قاشتېشى – قاراقۇرۇم تېغىنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان ئېسىل سوۋغىسى (خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى 37)
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى
خوتەن قاشلىرىنى ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ئارزۇلاپ ،ئەتىۋالاپ ئىشلىتىپ كەلدى؟ئۇنىڭدىكى قانداق سېھرى كۈچ ئۇنى تارىم ۋادىسىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاتتى؟نېمە ئۈچۈن خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى يىلدىن يىلغا ئۆرلەپ ،ئىستىمالچىلار توپى توختاۋسىز كۆپۈيۈپ مېڭىۋاتىدۇ؟كىشىلەر خوتەن قاشلىرىنى نېمە مەخسەت-مۇدىئالار بىلەن سېتىۋالىدۇ؟ئۇنىڭ ئىنسان ماددىيىتى ۋە مەنىۋىيىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى نېمە؟؟؟...
يۇقارقىدەك نۇرغۇن سۇئاللارغا خوتەن قاشتېشىنىڭ ئۆزىدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تېپىش مۈمكىنچىلىكى يوق.چۈنكى ئۇ گۈھەر تاشلارغا خاس ئاددىي بىر قېزىلما بايلىق،خالاس...
يۇقارقى سۇئاللارغا توغرا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن چۇقۇم ئۇزاق تارىخ جەريانىدا شەكىللەنگەن كۆپ قاتلاملىق ،كۆپ مەنبەلىك خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى ئەتراپلىق چۈشۈنۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ئەقىدە قاشگەرلىكىمىز <<خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى >>سەھىپىمىز ئارقىلىق خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى رەتلەپ ،توپلاپ ،تەرجىمە قىلىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.
قاشتېشى - قاراقۇرۇم تېغىنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان
ئېسىل سوۋغىسى
ئاپتۇرى:دۈەنلى
سالامەت سىدىق تەرجىمىسى
قاشتېشى مول مەنا ۋە ئۆزگىچە سۈپەتكە ئىگە بولغاچقا، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
خوتەندە مۇنداق بىر ھېكايە تارقالغان: يۇرۇڭقاش دەريا ۋادىسىدا بىر تاشچى بوۋاي بولۇپ، قىزىمۇ، ئوغلىمۇ يوق، پەقەت بىر شاگىرتىلا بار ئىكەن. شاگىرتى 16 ياشقا كىرگەن كۈنى تاشچى بوۋاي يۇرۇڭقاش دەرياسىدىن تېپىۋالغان ناھايىتى چوڭ بىر پارچە ئاق قاشتېشىدىن تەڭداشسىز ساھىبجامالدىن بىرنى ئويۇپ چىقىپتۇ. تاشچى بوۋاي خۇددى جېنى بار ئادەمدەكلا ئويۇلغان ساھىبجامالغا قاراپ: «مېنىڭمۇ مۇشۇنداق بىر قىزىم بولغان بولسا، نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى» دەپتۇ. ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ گېپى تۈگىشىگىلا، قاشتېشى ھەيكەل سۆيۈملۈك بىر قىزغا ئايلىنىپ، تاشچى بوۋاينى «دادام» دەپ تونۇپتۇ. تاشچى بوۋاي خۇشال بولۇپ، ئۇنىڭغا تاشگۈل دەپ ئىسىم قويۇپتۇ ۋە ئون نەچچە يىل بىر - بىرىگە يار - يۆلەك بولۇپ ئۆتۈپتۇ. كېيىن تاشچى بوۋاي ئالەمدىن ئۆتۈپ، تاشگۈل شاگىرت تاشچى بىلەن ئاشىق - مەشۇقلاردىن بولۇپ قاپتۇ.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە شۇ جايدىكى بىر باي شاگىرت تاشچىنىڭ سىرتقا ئىشلىگىلى چىقىپ كەتكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، تاشگۈلنى بۇلاپ كېتىپ، خوتۇن بولۇشقا مەجبۇرلاپتۇ. تاشگۈل بۇنىڭغا بويسۇنمىغانلىقتىن، باي ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. قىزنىڭ بەدىنىدىن ئوت ئۇچقۇنلىرى چاچراپ، باينىڭ قورۇسىنى كۆيدۈرۈۋېتىپ، ئۆزى ئاق تۇمانغا ئايلىنىپ كۆككە ئۆرلەپ، قاراقۇرۇم تېغىغا قاراپ كېتىپتۇ. شاگىرت تاشچى بۇنى بىلگەندىن كېيىن، تۇلپىرىغا مىنىپ تاشگۈلنى ئىزدەپ يول ئېلىپتۇ ۋە يولبويى شېغىل چېچىپ مېڭىپتۇ. بۇ، كېيىنكىلەر ئىزدەيدىغان قاشتېشىغا ئايلىنىپتۇ.
خوتەن قاشتېشى شەرق، غەرب ئىقتىساد، مەدەنىيەت يولىنى ئاچقان ئاۋانگارت. يىپەك يولىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى 1600 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. بىراق «قاشتېشى يولى» 6000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. ئەمەلىيەتتە، يىپەك يولى ئەسلىدە «قاشتېشى يولى» ئىدى، خوتەن قاشتېشى تۇنجى بولۇپ دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا رايونلىرى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك، شەرق، غەرب ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ترانسپورت يولىنى ئاچقان. قاشتېشىنىڭ شەرق، غەرب مەدەنىيەت، ئىقتىساد ئالاقىسىدە ئوينىغان رولى يىپەكتىن ئېشىپ چۈشكەن.
قەدىمكىلەر قاشتېشىنى تونۇغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن چوڭقۇر ئىجتىمائىي مەدەنىيەت قارىشىنى ئىپادىلىگەن. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە كىشىلەر قاشتېشىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنى ياساپلا قالماي، بېزەك ۋە سوۋغاتلارنى ياسىغان.
ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر قاشتېشىغا گۈزەللىك قارىشى ۋە مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى سىڭدۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن قاشتېشى پۈتكۈل ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە سىڭىپ كەتكەن.
«تاغ ئېزىملار قۇرئى» دېگەن كىتابتا جۇڭخۇا زېمىنىدا قاشتېشى چىقىدىغان جايدىن ئون نەچچىسى بارلىقى، قارا قۇرۇم تېغىنىڭ قاشتېشىنىڭلا ئەڭ ياخشى، ئەڭ ئېسىللىكى بايان قىلىنغان. بۇ بەلكىم قارا قۇرۇم تېغى قاشتېشىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئەڭ بالدۇرقى خاتىرە بولۇشى مۇمكىن.
قاشتېشى بىر خىل گۆھەر بولۇپلا قالماي، قەدىمدىن ھازىرغىچە داۋاملىشىپ بېيىپ كېلىۋاتقان مەدەنىيەت. شاڭ، غەربىي جوۋ سۇلالىسى دەۋرىدە قاشتېشى ئەخلاق، پاكلىق، ھوقۇق، بايلىقنىڭ سىمۋولىغا ئايلىنىپ، قاشتېشى مەدەنىيىتى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن. بۇ دەۋرلەردە ئوردىلارغا قاشتېشىدىن ياسالغان تۈرلۈك رەسىم - قائىدە بۇيۇملىرى، بېزەكلەر ئىشلىتىلەتتى، قاشتېشىدىن ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ سۈرىتى، ئەجدەرھا، سۇمرۇغ، يولۋاس سۈرەتلىرى ئويۇلاتتى. بۇلار جۇڭگوچە ئۇسلۇب ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىدى. ئۇلاردىكى قاپارتما نەقىشلەر، ئويمىلار ئىنتايىن نەپىس بولۇپ، ئەمەلدارلارنىڭ بايلىقىنىڭ، مەدەنىيەت، گۈزەللىك قارىشىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان ئىدى.
قاشتېشى كۇڭزى تەرىپىدىن «ئېسىلزادىلەر»گە ئوخشىتىلغان. «باياننامە»دە كۇڭزىنىڭ قولىدا قاشتېشى كۆتۈرۈپ تۇرغان قىياپىتى خاتىرىلەنگەن. كۇڭزى «قاشتېشى مېھىر - شەپقەت، ئەقىل - پاراسەت، قائىدە - يوسۇن، خۇشاللىق، ساداقەت، ئىشەنچ، ئاسمان، يەر، ئەخلاق - پەزىلەت قاتارلىق ئون بىر خىل پەزىلەتنىڭ سىمۋولى» دەپ قارىغان. ھالبۇكى، قاشتېشى ئىگە بولغان بۇ سۈپەتلەر دەل جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا قوغلىشىپ كېلىۋاتقان يۈكسەك پەزىلەتلەردۇر.
مەنبە:خوتەن ئۇچۇر تورى