بايلارئۆز پەزىلىتىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ
سۈرەتتە : مۇۋەپپىقىيەتشۇناس ، كارخانىچى ، مىليادىر چېڭ ئەنجى
世界华人成功学第一人,国际级的演讲推广大师——陈安之
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
نامراتلار ئۆزىنىڭ كىرىم – چىقىمىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ،
بايلار ئۆزىنىڭ ئىنسانىي پەزىلىتىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ
سۇنىڭ گورۇھىنىىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە باش لېدىرى جاڭ جىندوڭ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئىنسانىي پەزىلەتكە بولغان كۆز – قاراشىنى مۇنداق بايان قىلغان: «ئىنسانىي پەزىلەت بىر ئادەمنىڭ جەمئىيەتتىكى تايىنىش نۇقتىسى، ئۇنى كارخانىلارنىڭ تىجارىتى بىلەن بىرلەشتۈرگەندە ئۇ بىر كارخانىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى سۈپىتىدە ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ.‹ ئىنسانىي پەزىلەتنى ئاۋۋال ئويلىشىش› دىگەن بۇ سۆز قۇرۇق گەپ بولۇپ قالماسلىقى ،كارخانىلارغا نىسبەتەن مەسئۇليەتچانلىق تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك.»
جاڭ جىندوڭ بۇلارنى ئېيىتقاندىن كىيىن ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ دېگىنىدەك قىلدى، كارخانىدىكى كىشىلەرنىڭمۇ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتى ئېشىپ، ئۇنىڭ بىلىمى ۋە جەلپكارلىقىغا ھەۋەس قىلىپ قالماستىن، ئۇنىڭ ئىنسانىي پەزىلىتىنى تېخىمۇ ماختايدىغان بولدى.
بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، بايلىق رىقابىتىدە ئۆزىنىڭ ئىنسانىي پەزىلىتىگە ئەھمىيەت بېرىش ناھايىتى مۇھىم. بىراق بۇ نۇقتىدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىسى مۈجمەل .ئۇلار ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆزىنىڭ كىرىم – چىقىمىغىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ،ئۆزىنىڭ كىرىمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلار ۋاستە تاللىمايدۇ، ھەتتا ئىنسانىي پەزىلەت ۋە ئەخلاقنى بىر چەتكە قايرىپ قويىدۇ. بۇنداق ئادەملەر بايغا ئايلانسىمۇ يەنىلا ھامان نامراتلىقنىڭ ئورىسىغا پېتىپ قالىدۇ.
بىر ماي بوياق سودىگىرى بولۇپ، ئۆزىنىڭ چىقىمىنى تېخىمۇ تىجەپ پايدىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن،بىر كونا قەلەندەردىن ساختا ماي بوياق ياساش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋاپتۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا سىر دەرىخى يوپۇرمىقىنى قاينىتىپ بوتقىغا ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن سىر دەرىخى بوتقىسى بىلەن ئاز مىقداردىكى ھەقىقىي سىرنى ئارلاشتۇرۋەتسىلا پۈتىدىغان بولۇپ، ناھايىتى ئاددى ئىدى.
بۇنداق ياسىلىپ چىققان ساختا ماي بوياق بىلەن ھەقىقىي ماي بوياق ناھايىتى ئوخشاش بولۇپ،كەسىپ ئەھلىلىرىمۇ ناھايىتى تەستە پەرقلەندۈرەتتى. بىردىنبىر كەمچىلىكى بولسا، بۇخىل ساختا سىرنى ئوزۇن ساقلىغىلى بولمايىتتى، سېتىلمايلا قالسا، ناھايىتى تىزلاسۈپىتى ئۆزگىرىپ ئەخلەتكە ئايلىناتتى.
ماي سودىگىرى بۇ ماھارەتنى ئۆگىنىۋالغاندىن كىيىن ناھايىتى خۇشال بولۇپ، ئۆزىنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلدا چوقۇم باي بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپتۇ. شۇنداق قىلىپ ھېچقانداق گەپ – سۆز قىلماستىن ئۆزىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەك جۇغلانما پۇلىسىنى ئېلىپ نەچچە يۈزتۇڭ ھەقىقىي سىر سېتىۋاپتۇ، ھەمدە سىر دەرىخى يوپۇرمىقىدىن نەچچە يۈز تۇڭ سىردەرىخى بوتقىسى قاينىتىپتۇ، ئاندىن ھەقىقىي سىر بىلەن بۇ بوتقىلارنى ئارلاشتۇرۇپ ساتماقچى بوپتۇ.
سىرتتىن كەلگەن سودىگەرلەر ماي بوياقنى تەكشۈرمەكچى بولغاندا، ئۇ ھەقىقىي ماي بوياقنى چىقىرىپ كۆرسىتىپتۇ. قارشى تەرەپ رازى بولۇپ سېتىۋالماقچى بولغاندا، بۇ سودىگەر ئىشتىن بۇرۇن تەييارلاپ قويغان ساختا ماي بوياقلار بىلەن قارشى تەرەپنى تەمىنلەپتۇ.
بىرىنچى قېتىملىق سودا غەلبىلىك بولغاندىن كىيىن، ناھايىتى قانائەتلەنگەن بۇ سودىگەرنۇرغۇن پايدا ئاپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆيىگە قايتىپ ئۆزىنىڭ بارلىق پۇلىسىنى ساختا ماي بوياق ياساشقا ئىشلىتىپ، ئىشلەپ بولغاندىن كىيىن يەنە سىرتقا ئەپ چىقىپ ساتماقچى بوپتۇ.
بۇ قېتىممۇ بىرىنچى قېتىمقىغا ئوخشاشلا، بۇ سودىگەر ھەقىقىي ماي بوياقلارنى خېرىدارلارغا كۆرسىتىپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن ساختا ماي بوياقلارنى خېرىدارغا تەمىنلەپ بەرمەكچى بوپتۇ. ھالبۇكى خېرىدار ماي بوياق پېچەتلىرىگە باشقىلارنىڭ قولى تەگگنلىكىنى بايقاپ كۆڭلىگە گۇمان چۈشۈپتۇ – دە، باھانە كۆرسىتىپ پۇلنىڭ تېخى تەييارلىنىپ بولالمىغانلىقىنى، بىر نەچچە كۈندىن كىيىن مال ئالغىلى كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن خېرىدار يەنە باھانە تېپىپ ئارقىغا سۆرەپتۇ. شۇنداق قىلىپ بىر ئاي ۋاقىت ئۆتۈپ ماي بوياقلارنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ، سېسىق پۇراپ كېتىپتۇ. بۇ سودىمۇ تەبئىيلا ئەمەلدىن قاپتۇ.
سودىگەر بۇ ۋاقىتتا ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلاپتۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇ سودىگەر ئاندىن ئېسىنى تېپىپ، ئۆزىگە ساختا بوياق ياساشنى ئۆگەتكەن ئۇ قېرى تىلەمچىنىڭ بىر ۋەيران بولغان سودىگەر ئىكەنلىكىنى ئويلاپتۇ.
ھېكايىدىكى سودىگەر پەقەت ئۆزىنىڭ كىرىمىگىلا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ ئىنسانىي پەزىلىتىگە سەل قارىغان. ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاپ ساختا مال بىلەن خېرىدارنى ئالدىيالايمەن دەپ ئويلىغان، نەتىجىدە ئەقلى كارغا كەلمەي، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى، ھەممە نەرسىدىن ئايرىلىپ، قېرى تىلەمچىنىڭ يولىدا مېڭىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
سودىگەرلەرنىڭ بۇنداق سەمىمىيەتسىزلىكى، ئىنسانىي پەزىلىتىنى يوقىتىشى «ئۆز– ئۆزىگە ئورا كولاش» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ۋە قېرى تىلەمچىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى بىزگە مۇنداق بىر قائىدىنى ئېيتىپ بېرىدۇ: ئەگەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ بايلىققا ئېرىشمەكچى، ھەقىقىي بايلاردىن بولماقچى بولساق چوقۇم ئاۋۋال ئۆزىمىزنىڭ ئىنسانىي پەزىلىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك. پۇلغىلا كۆڭۈل بۆلۈپ ئىنسانىي پەزىلەتكە سەل قارايدىغان ئادەم باشقىلارنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايدۇ، ئۆزىنىڭ بايلىق مەنبىيىبى تەسىرگە ئۇچرىتىپ، ئاخىرىدا ئۆزىنى ۋەيران قىلىدۇ.
رېئال تۇرمۇشتا، بۇ سودىگەرگە ئوخشاش كىشىلەر كۆپ. ئۇلار باشقىلارنى ئەخمەق كۆرۈپ، ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق ئادەم دەپ قارايدۇ. ئۆزىنىڭ يانچۇقىنى تېخىمۇ تومپايتىش ئۈچۈن، ئۇلار كۆڭلىدە پىلان تۈزۈپ ھەمىشە ئۆزىنىڭ ئىنسانىي خىسلىتىگە ئاسىيلىق قىلىدۇ. ئاق كۆڭۈللۈك نىقابىغا ئورنىۋېلىپ، ئەمەلىي ھەركىتىدە كىشىلەرنى ئالداپ پۇل تاپىدۇ، بۇنداق كىشىلەر بايلىق يولىدا قانداقمۇ مەزمۇت تۇرالىسۇن؟
بۇنىڭغا نىسبەتەن، ھەقىقىي بايلار ئوخشىمايدىغان پوزىتسىيەدە بولىدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ بايلىقىنىڭ چوقۇم ئەخلاق ۋە ئىنسانىي پەزىلەت ئۈستىگە جۇغلىنىشى كېرەكلىكىنى چۈشىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پۇل تېپىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئىنسانىي پەزىلىتىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. پەقەت بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن بايلىقلا ئوزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتقا ئېرىشەلەيدۇ.
ياپونيىدىكى داڭلىق دۆلەت ھالقىغان شىركەت «سوڭشىيا ئېلېكتىر ئەسۋابلىرى» نىڭ قۇرغۇچىسى،كىشىلەر تەرىپىدىن «تىجارەت پىرى» دەپ ئاتالغان سوڭشىيا شىڭجىجۇ ئەنە شۇنداق ئىنسانىي پەزىلەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان بايدۇر.
سوڭشىيا شىڭ جىجۇ 1894 – يىلى ياپونىيەدىكى بىر ھاللىق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ھالبۇكى ئۇ بەش ياش ۋاقتىدا گۈرۈچ سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دادىسى تىجارەتتە ۋەيران بولۇپ، پۈتكۈل ئائىلىدىكىلەر يۇرتىدىن ئايرىلىپ ئۆزىگە ھاياتلىق يولى تاپماقچى بولغان.
1904 – يىلى ئەمدىلا ئون ياشقا كىرگەن سوڭشىيا شىڭجىجۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆتىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقاندا ئوقۇشتىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان، ھەم گوڭتىيەن چوغدان دۇكىنىغا بېرىپ خىزمەتچى بولۇپ تۇرمۇشىنى قامدىغان. ھالبۇكى بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا چوغدان دۇكىنى سودىدا سەمىمىي بولمىغاچقا تاقىلىپ قالغان.ئارقىدىن دۇكان خوجايىنىنىىڭ تونۇشتۇرۇشى ئاستىدا، سوڭشىيا شىڭجىجۇ «بەشىنچى ئەۋلاد ۋېلسىپىت دۇكىنى» غا بېرىپ خىزمەت قىلغان. بۇ دۇكان خوجايىنىنىڭ تىجارەتكە ناھايىتى ئېپى بار بولۇپ، ئادەمگەرچىلىكى كۈچلۈك ئىدى، شۇڭا دۇكاننىڭ سودىسىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىدى. سوڭشىيا شىڭجىجۇ بۇ دۇكان خوجايىنىنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئىنسانىي خىسلەتكە بولغان تونۇشى بارغانسىرى چوڭقۇرلاپتۇ، ئۇ دائىم ئۆزىنى ئىلھاملاندۇرۇپ ئۆز-ئۆزىگە: «بىر دۇرۇس سودىگەر بولۇش كېرەك، بىر ئادەمدە چوقۇم ئەخلاق،ئۆزىنى بىلىش ۋە ئادەمگەرچىلىك بولۇشى كېرەك...» دىگەن.
خىزمەتتە ئەستايىدىل، زېرەك ۋە جاپاغا چىدايدىغان بولغاچقا، كىچىك سوڭشىيا شىڭجىجۇ خوجايىننىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئېرىشىپتۇ. بۇ دۇكاندا خىزمەت قىلىدىغان يەنە بىركىچىك ئوغۇل بالا بولۇپ، ئۇمۇ ناھايىتى زېرەك، ئەقىللىق ئىدى، خوجايىن سوڭشىياشىڭ جىجۇ ۋە ئۇنى ناھايىتى قەدىرلەيىتتى.
بىر كۈنى بۇ ئوغۇل بالا خوجايىننىڭ پۇلىنى ئوغرىلاپتۇ، ھەمدە خوجايىن تەرىپىدىن بايقىلىپ قاپتۇ. ئۇنىڭ خىزمەتتىكى تىرىشچانلىقى ۋە خاتالىقىنى تونۇغان دۇرۇسلۇقىنى كۆزدە تۇتۇپ، خوجايىن يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭغا پۇرسەت بېرىشنى قارار قىپتۇ. پۇل ئوغرىلىغان بالا خوجايىننىڭ ئۆزىنى ئىشتىن بوشاتمىغانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلىدە ناھايىتى تەسىرلىنىپتۇ. كىيىن ئۇ يەنە تىرىشىپ خىزمەت قىلىپلا قالماستىن، دۇكانغا يەنە نۇرغۇن يېڭى خېرىدارلارنى باشلاپ كەپتۇ، بۇنىڭ بىلەن دۇكاننىڭ سودىسى بۇرۇنقىدىنمۇ ياخشى بوپتۇ.
دەل مۇشۇنداق بىر سودىگەرنىڭ تەسىرى ئاستىدا، سوڭشىيا شىڭجىجۇ بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سودىگەردە بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ ئاساسى ئامىلنىڭ ياخشى بولغان ئىنسانىي خىسلەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىپتۇ.
پۇل ۋە ئىنسانىي خىسلەتنىڭ ئالدىدا، ھەقىقىي بايلار چوقۇم ئىنسانىي پەزىلەتنى تاللايدۇ.چۈنكى ئۇلار پۇل تېپىپ باي بولۇشتا ئاۋۋال ئادەم بولۇش، ئىنسانىي خىسلەتكە كۆڭۈل بۆلۈش لازىملىقىنى، بۇنىڭ بىلەن بايلىقنىڭمۇ ئۆزلۈكىدىن كېلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.ئەگەر ئىنسانىي خىسلەتنىمۇ ئۆگىنەلمىگەندە، ھەر قانداق ئىشتا غەلبە قازانغىلى بولمايدۇ.
بۇ بايانلارنى ئوقۇغاندىن كىيىن، دوستلارنىڭ بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقىنى چۈشىنىۋالغانلىقىغا ئىشىنىمىز: نامراتلار ئۆزىنىڭ كىرىم – چىقىمىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ،بايلار بولسا ئۆزىنىڭ ئىنسانىي خىسلىتى بىلەن ياشايدۇ. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا،بايلىق يولىدا نامراتلار ماڭغانسىرى يول تارلىشىپ، ئاخىرىدا ئۆزىنى گۆر ئاغزىغا باشلاپ بارىدۇ، ئەكسىچە بايلار ماڭغانسىرى يول كېڭىيىپ، ئاخىرىدا بايلىق كانىغا ئېلىپ بارىدىغان چوڭ يولغا بارىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت كىرىم – چىقىمغىلا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان دوستلار، نېمىشقا دېققەت –ئېتىبارىڭلارنى ئۆزەڭلارنىڭ ئىنسانىي پەزىلىتىگە قويمايسىلەر؟
بايلىقنىڭ بايانى:
بايلار پۇلنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى،ئەمما ئىنسانىي خىسلەتنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ قىممەت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇلار ھەرگىزمۇ قىممەتلىك بولغان پۇل ئۈچۈن قىمىتى بىباھا بولغان ئىنسانىي خىسلىتىنى يوقاتمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىنسانىي خىسلىتىدىن ئايرىلىپ قالغاندا، پۇل ھەر قانچە قىممەتلىك ۋە كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ پەقەت ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى، بايلىقنىڭ ئۆزىنىڭ ئىنسانىي خىسلىتىنىڭ يوقىلىشىغا ئەگىشىپ يوقىلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 1-قىىمىدىن ئېلىندى