بايلار ھەركىتى ئارقىلىق بايلىق ئىشىكىنى ئاچىدۇ
سۈرەتتە : دۇنيا مىليادىرلىرىنىڭ بىرى ، تايلاند مىليادىرى ، تايلاند جېڭدا گوروھىنىڭ قۇرغۇچىسى شېيې گومىن 谢国民
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
نامراتلار ھەمىشەخىيال قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. «ئەگەر بالدۇراق مەبلەغ سالغان بولسام، بەلكىم مەنمۇ باي بولغان بولاتتىم» بۇ ئۇلارنىڭ دائىم دەيدىغان سۆزىدۇر. لېكىن بايلار ئوخشىمايدۇ،ئۇلار «ھەركەتلەنمىسە غەلبە قىلغىلى بولمايدۇ» دىگەن ئىدىيىنى ئۇلۇغلايدۇ. مەيلى قانچىلىك ئۇلۇغ نىشان بولسۇن، ئەگەر ھەركەت قىلمىسا، ئەمەلگە ئاشمايدۇ دەپ قارايدۇ.
كۆپچىلىك ھەممىسى بىلىدۇ. ئېگىز بىنالار بىر خىش - بىر خىشتىن قوپۇرۇلغان ،ھەر قانداق شانلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى كىچىك ئىشلاردىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ بارلىققا كەلگەن.مەيلى تۇرمۇشتا ياكى خىزمەتتە بولسۇن، بىر قىسىم كىشلەر گەرچە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئويلىسىمۇ، لىكىن كىچىك ئىشلارنى كۆرەلمەيدۇ، كىچىك ئىشلاردىن باشلاشنى خالىمايدۇ، ھەمىشە چوڭ ئىش قىلىشنى خىيال قىلىدۇ، لىكىن چوڭ ئىش ئۇلارنى ساقلاپ تۇرمايدۇ-دە! بۇ خىل ئەھۋالدا، مۇنداق كىشلەرنىڭ ۋۇجۇدى قاخشاش بىلەن تولىدۇ،جەمئىيەتنى ئۆزىگە ئادىل بولمىدى دەپ قارايدۇ. شۇ سەۋەبتىن بىكارچىلىقتا كۈن ئۆتكۈزىدۇ ۋە ئەقلى نامرات بۇلۇپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ تىپىك نەزىرى ئۈستۈنلۈك،ھالى بوشلۇق. چوڭ ئىشنى قىلالمايدۇ. كىچىك ئىشنى قىلىشنى خالىمايدۇ. بۇنداق كىشلەرنىڭ تەقدىرىگە نامرات ئۆتۈش پۈتۈلۈپ كەتكەن.
خەنزۇ تىلى فاكولتىتىنى پۈتتۈرگەن بىر ئوقۇغۇچىنىڭ يېزىقچىلىق قابىليىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ،بىر پارچە ھېكايە يېزىشنى ئويلاپتۇ ھەمدە يازغان ئەسىرىنىڭ كىشلەر تەرىپىدىن ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرۈيدىغان داڭلىق ئەسەرگە ئايلىنىشنى خىيال قىپتۇ.شۇنداق بولغاچقا ئۇ بىر قىسىم كىچىك ماقالىلەرگە قارىتا ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىدە يۈرۈپتۇ. ئۇ بۇنداق كىچىك ماقالىلەرنى يېزىشنىڭ قانداقمۇ تەرەققىيات ئىستىقبالى بولسۇن دەپ قاراپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ كۈن بويى خىيال بىلەن ئۈتۈپ ھەركەت قىلماپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ داڭلىق ھىكايە يېزىپ چىقالمايلا قالماستىن، كىچىك ماقاللىلەرنىمۇ يېزىپ چىقالماپتۇ.ئاخىرى نۇرغۇن ۋاقتىنى بىكار ئىسراپ قىلىۋېتىپتۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە بولغىنى يەنە بىرخەنزۇتىلى فاكولتىتىدا ئوقۇمىغان ئوقۇغۇچىنىڭ يېزىقچىلىقى ئادەتتىكىچە بولۇپ، لېكىن ئۇكۆپ يىللاردىن بېرى ئىزچىل كىچىك ماقالىلەرنى يېزىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈپتۇ. ۋاقىت ئۆتكەنسىرى، ئۇنىڭ يېزىقچىلىققا بولغان تونۇشىمۇ چوڭقۇرلاپتۇ. يېزىقچىلىق سەۋىيىسىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپتۇ. ئاخىرى ئۇ رومان يېزىشقا كىرىشپتۇ. يازغان ئەسىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياختۇرىشىغا ئېرىشىپتۇ. سېتىلىشىمۇ ئىزچىل ياخشى ھالەتنى ساقلاپ كەپتۇ. ئۇ بۇ نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئۆزىنىڭ غايىسىنى غەلبىلىك ئەمەلگە ئاشۇرۇپتۇ.
ئوخشاش بولمىغان ھەركەت ئۇسۇلى ئىككى خىل ئوخشاش بولمىغان كىشلىك ھاياتىنى يارىتىدۇ.بۇ قانۇنىيەت يەنە بەلگىلىك قائىدىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: كىشلىك ھاياتتا ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيەتنىڭ كۆپىنچىسى كىچىك ئىشلاردىن باشلانغان.بايلىققا ئېرىششتىمۇ كىچىك ئىشلاردىن باشلاش زۆرۈر. غەلبە قازىنىش ياكى مەغلۇب بولۇش بىر ئادەمنىڭ نىشاننى تاللاپ بولغاندىن كىيىن،قۇرۇق خام-خىيال قىلىشىغا ئەمەس بەلكى دەرھال ھەركەتلەنگەن ياكى ھەركەتلەنمىگەنلىكىگە باغلىق، . ھەركەتلىنىش جەريانىدا مەسىلىگە يولۇقسا دەرھال ھەل قىلىش كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ئارزۇيىڭىزسىزدىن يىراقلاپ كەتمەيدۇ. ئەگەر ھەركەتلەنمەيدىكەنسىز سىز بەلكىم ھېچقانداق ئىشتا غەلبە قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن.
«ئەگەر رېئاللىقنى بىر قىرغاققا تەمسىل قىلساق، غايە قارشى قىرغاقتۇر. ئوتتۇرسىنى بىر دەريا ئايرىپ تۇرىدۇ، ئۇنداقتا ھەركەتلىنىش دەريا ئۈستىگە سېلىنغان كۆۋرۈككە ئوخشايدۇ» بۇپەلسەپىۋى قائىدىگە ئىگە سۆز كىشلەرگە پەقەت ھەركەت قىلغاندىلا ئاندىن نەتىجە بولدىغانلىقىدەك بىردىنبىر پىرىنسىپنى بايان قىلىدۇ. ھەر قانداق چوڭ مەقسەت ياكى پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا كونكېرىت ھەركەت قوللىنىش كېرەك.بولمىسا بۇ نىشان ۋە پىلان پەقەت گۈزەل رىۋايەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ.
ياپۇنيەلىك«باشقۇرۇش پىشۋاسى» داۋشىڭ خېپۇ ئىلگىرى« ياخشى پىلانلاش، ياخشى تەپەككۇر قىلغانغا يەتمەيدۇ، ياخشى تەپەككۇر قىلىش ياخشى ھەركەت قىلغانغا يەتمەيدۇ. نامراتلار دائىم ھەركەت ھالقىسىدا بايلارغا يېڭىلىپ قالىدۇ.» دىگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھەركەتلىنىش كۈچىنى ئەتراپلىق تەپەككۇر قىلىش ھەمدە پىلانلاشقا قارىغاندا تېخىمۇ ئەمەلىي ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ مۇۋەپپەقىيەت ياخشى بولغان ھەركەتلىنىش ئادىتىدىن باشلىنىدۇ.
رېئال تۇرمۇشتا بايلارنىڭ ھەركەتلىنىش كۈچىگە بولغان چۈشىنىشى تولىمۇ چوڭقۇر. ئۇلارنىڭ قارىشچە ئەگەر ھەركەتلىنىش كەمچىل بولسا،ئادەم غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايلا قالماي، بەلكى غايىسىنى چوڭقۇر كۈمىۋېتىشى مۇمكىن. پەقەت ھەركەت بولسىلا ئاندىن غايىسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى، بايلىق ئۇرۇقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىخلاندۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ. ئىجتىمائى تۇرمۇشتا ھەر بىرنامرات ئادەمنىڭ ئارزۇسى بولىدۇ. ھەممىسى ئۆزىنىڭ نامرات تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە ئارزۇسى ئۈچۈن ھەركەت قىلىدىغان ئادەملەر ناھايىتىمۇ ئاز. بىر قىسىم كىشلەر كۆز ئالدىدىكى مەسلىنى ئېغىر ياكى ئېچىنىشلىق دەپ قاراپ ئادەتلەنگەن، قىيىنچىلىقنى چوڭايتىۋەتكەن. بۇ ھال تېخى ھەركەتلەنمەي تۇرۇپلا ئۆزىنى ئىنكار قىلىش، ھەتتا ئارزۇ-ئارمانلىرىنى قوغلىشىدىغان ئىرادىسى ۋە ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچىدىن مەھرۇم قىلىش، ئەڭ ئاخىرىدا بايلىقتىن قۇرۇق قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.جەزملەشتۈرۈشكە بولىدىغىنى، بايلار پەقەت خىيال قىلشنىلا بىلىدىغان ھەركەت قىلمايدىغان خىيالپەرەس ئەمەس، ئۇلاردا كەلگۈسىگە بولغان گۈزەل ئارزۇ-ئىستەكلەربار. ئۇلار ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ھەركەت قىلىش ئارقىلىق ئارزۇ-ئارمانلىرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ. نامراتلار ئېرىششكە تەشنا، لېكىن ھەركەت قىلمايدۇ.بايلار توختاۋسىز ھەركەت قىلغاچقا نامراتلار ئېرىشەلمەيدىغان بايلىققا ئىرىشىدۇ.
شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، غەلبىگە ئېرىشكەندىكى ئەڭ چوڭ خوشاللىق نەتىجىنىڭ قانداق بولۇشىدا ئەمەس، مۇھىمى نەتىجىگە ئېرىشىش جەريانىدىكى ھەر بىر ھالقىلاردا. بۇ ھالقىلار ۋە ھەركەتلىنىش جەريانىنى غەلبىگە تەلپۈنگەن ئادەم پەقەت ھەركەت ئارقىلىق غەلبىگە ئېرىشكەندىلا ئاندىن ھەقىقى ھىس قىلالايدۇ.
مەلۇم تەرەپتىن ئالغاندا ئالغاندا، دۇنيادا ھەر قانداق بىر ئارزۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىش مۇمكىنچىلىكى بار. لېكىن ئارزۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغىنى باشقا نەرسە ئەمەس، دەل ھەركەت. ھەركەت بولمىسا نەتىجە بولمايدۇ. نۇرغۇن نامراتلارنىڭ نامرات بولۇشىنىڭ سەۋەبى ئۇلاردا ھەركەت كەمچىل، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى سۇغا چىلىشىدۇ.
شۇڭىلاشقا بايغا ئايلىنىمەن دەيدىكەنمىز، ئاۋال قىينچىلىققا تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشىمىزلازىم. چۈنكى ماڭغان ھەر بىر قەدىمىمىزدە خىيىم - خەتەرگە، قىينچىلىققا ياكى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشىمىز مۇمكىن. ئەگەر بىر ئادەم ماشىنا ھەيدەپ كالفورنىيە شىتاتىدىن نىيۇيوركقا بېرىش ئۈچۈن ھەمىشە قاتناش قىستاڭچىلىقى يۈز بەرمەيدىغان، ھاۋاسى ياخشى ،ھەر قانداق كۈتۈلمەسلىك يۈز بەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن يولغا چىقىشنى ئويلىسا، ئۇنداقتا ئۇ مەڭگۈ ماشىنا ھەيدەپ يولغا چىقالمايدۇ. بۇ ئەھۋالنى نەزەردە تۇتقاندا كىشلەرنىڭ قىلالايدىغىنى ئىشتىن ئاۋال يول يۈرۈش لېنىيەسىنى بېكىتىش ھەمدە ماشىنىنى ياخشى ئاسراش، شۇنداق بولغاندىلا بەلكىم كۈتۈلمىگەن ئەھۋالنى كونترول قىلغىلى بولۇشى مۇمكىن.
ئۇنىڭدىن باشقا،ھەركەت جەريانىدا قىيىنچىلىققا يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلىش لازىم. ئوڭۇشسىزلىق ۋەقىينچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈش ناھايىتىمۇ نورمال ئىش. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىزدەش بولسا ئاقىلانە تاللاش. جەزملەشتۈرۈشكە بولىدۈكى، ئاشۇ بايلىققا ئېرىشكەن بايلارنىڭ ھەركەتلىنىشتىن بۇرۇن مەسلىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ بولغان بولۇشى ناتايىن. ئەكسىچە ھەركەت جەريانىدا ئۇچرىغان ئوڭۇشسىزلىقنى تىزسۈرئەتتە بويسۇندۇرالىغان بولۇشى مۇمكىن.
كۈن بويى خىيالغا غەرق بۇلۇپ، ھەركەت قىلماسلىق پىشىپ يىتىلمىگەنلىكنىڭ ئىپادىسى. ‹ تەپەككۇر قىلىشقاجۈرئەت قىلىش › دىگەن بۇ جۈملە ھەقىقەتەنمۇ تەكىتلەشكە ئەرزىيدۇ. لىكىن ئىشنى كەينىگە سۆرەپ ھەركەت قوللانمىسا، ھىچ ئىشنى قىلغىلى بولمايدۇ.
20-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە ئامېركىنىڭ مېسسىپى شىتاتىدىكى بىر ياش ئۆزىنىڭ ئاجايىپ تالانتىنى نامايەت قىلغان. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇ ئەسكەر بولغان، ئالىي مەكتەپتىمۇ بىر يىل ئوقۇغان. كىيىن شۇ يەردىكى پوچتىخانىدا مۇدىرلىق ۋەزىپىسىگە تەينلەنگەن. ئۇنىڭ ئارزۇسى شائىر بولۇش بولغانلىقتىن نەچچە خىزمەت ئالماشتۇرغان لىكىن داۋاملاشتۇرۇپ كىتەلمىگەن. باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئۇ ھىچ ئىش قىلالمايدىغان ئادەم بولۇپ، ۋاقىت سۇدەك ئۆتۇپ كەتكەن. 30 ياشقا كىرگەن چاغدا، ئۇ يەنىلا ئاۋالقىدەك بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈسىتىگە يىغىپ قويغان پۇلىمۇ يوق ئىدى. ئەزەلدىن ھەقىقى بىر شېئىر يېزىپمۇ باقمىغان ئىدى. شۇڭىلاشقا نۇرغۇن ئادەم ئۇنى كۆزگە ئىلمايىتتى. رېئاللىقتىكى بېسىم سەۋەبىدىن ئۇ يېڭى ئورلىئانغا كەلگەن. ئۇ يەرگە بېرىپ ئۇ ئاۋالقىدەكلا تۇرمۇش كەچۈرگەن. بىر داڭلىق يازغۇچىغا يولۇققاندىن كىيىنلا ئۇنىڭ تۇرمۇشى ئۆزگەرگەن. يازغۇچى ئۇنىڭغا «ياشلار غەلبە قىلىمەن دەيدىكەن ھەركەت قىلىش كېرەك،كاللاڭنى خىيالغا توشتۇرۋېتىش ھەرگىزمۇ ساڭا ياردەم قىلالمايدۇ. ھازىر سېنىڭ يېزىشىڭغا ئەڭ لايىق بولغىنى سېنىڭ يۇرتۇڭ. پەقەت يۇرتۇڭنى يېزىشلا سېنىڭ غايەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مەنبەسى» دىگەن. ئۇ چۈشىدىن ئويغانغاندەك بولۇپ يۇرتىغا قايتىپ، قېتىرقىنىپ ئەستايىدىل يېزىشنى باشلىغان. شۇنىڭدىن كىيىن ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن دۇنيا مىقياسىدا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن روماننى يېزىپ چىققان. بۇ كىشى بولسا 1949-يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋېليام خولكېنىر.
ئويلاپ بېقىڭ،ئەگەر ۋېليام خولكېنىرشائىر بولۇشنى خىيال قىلىپ ھىچقانداق ھەركەت قىلمىسا، بەلكىم ئۇ پەقەت باشقىلار كۆزىنى چەكچەيتىپ قارايدىغان نامرات ئادەم بولۇشى مۇمكىن. تەبرىكلەشكە ئەرزىيدىغىنى ئۇ ھەركەتلىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يەتكەندىن كىيىن، ئىلگىرىكى خام - خىياللىرىنى تاشلاپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەركىتىنى ئىشقاسېلىپ قېتىرقىنىپ
يېزىقچىلىق قىلغان، ھەمدە ئاخىرى غەلبىگە ئېرىشكەن.
بايلىقنىڭ بايانى:
ھەر قانداق ئادەم پەقەت ھەركەت ئارقىلىق بايلىق يارىتالايدۇ، ئۆزىنىڭ تەغدىرىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ ھالىتىنى ئۆزگەرتىمەن دەيدىكەنسىز قۇرۇق خام-خىيال قىلماڭ. دەرھال ھەركەتلىنىڭ، بۇ بولسا بايلىق ئېشىكىنى ئاچىدىغان ئەڭ قىممەتلىك ئاچقۇچ.
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 2-قىسمىدىن ئېلىندى