خوتەن قاش ئويمىچىلىق ئۈسكىنىلىرى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى
خوتەن قاش ئويمىچىلىقى __________ كۆھكەنلىرىمىزنىڭ خوتەن قاش ماتىرياللىرىنى تاللاش ، لاھىيلەش ، كېسىش ، چاقلاش ، شىلىش ، يۇنۇش ، دەسلەپكى ئويۇش ، ئىنچىكە ئويۇش ، سىلىقلاش ، شامداش ، پارقىرىتىش .... قاتارلىق چاتما ھۈنەر- تېخنىكىلار ئارقىلىق خوتەن قاشتىن نەپىس گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ .
خوتەن قاش ئويمىچىلىقى __________ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئاتا كەسىپلىرىمىزنىڭ بىرى . ئۇ ئۇزاق تارىخىي دەۋىرلەردە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى سۈپىتىدە نۇرغۇن بوران - چاپقۇنلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ ناھايىتى مۇكەممەل بىر كەسىپكە ئايلانغان ھەم ناھايىتى گۈللەنگەن ( قەدىمكى زاماندا نەپىس ئويۇلغان خوتەن قاش ئويمىلارنىڭ تارىم ۋادىسىدىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا قەدىمىي قاشتېشى يولى ئارقىلىق تارقالغانلىقى ھەققىدە يازما خاتىرىلەر بار . )
قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنى ئاساس قىلغان خوتەن قاش ئويمىچىلىقى 80 - يىللاردىن كېيىن ئاساسەن ماشىنىلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى . تۆۋەندە ئويمىچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان ئاساسلىق ماشىنا ئۈسكۈنىلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن ( بۇرۇنقى زاماندا ئىشلەتكەن ، قول ئەمگىكىنى ئاساس قىلىدىغان ئويمىچىلىق جابدۇقلىرى ھەققىدە چۈشەنچەم تازا مۇكەممەل بولمىغاچقا بۇ ھەقتە قەلەم تەۋرىتىشكە ئاجىزمەن ، مەزكۇر ماقالىدا ئاساسەن توك ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدىغان ئۈسكىنىلەرنىلا تۇنۇشتۇرىمەن ) :
مەزكۇر ماقالىمىزنىڭ نۆۋەتتە تەرەققىيات ئىستىقبالى چەكسىز بولغان خوتەن قاش ئويمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ۋە شۇغۇللانماقچى بولىۋاتقان كەسىپداشلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىغا ئازراق بولسىمۇ ياردىمى بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن !
نۆۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان ئويمىچىلىق ئۈسكۈنىلىرى تۆۋەندىكىچە :
1 . چاق
heng ji 横机
بۇ ئۈسكىنىڭ ئاساسلىق رولى _____ قاش ئويمىلارنى ئويۇشتا شىلىش ، چاقلاش ، يۇنۇش ،
سىلىقلاش ، گىرۋەك چىقىرىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ .
بۇرۇنقى ھالىتى ۋە نامى
چاق shui deng yan 谁凳演
ھازىرقى ھالىتى
چاق heng ji 横机
2 . ئاسما چاق
diao ji 吊机
بۇ ئۈسكىنىڭ ئاساسلىق رولى _____ قاش ئويمىلارنى ئويۇشتا چاق بىلەن ئورۇنلاش قىيىن بولغان ئىنچىكە ھالقىلارغا ئىشلىتىلىدۇ .
3 . توكلۇق ئۈشكە
dian zi ji 电子机
بۇ ئۈسكىنىڭ ئاساسلىق رولى _____ ئىنتايىن نەپىس ئويمىلارنى ئويۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ، ئايلىنىش قېتىم سانى ناھايىتى يۇقىرى بولغان ئەسۋاب .
4 . ھەرە
qie ge ji 切割机
بۇ ئۈسكىنىڭ ئاساسلىق رولى _____ مەخسۇس قاش - تاشلارنى كېسىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
5 . مايلىق ھەرە
mi feng you qie ji 密封油切机
بۇ ئۈسكىنىڭ ئاساسلىق رولى _____ قاش بۇيۇملارنى كېسىشتىكى ئىلغار كېسىش ئۈسكىنىسى .
6 . شىپىرلىق ئويغۇ ( كومپىيوتىرلىق ئۇيۇش ئۈسكىنىسى )
shu kong diao ke ji 数控雕刻机
بۇ ئۈسكىنىڭ ئاساسلىق رولى _____ بۇ ئۈسكىنىدە ئويماقچى بولغان ئويمىغا كېرەكلىك ماتىريالنى ئۈسكىنىگە سېلىپلا بەرسەك كومپىيوتىردىكى لاھىيە بويىچە بىزگە ئويۇپ بېرىدۇ.
7 . يۇنۇش - ئىزىش سايمىنى
mo tou gong ju 磨头工具
8 . تىغ
tuo pian 坨片
9 . ئىسكىنە
bo ding 薄钉
10 . ئۈچ قىرلىق مىخ
san jiao ding 三角钉
11 . تېرە قىرغۇ ( تېرە شىلىش ئەسۋابى )
la ba bang 喇叭棒
12 . شارچە
qiu er 球儿
13 . كۆز ئاچقۇ ( زەيتۇن )
gan lan 橄榄
14 . چىلان ئۇرۇقى شەكىللىك ئىسكىنە
枣核 zao he
15 . يىڭنە
jian zhen 尖针
16 . قاپلىما نوكەش
tao guan 套管
17 . پارقىراتقۇ ( جۇلالاتقۇ )
pao guang ji 抛光机
18 . بىلەيزۈك ئويغۇ
yu zhou diao ji 玉镯雕机
19 .شەكىللىك ئويغۇ
ding xing ji 定型机
20 . تۈشۈك تەشكۈ
da ma ji 打磨机
21 . شارىك ( مونچاق ) ئويغۇ
yuan zhu ji 圆珠机
22 . مونچاق ئۆتكۈزگۈ
chuan zhu ji 串珠机
23 . سائەت ئويغۇ
zhong biao diao ke ji 钟表雕刻机
24 .
25 .
.................
( بۇنىڭدىن باشقا تۈرلۈك ئۈسكۈنىلەر بولسا كەسىپداشلىرىمىزنىڭ ئۇچۇرىنى يوللاپ كۆپچىلىك بىلەن تەڭ پايدىلىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن )
پەن - تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئويمىچىلىق ئۈسكۈنىلىرىمۇ كۈنسايىن يېڭىلانماقتا . بىز دىيارىمىزدىكى ئويمىچىلارنىڭمۇ ئىلغار ماشىنا ئۈسكىنىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن تېخىمۇ نەپىس خوتەن قاش ئويمىلىرىنى بازارغا سېلىشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن !
سۈرەتلەرنىڭ مەنبەسى : تور دۇنياسى
2015 - يىلى 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى