نامراتلار كىچىك ئىشلارغا نەزىرىنى ئاغدۇرىدۇ،بايلار ئومۇمىي ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ تەپەككۇر قىلىدۇ
نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ
( بىرىنچى كىتاپ )
بەشىنچى باپ
ئۇسۇلدىكى ئوخشىماسلىق: نامراتلار كىچىك ئىشلارغا
نەزىرىنى ئاغدۇرىدۇ، بايلار چوڭ ئىشلارنى ئويلايدۇ
5-باپ 1-پارىگىراپ
نامراتلار كىچىك ئىشلارغا نەزىرىنى ئاغدۇرىدۇ،بايلار ئومۇمىي ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ تەپەككۇر قىلىدۇ
كۆپچىلىك ئېھتىمال مۇنداق بىر يۇمۇرنى ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن:
ئامېرىكىلىق، فرانسىيەلىك ۋە يەھۇدىي ئۈچەيلەن بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپتۇ، تۈرمىگە كىرىشتىن بۇرۇن سوتچى ئۇلارنىڭ بىردىن تەلپىنى قاندۇرماقچى بوپتۇ.
سىگارتنى ناھايىتى ياخشى كۆردىغان ئامېرىكىلىق ئويلىمىغان يەردىن بەش ساندۇق سىگارت تەلەپ قىپتۇ. رومانتىك تۇرمۇشنى قوغلىشىدىغان فرانسىيەلىك بىر گۈزەل قىزنىڭ ئۆزىگە ھەمرا بولۇشىنى تەلەپ قىپتۇ. يەھۇدىي ئوبدان ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن سىرتقى دۇنيا بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرالايدىغان بىر دانە كومپيۇتېر تەلەپ قىپتۇ.
بەش يىل توشۇپ سىگارتنى تاللىغان ئامېرىكىلىق بىرىنچى بولۇپ تۈرمىدىن چىقىپتۇ، ئۇنىڭ ئېغىز، قۇلاق ۋە بۇرۇنلىرىغا سىگارت توشۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ ئالدىرىغىنىچە ئۆزىنى ئالغىلى كەلگەن تۇغقانلىرىغا ۋارقىراپ: «ماڭا چاقماق بېرىڭلار، چاقماق بېرىڭلار!»دەپتۇ. ئەسلىدە ئۇ ئەينى ۋاقىتتا پەقەت سىگارتقىلا كۆڭۈل بۆلۈپ، سىگارتقا ئوت ياقىدىغان چاقماقنى ئۇنتۇپ قالغان ئىكەن.
ئىككىنچى بولۇپ تۈرمىدىن چىققىنى فرانسىيەلىك ئىكەن، ئۇ قولىدا يىغلاۋاتقان بىر بوۋاقنى كۆتۈرۋالغان بولۇپ، بوۋاق بىردەم ئۇنى، بىردەم بۇنى دەپ چىرماشلىق قىلىۋاتاتتى.ئېغىر بوي خوتۇنى بىر قولىدا فرانسىيەلىككە يۆلىنىپ، يەنە بىر قولىدا بىر بالىنى يىتىلىۋالغان ئىدى.
كومپيۇتېرنى تاللىغان يەھۇدىي تۈرمىدىن ئەڭ ئاخىرىدا چىقىپتۇ، ئۇ سوتچىنىڭ قولىنى مىننەتدارلىق بىلەن سىقىپ تۇرۇپ: «بۇ بەش يىلدىن بۇيان مەن ئىزچىل سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقەمنى ساقلاپ كەلدىم، مېنىڭ سودام تۈرمىگە كىرىشىم سەۋەبلىك توختاپ قالمىدى،ئەكسىچە بارغانسىرى ياخشى بولۇپ كەتتى. سىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى شەپقىتىڭىزگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، مەن ھازىر سىزنىڭ بىر تەلپىڭىزنى قاندۇرىمەن، لاۋرېنىس ماشىنابولسىمۇ سىزگە ھەدىيە قىلىمەن.» دەپتۇ.
كۆپچىلىك بۇنىڭدىن ھوزۇرلىنىپ بولغاندىن كىيىن چوقۇم بىر ئاز ئىلھامغا ئىگە بولدى.ئامېرىكىلىك سىگارتنى خىيال قىلىپ، ئۇنى ياندۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان چاقماقنى ئۇنتۇپ قالغان، شۇنىڭ ئۈچۈن بەش يىل جەريانىدا پەقەتلا سىگارتقا قاراپ خۇشاللىق تاپقان؛فرانسىيەلىك ۋاقىتلىق خۇشاللىقنى دەپ نۇرغۇن بالىلىق بولۇپ، ئىسمى – جىسمىغا لايىق«قېرى دادا» غا ئايلانغان؛ يەھۇدىي سىرتقى دۇنيا بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇردىغان كومپيۇتېرنى تاللاپ، گەرچە ھەركىتى چەكلىمىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق نەزەر –دائىرىسى چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان.
ئۈچ خىل ئوخشىمىغان تاللاش ئوخشىمىغان ئۈچ خىل تۇرمۇش پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىگەن. ئامېرىكىلىق بىلەن فرانسىيەلىك پەقەتلا كۆزئالدىدىكى ئېھتىياجىنى ئويلىغاچقا، ناھايىتى بىمەنە تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان،نەتىجىدە ئۆزىنى ھەممىلا يەردە چەكلىمىگە ئۇچراتقان. ئەكسىچە يەھۇدىي ئومۇملۇقنى كۆزدە تۇتۇپ، پۈتكۈل ۋەزىيەتكە ئاساسەن تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ ئۆزى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بايلىق ياراتقان.
بۇمۇ دەل نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ پەرقى. نامراتلار پەقەت كىچىك ئىشلارغىلا دىققەت قىلىپ ئۆزىنىڭ كىچىككىنە مەنپەئەتىنى ئويلايدۇ، بايلار بولسا ئومۇمىي ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ تەپەككۇر قىلىدۇ.
ئامېرىكا سودا ساھەسىدە مۇنداق بىر ھېكىمەتلىك سۆز بار: «نامراتلار بۈگۈننى، بايلار ئەتىنى ئويلايدۇ.» بايلار ئەقىللىق كېلىدۇ، ئۇلار ئومۇمىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ ئويلايدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ئاساسەن تەپەككۇر قىلىپ ئۆزىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرىدۇ، ئومۇميۈزلۈك غەلبىگە ئېرىشىدۇ.
خاربىن گورۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لىيۇ يىندۇەن دەل مۇشۇنداق ئومۇملۇقنى كۆزدە تۇتۇپ تەپەككۇر قىلىدىغان ئادەم.
1992 – يىلى لىيۇ يىندۇەن قىسىمدىن كەسىپ ئالماشتۇرۇپ سودا قىلىشقا كىرىشىپ، باڭيىڭ كىيىمچىلىك شىركىتىنى قۇرۇپ چىققان.
كۆپ يىللىق تىرىشىش ئارقىلىق، لىيۇ يىندۇەن قول ئاستىدىكىلەرگە يىتەكچىلىك قىلىپ بىر يەككە شىركەتنى 11 تارماق شىركىتى، سەككىز مىلياردتىن كۆپرەك مەبلىغى بولغان، تىجارىتى كۆپ خىللاشقان ھازىرقى زامان پاي تۈزۈمىدىكى كارخانا گورۇھىغا ئايلاندۇرغان.شىركەت خاربىن، چېچىخار، بېيجىڭ، دالىيەن، شاڭگاڭ ۋە فرانكىفورت قاتارلىق جايلارغا تارقىلىپ، كەسىپلىرى قۇرۇلۇش بېزەكچىلىكى، ئۆي – مۈلۈك ، سۇ قۇرۇلۇشى، يول ياساش قاتارلىق ساھەلەر ۋە يۇقىرى پەن – تېخنىكا كەسىپلىرى، ئاممىۋى ئەسلىھەلەر قاتارلىق ساھەلەرگە كېڭەيگەن.
لىيۇ يىندۇەن سودا قىلىپ ئىگىلىك تىكلەشنى باشلىغاندىن بۇيان، ئىزچىل نەزىرىنى يىراقلارغا تىكىپ ئومۇمىي ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ تەپەككۇر يۈگۈزۈشتە چىڭ تۇرغان. ئۇ جۇڭگو يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كىيىن ئىقتىسادنىڭ بىر گەۋدىلىشىش ۋە تور ئۇچۇرلىشىش قەدىمى تىزلىشىدۇ، كارخانا ئەگەر يۇقىرى پەن – تېخنىكىلىق كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرمىسا، ئۇنداقتا تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى يوقىتىدۇ دەپ قارىغان. شۇنداق قىلىپ ئۇ «پەن – تېخنىكىدا كۈچلۈك كارخانا بولۇش» نى كارخانا تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئىستىراتىگىيە قىلىپ، تەتقىقات ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دالىيەن سانائەت ئۇنىۋېرسىتىتى بىلەن بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىش، ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات بىر گەۋدە قىلىنغان يېڭى تىپتىكى ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىپ – ئېچىش مەركىزىنى قۇرغان، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق شەكلى بولسا كارخانا مەبلەغ ۋە ئورۇن بىلەن تەمىنلىگەن، مەكتەپ ئادەم كۈچى ۋە تېخنىكا چىقارغان. بۇ تەدبىر يۇقىرى پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ بازارلىشىش قەدىمىنى تىزلىتىپلا قالماستىن، يەنە باڭيىڭ گورۇھىنى يېڭى تىپتىكى ماتېرىيال، يېڭى تېخنىكا ئاساس قىلىنغان خەلق باشقۇرۇشىدىكى كارخانىغا ئايلاندۇرغان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لىيۇ يىندۇەن كارخانىنى چوڭ ھەم كۈچلۈك قىلىشتا چوقۇم خەلقئارالىق مۇھىت ئامىلىنى ئويلىشىش لازىملىقىنى تونۇپ يەتكەن ،شۇڭلاشقا ئۇ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خەلق باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن قوللاش سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ ئاكتىپلىق بىلەن سودا شىركىتى قۇرغان، ھەمدە ئىمپورت – ئېكىسپورت ھوقۇقىنى ئىلتىماس قىلىپ زور كۈچ بىلەن دۆلەت سىرتىدىن مەبلەغ ۋە تۈر كىرگۈزۈشكە باشلىغان.
1998 –يىلنىڭ بېشىدا، لىيۇ يىندۇەن ئاكتىپلىق بىلەن 30 مىليون مارك مەبلەغ سېلىپ ئامېرىكا GSI شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، گېرمانىيەنىڭ فرانكفورت شەھىرىدە جىياشىڭ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنى قۇرغان، بۇ قېتىمقى ھەمكارلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى باسما گۈللۈك توقۇلما ھۈنەر –سەنئىتىنى دۇنيانىڭ ئىلغار پەن – تېخنىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار پۈتۈن دۇنيادىكى 20 دىن كۆپرەك دۆلەت ۋە رايونلارغا سېتىلغان.
2000 –يىلى، لىيۇ يىندۇەن يەنە مائەيجېن قاتارلىق بىر تۈركۈم تەيۋەنلىك ئايال كارخانىچىلارنى چوڭ قۇرۇقلۇققا كېلىپ سودا ئىشلىرىنى كېڭىشىشكە تەكلىپ قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەيۋەنلىك ئايال كارخانىچىلار جەمئىيىتى بىلەن «ئىككى قىرغاق ئايال كارخانىچىلىرىنىڭ ئىگىلىك يارىتىش باغچىسى» قۇرۇش كېلىشىمىنى ئىمزالىغان.لىيۇ يىندۇەننىڭ ئومۇملۇقنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان ئىستىراتىگىيىسىنىڭ يىتەكچىلىكىدە، باڭيىڭ گورۇھى ناھايىتى تىز تەرەققىي قىلىپ كۈچەيگەن، مەيلى كارخانا كۆلىمى، باشقۇرۇش سەۋىيىسى جەھەتتىن بولسۇن، ياكى ئىقتىسادىي ئۈنۈم جەھەتتىن بولسۇن ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنىڭ ئىچىدە بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەك ئورۇنغا ئۆتكەن.
تالانتلىق سودىگەر خۇشۆشى ئۆزىنىڭ سودا ئىدىيىسىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن: «سودىنى قانچە چوڭ قىلغانسىرى نەزەر – دائىرىنى شۇنچە يىراققا قويۇش كېرەك. چوڭ سودىنى قىلغاندا چوقۇم ئومۇمىي ۋەزىيەتكە قاراش لازىم. ئەگەر سىز بىر ئۆلكىگە نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرسىڭىز،ئۇنداقتا بىر ئۆلكىنىڭ سودىسىنى قىلالايسىز. ئەگەر نەزىرىڭىزنى پۈتكۈل ئالەمگە ئاغدۇرالىسىڭىز، ئۇنداقتا پۈتكۈل جاھاننىڭ سودىسىنى قىلالايسىز؛ دۆلەت سىرتىغا كۆز– تىكەلىسىڭىز، ئۇنداقتا پۈتۈن دۇنيانىڭ سودىسىنى قىلالايسىز.» لىيۇ يىندۇەن بۇھەقىقەتنى ئوبدان بىلىدۇ، شۇڭا ئۇ ئىگىلىك يارىتىپ بايلىق قوغلىشىش جەريانىدا،نەزىرىنى يىراقلارغا تىكىپ ئومۇمىي ۋەزىيەت ئارقىلىق مەسىلىلەرگە قارىغان،تەپەككۇر يۈرگۈزگەن. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، ئۇ باڭيىڭ گورۇھىنى يىتەكلەپ ئۆلكىدىن،جۇڭگودىن چىقىپ دۇنياغا يۈزلەنگەن، ھەمدە جۇڭگودىكى «ئون چوڭ ئايال باي» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.
ئەگەر مەسىلىلەرگە ئومۇمىي ۋەزىيەتتىن چىقىپ تەپەككۇر يۈرگۈزمىگەندە، لىيۇ يىندۇەن ھەرگىزمۇ بىر يەككە قۇرۇلۇش بېزەكچىلىك شىركىتىنى تىجارىتى كۆپ خىللاشقان كارخانا گورۇھىغا ئايلاندۇرالمىغان بولاتتى؛ ئەگەر مەسىلىلەرگە ئومۇمىي ۋەزىيەتتىن چىقىپ تەپەككۇر يۈرگۈزمىگەندە، لىيۇ يىندۇەن يۇقىرى پەن – تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىيالىدا بولمايىتتى؛ ئەگەر مەسىلىلەرگە ئومۇمىي ۋەزىيەتتىن چىقىپ تەپەككۇر يۈرگۈزمىگەندە، لىيۇ يىندۇەن ئامېرىكا GSI شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ باڭيىڭ گورۇھىنى دۇنيا بازىرىغا يۈزلەندۈرمىگەن بولاتتى.
شۇنداق،نەزەر – دائىرە تەرەققىيات دەرىجىسىنى بەلگىلەيدۇ. ئىش قىلغاندا ھەمىشە كىچىك نۇقتىلارنى كۆزدە تۇتقاندا ئۆزىمىزگە شەكىلسىز چەكلىمە قويۇپ قويىمىز – دە،ئۆزىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە بايلىق يارىتىشىمىزغا پايدىسىز بولىدۇ. پەقەت نەزىرىمىزنى يىراقلارغا قويۇپ قارنىمىنى كەڭرى تۇتساق، ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ مەسىلىلەرنى تەپەككۇر قىلساقلا بايلىق يارىتىش يولىدا تېخىمۇ ئوزۇن ماڭالايمىز.
بايلىقنىڭ بايانى:
بايلارھەرقانداق قارارنى ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ئاساسەن چىقىرىدۇ. ئەگەر نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولماقچى بولساق، ئۇنداقتا ئاڭلىقلىق بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ماكرولۇق تۇتۇش ئىقتىدارىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز، مەسىلىلەرگە قاراشتىكى ئومۇمىي ۋەزىيەتچىلىك نۇقتىنەزىرىنى يىتىلدۈرۈپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ئاساسەن مەسىلىلەرنى ئويلىشىمىزلازىم.
*******************************************
مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى -ئويغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام
2014-يىلى .جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى