تەخمىنەن 8 مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، ئەمما خەلقئارالىق رەڭلىك تېلېۋېزور ماگناتلىرىنىڭ جۇڭگودىكى ھەمكارلىق زاۋۇتلىرىدا ئىشلەپچىقىرىلغان چەتئەل ماركىسىدىكى رەڭلىك تېلېۋېزورلار 10 مىليون ئەتراپىدا ئىدى. بۇ ۋاقىتتا دۆلەت ئىچىدىكى رەڭلىك تېلېۋېزور ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرىنىڭ سانى 200 دىن ئاشقان بولۇپ، ئەمما بىرىنىڭمۇ خەلقئارالىق ماگناتلار بىلەن رىقابەتلەشكىدەك ئەمەلىي كۈچى يوق ئىدى.
چەتئەل ماركىسىدىكى رەڭلىك تېلېۋېزورلارنىڭ جۇڭگو بازىرىغا قىستىلىپ كىرىشىگە نىسبەتەن، دۇ رۈنفېڭ يەنە بىر قېتىملىق قايتۇرما باھا ئۇرۇشىنى قوزغىغان. 1996-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى چاڭخۇڭ شىركىتى شۇنداق جاكارلىغان: بۈگۈندىن باشلاپ چاڭخۇڭ ماركىسىدىكى بارلىق رەڭلىك تېلېۋېزورلارنىڭ باھاسى چۈشۈرۈلۈپ سېتىلدۇ. باھانىڭ چۈشۈش سۈرئىتى ھەددىدىن زىيادە تېز بولغاچقا، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر دۇ رۈنفېڭ «ئۆلۈم ئېغىزىدا جان تىكىشىۋېتىپتۇ» دەپ ئويلىغان.
بىراق بۇ كىشىلەرنىڭ ئويلاپمۇ باقمىغان يېرى، بۇ قېتىملىق باھا ئۇرۇشىدا، دۇ رۈنفېڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىلگىرىكى قورالى «مىللەت ئېڭى» دىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، يەنە رىقابەت كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان «باھا ئىستىراتېگىيەسى» نى بىرىكتۈرگەچكە، چاڭخۇڭ شىركىتى كۆپ مىقداردا زاكاسقا ئېرىشكەن، ئۇنىڭ رەڭلىك تېلېۋېزور بازىرىدىكى ئۈلۈشىمۇ ناھايىتى تېز يۇقىرىلاپ، 1995-يىلىدىكى %22 تىن %35 كە ئۆرلىگەن، ھەمدە جۇڭگودىكى ئىسمى-جىسمىغا لايىق بىرىنچى رەڭلىك تېلېۋېزور ماركىسىغا ئايلانغان.
بۈگۈنكى سودا بازىرىنى «كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يەيدۇ، ماسلىشالىغانلار ھايات قالىدۇ» غا تەققاسلاشقا بولىدۇ. گەرچە رىقابەتچى بىلەن بولغان كۈچلۈك رىقابەتتە قىلچە ئىككىلەنمىگەن ھالدا زەربە بېرىش ئادەمگە رەھىمسىزدەك تۇيغۇ بەرسىمۇ، بىراق سودا مەيدانلىرىدا سىز ئاكتىپلىق بىلەن رىقابەتچىگە جەڭ ئېلان قىلمىسىڭىز، رىقابەتچىڭىز ئۈن-تىنسىز ھالدا سىزنى ئورەككە ئىتتىرىدۇ. بىر ئادەم سودا مەيدانلىرىدا پۇت دەسسەپ تۇرماقچى بولىدىكەن، چوقۇم رىقابەتكە يۈزلىنىشى، ئاكتىپلىق بىلەن رىقابەتكە قاتنىشىشى كېرەك، پەقەت شۇنداق بولغاندىلا رىقابەت جەريانىدا ئۆزىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.
***************
مەنبە : چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى
<< مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى >> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى– ئۇيغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى