A-A+
دۆلەت خەزىنە چېكى
ئەقىدە شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت تەرجىمىسى
دۆلەت خەزىنە چېكى guó kù quàn 国库券
_________ دۆلەتنىڭ مالىيە تارماقلىرى دۆلەت خەزىنىسىدىكى كىرىم-چىقىمدىكى پەرقنى تۇلۇقلاش ئۈچۈن تارقىتىدىغان بىر تۈرلۈك ھۆكۈمەت قەرز ھۆججىتىدۇر . دۆلەت تارقاتقان خەزىنە چېكىنىڭ قەرزدارى شۇ دۆلەت بولۇپ ، دۆلەتنىڭ مالىيە كىرىمى ئۇنى قايتۇرۇشنىڭ كاپالىتى بولغاچقا بۇنىڭ خىيىم-خەتىرى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ . شۇڭا پۇل-مۇئامىلە بازىرىدىكى خىيىم-خەتىرى ئەڭ تۆۋەن بولغان مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ .
دۆلىتىمىزدە 1983-يىلىدىن باشلاپ دۆلەت خەزىنە چېكى تارقىتىشقا باشلىغان .
دۆلىتىمىزدە دۆلەت خەزىنە چېكىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقتى بىر يىل بولىدۇ .
مەنبە : بەيدۇ تورى