سودىدا باشقىلارنىڭ تەجرىبە ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەشكە ماھىر بولۇش كېرەك
جېجىياڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى
ئون ئىككىنچى باب
باشقىلارنىڭ غەلبە ۋە مەغلۇبىيىتىنى خۇلاسىلەپ، «شاكىلىنى ئايرىپ
مېغىزىنى قوبۇل قىلىش» كېرەك
*تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئۆگىنىشكە ماھىر بولۇش كېرەك
جېجىياڭ ئۆلكىسى خەلق باشقۇرۇشىدىكى كارخانىچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى فەن لىشېڭ: «خوجايىن قانچىلىك غەلبە قازىنىشىدىن قەتئىينەزەر يەنىلا ئادەتتىكى ئادەم، ئادەتتىكى ئادەملەر چوقۇم ئۆگىنىشى كېرەك، ئۆگىنىشنىڭ چېكى بولمايدۇ. ھازىرقى زاماندا ئەقىل –پاراسەتكە، ئەمىلىي كۈچكە ۋە بىلىمگە تايىنىپ پۇل تېپىش كېرەك. ئۆگىنىش جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىكى بۆسۈش ئېغىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.» دېگەن
سودا قىلىشتا تىجارەتنى ئوزۇن مەزگىل روناق تاپقۇزۇش ئۈچۈن، چوقۇم توختىماستىن ئۆگىنىش كېرەك. ھەر ۋاقىت ئۆز بىلىملىرىنى يېڭىلاپ تۇرۇش، مەيلى باشقۇرۇش جەھەتتىكى يېڭىلىق يارىتىش بولسۇن، ياكى يادرولۇق تېخنىكا جەھەتتىكى يېڭىلىق يارىتىش بولسۇن،بازار ئېھتىياجىنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا توختىماستىن ئۆگىنىش كېرەك.
«ئۆگىنىشنىڭ چېكى يوق» دېگەن پوزىتسىيە شان – شۆھرەتلىك جېجىياڭ سودىگەرلىرىگە نىسبەتەنمۇ ئوخشاش، ئۇلارنىڭ يېڭىچە روھى يېڭىچە بىلىملەرنى ئۆگىنىش، يېڭىچە تەجىرىبىلەرنى ئۆگىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
باشقىلار ھاۋارايىنىڭ ياخشى بولغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى ساياھەت قىلىۋاتقان چاغدا، بىر تۈركۈم جېجىياڭ سودىگەرلىرى جېجىياڭ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ EMBA سىنىپىغا كىرىپ كەلگەن، ئۇلار پۈتۈن ئۆلكىدىن كەلگەن خەلق باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلارنىڭ كارخانىچىلىرى ئىدى.
ئادەتتە سودا مەيدانلىرىدا جان تىكىپ كۆرەش قىلىدىغان سودىگەرلەر بۇ جايدا ئەستايىدىللىق بىلەن ئولتۇرۇپ پروفېسورنىڭ دەرسىنى ئاڭلايدۇ.
بېيجىڭ،شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەر EMBA سىنىپىنى تەسىس قىلغان ۋاقىتتا، ۋاڭ جېنياۋ قاتارلىق بىر قىسىم داڭلىق كارخانىچىلار كېلىپ قاتناشتى، ئارقىدىن كارخانىلارنىڭ بىر قىسىم غوللۇق ئادەملىرىمۇ كېلىپ بۇ ئۆگىنىش قوشۇنىغا قاتناشتى، جېجىياڭدىكى نۇرغۇنلىغان داڭلىق كارخانىچىلار ھەر قايسى ئالى مەكتەپلەرگە كېلىپ ئۆگىنىپ، كەمتەرلىك بىلەن بىر ئوقۇغۇچىغا ئايلاندى.
مىليارىدتىن ئارتۇق مۈلۈككە ئىگە كارخانىچىلار نېمىشقا ئالدىراش خىزمىتىنى تاشلاپ ئۆگىنىشكە كېلىدۇ؟ جېجىياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ قارىشىچە، ئۆگىنىش كارخانا تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، يەنە كېلىپ كارخانا تەرەققىياتىدا يول ئاچىدىغان ۋاستە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خۇددى جېجىياڭ ئۆلكىسى خەلق باشقۇرۇشىدىكى كارخانىچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى فەن لىشېڭ ئېيىتقاندەك: «ھازىر ئەقىل – پاراسەت، ئەمەلىي كۈچ ۋە بىلىمگە تايىنىپ پۇل تېپىش كېرەك، ئۆگىنىش جېجىياڭ كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى بۆسۈش ئېغىزى.»
ئۆگىنىش تىنىم – تاپمايدىغان جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ ئۆز كەمچىلىكلىرىنى بايقىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز – ئۆزىنى تولۇقلىشى ۋە ئۆزى توغرۇلۇق ئويلىنىشنى ئىلگىرى سۈردى؛ ئوخشاشلا تىجارەتتىكى تەجىرىبىسى ناھايىتى مول «ساۋاقداشلار» بىلەن پىكىرلىشىش جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ،كەمچىلىكىنى تولۇقلىدى.
جېجىياڭلىق بىر كارخانىچى: «كارخانا يۇقىرى ئوقۇش مەلۇماتىدىكى كىشىلەرنى قوبۇل قىلىپ، قول ئاستىمىزدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئاسپىرانىتلىقتىن يۇقىرى ئوقۇش مەلۇماتىدىكى كىشىلەربولغاندا، بىز كارخانىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىن كەلگەن بېسىمنى ھېس قىلدۇق، بېسىمدىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر يولى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئىدى،دەۋرگە ماسلاشقان ھالدا قول ئاستىمىزدىكىلەر بىلەن پىكىرلىشىدىغان سەھنە ئۆگىنىش ئارقىلىق كېلەتتى.» دېگەن.ئۆگىنىش كارخانا تەرەققىياتىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان مۇھىم يولغا ئايلانغان، جېجىياڭلىق سودىگەرلەرمۇ ئۆگىنىش ئارقىلىق توختىماستىن تەرەققىي قىلماقتا.
جېجىياڭ تىيەنۋەيتىيەن كارخانا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى تۇ خەينەن: «مەن ئۆگىنىشنى ئۆزۈمنى تولۇقلاش، مېڭىنى يۇيۇش قاتارىدا كۆرىمەن، پەقەت توختىماستىن مېڭىنى يېڭىلاپ، يېڭى بىلىملەرنى قوبۇل قىلغاندا، ئاندىن توختىماستىن ئۆزگىرىۋاتقان بازارغا يىتىشىپ ماڭغىلى، ئۆزىنىڭ خېيىم – خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، توختىماستىن تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ.» دېگەن.
سودىغاھەقىقىي ئېپى بار كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا بىر تەرەققىيات خەرىتىسى بولىدۇ، ئۇلارھەرگىز بىر قەدەم مېڭىپ بىر قەدەمنى ئويلىمايدۇ، ئەكسىچە ئاۋۋال ئون قەدەمنى ئويلىنىۋېلىپ ئاندىن بىر قەدەم ماڭىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى مەڭگۈ ئوزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتقا قاراپ ئىنتىلىدۇ. خۇددى ۋەنشىياڭ گورۇھىنىڭ باش ئۇيۇشما رەئىسى لۇگۇەنچىيۇ ئېيىتقاندەك: «ئىلگىرىكى ئەۋزەللىكنى ھازىرقى ئەۋزەللىك قاتارىدا كۆرمەسلىك كېرەك، ھازىرقى ئەۋزەللىك ھەرگىزمۇ كەلگۈسىدىكى ئەۋزەللىككە تەڭ ئەمەس.»پەقەت يىراق كەلگۈسىگە قارىغاندىلا، ئاندىن ئىزچىل تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
جوۋ شاۋدۇڭ بولسا جېجىياڭ جۇجى ۋۇفېڭ ئېلېكتىر سىغىمى ئەسۋابلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، ھەر قېتىم كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن، ھېرىپ جۇلىقى چىكەتكەن بەدىنىنى سۆرەپ، جېجىياڭ ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئېچىلغان EMBA باش لېدىرلار تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتنىشىدۇ. نۇرغۇنلىغان كارخانىچىلارغا ئوخشاش، بۇ سودا دۇنياسىدىكى مەشھۇر شەخىسمۇ ئۆگىنىشنىڭ كارخانا تەرەققىياتىدىكى مۇھىملىقىنى، كارخانا تەرەققىياتىدا ئوينايدىغان مۇھىم رولىنى تونۇپ يەتكەن؛ ئۇ: «كارخانىچى ئۆگىنىشنى توختىتىپ قويسا قەتئىي بولمايدۇ، كارخانىدا تىجارەت قارىشى، بىرلىككە كەلگەن تۈزۈم بولمىسا ھەرگىزمۇ بولمايدۇ.» دىگەن.
جېجىياڭ ئۇنىۋېرسىتىتى ئىقتىساد ئىنىستىتۇتىدىكى مۇئاۋىن ئىنىستىتۇت باشلىقى، جېجىياڭ سودىگەرلىرى تەتقىقاتچىسى ياۋ شىيەنگو: «كەلگۈسىدىكى ئون يىلدا مەن ‹دېھقانچە تونۇش›نىڭ جېجىياڭ سودىگەرلىرىگە پايدىسىز تەسىر كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەڭ ئەنسىرەيمەن.» دېگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، «دېھقانچە تونۇش» نىڭ جېجىياڭ سودىگەرلىرىگە بولغان تەسىرى يوشۇرۇن بولۇپ، بىراق ئەڭ ھالىقىلىق ۋاقىتلاردا بۇ خىل تونۇشنىڭ تەسىرى كارخانىنىڭ ھاياتىي كۈچىگە تەسىر قىلىدىكەن، ھەتتا جېجىياڭ سودىگەرلىرى ئۆتۈش تەس بولغان توساققا ئايلىنىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ قالاق ئىدىيەنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇشتىكى بىردىنبىر يولى ئۆگىنىش ئارقىلىق يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىپ ئۆزىنىڭ بىلىم سىستېمىسىنى توختىماستىن يېڭىلاشتىن ئىبارەت.
جېجىياڭ سودىگەرلىرى دېھقانلاردىن كېلىپ چىققاچقا، بىلىمى ناھايىتى كەمچىل. بىلىم ئۆگەنمەسلىكنىڭ زىينىنى نۇرغۇن قېتىم كۆرگەچكە، ئۇلار ئاندىن بىلىمنىڭ قۇدرەتلىك كۈچ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان. ئۇلار توختىماستىن ئۆزلىرىگە يېڭى نىشان تىكلەشنى ياختۇرىدۇ، بازارغا ئىشىنىدۇ، ئۇلارنىڭ سودا چەمبىرىكىدە مۇنداق بىر گەپ ئېقىپ يۈرمەكتە: «كارخانىدا ئەر – ئايال دەپ ئايرىلمايدۇ، پەقەت بىلىمى يۇقىرى – تۆۋەن دەپ ئايرىلىدۇ.»
يۈكاڭ لۈچېڭ ئۆي – مۈلۈك ئېچىش شىركىتىنىڭ باش لېدىرى نوڭ يۆخۇا: «لۈچېڭ ئۆي – مۈلۈكچىلىكى بىرچوڭ مەكتەپ، ئىچكى قىسىمدىكى رىقابەت ناھايىتى كەسكىن. ھازىر يۈكاڭ رايونى ئىستىراتىگىيەلىك مۇھىم رايونغا ئايلاندى، شۇڭا ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ، قالاق ئىدىيىلەر بىلەن ئۆزىنى چۈشەپ قويۇشقا بولمايدۇ. مېنىڭچە، ئۆگىنىش ھەرگىز ئۆزى ئۈچۈن بولۇپ قالماسلىقى كېرەك، چوقۇم ئۆگىنىش تىپىدىكى خىزمەتچىلەرنى تەربىيىلەش،بۇ ئارقىلىق كەسپىي بىلىملىرى مول، باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان كوللىكتىپنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ھازىر مېنىڭ شىركىتىمدە %50 خىزمەتچى ئۆگىنىش ھالىتىدە تۇرىدۇ،بىر تۈركۈملىرى ئۆگىنىپ بولغاندىن كىيىن، يەنە بىر تۈركۈم خىزمەتچىلەرگە كېلىدۇ،مۇشۇ تەرتىپتە داۋاملىشىدۇ. بۇنداق ئۇسۇلدا شەكىللەنگەن ئۆگىنىش كەيپىياتى ناھايىتى ياخشى.» دېگەن.
دەل مۇشۇسەۋەبتىن، جېجىياڭلىق سودىگەرلەر تىجارەتتە مەڭگۈ جۇشقۇن ھالىتىنى ساقلىيالايدۇ،توختىماستىن ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان پەرقىنى توغرا تونۇپ،ئۆزىنىڭ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتتىن قانائەت ھاسىل قىلماي، ئىزچىل ئۆگىنىپ دەۋربىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ يولىنى بارغانسىرى كېڭەيتىپ بارىدۇ.
**مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى – تەقلىد قىلىش (دوراش)
جېجىياڭ جىلى ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى: «تەقلىد قىلىشقا يېڭىلىق يارىتىش ئىلمېنىتلىرىنى قوشۇش بىزنىڭ بايلىق يارىتىش يولىمىز. ئەۋرىشكىسىگە قاراپ سىزىش ئەمەلىيەتتە تەقلىد قىلىشقا كىرمەيدۇ، ماھىيەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، تەقلىد قىلىش بولسا يېڭى شەيئىلەرگە بولغان ھېس قىلىشتۇر.» دېگەن.
جېجىياڭ سودىگەرلىرى تەقلىد قىلشقا ماھىر كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن نەتىجىلىرى بىر قەدەم –بىر قەدەم تەقلىد قىلشتىن كەلگەن. بەزىدە مەھسۇلاتنى تەقلىد قىلىشمۇ يېڭى مەھسۇلاتنى بارلىققا كەلتۈرگەندەكلا ئۈنۈملۈك.
جىنخۇادىكى بىر كارخانىچىنىڭ دىيىشىچە ، بىر مەھسۇلاتنى ئېچىش ۋە ئۇنى تاۋارلاشتۇرۇش نۇرغۇن مەبلەغكە ئېھتىياجلىق، چۈنكى بازاردا بىر يېڭى مەھسۇلاتنىڭ بارلىققا كېلىشى بەدەل تۆلەشكە ئېھتىياجلىق. ھالبۇكى، بىۋاستە باشقىلارنىڭ تەجىرىبىسىنى تەقلىد قىلىپ ئۆگەنگەندە، سالىدىغان دەسمىيمۇ ناھايىتى ئاز بولىدۇ. گەرچە تەقلىد قىلغۇچىلار باشقا كارخانىلاردىن ئېشىپ كىتەلمىسىمۇ، بىراق يېڭىلىق يارىتشقا كېتىدىغان خىراجەتتىن قۇتۇلۇپ قالغاچقا، يەنىلا نورمال پايدا ئالالايدۇ. بىز جېجىياڭلىق سودىگەرلەر ئۈنۈملۈك تەقلىدچى ۋە ئەمەلىيەتچانلىقنىڭ غالىبلىرى، بىزگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، تەقلىد قىلىش بىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمىزدىكى پەلەمپەي.
چېنچى ناھايىتى بۇرۇنلا ئۆزىنىڭ يۇرتى جېجىياڭ ۋېنجۇدا ئۆزىنىڭ ئاياغچىلىق كارخانىسىنى قۇرۇپ چىققان. ئۇ ئىشلەپچىقارغان ئاياغلار مەزكۇر جايدا داڭق چىقىرىپ، شۇ جاينىڭ ئاياغچىلىق ساھەسىدىكى بىر بازىغا ئايلانغان. ئەمما چېنچىنىڭ قانائەت قىلمايدىغىنى بولسا، ئۆزى ئىشلەتكەن ئەسۋابلارنىڭ ھەممىسى تەيۋەن ۋە ئىتالىيەدىن كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ناھايىتى قىممەت ئىدى، مۇلازىمىتىمۇ ۋاقتىدا ئەمەس بولۇپ،
بۇ سەۋەبتىن نۇرغۇنلىغان پايدىنى بېكارغىلا باشقىلارغا بېرەتتى.
باشقىلار بۇنىڭغا نىسبەتەن ئامالسىز قالغاندا، چېنچى تۇيۇقسىز بۇنى ھەل قىلىدىغان ئامالنى ئويلاپ چىقتى.
ئوزۇن ئۆتمەستىن لى چاڭجاڭ ئىتالىيەدىكى ئەسۋاب ئىشلەپچىقارغۇچى سودىگەرلەر بىلەن ھەمكارلاشتى. ھەمكارلىق جەريانىدا ئۇلار ئۆز – ئارا تەقلىد قىلىپ، ئۆز – ئارا ئۆگەندى.
ئىككى يىلدىن كىيىن چېنچى ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان ئەسۋابلارنى ئىشلەپ چىقاردى. سىناقتا،بۇ ئەسۋابلارنىڭ ھەرقايسى تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچلىرى ئىمپورت ئەسۋابلار بىلەن ئوخشاش چىقتى. بۇ ۋاقىتتا ئۇ يەنىلا توختاپ قالمىدى، ئۇ ئىتالىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئەسۋابنىڭ ئەسلى تېخنىكىسىنىڭ ئاساسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك ئەسۋابنى ئىشلەپ چىقارماقچى بولدى.قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمدە دېگەندەك، چېنچىنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئۇنىڭ ئەسۋابى ئىلغار سەۋىيىگە يەتتى.
ئەسۋابنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىنىپ چىقىشى نۇرغۇنلىغان چىقىملارنى ئازايتىپلا قالماستىن، چېنچىنىڭ بۇ ساھەدىكى ئورنىنى تىكلىدى. جېجىياڭلىقلار بۇ خىل تەقلىد قىلىش – يېڭىلىق يارىتىش يەنە تەقلىد قىلىش شەكلىنى «گىگانىتلار بىلەن تەڭ قەدەمدە مېڭىش» دەپ ئاتايدۇ. چۈنكى ئىگىزدە تۇرغاندىلا يىراقنى كۆرگىلى بولىدۇ.
جېجىياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ تەقلىد قىلىش ئىقتىدارى ئادەمنى چۆچۈتىدۇ، ئۇلار چاقماق، كۆزئەينەك ۋە تۆۋەن بېسىملىق توك ئەسۋابلىرىنى چۇۋۇپ – قوراشتۇرۇپ، ئوزۇن ئۆتمەستىنلا ئۆزىنىڭ كارخانىلىرىدا ئوپمۇ – ئوخشاش مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا باشلايدۇ. مەبلەغ،تېخنىكا ۋە خام ئەشيا يوق شارائىتتا تۇرغان ۋېنجۇلۇقلار ئۆزىنىڭ باشقىلارنى ھەيران قالدۇردىغان تەقلىد قىلىش ئىقتىدارىغا تايىنىپ، ئۆزىگە تەۋە بولغان بازارلارنى ئاچقان. ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ تەقلىد قىلغاندىن كىيىنكى يېڭىلىق يارىتىشقا نىسبەتەنمۇ تەلىپى ناھايىتى كۈچلۈك.
جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىدىكى تەتقىقاتچى ۋاڭ چۈنگۇاڭ جېىجىياڭلىقلارنىڭ بۇ خىل تەقلىد قىلىش ئىقتىدارىنى باشقىچە يېڭىلىق يارىتىش دەپ ئاتىغان. ئۇ جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت يولىنى تەكىتلەپ:جېجىياڭلىقلار مەلۇم مەھسۇلاتنى دەسلەپ ئىشلەپچىقارغاندا تەقلىد قىلىدۇ، كۆچۈرۈپ ئەكېلىدۇ، قۇراشتۇرىدۇ، مەلۇم بىر سەۋىيەگە يەتكەندىن كىيىن ئۆزىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشنى باشلايدۇ. ئۆزىنىڭ ماركىسىنى يارىتىدۇ، ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ.باشقىلارنىڭ ياخشى نەرسىلىرىنى ئەكىلىش بولسا كۆپ ساندىكى جېجىياڭ سودىگەرلىرى بازارغا يېڭى كىرگەندە چوقۇم قوللىنىدىغان ئۇسۇل.
باشقىلار تەرىپىدىن «كۆزئەينەك پادىشاھى» دەپ ئاتالغان يې زىجىيەننىڭ ئۇسۇلى بولسا،دەسلەپتىكى تەقلىد قىلىشتىن توختىماي يېڭىلىق يارىتىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىدىن ئىبارەت.
ئەينى ۋاقىتتا ئۇ بىر زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان چاغدا ئۆزىنىڭ بىر ئايلىق مائاشىغا بىر ئالتۇن تالالىق كۆز ئەينەكنى سېتىۋالغان. ئۆيگە قايىتقاندىن كىيىن، ئۇ بۇ كۆزئەينەكنى چۇۋۇپ، ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەجىرىبىسىگە ئاساسەن ھەر بىر سايماننىڭ ئىش قوشۇلۇشىغا قارىتا تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا قايتىدىن قوراشتۇرۇپ چىقىدۇ.ئۇنىڭ توختىماستىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، بىرىنچى تۈركۈمدىكى تەقلىد قىلىنغان بىراق مۈلۈك ھوقۇقى ئۇنىڭغا تەۋە بولغان كۆز ئەينەكلەرنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ.
ئۇ بۇ كۆز ئەينەكلەرنى بازارغا سالغاندىن كىيىن، ئۈچ يۈەنلىك ئەرزان باھا بىلەن خېرىدارلارنىڭ تالىشىپ سېتىۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ.
يې زىجىيەن خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، ئۆزىنىڭ شىركىتى – ۋېنجۇ يۈەنياڭ كۆز ئەينەك شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. شىركەت قۇرۇلغاندىن كىيىن، ئۇ يېڭىلىق يارىتىشنى شىركەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئورۇنغا قويدى.
ھازىر ۋېنجۇ يۈەنياڭ كۆزئەينەك شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى 1000 نەچچە خىلغا يېتىدۇ، قۇياش نۇرىدىن مۇداپىئەلىنىش كۆز ئەينىكى تەتقىقاتى سېتىش بىلەن بىر گەۋدە قىلىنىپ،يىللىق سېتىلىش مىقدارى مىليارىدتىن ئاشقان، ھازىر تېخنىكا سېلىنمىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان ئوپتىكىلىق كۆزئەينەكلەر تەتقىقاتىغا كىرىشمەكتە.
سودا مەيدانلىرىدا ئەڭ قورقۇنچلىقى سىزنىڭ رىقابەتچىڭىز ئەمەس، بەلكى كارخانىنىڭ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتى. كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنى قوغلىشىش بەلكى كارخانىنى ۋاقىتلىق پايدىغا ئېرىشتۈرىدۇ، نەچچە ئون يىللىق مەبلەغنى دەسمىي قىلىپ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئوزۇن مەزگىللىك پىلان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تەقلىد قىلىش بىر خىل تەپەككۇرغا ئايلانغاندا، كارخانا ۋە كارخانىچىنى توغرا بولغان بىر يۆنىلىشكە قاراپ ماڭغۇزىدۇ.
جېجىياڭ ۋېنجۇ ئىقتىسادىدىكى «تۆت ئىقتىسادىي تۈۋرۈك» تۈگمىچىلىك، ئاياغچىلىق، كىيىم –كېچەك ۋە چاقماق قاتارلىقلار باشلانغاندا ھەممىسى تەقلىد قىلىشقا تايىنىپ باش كۆتۈرگەن. بىراق جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ ئەڭ ئاقىلانە يېرى بولسا ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى تەقلىد قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇپ قالمىغان، ئۇلارنىڭ تەقلىد قىلىشى تېخىمۇ ياخشى يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈندۇر.
***سەن تەرەققىي قىلساڭ، مەن پۇل تاپالايمەن
جېجىياڭ نىڭبولۇق سودىگەر لىيۇ خوڭشېڭ: «ئوخشاش كەسىپتىكىلەر دۈشمەنلىك قىلىشقا بولمايدۇ،سەن تەرەققىي قىلساڭ، مەن پۇل تاپالايمەن دەپ قاراش كېرەك، ئۆز – ئارا دەخلى –تەرۇز قىلىشقا بولمايدۇ. تىنچ – ئامان پۇل تېپىش ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق نەتىجىسى.»دىگەن.
جېجىياڭ سودىگەرلىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ باققان كىشىلەر بىلىدۇكى، بۇ ئەقىللىق سودىگەرلەرباشقىلارغا ئوخشىمايدىغان نەزەر – دائىرىگە ئىگە، ئۇلار چەكسىز سودا دېڭىزىدا ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوخشاش كەسىپتىكىلەر بىلەن بىللە تۇرالايدۇ، غەلبە قازىنىش ئۈچۈن،«ئۆچمەنلىك» بار كەسىپداشلىرى بىلەنمۇ بىر سەپتە تۇرالايدۇ.
جېجىياڭ ۋېنجۇدىكى بىر كارخانىچىنىڭ دىيىشىچە تىنچ – ئامانلىق پۇل تېپىشتىكى ئاچقۇچ .باشقىلار بىلەن دۈشمەنلىشىپ يۈرگەندىن كۆرە، ئۇلار بىلەن قولنى – قولغا تۇتۇشۇپ،زىددىيەتنى يۇمىشىتىپ، «سەن تەرەققىي قىلساڭ، مەنمۇ باي بولالايمەن» دىگەن ئۇسۇلنى قوللانغانغا يەتمەيدۇ.
لىيۇ خوڭشېڭنىڭ ئاتا – بوۋىلىرى جېجىياڭ دىڭخەيدىن بولۇپ، جۇڭگونىڭ يېقىنقى زاماندىكى ئوقەتچىسى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ داجۇڭخۇا يېقىلغۇ شىركىتى ئىشلەپچىقارغان مېيلى ماركىسىدىكى يېقىلغۇ مەھسۇلاتلىرى بارلىق بازارلارنى دېگۈدەك ئىگەللىگەن بولۇپ،ئۇنىڭ ئۈستىگە تاماكا شىركىتى ئىشلەپچىقارغان مېيلى ماركىسىدىكى تاماكىلارنىڭ سېتىلىش مىقدارىمۇ ئېشىۋاتاتتى. بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كىيىن، لىيۇ خوڭشىڭ ئاكتىپلىق بىلەن خۇالى تاماكا شىركىتىنىڭ مەسئۇلىنى ئىزدەپ، «مېيلى» ماركىسىنى ئۆزىنىڭ يېقىلغۇ مەھسۇلاتلىرىغا چاپلاپ تەشۋىقات قىلىپ قويۇشنى خالايدىغانلىقىنى،بۇ ئارقىلىق ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق گۈللىنىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.
بازار ئېچىشقا ئىزچىل ئامال قىلالمايۋاتقان خۇالى تاماكا شىركىتى ئويلىنىش ئارقىلىق بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىپتۇ. ئاخىرىدا، لىيۇ خوڭشېڭنىڭ داجۇڭخۇا شىركىتى خۇالى تاماكا شىركىتىدىن ناھايىتى كۆپ ئېلان ھەققىگە ئېرىشىپلا قالماستىن، ئىككى شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارىمۇ ھەسسىلەپ ئېشىپتۇ، بۇ ئارقىلىق ئۆز – ئارا «سەن تەرەققىي قىلساڭ، مەنمۇ پۇل تاپالايمەن» دېگەن سودا ئىدىيىسدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپتۇ.
سودا مەيدانلىرى گەرچە جەڭ مەيدانىغا ئوخشىسىمۇ، بىراق ھەقىقىي جەڭ مەيدانى ئەمەس، «سەن ئۆلسەڭ مەن تىرىلەتتىم» دەپ جان – جەھلى بىلەن ئېلىشىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۆز – ئارا پايدا يەتكۈزۈپ مەنپەئەتلىنىش بولسا ھەر ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق بولغان ئەڭ ياخشى تىجارەت شەكلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
جېجىياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ «سەن تەرەققىي قىلساڭ، مەن پۇل تاپالايمەن» دېگەن سودا ئىدىيىسى ئۇلارنىڭ تىجارىتىدە ھەرقايسى تەرەپلەرنى مەنپەئەتلەندۈرۈپ، ھەمىشە ئۇلارنى ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشىمايدىغان نۇقتىدىن سودا پۇرسىتىنى كۈزىتىش شارائىتىغا ئىگە قىلغان.كىچىك تىجارەتتىن ئۆي مۈلۈك تىجارىتىگىچە، ئاشخانا، تاللا بازارلىرى ئېچىشتىن توپ تارقىتىش تىجارىتىگىچە، جېجىياڭلىق سودىگەرلەر ھەممىسىنى ياخشى قىلالايدۇ، ئۇلارسۇغا ئوخشاش ھەرىكەتچان، ئىنكاسى ناھايىتى تىز.
جېجىياڭ جىنخۇا جىڭئەن چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى سېڭ تىيەنگاۋنىڭ تىجارەت قارىشىدا،ئۆز – ئارا پايدا يەتكۈزۈپ تىجارەت قىلىش شەكلى بولسا كارخانا تەرەققىياتىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان شەكىل. ئۆزى بىلەن رىقابەتلىشىدىغان كارخانىغا دۈچ كەلگەندە ،سېڭ تىيەنگاۋ ئەڭ چوڭ دەرىجىدە يول قويۇپ، ھەمكارلاشقان شېرىكى بىلەن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى پايدىنىڭ ئورتاق نوقتىسىنى تېپىپ چىقىدۇ.
ئۇ: «ئۆز –ئارا ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ كەمچىلىكىنى تۈگىتىش بىر ئاز پايدىنى كۆپ ئالغاندىن مىڭ ئەۋزەل، بۇنداقتا ئۆزىنىڭ كارخانىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپلا قالماستىن، يەنە كارخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ‹سەن تەرەققىي قىلساڭ، مەن پۇل تاپالايمەن›دىگەن تىجارەت ئىدىيىسىنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.»دىگەن.
جېجىياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ قارىشىچە، قايسى نوقتىدىن قارىشىدىن قەتئىينەزەر، «سەن ئۆلسەڭ مەن تىرىلەتتىم» دەيدىغان تىجارەت قارىشى كارخانىنىڭ ئوزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتىغا پايدىسىز، پەقەت ئۆز – ئارا پايدا يەتكۈزىدىغان تىجارەت قارىشىلا كارخانىنى ئوزۇن مەزگىل ئەمىن تاپقۇزالايدۇ. بولۇپمۇ سودا مەنپەئەتى مۇناسىۋىتىدە، «ئۆز – ئاراپايدا يەتكۈزۈش، بىر – بىرىنىڭ كەمچىلىكىنى تولۇقلاش» تېخىمۇ مۇھىم.
جېجىياڭلىقلارنىڭ بىر كەسىپكە جۇغلىشىپ ئورتاق تەرەققي قىلىدىغان ھالىتى مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن «ئورمان ئقتىسادىي» دەپ ئاتالغان، ئۇلار رىقابەتكە توغرا قارايدۇ، ھەمكارلىشىشقا ماھىر، ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن رىقابەتكە يۈزلىنىدۇ،قانۇنلۇق، مۇۋاپىق ھالدا رىقابەتتىن پايدا ئېلىشقا ماھىر. رىقابەتتە پەم بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئەۋزەللىكى ئارقىلىق ئۆز – ئارا تولۇقلاپ، ساغلام بازارنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
****يېڭىلىق ياراتقاندا تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ
نۇرغۇنلىغان سودىگەرلەرنىڭ قارىشىچە، باشقىلارنىڭ پۇل تېپىشىنى كۆرگەندە، ئۇلارغا ئەگىشىپ مېڭىش كېرەك؛ باشقىلار نېمە سېتىپ پۇل تاپسا، شۇنى سېتىش كېرەك؛ باشقىلار قانداق تۈرگە مەبلەغ سالسا، شۇ تۈرگە مەبلەغ سېلىش كېرەك؛ باشقىلار قانداق مۇلازىمەتنى تەمىنلىسە شۇ مۇلازىمەتنى تەمىنلەش كېرەك. ھالبۇكى جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ قارىشىچە، تەقلىد قىلىش گەرچە مۇھىم بولسىمۇ، بىراق ئۇ پەقەت بىر قەدەم خالاس،تەرەققىياتتا يەنىلا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىش كېرەك، پەقەت توختىماستىن يېڭى مەھسۇلات ۋە يېڭى تېخنىكىنى ئىشلەپ چىقارغاندىلا، كارخانا تېخىمۇ يىراققا بارالايدۇ، تېخىمۇ كۆپ پايدىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.
جېڭتەي گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى نەن سۈنخۇي:«يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىش بىر كارخانىنىڭ روھى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر بولۇشتىن باشقا يەنە ،مۇھىمى غەلبىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويۇشقا بولمايدۇ. بىزنىڭچە، تەجىرىبە يۈككە ئايلىنىپ قېلىشى، كارخانا چوڭايسا بىر خىل خەتەرگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.ئىلگىرى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ پۇت – قولى چۈشەكلىك ئىدى، بىز پۇت –قوللىرىمىزنى ئەركىن قويىۋېتىپ، سودىنى ئەركىن قىلىشىمىز كېرەك؛ ھازىر ئۇلارمۇ بۇ چۈشەكتىن قۇتۇلدى، جۇڭگو WTO غا -دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كىيىن، خەلقارادىكى نۇرغۇنلىغان چوڭ سودا گوروھلىرى ‹بۆرە› دەك يۇپۇرلۇپ كىرىپ كەلدى. ئەگەر ئىلگىرىكى كونا ئۇسۇل، كونا تەجىرىبە ۋە كونا شەكىللەرگە ئېسىلىۋالساق، ھازىر پۇت دەسسەپ تۇرۇشىمىز ناتايىن»دېگەن.
لى ۋوشېڭ بولسا جېجىياڭ ئۆلكىسى ۋېنجۇ شەھەرلىك كەييۈەن ئېلېكتىر ئېقىمى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، لى ۋوشېڭ كارخانا باشقۇرۋاتقان چاغدا ئىزچىل يېڭىلىق يارىتىشنى كارخانا تەرەققىياتىدىكى مۇھىم كۈچ قىلغان.
بىر قېتىم لى ۋوشېڭ جۇڭگو يۇقىرى بېسىملىق ئۈزچات مەخسۇس تېمىلىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.يىغىندا بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ۋە دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ – ئوتتۇرا ئۈزچات كارخانىلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن ئايلانما تور ئېلېكتىرى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشىنىڭ ئۆزىمىز تەتقىق قىلغان يۇقىرى بېسىملىق ئۈزچات ئەسۋابلىرى ۋە ئېلېكتىرلىق ئەسۋابلار كەسپىدىكى يادرولۇق كەسىپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ياخشى پۇرسەت دەپ قارىدى. بىراق ئۆزىمىز تەتقىققىلىش جەريانىدا تېخنىكا ۋە ماتېرىيالنىڭ قوللىشىغا ئېھتىياجلىق بولغاندىن سىرت،يەنە كۆپ مىقداردىكى مەبلەغقە ئېھتىياجلىق بولاتتۇق.
تىجارەت جەريانىدا زور مىقداردىكى مەبلەغقە ئېھتىياجلىق بولغانلىق سەۋەبىدىن، مەيداندىكى كارخانىلارنىڭ ھەممىسى ئارقىغا چكىنىشكە باشلايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە يېڭىلىق يارىتىش ناھايىتى خەتەرلىك ئىدى، ئۆزى يېڭىلىق يارىتىش بولسا تېخىمۇ خەتەرلىك ئەھۋالغا دۇچار قىلاتتى، ئەگەر مەغلۇب بولسىلا، يۇقىرى سوممىلىق تەتقىقات خىراجىتى بېكاردىن – بېكار ئىسىراپ بولاتتى. خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ يېڭىلىق يارىتىمىز دېگەندىن كۆرە، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى تىجارىتىنى قىلغان تۈزۈك ئىدى.
ھالبۇكى لى ۋوشېڭنىڭ قارىشىچە، بۇندىن كىيىنكى تەرەققىيات جەريانىدا، يېڭىلىق ياراتماسلىق كارخانىنىڭ رىقابەت كۈچىنى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىۋىتەتتى.
شۇنداق قىلىپ لى ۋوشېڭ: «مەن مەبلەغ سالاي! مەن قىلاي!» دېدى.
ئۇنىڭدىن كىيىن لى ۋوشېڭ مۇتەخەسسىسلەردىن: «ئۆزىمىز تەتقىق قىلىپ چىقساق قانچىلىك پۇل كېتىدۇ؟» دەپ سورايدۇ.
مۇتەخەسسىس:«ئۈچ مىليون، ئەمما يەتمەسلىكىمۇ مۇمكىن.» دەيدۇ.
ئەينى ۋاقىتتا لى ۋوشېڭنىڭ ئومۇمىي مەبلىغى 10 مىليونغا يەتمەيىتتى، بىراق ئۇ يەنىلا ئىككىلەنمەستىنلا قوشۇلدى.
لى ۋوشېڭ مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر ۋە تېخنىك خادىملارنى ئۆزىنىڭ شىركىتىگە تەكلىپ قىلىپ تەتقىقاتنى باشلىدى. ئۆزى ھەر ۋاقىت تېخنىك خادىملار بىلەن بىرگە بولۇپ،تەتقىقاتنىڭ يۈگۈزۈلۈشىگە دېققەت قىلدى. ئاخىرى، لى ۋوشېڭنىڭ تەتقىقاتى بۆسۈش خاراكتېلىك غەلبىگە ئېرىشتى. 1995 – يىلى 4 – ئايدا، شىئەن دۆلەتلىك يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر ئەسۋابلىرىنى سىناش مەركىزىدە كەييۈەن شىركىتى ئۆزى تەتقىق قىلىپ چىققان بېسىم تىپىدىكى مەنپىي ئىئونلۇق ئۈزچات بىلەن پۈتۈن يەر شارىدىكى سېتىلىش مىقدارى بىرىنچى بولغان ئىتالىيە VEIشىركىتىنىڭ مەھسۇلاتى ئوخشاش ۋاقىتتا تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى. يۆتكەلمە ئېلكتىر ئېقىمىدىن ئىبارەت بۇ تېخنىكىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، كەييۈەن مەھسۇلاتلىرى VEI دىن ئېشىپ كەتتى. ئۇنىڭ يېڭىلىق ياراتقانلىقى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ كارخانىسى ئىزچىل تەرەققىي قىلدى.
جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ سۈزى بويىچە بازار رىقابىتىنى مەھسۇلاتنىڭ رىقابىتى، تېخنىكىنىڭ رىقابىتى ۋە تالانتلىقلارنىڭ رىقابىتى دېسەك ۋە بۇ رىقابەتلەرنى جۇغلىساق، ھەممىسى يېڭىلىق يارىتىشتىكى رىقابەتتۇر. پەقەت جېجىياڭ سودىگەرلىرىدەك يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر بولغاندىلا، ئاندىن يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقارغىلى بولىدۇ. جېجىياڭ سودىگەرلىرى ئىزچىل يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيىسى بۇيىچە يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، پەقەت يېڭىلىق ياراتقاندىلا تالانتلىقلارنى ھەقىقىي تالانت ئىگىسىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. پەقەت يېڭىلىق ياراتقاندىلا كارخانىنى ھەقىقىي يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.
لى ۋوشېڭ:«يېڭىلىق يارىتىش خەتەرلىك، ئۆزى يېڭىلىق يارىتىش تېخىمۇ خەتەرلىك. بۇ ئەقىل –پاراسەتكە، جاسارەتكە مۇھتاج. تەتقىقاتچى خادىملاردىكى دۆلەت ھالقىپ تېخنىكا رىقابىتى قىلىدىغان روھ مەندىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ كېلىش مەنبەسى.» دېگەن.
ۋاڭ جىيەنپىڭ ۋېنجۇلۇق ئادەم، ئۇ 29 ياش ۋاقتىدا ۋېنجۇ خېڭفېڭ ئاياغچىلىق زاۋۇتىنى قۇرغان، ئۇنىڭ ئاياغچىلىق زاۋۇتىنىڭ ئىشقا كىرىشىشى ئۇنىڭ بىلەن ئاياغ ئوتتۇرىسىدىكى ھاياتلىق قىسمىتىنى پۈتۈۋەتكەن.
يېشى ئەللىكتىن ئاشىدىغان ۋاڭ جىيەنپىڭ ئىزچىل يېڭىلىق يارىتىشنى كارخانا تەرەققىياتىدىكى مۇھىم يول قىلغان. ئۇنىڭ كارخانىسى ئو نەچچە مېتىرلىق كىچىك كەپىدىن مەھسۇلاتلىرى دۇنيا بازىرىغا كىرگەن دۆلەت ھالقىغان شىركەتكە ئايلانغان؛ئىتالىيەنىڭ داڭلىق ئاياغ زاۋۇتىنى سېتىۋالغان، دۆلەت سىرتىدىكى بازارنى توغرا پەرەز قىلغان... ئۇنىڭ تۈرتكىلىك كۈچىنىڭ مەنبەسى دەل توختىماستىن تەرەققىي قىلىش،يېڭىلىق يارىتىش.
جېجىياڭدىكى بىر كارخانىچى مۇنداق دىگەن: «يېڭىلىق يارىتىش بىر خىل ئاكتىپ روھى ھالەت، بولۇپمۇ خەلق باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلارنىڭ پاي تۈزۈمىنىڭ تۈزۈلمسىدە تېخىمۇ شۇنداق. ئەسلىدە مەن يېڭىلىق ياراتقان، مېنىڭ دىگىنىم ھېساب ئىدى. بىراق ھازىر پايچېكلار سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، پايچېكلار ھەر خىل مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان بولدى، بۇمەسىلىلەرگە چوقۇم ئاكتىپ يۈزلىنىشىم كېرەك ئىدى. كارخانىنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا، بەزىدە ياخشى قىلالماي، سۈپەتتىن مەسىلە چىقىپ قالىدۇ. ئەگەر بۇنداق بېسىمنى كۆتۈرەلمىگەندە، كارخانىنىڭ نەتىجىسىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن روھى ھالەت ناھايىتى مۇھىم. ئۇنىڭدىن باشقا، يېڭىلىق يارىتىش كارخانىچىنىڭ داۋاملىق ئۆگىنىشىگە، ئۆگىنىش تىپىدىكى كوللىكتىپ قۇرۇپ چىقىشىغا باغلىق».
جېجىياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ قارىشىچە، يېڭىلىق يارىتىش دەل باشقىلارنىڭ مەغلۇبىيىتى ئاساسىدا يەكۈنلەپ چىققان تەجىرىبە. بۇ خىل تەجىرىبە ئېھتىمال ئازراق ئۆزگىرىشى مۇمكىن،ناھايىتى كىچىك ئۆزگىرىش بولۇشىمۇ مۇمكىن، بىراق بۇ خىل ئۆزگىرىش توختاپلا قالسا،ئۇنداقتا كارخانا نورمال تەرتىپتە تەرەققي قىلالمايدۇ.
******************************
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى:رەيھانگۈل نىزام
مەنبە:بېيجىڭ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋىرستىتى2013-يىلى 6-ئايدا نەشىر قىلغان خەنچە ‹‹ جېجاڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى››ناملىق كىتاب
2015-يىلى 4-ئاي