يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى تىكلەش كېرەك
ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى
5 - باب 10 - پارگىراف
بېيىش تەپەككۇرى:
نامراتلار: پەقەت پۇل تاپالساقلا باشقىلارغا ئەگىشىپ مېڭىش كېرەك. باشقىلار پۇل تاپالىغان ئىشنى بىزمۇ قىلىشىمىز كېرەك؛ باشقىلار نېمە ئىشلەپچىقىرىپ پۇل تاپسا بىزمۇ شۇنى ئىشلەپچىقىرىشىمىز كېرەك؛ باشقىلار خېرىدارلارنى قانداق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىسە بىزمۇ شۇنداق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك، شۇنداق قىلساقمۇ ئوخشاشلا پۇل تاپقىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ؟
ۋېنجۇلۇقلار: تەقلىد قىلىش -ئىشنىڭ باشلانمىسى بولۇپ، تەرەققىياتتا چۇقۇم يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىش كېرەك، توختىماستىن يېڭى مەھسۇلات ۋە تېخنىكىلارنى بارلىققا كەلتۈرگەندە، كارخانا ئاندىن ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتقا ئېرىشىپ تېخىمۇ كۆپ بايلىق يارىتالايدۇ.
كارخانا بازار رىقابىتىدە يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرماقچى بولسا، يېڭىلىق يارىتىش ناھايىتى مۇھىم.چۈنكى
بازار ئىقتىسادىدىكى رىقابەت، نەق گەپنى قىلغاندا مەھسۇلاتنىڭ رىقابىتى، تېخنىكىنىڭ رىقابىتى، ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ رىقابىتى، بۇ رىقابەتلەرنى بىر يەرگە جۇغلىغاندا دەل يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى رىقابەتتۇر، پەقەت يېڭىلىق يارىتىش بولغاندا ئاندىن يېڭى مەھسۇلاتلار بولىدۇ، پەقەت يېڭىلىق يارىتىش بولغاندا ئاندىن يېڭى تېخنىكا بولىدۇ، پەقەت يېڭىلىق يارىتىشلا ئىختىساس ئىگىلىرىنى ھەقىقىي تاللاپ چىقالايدۇ، ھەمدە پەقەت يېڭىلىق يارىتىشلا كارخانىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.
ۋېنجۇ شەھەرلىك كەييۈەن ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى بىر ئادەتتىكى كارخانا. بىراق
بۇ كارخانا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان.
1993-يىلى ۋېنجۇلۇق سودىگەر لى يۆشېڭ بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە جۇڭگو يۇقىرى بېسىملىق ئۈزچات كەسپىدىكىلەرنىڭ مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنىنى ياندىن ئاڭلايدۇ. يىغىندا، مۇتەخەسسىسلەر ۋە دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ-ئوتتۇرا تىپلىق ئۈزچات كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىردەك << دۆلەتنىڭ تورلاشقان
ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈشنى تېزلىتىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇش، مۇستەقىل ھالدا يۇقىرى بېسىملىق ئۈزچات ئەسلىھەلىرىنى تەتقىق قىلىپ چىقىش، ئېلېكتىر كۈچى كەسپىدىكى يادرولۇق كەسپلەرنى گۈللەندۈرۈش كېرەك >> دەپ قارايدۇ.
بىراق ، مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ چىقىش تېخنىكا، ماتېرىيال جەھەتتە كاپالەت بولۇشنى تەقەززا قىلىدىغان بولۇپ ، مەبلەغ جەھەتتە كۆپ مىقداردىكى قوللاش بولۇشى كېرەك ئىدى. زور مىقداردىكى تەتقىقات خىراجىتىگە نىسبەتەن، نەق مەيداندىكى كارخانىلار ئارقىغا چېكىنىدۇ. چۈنكى بۇ تۈردە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ خەتىرى باربولۇپ ، مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش تېخىمۇ چوڭ خەتەر ئېلىپ كېلەتتى، مەغلۇب بولغاندا زور مىقداردىكى تەتقىقات مەبلىغى كۆپۈككە ئايلىنىشى مۇمكىن ئىدى.
بۇ ۋاقتتا لى يۆشېڭ ئورنىدىن تۇرۇپ: «مەن مەبلەغ سالىمەن، بۇ ئىشنى مەن قىلىمەن!» دەيدۇ.
لى يۆشېڭ مۇتەخەسسىسلەردىن مەسلىھەت سوراپ: «مۇستەقىل تەتقىقاتقا تەخمىنەن قانچە پۇل كېتىدۇ؟» دەيدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر جاۋاب بېرىپ: «ئۈچ مىليون يۈەن، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ناتايىن.» دەيدۇ.
ئەينى ۋاقتتا لى يۆشېڭنىڭ مەبلىغى 10 مىليون يۈەنگە بارمايىتتى، بىراق ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن كەسپ ئەھلىلىرى ۋە تېخنىك خادىملارنى ئۆزىنىڭ سودا شىركىتىدە تەتقىقىقات ئېلىپ بېرىشقا تەكلىپ
قىلىدۇ.
لى يۆشېڭ ھەر كۈنى مۇتەخەسسىسلەرگە ھەمراھ بولۇپ، تەتقىقاتنىڭ يۈرگۈزۈلۈش ئەھۋالىنى كۈزىتىدۇ.
بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنىڭ نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ، بىراق لى يۆشېڭ بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق دەيدۇ : «ئادەم دائىم بۇرنىنىڭ ئۇچىنى كۆرمەسلىك كېرەك، پۇقراۋى كارخانا ئاۋال دۆلىتىمىزنىڭ كارخانىسى، ئەگەر بۇ تەتقىقات ئوڭۇشلۇق بولسا ، مېنىڭ قانچە پۇل تېپىشىم مۇھىم ئەمەس،كەسپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇھىم ئىش. ئوڭۇشلۇق بولمىسا ، مەن يېڭىدىن باشلىسام، يەنە ئېلېكتىر ئەسلىھەلەرنى ساتسام بولىدۇ.»
1994-يىلى 10-ئايدا، مۇستەقىل تەتقىق قىلىنغان تۇنجى ئۈزچات شىئەن يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرىنى سىناش ئورنىغا سىناش ئۈچۈن ئاپىرىپ بېرىلىدۇ.
بىې كۈنى يېرىم كېچىدە، لى يۆشېڭ شىئەن پەن-تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى خۇاڭ ئىنژېنىرنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرىۋالىدۇ: «لى دىرېكتور، تۈگەشتۇق! سىناق نۇسخا ئاساسلىق سانلىق مەلۇماتلارنى سىناۋاتقاندا پارتىلاپ كەتتى! مەبلىغىمىز يوق بولدى!» خۇاڭ ئىنژېنىر ناھايىتى جىددىلىشىپ كەتكەن ئىدى، ئۇ يەنە
پەن-تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى خادىملارنىڭ ناھايىتى قايغۇلۇق ھالدا ئىكەنلىكىنى، بەزىلىرىنىڭ يوتقانغا كىرىۋېلىپ يىغلاۋاتقانلىقىنى ئېيىتىدۇ.
لى يۆشېڭ بىردىنلا ئازابلىنىدۇ. بىراق ئۇ دەرھال ئۆزىنى بېسىۋېلىپ خۇاڭ ئىنژېنىرغا تەسەللىي بېرىپ: «نېمىگە يىغلايسەن! ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، ھاراق ئىچكىلى بارىمىز! ئەتە قايتا باشلايمىز! مەن ۋەيران بولۇپ كەتسەممۇ بۇنى باشقا ئېلىپ چىقماي قويمايمەن!» دەيدۇ.
ئىككىنچى كۈنى، لى يۆشېڭ شىئەنگە تەتقىقات مەبلىغى ئۈچۈن 500 مىڭ يۈەن سالىدۇ.
«يېڭىلىق يارىتشنىڭ خەتىرى بار، مۇستەقىل تەتقىقاتىڭ خەتىرى تېخىمۇ چوڭ. بۇ ئەقلىيلىككە،
شىجائەتكە موھتاج. تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر بىلەن تېخنىكا تالاشقىدەك روھ مېنىڭ تۈرتكىلىك كۈچۈم .» دەيدۇ لى يۆشېڭ.
1995-يىلى 4-ئايدا، شىئەن دۆلەتلىك يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرىنى سىناش مەركىزىدە كەييۈەن شىركىتى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ چىققان ئۈزچات بىلەن دۇنيادىكى سېتىش مىقدارى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىتالىيە VEI شىركىتىنىڭ ئۈزچاتى ئوخشاش ۋاقتتا سىناق قىلىنىشقا باشلايدۇ. ئېلېكتىر ئېقىمىنى يۆتكەشتىن ئىبارەت بۇ تېخنىكا سانلىق مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا، كەييۈەن شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتى قارىشى تەرەپنىڭكىدىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن ئىدى.
كەييۈەن غەلبە قىلدى! شۇنىڭدىن باشلاپ دۆلەت ئىچىدىكى 100 دىن ئارتۇق كارخانا بۇ تېخنىكىنى سېتىۋېلىپ ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بارىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، كەييۈەن ئاللىقاچان ئوتتۇرا شەكىللىك ئۈزگۈچ قاتارلىق كۆپ خىل يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ چىقتى، لى يۆشېڭ پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئاساسلىق مۇستەقىل تەتقىقاتقا تايىنىمىز، ھازىر ئاللىقاچان تۆت چوڭ تۈردىكى 31 خىل مەھسۇلاتىمىز دۆلەتنىڭ بەش خىل پاتنېت ھوقۇقىغا
ئېرىشتى. نۇرغۇن مەھسۇلاتىمىز دۆلەتلىك ئىقتىساد-سودا كومىتېتى، دۆلەت ئېلېكتىر كۈچى شىركىتى تەرىپىدىن مەملىكەتلىك شەھەر-يېزا ئېلېكتىر تورىغا كىرگۈزۈلۈپ، يېزا ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى ۋە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدىكى تەۋسىيە مەھسۇلات بولۇپ باھالاندى. بىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىمىز ئىمپورت مەھسۇلاتلارنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىپ، تېخنىكا كېڭەيتىش ئارقىلىق كەسپنى يېتەكلەپ چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ مونوپوللۇق ئورنىنى بۇزۇپ تاشلىدى. ۋېنجۇدىكى پۇقراۋى كارخانىچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دۆلىتىمىزنىڭ مۇستەقىل تەتقىقاتى ئۈچۈن ئازراق ئىش قىلىپ بېرىش مەن ئۈچۈن خۇشاللىق!»
بىر كارخانىدا يادرولۇق رىقابەت كۈچى بولمىسا، چوڭ شىركەتكە ئايلىنىش مۇمكىنچىلىكى يوق. يادرولۇق رىقابەت كۈچى دەل مۇستەقىل تەتقىقاتتىن كېلىدۇ. جېڭتەي گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى نەن سۈنخۇي مۇنداق دەيدۇ: «بىر كارخانىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىش ناھايىتى مۇھىم. سىزدە يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر بولۇش روھى بولغاندىن سىرت، تېخىمۇ مۇھىمى سىزدە يەنە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا جۈرئەت قىلىش روھى بولىشى كېرەك.بىز تەجرىبىنىڭ كارخانىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىگە ئايلىنىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكىنى چەت قاقمايمىز، كارخانا چوڭايسىمۇ ئېھتىمال يېڭىچە خەتەرگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ئىلگىرى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ پۇت-قولى چۈشەكلىك ئىدى، سىز ئەمدى پۇت-قولىڭىزنى سۇنۇپ ياخشىراق قىلىشنى ئويلاشسىڭىز بولىدۇ؛ ھازىر ئۇلارمۇ چۈشەكتىن قۇتۇلدى، جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن < بۆرە> مۇ تەڭ كەلدى، سىز بۇرۇنقى كونا، قالاق ئۇسۇل ۋە تەجرىبىڭىزگە تايىنىپ ھېچ ئىش قىلالمايسىز، شۇڭا چوقۇم يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىش، ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىش كېرەك، بۇنداق كارخانىلار چوقۇم تەرەققىي قىلالايدۇ.»
1999-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، دۆلىتىمىزدە ئاللىقاچان مۇۋەپپەقىيەت قازانغان نەن سۈنخۇي كىرىمنىي جىلغىسىغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇ ناھايىتى مەمنۇنىيەت بىلەن مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇ قېتىم ئامېرىكىدا 100 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندىكى 1800 دىن كۆپ كارخانا قاتناشقان (99 خەلقئارالىق ئېلېكتىر تېخنىكىسى كۆرگەزمىسى) گە قاتنىشىپ، بىزنىڭ پەرقىمىزنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. جېڭتەيلا ئەمەس، دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان داڭلىق كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ پەرقى ناھايىتى چوڭ ئىكەن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تۆۋەن بېسىملىق ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى بىر قېتىملىق ئىنقىلابقا دۇچ كەلمەكتە، ئەگەر تېخنىكا جەھەتتە يېڭىلىق ياراتمىساق، ئۆزىمىزنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرىمىزنى ئىشلەپچىقارمىساق چوقۇم شاللىنىپ كېتىمىز.»
نەن سۈنخۇي ھەر بىر ئادەمنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «كۆزنى چوڭ ئېچىپ دۇنياغا قاراش كېرەك!»
جېڭتەي بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن يۈكسىلىۋاتقاندا، نەن سۈنخۇي جېڭتەينىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: مېنىڭچە ھۆرمەت بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ ئادەم، ئىش، دوست، رىقابەتچى، بىلىمگە نىسبەتەن ھۆرمەت بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئەمەلىيەتە، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە بولغان ھۆرمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككىنچى ئۆگىنىش. بۇ باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆگىنىش، مەڭگۈ كەمتەر ھالەتتە بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئۈچىنچى خاتىرجەملىك. بۇ مېنىڭ پوزىتسىيەمنىڭ ئىزچىل تىنچ ھالەتنى ساقلىشىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئىش قىلىشقا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم. ئەڭ ئاخىرقىسى يېڭىلىق يارىتىش. بۇ توختىماستىن ئۆزىنى ۋە ئۆتمۈشتىكى نەتىجىنى ئىنكار قىلىشنى كۆرسىتىدۇ، پەقەت شۇنداق ئىختىساس ئىگىسىلا تەرەققىي قىلالايدۇ، پەقەت شۇنداق كارخانىلار ئالغا باسالايدۇ. مەن بۇلاردىن مۇنداق بىر مەزمۇننى خۇلاسىلەپ چىقتىم:
ھۆرمەت، ئۆگىنىش، خاتىرجەملىك ۋە يېڭىلىق يارىتىش.»
ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس ئويى بار، بىراق قانداق قىلىش ناھايىتى مۇھىم .تەپەككۇر چىقىش يولىنى بەلگىلەيدۇ، دائىملىق تەپەككۇر پەقەتلا كارخانىنى ھايات قالدۇرۇپ خەتەردىن ساقلايدۇ، بىراق يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى كارخانىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ تېخىمۇ كۆپ بايلىققا ئېرىشتۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش تەس ئەمەس، خۇددى تيەنجېڭ گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى گاۋ تيەنلې ئېيىتقاندەك: «ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش بىر خىل ئۆزگىرىش، بۇ ئۆزگىرىش ئېھتىمال ئازلا بولۇشى مۇمكىن، ئېھتىمال ناھايىتى كىچىك بولۇشىمۇ مۇمكىن، بىراق يېڭىلىق يارىتىش توختاپلا قالسا بۇ كارخانا داۋاملىق تەرەققىي قىلالمايدۇ. يېڭىلىق يارىتىش بىر خىل ئاكتىپ پوزىتسىيە، بولۇپمۇ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پاي تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىش جەھەتتە، ئەسلىدە مەن ئىگىلىك تىكلىگەچكە، مېنىڭ دېگىنىم ھېساب ئىدى، ھازىر پايچىكلارنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، پايچىكلار ھەر خىل مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، بۇلارغا چوقۇم ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن يۈزلىنىش كېرەك. كارخانا تەرەققىياتى جەريانىدا، بەزىدە خىزمەتچىلەر چارچاپ قالسا سۈپەت مەسىلىسى يۈز بېرىدۇ، ئەگەر بۇ خىل بېسىمنى قوبۇل قىلالمىساق، كارخانىمۇ چېكىنىشكە باشلايدۇ. شۇڭا پوزىتسىيە ناھايىتى مۇھىم. ئۇنىڭدىن باشقا، يېڭىلىق يارىتىش كارخانىچىدىن داۋاملىق ئۆگىنىش، كارخانا خىزمەتچىلىرىنى
ئۆگىنىش ساپاسىغا ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ».
ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:
ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس ئويى بار، بىراق قانداق قىلىش ناھايىتى مۇھىم، تەپەككۇر چىقىش يولىنى بەلگىلەيدۇ، دائىملىق تەپەككۇر پەقەتلا كارخانىنى ھايات قالدۇرۇپ خەتەردىن ساقلايدۇ، بىراق يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى كارخانىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ تېخىمۇ كۆپ بايلىققا ئېرىشتۈرىدۇ. پەقەت ۋاقتى ئۆتكەن تەپەككۇر بولىدۇ، ۋاقتى ئۆتكەن بازار بولمايدۇ.
-جۈنياۋ گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ جۈنياۋ
ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش بىر خىل ئۆزگىرىش، بۇ ئۆزگىرىش ئېھتىمال ئازلا بولۇشى مۇمكىن، ئېھتىمال ناھايىتى كىچىك بولۇشىمۇ مۇمكىن، بىراق يېڭىلىق يارىتىش توختاپلا قالسا بۇ كارخانا داۋاملىق تەرەققىي قىلالمايدۇ.
-تيەنجېڭ گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى گاۋ تيەنلې
مەنبە: 时事出版社 نەشىر قىلغان
<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب
2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى