A-A+

بايلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن پۇرسەتنى تۇتىدۇ

2016-يىل 22-ماي مىليادىرلار باھا يوقكەن زىيارەت: 176 قېتىم

timg

سۈرەتتە : دۇنيادىكى 10 چوڭ مىليادىر ئايالنىڭ بىرى ، دەرىجىدىن تاشقىرى مودىل ، ئىۋانكا تىرامپ جاۋاھىرات شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىۋانكا تىرامپ


ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى

بايلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن پۇرسەتنى تۇتىدۇ،

نامراتلار دېلىغۇل بولۇپ پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويىدۇ

پۇرسەت تەشەببۇسكار ئادەملەرگە نىسبەتەن غەلبە قىلىپ باي بولىدىغان ئەڭگۈشتەر. پاسسىپ ئادەملەر ئۈچۈن بەلكى ئاپەت بۇلۇشى مۇمكىن. ئاسماندىن چۈشكەن قاتلىما بولغان تەغدىردىمۇ، يىيىشنى بىلمىسە قولىدىن ھىچ ئىش كەلمەيدىغان ئادەمنى ئۇرۇپ ئايلاندۇرۋېتىشى مۇمكىن. بايلار پۇرسەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن چىڭ تۇتقاشقا غەلبىگە ئېرىشكەن. لىكىن نامراتلارنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ ئاخىرسى يوق. پاسسىپ روھى ھالىتى ئۇلارنىڭ پۇرسەتتىن مەھرۇم بۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاكتىپ ،تەشەببۇسكار ئادەملەر ياخشى پۇرسەتنى ئاسانلىقچە قولدىن بىرىپ قويمايدۇ. لىكىن تۇرمۇشتا قانچىلىك ئادەم ئاكتىپ تەشەببۇسكار بولالىدى؟ ئاكتىپ تەشەببۇسكار ئادەم قىزغىن ھالدا ئۆزى بېرىپ ئىش تېپىپ ئىشلەيدۇ. بىرى مۇنداق دىگەن «پۇرسەت ساقلىغانغا  كەلمەيدۇ ، بەلكى ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تالىشىپ ئېرىشىش كېرەك». ئەگەر ئىش قىلغاندا ئاكتىپ ،تەشەببۇسكار بولمىسىڭىز بىر ئۆمۈر غەلبە بىلەن ئۇچۇرشالمايسىز.

ئامېركا زۇڭتۇڭى بوش ئىلگىرى پەقەت بىر قېتىملا ئەمەس، بىر نەچچە قېتىم خانىمى  باربارا بىلەن يىمەك-ئىچمەك مەسىلىسىدە، يەنى رەڭلىك يېسىۋىلەك سەۋەبلىك كەسكىن مۇنازىرلىشىپ كەتكەن. زۇڭتۇڭ بوش زۇڭتۇڭ ئايروپىلانى ۋە ئاق ساراينىڭ تاماقخانىسىغا  رەڭلىك يېسىۋىلەك ئشلەتمەسلىكنى بۇيرۇق قىلغان. لىكىن بوشنىڭ ئامالسىز بولغىنى باربارا قېرىشقاندەك رەڭلىك يېسىۋىلەك يىيىشنى ياخشى كۆرەتتى.يەنى بۇ كۆكتاتقا زۇڭتۇڭ ئۆچ، خانىمى ئامراق ئىدى، بۇ ئىشنى ئامېىركىلىقلارنىڭ ھەممىسى بىلەتتى.

بىر ئەقىللىق رەڭلىك يېسىۋىلەك سودىگىرى بۇ ئىشنى بىلگەندىن كىيىن دەرھاللا ئىنتايىن ياخشى بولغان سېتىش پۇرسىتىنى بايقىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇ رەڭلىك يېسىۋىلەك بېسىلغان بىر ئەترەت يۈك ماشىنىسىنى ئاقسىراينىڭ جەنۇبى چىملىقىغا باشلاپ باردى. بۇ ۋاقىتتا باربارا رەڭلىك يېسىۋىلەك ئەكەلگەن ماشىنا ئەتىرتى ۋە ئاۋال كەلگەن مېھمانلارغا رەھمىتىنى بىلدۈردى.

شۇنىڭ بىلەن رەڭلىك يېسىۋىلەكنىڭ بازىرى ئاۋاتلىشىپ سېتىش مىقدارى ئاشتى. چۈنكى رەڭلىك يېسىۋىلەك سودىگىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنى مۇۋاپقىيەتلىك تەشۋىق قىلدى. ئەگەر ئۇ ئەينى چاغدا ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاكتىپ ھەركەت قىلمىغان بولسا، بەلكىم سودىسى ئۇنچە ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن ئىدى.

1898-يىلى كۇبا خەلقى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىللىرىنىڭ قولىدىن ئەركىنلىكىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن قانلىق جەڭ قىلدى. بۇنىڭدىن ئاۋال ئامرىكىمۇ ئىزچىل ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشگە دىققەت قىلۋاتاتتى. كۇبا گەرچە كىچىك بولسىمۇ، لىكىن ئۇنىڭ ۋەزىيىتى ئامرىكا پۇقرالىرىنىڭ نۇرغۇن مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىدى. مۇشۇنداق شارائىتتا ئىسپانىيەلىكلەر ئامرىكا كېمە ئەترىتىدىكىلەرنى چوكتۈرۋەتتى. ئامېركا ئارمىيىسى غەزەپلىنىپ ئىسپانىيەگە جەڭ ئېلان قىلىدى.

كۇبانىڭ ھەمكارلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئامېركا زۇڭتۇڭى كۇبا قوزغۇلاڭچىلار ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانىغا بىر پارچە خەت يازدى. بىراق خەتنى يەتكۈزۈپ بىرىدىغان بۇ مۇشكۈل ۋەزىپىنى كىم تاماملايدۇ؟ بۇنى ئاڭلاپ لوۋىن ئىسىملىك بىر لىيتنات تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتۇرىغا چىقتى.

شۇنىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ لوۋىن بىلەن كۈرۈشۈپ «سىز چۇقۇم بۇخەتنى ئىسپانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالماي كۇبا قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ رەھپىرىگە تاپشۇرۇپ بىرىڭ. ئۇ كۇبانىڭ نامەلۇم جايىدا .سىز ئۆزىڭىز پىلان تۈزۈپ ھەركەتلىنىڭ ،ۋەزىپىنى مۇستەقىل تاماملاڭ» دېدى. لوۋىن ۋەزىپىنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن خەتنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن يانچۇقىغا سېلىپلا چىقىپ كەتتى. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ ۋەزىپىنى نەتىنجىلىك تاماملاپ مۇھىم ئاخبارات ئېلىپ كەلدى.

لوۋىن بىر ئىشلارغا يۇلۇققاندا سالماق، كەسكىن بولۇپ ،ھالقىلىق ۋاقتىلاردا ئۆزىنى ئۆزى كۆرسىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەيدانغا چىقىدۇ. بۇ ئۇنىڭ غەلبە قازىنىشىنىڭ سەۋەبى. پۇرسەت ساقلىغانغا كەلمەيدۇ،ئاسماندىن چۈشمەيدۇ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تالىشىش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ. ئۇ ھەمىشە قىينچىلىق ۋە مەغلۇبىيەتنىڭ كەينىگە يۇشۇرۇنغان. ئۇ ھەر بىر ئىگىلمەس- سۇنماس روھىنى قوغدايدۇ.

ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىر خىل ساغلام ئالغا ئىنتىلدىغان روھى ھالەت. ئۇ سىزدىكى بىر خىل ئىجاد قىلىش كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇ كىشىنى ئاكتىپ ھالدا تەپەككۇر ۋە  ھەركەت قىلغۇزۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرلەتكۈزىدۇ. بۇ خىل پىسخىكىدىكى كىشلەر باشتىن-ئاخىرى شۇنىڭغا قەتئى ئىشىنىدۇكى، مەيلى قانداق شارائىتتا بولسۇن، ھامان ئۆزىنىڭ تاللىيالايدىغان پۇرسەت ۋە ھۇقۇقى بولىدۇ.

پەقەت تەشەببۇسكار ئاكتىپ بولسىلا ئاندىن ھاياتنىڭ ھەقىقى قىممىتىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. ھەر قانداق پۇرسەتپەرەزلىك ۋە ئەمگەك قىلماي ئېرىشىش كىشلىك ھاياتنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەيدۇ. تەشەببۇسكارلىق بىر خىل پوزىتسىيە بۇ كىشىنىڭ تەپەككۇرى ۋە ھەركىتى ھەمدە پۈتكۈل تەقى تۇرقىدا ئەكىس ئېتىدۇ. ئۇ كىشلىك ھاياتتىكى  قىزغىنلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ، كىشىنى ئىلھاملاندۈرىدۇ. تېخىمۇ زور دەرىجىدە يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

كىشلەر ئاكتىپ، تەشەببۇسكا بۇلۇشنى ئۆگۇنۇش بىلەن بىرگە ئەسلىدىكى زىرىكىشلىك خىزمىتىنى رەڭدارلىققا ئىگە قىلىش كېرەك. بۇ دەل ئۆزىنىڭ ئىلگىرلىشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئۆگۇنىدىغان، ئۈسۈپ يىتىلدىغان ۋە تەرەققى قىلىدىغان جەريان. پەقەت ئاكتىپ ،تەشەببۇسكار ئادەملا ئاندىن باشقىلارنڭ ھورمىتىگە ئېرىشىدۇ. تېخىمۇ مۇھىم ۋەزىپىلەر ،تېخىمۇ رىقابەتكە تولغان خىزمەتكە ئېرىشەلەيدۇ. ھەمدە پۇرسەت ۋە بايلىققا ئىگە بولىدۇ.

بايلىقنىڭ بايانى:

بۈگۈنكىدەك رىقابەت ئىنتايىن شىددەتلىك دەۋىردە پاسسىپ ئادەم شاللىنىش خەۋپىگە ئۇچىرايدۇ. تەشەببۇسكار ئادەملا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ. ئادەم چوقۇم تەقدىرگە ئەمەس ئۆزىگە ئىشنىش كېرەك. پۇرسەت ۋە بايلىق تەشەببۇسكارلىق بىلەن تالىشىشقا ئېھتىياجلىق. بايلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن پۇرسەتنى تۇتىدۇ. نامراتلار پاسسىپ بولغانلىقتىن پۇرسەتنى

كەتكۈزۈپ قويىدۇ.

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 2-قىسمىدىن ئېلىندى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ