نامراتلار پۇل بولسىلا خەجلىۋىتىدۇ،بايلار پۇل بىلەن مېڭىسىنى بېيىتىدۇ
نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ
بىرىنچى كىتاپ
ئۈچىنچى باپ ئىككىنچى پارىگىراپ
نامراتلار پۇل بولسىلا خەجلىۋىتىدۇ، بايلار پۇل بىلەن
مېڭىسىنى بېيىتىدۇ
«بۈگۈن مېنىڭ مائاشىم چىقتى، بۇ بىر نەچچە كۈن بىز بىرلىكتە تاماق يەپ، كىنو كۆرۈپ ياخشىراق ئوينىۋالايلى، مەن مېھمان قىلىمەن!»
«مەن يېڭى چىققان يانفوندىن بىرنى كۆرۈپ قويدۇم، سىرتقى شەكلىمۇ كۆركەم،ئىقتىدارلىرىمۇ تولۇقكەن. گەرچە باھاسى سەل قىممەت بولسىمۇ، بىراق مېنىڭ قولۇمدا ئازراق ئېشىنچا پۇل بار، شۇڭا ئەتە ئۇنى سېتىۋېلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن،كىرىمىممۇ ياخشى.»
«ئاي ئاخىرى بولۇپ قولۇم ئازراق قىسقا بولۇپ قالدى، ئاۋۋال ماڭا ئازراق تۇرمۇش پۇلى بېرىپ تۇرۇڭ، كىيىنكى ئايلىق مائاشىم تارقىتىلغاندا قايتۇرۇپ بېرىمەن.»
..........
بۇ خىلدىكى دىئالوگلار بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئېنىقكى گەپ قىلىۋاتقان باش پىرسوناژلار بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان «ئايلىقچىلار»دۇر. ئۇلار ئۆزىنىڭ جاپا تارتىپ تاپقان ئايلىق مائاشىنى يەپ – ئىچىش، ئويناپ-كۈلۈش قاتارلىق كۈندىلىك ئىستىمالغا سەرپ قىلىپ، بۇ پۇللارنىڭ ئۆزىگە ئېلىپ كىلەلەيدىغان قىممىتىنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمايدۇ.
بۇ خىلدىكى پىلانسىز ئىستىمال پۇلنىڭ بەركەتسىز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. گەرچە قولدا پۇل بولسىمۇ ناھايىتى تىزلا خەجلىنىپ تۈگەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن نامراتلىق ھالىتى ئۆزگەرمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن «ئايلىقچىلار» ھەمىشە ئاينىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ناھايىتى بەتخەجلىك قىلىدۇ، كىيىنكى يېرىمىدا «تېشىدا ھېيىت ئويناپ، ئىچىدە روزا تۇتۇش» قا مەجبۇر بولىدۇ. جىددى ئەھۋال يۈز بېرىپ پۇل لازىم بولغاندا، ئۇلار ھەممە تەرەپكە قاتراپ قەرز ئېلىشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇنداق كىشىلەر بىر ئۆمۈر نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ.
بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، پۇلنى چوقۇم ئەڭ ئورۇنلۇق جايلارغا خەجلەش مەسىلىسىمۇ بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقىگە ئايلاندى: نامراتلار ھەمىشە قانچە پۇلى بولسا شۇنچە پۇل خەجلەيدۇ؛ بىراق بايلار پۇل بولسىلا بىلىم قۇرۇلمىسىنى تولۇقلاشقا، توختىماستىن ئۆگىنىپ ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە سەرپ قىلىدۇ. ئۇلار يەپ – ئىچىپ، ئويناشتەك كۈندىلىك تۇرمۇش چىقىملىرىنى ناھايىتى ئىنچىكە قىلىدۇ، ئەمما ئەزەلدىن ئۆزىگە بولغان مەبلەغ سېلىشنى بوشاشتۇرۇپ قويمايدۇ. چۈنكى ئۇلار شۇنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇكى،پەقەت ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ۋە بىلىم سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندىلا، ئاندىن تېخىمۇ كۆپ بايلىقنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
ئاددى قىلىپ ئېيىتقاندا، نامراتلار پەقەتلا بىر ئىستىمالچى، ئەمما بايلار بولسا بىر مەبلەغ سالغۇچى (ئەڭ چوڭ مەبلەغ سېلىش ئوبيېكتى دەل ئۆزى).
شەندۇڭ سىنتې مەبلەغ باشقۇرۇش گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى فەن ئېنجۈن دەل پۇلنى ئۆزىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى تولۇقلاش ئۈچۈن خەجلەيدىغان، ئۆزىگە مەبلەغ سېلىشقا ماھىر، توختىماستىن ئۆگىنىدىغان بايلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى.
شەندۇڭ جىنمېڭدا توغۇلغان فەن ئېنجۈننىڭ ئائىلىسىدە ئىنى – سىڭىللىرى كۆپ بولۇپ، تۇرمۇشى ناھايىتى جاپالىق ئىدى. ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يىنىكلىتىش ئۈچۈن، 1989 –يىلى، ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن فەن ئېنجۈن جىنمېڭدىن ئۆزى يالغۇز جىنەنگە كەلگەن.
پەقەت تولۇق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچقانداق تېخنىكىلىق ماھارەتلەرنى بىلمىگەچكە، فەن ئېنجۈن دەسلەپتە ھېچقانداق خىزمەت تاپالمايدۇ. بىرئاز ۋاقىتتىن كىيىن، ئۇ تۆمۈر يول مال توشۇش مەيدانىدا مال توشۇش خىزمىتى تاپىدۇ.ئۇ ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ كەچ ياتاتتى. خىزمەت ناھايىتى جاپالىق بولسىمۇ، بىراق تاپقان پۇل ناھايىتى ئاز بولۇپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى ئاران قامدايىتتى.
گەرچە جىنەندىكى تۇرمۇشى ناھايىتى جاپالىق بولسىمۇ، بىراق ئۇ يەنىلا ناھايىتى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرغان، ئۇ پەقەت ئۆزىگە تايىنىپ ئىزچىل ئۆگەنگەندە ۋە تىرىشقانداچوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان بىر كۈنىنىڭ بولىدىغانىقىغا ئىشەنگەن.
مال توشۇش خىزمىتى جەريانىدا، ئۇ تۇيۇقسىز بىر كىيىم – كىچەك كەسپىگە خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش ئېلانىنى كۆرۈپ قاپتۇ. ئۇ قىزىقىش ئىلكىدە بىر سائەتلىك كىيىم تىكىش – كىسىش دەرسنى ئاڭلاپتۇ - دە، ئۇنىڭدا بۇ كەسىپكە نىسبەتەن چوڭقۇر قىزىقىش تۇغۇلۇپتۇ. گەرچە ئەزەلدىن بۇ جەھەتتىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىپ باقمىغان بولسىمۇ، بىراق فەن ئېنجۈن كىيىم – كىچەك كىسىش – تىكىشنىڭ ناھايىتى قىزىقارلىق ۋە ئاددى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، «باشقىلار قىلالىغان ئىكەن مەنمۇ قىلالايمەن.» دىگەنلەرنى ئويلاپتۇ.
بۇ ئوي پەيدا بولغاندىن كىيىن، فەن ئېنجۈن ئەمەلىي ھەركەتكە ئۆتۈپتۇ. يەنى ئاۋۋال ھۈنەر ئۆگىنىشكە تىزىملىتىپتۇ.ھەم ئۆزىنىڭ يېرىم يىلدىن بۇيان ئىقتىساد قىلىپ جۇغلىغان پۇللىرىنى ئېلىپ شەندۇڭ كادىرلارئىنىستىتۇتىغا بېرىپ كىيىم – كىچەك لايىھەلەشنى ئۆگىنىپتۇ.
توختىماستىن ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق فەن ئېنجۈن ئۇ جايدا كىيىم تىكىش تېخنىكىسىنى سىستېمىلىق ئۆگىنىپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە كەسپىي بىلىملەرنى چوڭقۇرلاپ چۈشىنىپتۇ ھەمدە تەربىيلەش سىنىپىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرىنى بىلىۋاپتۇ. ئۇ يەنە ئاكتىپلىق بىلەن ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تازلىق قىلىش، ئېلان تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى چاپلاش ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ بېرىپتۇ.
شۇنداق قىلىپ فەن ئېنجۈن 20 كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ 40 كۈندە ئۆگىنىشكە تىگىشلىك بولغان بىلىملەرنى ئۆگىنىۋاپتۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن فەن ئېنجۈن جىنەن يەنشەن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ بىرسىنىپىنى ئىجارىگە ئېلىپ ئۆزىنىڭ تىككۈچىلىك كۇرسىنى باشلاپتۇ. ھالبۇكى فەن ئېنجۈننىڭ بىرىنچى سائەتلىك دەرسى كۆڭۈلدىكىدەك بولماپتۇ. ئوقۇتۇش تەجىرىبىسى بولمىغاچقا، ئۇ 15 مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىككى سائەتلىك دەرسنى سۆزلەپ بوپتۇ.بىرىنچى سائەتلىك دەرستىن كىيىنلا ئوقۇغۇچىلار بەس – بەستە چېكىنىشنى تەلەپ قىپتۇ.بىرىنچى قېتىم مۇنبەرگە چىقىپ ئەمدىلا ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش پىلانىنى باشلىغان فەن ئېنجۈنگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا بۇ بىر ئېغىر زەربە ھېسابلىناتتى.
بىراق فەن ئېنجۈن بۇ سەۋەبلىك ۋاز كەچمەپتۇ. ئۇ تىرىشچانلىق بىلەن ئوقۇتقۇچىدىن تەكرار ئۆگىنىپ ئۆزىنىڭ بىلىملىرىنى تولۇقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە تىجەپ يىغقان پارچە پۇللىرىغا ئوقۇتۇشقا ئائىت كىتابلارنى سېتىۋاپتۇ. «قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە» دىگەندەك، ئۇنىڭ دەرسى ئاخىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قارىشى ئېلىشىغا ئېرىشىپتۇ.
1991 – يىلى 21 ياشقا كىرگەن فەن ئېنجۈن ئۆزىنىڭ بىر نەچچە ئوقۇغۇچىسى بىلەن بىرلىكتە 3 دانە تىكىش ماشىنىسى بىلەن ئۆزىنىڭ كىيىم – كىچەك زاۋۇتىنى قۇرۇپتۇ. كىيىم تىكىش تېخنىكىسى ياخشى ۋە سۈپەتكە قويۇلىدىغان تەلەپ يۇقىرى بولغاچقا، زاۋۇتنىڭ سودىسى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، فەن ئېنجۈن ئۆزىنىڭ دەسلەپكى كاپىتال جۇغلانمىسىنى توپلاپتۇ.
كىيىم –كىچەك كەسپىدىكى مۇلازىمەت سەۋىيىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە فەن ئېنجۈن ئېلان-تەشۋىقات، باغۇ – بوستانلىق جەھەتلەردىكى بىلىملەرنىمۇ ئۆگىنىپتۇ، ھەمدە بازار تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىلگىرى – كىيىن بولۇپ ئېلان شىركىتى، باغ – ئورمانچىلىق شىركىتى قاتارلىقلارنى قۇرۇپتۇ.
ئىگىلىكىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ فەن ئېنجۈننىڭ بېكار ۋاقىتلىرىمۇ بارغانسىرى ئازلاپتۇ،بىراق ئۇ ئەزەلدىن ئۆگىنىشنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ.ئەكسىچە ئىزچىل تىرىشچانلىق بىلەن ئۆزىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ تولۇقلاپتۇ. چۈنكى ئۇ پەقەت توختىماستىن ئۆگەنگەندىلا ئۆزىنىڭ شىركىتىنى تېخىمۇ ئوزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى. 2001 – يىلى فەن ئېنجۈن شەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتىتىغا كىرىپ سىستېمىلىق ھالدا باشقۇرۇش ئىلمى جەھەتتىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە باشلاپتۇ. 2007 – يىلى يەنە تىيەنجىن ئۇنىۋېرسىتىتىغا كىرىپ سودا – سانائەت باشقۇرۇش ماگېستىر، دوكتۇر ئاسپىرانتلىقىدائوقۇپتۇ.
شۇنداق قىلىپ فەنئېنجۈن توختىماستىن ئۆگىنىپ ئۆز بىلىمىنى تولۇقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كارخانىسىنىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇپ مال – مۈلكىنىمۇ كۆپەيتىپتۇ.
فورد شىركىتىنىڭ تېخنىكا نازارەتچىسى لۇيىس. لوس ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: «سىزنىڭ كەسپىي ھاياتىڭىزدىكى بىلىملەرنىڭ كالا سۈتىگە ئوخشاش يېڭى ساقلىنىدىغان مەزگىلى بولىدۇ.ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ بىلىمىنى توختىماستىن يېڭىلاپ تۇرمىسىڭىز،سۈت تىزلا بۇزۇلۇپ قالغانغا ئوخشاش ، سىزنىڭ كەسپىي بىلىمىڭىزنىڭ ھاياتى كۈچى ناھايىتى تىزلا ئاخىرلىشىدۇ».
فەن ئېنجۈن بۇ قائىدىنى ناھايتى ياخشى چۈشەنگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەتتىن بوشىغان ۋاقىتلىرىدا ئىزچىل ئۆگەنگەن .گەرچە دەسلەپتە تاپقان پۇلى كۆپ ئەمەس، تۇرمۇشى ناھايىتى جاپالىق بولسىمۇ، بىراق ئۇ جاپا تارتىپ يىغقان پۇللىرىنى ئۆگىنىشكە سەرپ قىلغان. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇ بىر تولۇق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە يۈك توشۇش ئىشچىسىدىن قەدەممۇ – قەدەم ھالدا مال – مۈلكى مىلياردتىن ئاشىدىغان كارخانا خوجايىنىغا ئايلانغان.
شۇنداق،بۈگۈنكى توختاۋسىز ئۆزگۈرىۋاتقان سودا جەمئىيىتىدە، مال – مۈلۈككە ئىگە بولۇش ۋە سودا مەيدانىدا مەغلۇب بولماسلىق ئۈچۈن، چوقۇم ئىزچىل ئۆگىنىش ۋە پۇلنى «ئىككى مۈرىنىڭ ئۈستىدىكى قاپاق» قا سەرپ قىلىپ، ئۇنى بىلىم،ئەقىل خەزىنىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.فەن ئېنجۈندەك بايلارنىڭ ھەممىسى بۇ قائىدىنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار پۇلىنىڭ بىر قىسىمىنى ئۆزىنىڭ «ئۆگىنىش مەبلىغى» قىلىپ، قەرەللىك ھالدا ئۆزىنىڭ ئۆگىنىشىگە مەبلەغ سالىدۇ. بۇ خىل مەبلەغ سېلىش قارىماققا تېز ئۈنۈم بەرمىگەندەك قىلسىمۇ ، بىراق ئوزۇن مەزگىلنى كۆزلىگەندە ئەڭ ئاقىلانىلىك بىلەن سالغان مەبلەغ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بايلىقنىڭ بايانى:
ئەگەر بىرئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولماقچى بولسا چوقۇم ئۆزىنىڭ مال – مۈلكىگەئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. بىر ھەقىقىي باي ھەرگىزمۇ پۇل بولسىلا قالايمىقان خەجلىمەيدۇ. ئەمەلىي قىممىتى يوق ئىستىمالغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئۇ پۇلنى ئۆزىنىڭ مېڭىسىگە مەبلەغ قىلىپ سېلىشنى تېخىمۇ خالايدۇ. ئىزچىل ئۆگىنىپ ئۆزىنى تولۇقلايدۇ، پۇلنى ئۆزىنىڭ شەكىلسىز مەبلىغىگە ئايلاندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ بايلىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن ياردەمچى قىلىدۇ.
خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان
نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك ناملىق كىتاب
2014-يىلى ئەقىدە شىركىتى تەرجىمە قىلدى
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام