كارخانا مەدەنىيىتىدە «ئالتە بولۇش»
كارخانا مەدەنىيىتى كونكرېت نەرسە بولۇپ ئىنتىلىش بولۇش، بەلگە بولۇش، پائالىيەت بولۇش،ھېكايە بولۇش، ماركا بولۇشتىن ئىبارەت «ئالتە بولۇش» ئارقىلىق ئۇنى نامايان قىلىشقا بولىدۇ.
كارخانا مەدەنىيىتى بولسا كارخانىنىڭ ئەمەلىيەت جەريانىدا تەدرىجىي شەكىللەندۈرگەن ، پۈتۈن خىزمەتچىلەر ئېتىراپ قىلىدىغان ۋە رىئايە قىلىدىغان قىممەت قارىشى،تىجارەت مىزانى،تىجارەت ئىستىلى، كارخانا روھى، ئەخلاق مىزانى ۋە تەرەققىيات نىشانى قاتارلىقلارنىڭ يىغىندىسى. كارخانا مەدەنىيىتى كونكرېت نەرسە بولۇپ ئۇنى ئالتەبولۇش ئارقىلىق نامايان قىلىشقا بولىدۇ.
1. ئىنتىلىش بولۇش. ئىنتىلىش بولغاندىلا روھنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ. ئىنتىلىش بولسا كارخانائۈچۈن ئېيىتقاندا قانداق كارخانا قۇرۇش،قانداق قوشۇن تەربىيىلەش ئۈچۈن تۈزۈلگەن نىشاندىن ئىبارەت بولۇپ ئۇ كارخانىنىڭ قىممەت ئىدىيىسىنى ، تەرەققىيات نىشانىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. كارخانىنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ ئېڭىنى نامايان قىلىدۇ.كارخانىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان ئىنتىلىش نىشانى كارخانىغا غايەت زورھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بېغىشلايدۇ. ئەمەلىي تۇرمۇشتا بەزى كارخانىلار دەسلەپتە گەرچە كۆلىمى كىچىك بولسىمۇ ئەمما قەدەممۇقەدەم تەرەققىي قىلىپ زورىيالايدۇ، ئاخىرىدا چوڭ كارخانىغا ئايلىنالايدۇ. بۇكارخانىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان نىشاننىڭ تۇرغۇزۇلۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
2. بەلگىسى بولۇش. بەلگە بولغاندا كىشىلەرنىڭ بايقىشىغا سازاۋەر بولغىلى بولىدۇ. كارخانابەلگىسى بولسا كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ تاشقى جەھەتتىكى مەركەزلىك ئىپادىسى، بىركارخانىنى يەنە بىر كارخانىدىن پەرقلەندۈرىدىغان ئوبرازلىق بەلگە. كىشىلەر ھەمىشەئاۋۋال بەلگە ئارقىلىق بىر كارخانىنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشىدۇ. شۇ سەۋەبتىن كارخانامەدەنىيىتىدە چوقۇم كارخانىنىڭ ئۆز بەلگىسى بولۇش زۆرۈر. ياخشى بەلگە كارخانامەدەنىيىتىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بەلگە قانچىكى ئىخچام،ۋە مەدەنىيەت تۈسىگە ئىگە بولسا ئادەمگە شۇنچىكى تەسىر قىلىدۇ، تونۇشقا ۋەئەستە تۇتۇشقا شۇنچىكى ئاسان بولىدۇ.
3. پائالىيەت بولۇش. پائالىيەت بولغاندا ئاندىن كىشىنى شاتلاندۇرغىلى بولىدۇ. پائالىيەت كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ ئۈنۈملۈك تارقاتقۇچىسى. بىر كارخانىدا ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەدەنىيەت-سەنئەتپائالىيىتى ،تەنتەربىيە پائالىيىتى، كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى، زېھىن سىناش پائالىيىتى دېگەندەك رەڭدار مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر دائىم ئۇيۇشتۇرۇلۇپ تۇرغاندىلا ، ئاندىن خىزمەتچىلەرنىڭ قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدەقوزغاتقىلى بولىدۇ. خىزمەتچىلەرگە خۇشاللىق ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە كارخانىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بەزى كارخانىلارداسەنئەت ئەترىتى، تەنتەربىيە ئەترىتى قاتارلىقلار بار بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە رادىئو-تېلېۋىزىيە، تور مۇلازىمىتى،كارخانا گېزىتى، كارخانا ژۇرنىلى قاتارلىقلار بار بولۇپ ،دائىم «ئون ياخشى خىزمەتچى»،«ئون ياخشى مىسال»، «ئون ياخشى مۇلازىمەت»،«ئون تەسىرلىك دەقىقە» دېگەندەك باھالاش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ تۇرىدۇ. دەل مۇشۇنداق پائالىيەت ۋاستىلىرى بولغاچقا ، كارخانا مەدەنىيىتىنى جانلىق نامايان قىلالايدۇ.
4. ھېكايە بولۇش. ھېكايە بولغاندا ، باشقىلارنى تەسىرلەندۈرگىلى بولىدۇ. نەزەرىيىۋى نەرسە پەقەت ئاممىبابلاشقان ھېكايە ئارقىلىقلا كىشىنى جەلپ قىلالايدۇ. چوڭقۇر مەزمۇنلار ئاددىي چۈشەندۈرۈشلەر ئارقىلىق كىشىلەرنى قايىل قىلىدۇ. يولداش ماۋزېدۇڭ «يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشى» دېگەن ھېكايىنى سۆزلەش ئارقىلىق مىلىيونلىغان ئاممىنى بوشاشماي كۆرەش قىلىپ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىملىقىنى بىلدۈرگەن. شۇڭا كارخانىنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشنى كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ھېكايەئارقىلىق بايان قىلىش كېرەك. مەزكۇر جاينىڭ تارىخ مەدەنىيىتى ۋە كارخانىنىڭئەمەلىي ئەھۋالى بىلەن بىر گەۋدىلەشكەن ھېكايىلەر تارىخي چوڭقۇرلۇقى ۋە رېئال چىنلىق سېزىمى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ تونۇشىغا ئېرىشىدۇ.
5. تىپ بولۇش. تىپ بولغاندا كىشىنى قايىل قىلغىلى بولىدۇ . ئۈلگىنىڭ كۈچى چەكسىز، تىپنىڭ قايىل قىلىش كۈچى ئەڭ زور، تىپنى كارخانىدىكى«چىراغ» ۋە «ئوت» دېيىشكە بولىدۇ.«چىراغ» يولنى يورۇتىدۇ،«ئوت»ئادەمنى ئىللىتىدۇ. ياخشى تىپنى تۇرغۇزۇش ئارقىلىق خىزمەتچىلەرگە ئۆگىنىدىغان ئۈلگە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭا تىپ تۇرغۇزۇشنى كارخانا مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ كارخانا تەشەببۇسقىلغان قىممەت ئىدىيىسىنى نامايان قىلىپ خىزمەتچىلەرنى نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا ،ئىشەنچنى مۇستەھكەملەپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىنتىلىشكە يېتەكلەيدۇ، ھەمدەخىزمەتچىلەرنىڭ ئىجادچانلىق كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ كارخانا تەرەققىياتى ئۈچۈن چارە-تەدبىر كۆرسىتىدۇ.
تەييارلىغۇچى: شىنجاڭ نۇرفان خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
مەنزىل : باغداش تورى