چۇقۇم خەلقئارالىق بازارغا يۈزلىنىش كېرەك
ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى
5 - باب 13 - پارگىراف
بېيىش تەپەككۇرى:
نامراتلار: دۆلەت ئىچىدە تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئۆزى قالتىس ئىش، پۇل تېپىپ تۇرمۇشىمىزنى خاتىرجەم ئۆتكۈزسەكلا بولدى.
ۋېنجۇلۇقلار: بازار پۈتكۈل دۇنيادا بار، بايلىقنى قوغلىشىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، كارخانىنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا قىلغاندا بايلىققا ئېرىشىپلا قالماستىن، يەنە كىشىلىك ھايات ۋە جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
شىركەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى، پايدا ئېلىش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك بولۇش-بولماسلىقى قاتارلىقلاردا ناھايىتى مۇھىم بىر ئۆلچەم بار، يەنى ئۇنىڭ يەر شارى مىقياسىدىكى بايلىق، تېخنىكا، ماتېرىيال ۋە بازارنى تەشكىللەش ئىقتىدارىنىڭ قانداقلىقىغا قاراش كېرەك. ھەقىقىي سودىگەرلەر يىراقنى كۆرەلەيدىغان نەزەرگە ئىگە بولۇپ، يەر شارى مىقياسىدا بايلىقنى تەڭشەشكە، خەلقئارالىق رىقابەتكە قاتنىشىشقا ماھىر بولىدۇ، مەھسۇلاتنى خەلقئارا بازارغا ئېلىپ كىرىشكە كۈچەيدۇ.
ۋېنجۇلۇق سودىگەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلايدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا دۆلەت ھالقىپ سودا قىلىدىغان كۈچ بار.
لى جۇڭجيەن تۇنجى قېتىم ۋېنجۇنىڭ چاقماقچىلىق سانائىتىنى خەلقئارا بازارغا ئېلىپ كىرگەن ئادەم. 2000-يىلى لى جۇڭجيەن ۋېنجۇ شەھەرلىك ياش كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ۋېنجۇ شەھەرلىك ئوت سايمانلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە ساقلانغان.
2002-يىلى ئۇ جۇڭگو كارخانىچىلىرىغا ۋەكالىتەن تۇنجى نۆۋەتلىك «ياۋروپا-جۇڭگو تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارىشى تۇرۇش مۇنبىرى» گە قاتناشقان، ھەمدە نۇتۇق سۆزلىگەن. 2003-يىلى لى جۇڭجيەن «جېجياڭنى تەسىرلەندۈرگەن يىللىق شەخس» ۋە «ۋېنجۇ پۇقراۋى كارخانىلىرىدىكى 10 چوڭ يىللىق شەخس» بولۇپ باھالانغان.
«مەن 1991-يىلى چاقماقچىلىق كەسپىگە كىرگەن. ئۇ ۋاقتتا ۋېنجۇنىڭ چاقماقچىلىق سانائىتى تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، مەن بۇنى بۇ كەسپىنى قىلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى دەپ ئويلىدىم. مەن بارلىق مال-مۈلۈكۈمنى چىقىرىپ دۇڭفاڭ چاقماق زاۋۇتىنى قۇرۇپ چىقتىم.» دەيدۇ لى جۇڭجيەن ئەسلەپ.
2002-يىلىنىڭ بېشىدا، ياۋروپا چاقماق ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرى جەمئىيىتى تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارىشى تۇرۇش ئەرزىنى سۇندى. شۇ يىلى 6-ئايدا، ياۋروپا ئىتىپاقى كومىتېتى جۇڭگو چاقماقلىرىنى تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، جۇڭگونىڭ چاقماقچىلىق سانائىتىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
10-ئاينىڭ 7-كۈنى، لى جۇڭجيەن دۆلىتىمىزدىكى 15 چاقماق ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىغا ۋەكالىتەن تۇنجى نۆۋەتلىك «ياۋروپا-جۇڭگو تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارىشى تۇرۇش مۇنبىرى» دە نۇتۇق سۆزلەيدۇ. ئۇ ياۋروپالىق كارخانىچىلارغا دۇڭفاڭ چاقماق زاۋۇتى ۋە ۋېنجۇ چاقماقچىلىق بازىرىنىڭ قانداق قىلىپ بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا تەرەققىي قىلالىغانلىقىنى تونۇشتۇرىدۇ.
ئىككى كۈندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتىپاقى كومىتېتى دۇڭفاڭ چاقماق زاۋۇتىغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئۇنىڭ ياۋروپا ئىتىپاقى بازىرىدىكى ئىقتىسادىي ئورۇن ئىلتىماسنىڭ ئاللىقاچان تەستىقلانغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
گەرچە دۇڭفاڭ چاقماق زاۋۇتىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى ئورۇنى مۇستەھكەملەنگەن بولسىمۇ، بىراق چاقماقچىلىق سانائىتى پايدا ئاز بولۇش دەۋرىگە كىرگەن ئىدى.
«ماركا بىزنىڭ پايدا ئاز بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان ئەڭ ياخشى قورالىمىز ئىدى. ماركىدا ئاۋال سۈپەت بولۇشى كېرەك، سۈپەتنى ياخشىلىغاندىلا ئاندىن ماركىنى جۇلالاندۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭا بىز ئەسلىھە، لايىھەلەش، ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش جەھەتلەردە سېلىنمىنى كۈچەيىتىپ، دۇڭفاڭ ماركىسىنى دۇنيا بازىرىدا پۇت تىرەپ تۇرغۇزۇشنى ئۈمىد قىلدۇق. بىراق بىز ھازىر يەنە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىمىز، بىزنىڭ ماركىمىز تېخى كىشىلەرنىڭ تولۇق ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىدى، بىراق چەتئەلدىن زاكاس قوبۇل قىلغان ئىكەنمىز، چوقۇم ئۆز ماركىمىزدىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشىمىز كېرەك، بۇنىڭ ماركا ئوبرازىغا قارىتا پايدىلىق تەرىپى بار.»
چاقماق ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا، لى جۇڭجيەن ئىزچىل يۇقىرى ئۆلچەم پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ، ماتېرىيال سېتىۋېلىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە يىغىۋېلىش قاتارلىق ھالقىلارغىچە ناھايىتى دېققەت قىلىدۇ، ئۇلار ئىزچىل سۈپەت ۋە ماركىغا ئەھمىيەت بەرگەچكە، دۇڭفاڭ چاقماقلىرىنىڭ سېتىلىش ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى.
ۋېنجۇ خاۋشيۇڭدى ئاياغچىلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى لى چۈەنفا ئاياغ زاۋۇتى قۇرۇپ نەچچە يىلدىن كېيىن مەبلىغى كۆپىيىدۇ، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئاياغچىلىقىنى ياۋروپاغا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولۇپ، ئىلگىرى-كېيىن چېخ، رۇمىنىيە، پورتۇگالىيە قاتارلىق شەرقى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە سېتىش شىركەتلىرىنى تەسىس قىلىدۇ.
كېيىن لى چۈەنفا مىسىرنى چەتئەلدىكى بىرىنچى بازا قىلىپ بېكىتىدۇ-دە، دۆلەت ھالقىغان تىجارەت شەكلىنى قوللىنىدۇ.
ئاۋال دۆلەت ئىچىدە يېرىم پىششىقلانغان مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدۇ، ئاندىن ئۇنى مىسىرغا يۆتكەيدۇ، بۇنداقتا تاموژنا بېجىنى تېجىگىلى بولاتتى. ئاندىن يېرىم پىششىقلانغان مەھسۇلاتنى مىسىردىكى زاۋۇت ئارقىلىق پىششىقلاپ ئىشلەيدۇ، ئاخىرىدا يەرلىك سېتىش شىركەتلىرى ئارقىلىق سېتىشقا باشلاپ بازارنى ئىگىلەيدۇ. بۇ خىل دۆلەت ھالقىغان سېتىش ئۇسۇلى تىجارەت تەننەرخىنى تېجەپلا قالماستىن، يەنە تۆكمە قىلىپ سېتىش ئاۋارىچىلىقىدىن ساقلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خاۋشيۇڭدى ماركىسى مىسىر بازىرىغا ئوڭۇشلۇق كىرىدۇ.
«پەقەت كىچىك بازارنى ئىگىلىگەندىلا ئاندىن چوڭ بازارنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ!» بۇ سۆزنى جېڭتەي گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى نەن سۈنخۇي ئېيىتقان.
جۇڭگو (ۋېنجۇ) كارخانىلىرى خەلقئارالىق رىقابەت كۈچى باشلىقلار ئۇچرىشىشىدا، نەن سۈنخۇي مۇنداق مىسال كەلتۈرگەن:
جېڭتەي ۋە ئامېرىكا GE شىركىتى بىرلىكتە مەبلەغ چىقىرىپ شىركەت قۇرغاندىن كېيىن، GE نىڭ نۇرغۇنلىغان سېتىۋېلىش زاكازلىرى بىۋاستە جېڭتەيگە بېرىلگەن، بىراق قارىشى تەرەپنىڭ ئۆلچەملىرى ناھايىتى كۆپ، قاتتىق بولغاچقا، ئۆلچەمگە يەتمەك قىيىن ئىدى. نۇرغۇنلىغان مەسئۇللار ئۇنىڭغا دەرد ئېيىتقاندا، ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز خەلقئارالىشىش يولىغا ماڭىمىز دېگىلى ئۇزۇن بولدى، ھازىر خەلقئارالىشىشنىڭ پۇرسىتى كەلدى، بۇنىڭدىن ئۆزىمىزنى قاچۇرالمايمىز. بىز GE نى رەت قىلساق بولىدۇ، ئەمما بىز خەلقئارالىشىشنى رەت قىلالايمىزمۇ؟ چوڭى بولۇش ئۈچۈن، ئاۋا كىچىكتىن باشلاش كېرەك، شۇڭا چوقۇم بۇ ۋەزىيەتكە ماسلىشىشمىز كېرەك.»
نەن سۈنخۇينىڭ بۇلارنى دېيىشتىكى مەقسىتى خىزمەتچىلەرگە كارخانىنى خەلقئاراغا، كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇتۇش ئىدى.
«بىزنىڭ نىشانىمىز (دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئېلېكتىر ئەسۋابلارنى ياساش كارخانىسى) قۇرۇپ چىقىش» دېگەن جېڭتەي گۇرۇھىنىڭ باياناتچىسى مۇخبىرغا ئېيتىپ: «بۇ نىشاننى چۆرىدەپ جېڭتەي توختىماستىن كەسپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، تەڭشەش ئارقىلىق ئەلالاشتۇرۇشقا، ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە يېتىپ بارىدۇ.»
«خەلقئارا بازىرى بولمىغان كارخانا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانا ھېسابلانمايدۇ.» نەن سۈنخۇي بۇنداق دېگەن ۋە ئەمەل قىلغان. جېڭتەي گۇرۇھىنىڭ 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقتتىن بۇيان تېز سۈرئەتلىك تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرەلىشىدىكى مۇھىم سەۋەبنىڭ بىرى خەلقئارالىشىش ئىستىراتېگىيەسىگە قاراپ مېڭىشتىن ئىبارەت. نەن سۈنخۇي بۇنى مۇنداق خۇلاسىلىگەن: شىركەت تەرەققىياتىنى ئەمەلىيەت بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، «يۈز يىللىق كارخانا قۇرۇش» كېرەك، دۇنياغا داڭلىق ماركا يارىتىشنى نىشان قىلىپ يېڭىلىق يارىتىشى كېرەك، كارخانىنىڭ كونتروللۇقىنى يوقىتىشنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، خەلقئارالىق تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسىنى يۈرگۈزۈش كېرەك.
ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:
خەلقئارا بازىرى بولمىغان كارخانا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانا ھېسابلانمايدۇ.-جېڭتەي گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى نەن سۈنخۇي
مەنبە: 时事出版社 نەشىر قىلغان
<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب
2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى