بايلار «چوقۇم ئۇتۇپ چىقىش» نى ئويلايدۇ
سۈرەتتە : فۇنېڭ گوروھىنىڭ قۇرغۇچىسى لۇيۇۋ جىيايوڭ
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
نامراتلار «ئۇتتۇرۇپ قويماسلىق» نى ئويلايدۇ، بايلار «چوقۇم ئۇتۇپ چىقىش» نى ئويلايدۇ
بىر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن، نامراتلارنىڭ كۆڭلىدە ئويلايدىغىنى بولسا «ئۇتتۇرۇپ قويماسلىق»،ئەمما بايلار قەتئىي ھالدا «مەن چوقۇم يېڭىشىم كېرەك» دەپ ئويلايدۇ. كۆپچىلىك قانداق قاراشتىن قەتئىينەزەر بۇ ئىككى خىل ئوي-پىكىرنىڭ مەنىسى بىردەك بولىدۇ. بىراق پىسخولوگىيەلىك نۇقتىنەزىرى بۇيىچە قارىغاندا ئۇلارنىڭ پەرقى ناھايىتى چوڭ.
«ئۇتتۇرۇپ قويماسلىق» تىن ئىبارەت پىسخىكا پاسسىپ تەرەپنى چىقىش قىلغان ھالدا مەسىلىلەرنى ئويلايدۇ، «ئۇتتۇرۇپ قويماسلىق» تىن ئىبارەت بۇ ئوي پەيدا بولغاندىن كىيىنلا، نامراتلار ئىش قىلغاندا ئىزچىل مۇداپىئەلىنىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇپ، توخۇ يۈرەكلىك قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ مەلۇم بىر ھەرىكىتىنىڭ مەغلۇب بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن قورقىدۇ. بىلىش كېرەككى، بۇ خىل باشلىنىشتىلا ئۇتتۇرۇپ قويۇشتىن قورقىدىغان پىسخىكا بايلىق ئىزدەش يولىدىكى توسالغۇ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بايلارئويلايدىغان «چوقۇم يېڭىش» تىن ئىبارەت پىسخىكا ئاكتىپ تەرەپتىن چىقىش قىلىپ مەسىلىلەرنى ئويلايدۇ، «چوقۇم يېڭىش» تىن ئىبارەت جەزمەن يېڭىدىغاندەك پىسخىكىلىق ھالەت پەيدا بولغاندىن كىيىن، بايلار ئىش قىلغاندا ناھايىتى كۆپ يۈرەك قېنىنى ۋە تىرىشچانلىقىنى سەرىپ قىلىپ، ئاكتىپلىق بىلەن ئىلگىرىلەپ، «ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرمىسەم قايتمايمەن» دىگەن روھ بۇيىچە ئىلگىرىلەيدۇ. بۇ خىل كۈچلۈك مۇۋپپەقىيەت قازىنىش ئىستىكى ئالدىدا پۈتۈن دۇنيا يول بېرىدۇ، ئۇنداقتا بايلىقچۇ؟
ئەگەر سىز بۇ گەپنى ھەددىدىن زىيادە مۇبالىغە قىلىۋىتىلگەن دەپ قارىسىڭىز، ئۇنداقتا بىزمۇنداق بىر سېلىشتۇرما قىلىپ باقايلى: مۇسابىقە جەريانىدا ئىككى نەپەر ئەمەلىي كۈچى ئوخشاش بولغان ماھىر مۇسابىقىلىشىۋاتقان بولسا، ئۇلارنىڭ بىرى «مەن چوقۇم يېڭىشىم، ھەمدە يەڭگەندىمۇ ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن يېڭىشىم كېرەك.» دەپ ئويلايدۇ؛يەنە بىرى قورقۇنچ بىلەن «مەن ئۇتتۇرسام بولمايدۇ، ئۇتتۇرغان تەقدىردىمۇ ئېچىنىشلىق ئۇتتۇرۋىتىشكە بولمايدۇ.» دەپ ئويلىسا، ئۇنداقتا قايسى ماھىرنىڭ غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش نىسبىتى يۇقىرى بولار؟
جاۋاپ ناھايىتى ئېنىق، كۈچ نىسبىتى ئوخشاش بولغان ئەھۋالدا، شىجائىتى كۈچلۈك بولغان تەرەپنىڭ يېڭىش نىسبىتى يۇقىرى. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، غەلبە قازىنىشقا بولغان ئىشەنچ ۋە جاسارەت غەلبە قىلىش ياكى مەغلۇب بولۇشنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل.ئوخشاشلا، بايلىق رىقابىتى جەريانىدا «چوقۇم يېڭىمەن» دەپ ئويلايدىغان ئادەمنىڭ ئېرىشىدىغان بايلىقى «ئۇتتۇرۇشقا بولمايدۇ» دەپ ئويلايدىغان ئادەمنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ.
رۇەنكۇ شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، باش لېدىرى قوشۇمچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزگۈچىسى سۈن جېڭيى «چوقۇم يېڭىمەن»دەيدىغان شىجائىتى بار بايلاردىن.
سۈن جېڭيى1957 – يىلى ياپونىيەدە تۇغۇلغان. 1973 – يىلى تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان سۈن جېڭيى ئائىلىسىدىكىلەرگە ئەگىشىپ ياپونىيەدىن ئامېرىكىنىڭ كالفورنىيە شىتاتىغا كۆچۈپ، بروكلىن ئۇنىۋېرسىتىتىغا ئېنگلىزتىلى ئۆگىنىشكە كىرگەن. نەتىجىسى ياخشى،ئەقىللىق ۋە زىرەك بولغاچقا، سۈن جېڭيى 1977 – يىلى كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتىتى بروكلىن تارماق مەكتىپىگە ئىقتىساد ئۆگىنىشكە كىرگەن.
ئالى مەكتەپتىكى مەزگىلدە، سۈن جېڭيى ئامېرىكا پۈركىمە تەتقىقات ئورگىنىنىڭ تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ كۆپ تىللىق تەرجىمە ئەسۋابىنى ياساپ چىقىدۇ، ھەمدە بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا پاتنېت ھوقۇقىنى شارپ شىركىتىگە سېتىپ بېرىدۇ (بۇ كىيىن شارپ شىركىتى ياساپ چىققان Wizard تىپىدىكى مەھسۇلاتنىڭ ئۈلگىسى)، بۇ ئارقىلىق سۈن جېڭيى ھاياتىدىكى تۇنجى مەبلەغنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سۈن جېڭيى ياپونىيەدىن ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇق ماشىنىسى كىرگۈزۈپ، مەكتەپنىڭ يېقىن ئەتراپىدا قوراشتۇرۇپ سېتىش تىجارىتىنى باشلايدۇ، ھەمدە كۆپ خىل ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇقلارنى لايىھەلەپ چىقىدۇ.
19 ياشلىق سۈن جېڭيى ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىلا ئۆزىنىڭ كىيىنكى 50 يىللىق ھاياتىنى پىلانلاپ بولىدۇ. يەنى قانداق قىلىپ مەبلەغ جۇغلاپ شىركەت قۇرۇش، ئۆزىنىڭ كەشپىيات يارتىش ۋە ئۇنى مەسھۇلاتقا ئايلاندۇرۇش پىلانىنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ھەر ئون يىلدا يەتمەكچى بولغان نىشان قاتارلىقلارنى تەپسىلى پىلانغا ئالىدۇ .ھەمدە نۇرغۇن قېتىملاپ سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىياتى دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرۋاتقان كومپيۇتېر ۋە ئېنتېرنىت كەسپىگە كىرىشنى قارار قىلىدۇ، شۇنداقلا چوقۇم بۇ كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ. «چوقۇم يېڭىش» تىن ئىبارەت ئىستەكنى كۆڭلىگە پۈككەن سۈن جېڭيى ئۆزىنىڭ بايلىق يارىتىش سەپىرىنى باشلايدۇ.
1980 – يىلى23 ياشلىق سۈن جېڭيى كالفورنىيە شىتاتىنىڭ ئوكلاند شەھىرىدە UnisonWorld كومپيۇتېر شىركىتىنى قۇرۇپچىقىدۇ. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ياپونىيەگە قايتىپ كېلىپ، يۇمشاق دېتال بانكىسى شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىپ كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنى توپ تارقىتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.ئىزچىل «چوقۇم يېڭىمەن» دەيدىغان پىسخىكىدا بولغاچقا، سۈن جېڭيىنىڭ شىركىتىنىڭ يۇمشاق دېتال سېتىش سوممىسى پۈتكۈل ياپونىيە بۇيىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. 1994 –يىلى سۈن جىڭيى شىركەتنىڭ پېيىنى بازارغا سالىدۇ، ھەمدە بىر مىليارىد 40 مىليون ئامېرىكا دوللىرى جۇغلاپ يۇمشاق دېتال گورۇھىغا ئايلىنىپ، ئۆزىنىڭ گۈللىنىش سەپىرىنى داۋام ئېتىدۇ.
1995 – يىلى سۈن جېڭيى «چوقۇم يېڭىش كېرەك» دەيدىغان ئىدىيە بۇيىچە ئاساسلىق زېھنىنى توركەسپىگە بېرىپ، بۇ جەھەتتە يۈكسەك نەتىجە قازىنىشنى قارار قىلىدۇ. ئۇ ئاۋۋال ئىككى مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغنى ياخو شىركىتىگە بېرىدۇ، كىيىن ياخو شىركىتىنىڭ %33 پېيىغا ئىرىشىش شەرتى ئاستىدا شىركەتنى يەنە بىر مىليارىد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇ ۋاقىتتا ياخو شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ياڭ جىيۈەن سۈن جېڭيىنىڭ تەلپىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ناھايىتى ھەيران قېلىپ ئۇنى ساراڭ بوپتۇ دەپ ئويلايدۇ. چۈنكى، ياڭ جىيۈەن ئۆزىمۇ ياخو شىركىتىنىڭ كەلگۈسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان شارائىت ئاستىدا، سۈن جېڭيى ئەمدىلا قۇرۇلغان يېڭى شىركەتكە شۇنچە كۆپ مەبلەغ سېلىشقا قانداقمۇ پېتىنسۇن؟ ئەگەر مەغلۇب بولسا قانداق بولىدۇ؟
ھالبۇكى،«چوقۇم يېڭىمەن» دەيدىغان شىجائىتى بار سۈن جېڭيى ياڭ جىيۈەندەك ئىككىلىنىپ ئولتۇرماي، 1996 – يىلى ئۆزىنىڭ مەبلەغ سېلىش ۋەدىسىنى رەسمىي ئەمەلگە ئاشۇردى.ئارقىدىنلا ياخو شىركىتىگە يەنە نۇرغۇن مەبلەغ سالدى، مەبلەغنىڭ ئومۇمىي سوممىسى ئۈچ مىليارىد 55 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن ئىدى. سۈن جېڭيىنىڭ نۇرغۇنلىغان مەبلىغىگە ئېرىشكەندىن كىيىن، ياخو شىركىتى بىرلا سەكرەپ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى تور شىركىتىگە ئايلاندى، ھەمدە ئەڭ چوڭ پايچېك بولۇش سۈپىتى بىلەن سۈنجېڭيىمۇ بۇنىڭدىن نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشىپ، ئۇنىڭ شىركىتى رۇەنكۇمۇ ئېنتېرنىت ئىنقىلابىدىكى سەردارغا ئايلاندى.
بۈگۈنكى كۈندە سۈن جېڭيى قۇرغان يۇمشاق دېتال بانكىسى گورۇھىمۇ پۈتكۈل يەر شارى مىقياسىدا 400 دىن ئارتۇق تورشىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىپ، ياخو، Etrade قاتارلىق بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان تور شىركەتلىرىنىڭ ئاساسلىق پايچېكىگە ئايلانغان. سۈن جېڭيىنىڭ رۇەنكۇ شىركىتىدە نۇرغۇنلىغان مۇھىم ۋەزىپىسى بولغاندىن تاشقىرى،يەنە باش ۋەزىر سايلام رىقابىتى كومېتىتىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى. ئۇدا بىر نەچچە يىل«يەر شارىدىكى ئون چوڭ سەردار» بولۇپ باھالانغان. «فوربىس» ژورنىلى ئۇنىڭغا باھابېرىپ «ياپونىيەدىكى ئەڭ بازارلىق كارخانىچى» دەپ تەرىپلىگەن .ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە ئۇ «رەقەم دەۋرىدىكى ياپونىيەدە ئەڭ شەرەپلىك كارخانىچى»دەپ ئاتالغان.
سۈن جىڭيىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك بايلىق سەرگۈزەشتىسىدىن بىز شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ئۇنىڭ بۈگۈنكىدەك زورغەلبىگە ئېرىشىشىنى ئۇنىڭ «چوقۇم يېڭىمەن» دەيدىغان شىجائىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. دەل مۇشۇ خىل غەلبە قازىنىشقا بولغان قەتئىيلىك بولغاچقا، ئۇ ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى بايلىق پادىشاھلىقىنى قۇرۇپ چىقىپ، بايلىق دەرىخىدىكى سانجاق – سانجاق مېۋىلەرگە ئېرىشكەن.
ئەگەر«چوقۇم يېڭىمەن» دەيدىغان ئىرادىسى بولمىغاندا، سۈن جېڭيىنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ۋاقىتلىرىدىلا ئۆزىنىڭ 50 يىللىق ھاياتلىق پىلانىنى تۈزىيەلىشى، ھەمدە ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆرەش قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى؛ ئەگەر «ئۇتتۇرۇشقا بولمايدۇ»، «ئۇتتۇرسام نېمە ئامال» قاتارلىق ئەنسىرەشلەر ھەمىشە ساقلانسا، سۈن جېڭيىدا ئەمدىلا قۇرۇلغان ياخوشىركىتىگە مەبلەغ سالىدىغان غەيرەت ۋە جاسارەت بولمىغان بولاتتى، بۈگۈنكىدەك ناھايىتى چوڭ بولغان خەلقئارالىق تور شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىشى تېخىمۇ مۇمكىن بولماس ئىدى؛ ئەگەر كۆڭلىدە «ئۇتتۇرۇشقا بولمايدۇ» بولۇپ، «چوقۇم يېڭىش» بولمىغاندا ئىدى،سۈن جېڭيىنىڭ 37 ياش ۋاقتىدىلا 10 مىليارىد ئامېرىكا دوللىرىلىق كاتتا زەردارغا ئايلىنىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، بايلىق رىقابىتى جەريانىدا «چوقۇم يېڭىمەن» دەيدىغان ئىرادىدە بولۇش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، بۇ خىل چوقۇم يېڭىش پىسخىكىسى بولغاندا، ھەمدە توختىماستىن تىرىشقاندىلا بايلىق قولىمىزغا كېلىدۇ.
پۇل تېپىپ باي بولماقچى بولغان دوستۇم، ئۆزىڭىزگە قاراپ بېقىڭ، ئۆزىڭىزنىڭ پىسخىكىسىنىڭ دۇرۇس ياكى ئەمەسلىكىگە قاراپ بېقىڭ، سىزدە باي بولۇشقا نىسبەتەن كۈچلۈك ئىرادە بارمۇ – يوق؟
بايلىقنىڭ بايانى:
مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئارزۇسى بىر خىل ئاكتىپ روھى ھالەت. ئۆز-ئۆزىگە ‹ مەن چوقۇم غەلبە قىلىمەن› دەيدىغان ئاڭ ۋە يۈكسەك شىجائەت. بۇ پۇلدىنمۇ مۇھىم بولغان، ھېچكىممۇ تارتىۋالالمايدىغان بايلىق. بايلار بۇ خىل بايلىققا ئىگە، شۇڭا ئۇلار پۇل بىلەن ئېتىشىۋاتقان چاغدا ھەمىشە «چوقۇم يېڭىمەن» دەپ ئويلايدۇ. ئەمما نامراتلار ھەمىشە ‹ ئۇتتۇرۇپ قويمىساقلا تەلىيىمىزنىڭ كەلگىنى شۇ› دەپ ئويلايدۇ،چوقۇم غەلبە قازىنىشنى ئويلاشقا تېخىمۇ پېتىنالمايدۇ. بۇ خىلدىكى پاسسىپ پىسخىكىلىق ھالەت بىلەن بايلىق رىقابىتىدە ئۇتۇپ چىققىلى بولامدۇ؟
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 1-قىىمىدىن ئېلىندى