A-A+

خاتالىق ئۆتكۈزۈپ باققان ھەمدە ناھايىتى ئەقىللىق كىشىلەربىلەن ھەمكارلىشىش لازىم

2015-يىل 8-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 177 قېتىم

مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى

48cb3cfd-6653-4408-ab50-887c34a234ec

8-دەرس 7-پارىگىراپ

خاتالىق ئۆتكۈزۈپ باققان ھەمدە ناھايىتى ئەقىللىق

كىشىلەربىلەن ھەمكارلىشىش لازىم

نۇرغۇنلىغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئىگىلىك تىكلەشتىكى ھەمراھىنى تاللىغاندا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ باققان كىشىلەرنى تاللاشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلار ئىلگىرى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەر كېيىن نېمىلا ئىش قىلسا ئاسانلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمما شۇنى بىلىش كېرەككى، بۇ خىلدىكى كىشىلەر ئىلگىرى مۇۋەپپەقىيەتنىڭ تەمىنى تېتىپ باققان بولغاچقا، يەنە باشقا ئىشلارنى قىلسا ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ ئاسانلا تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ.

مايۈننىڭ قارىشىچە، شېرىك تاللىغاندا چوقۇم خاتالىق ئۆتكۈزۈپ باققان ھەمدە ئەقللىق كىشىلەرنى تاللاش لازىم. بۇ خىل كىشىلەر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ باققان بولغاچقا نۇرغۇنلىغان تەجرىبە-ساۋاقلارغا ئىگە بولغان بولىدۇ-دە، ئىش قىلغاندا تېخىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن قىلىدىغان بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار ئىلگىرى خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولغاچقا، ئۇلار خاتالىقىنى تۈزىتىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ھەمىشە ئانچە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىمايلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ تىرىشچان بولىدۇ.

كېيىن، ئالى بابا ۋە ياخۇنىڭ ھەمكارلىقى مايۈننىڭ قارىشىنىڭ توغرىلىقىنى يېتەرلىك ئىسپاتلاپ بەرگەن. ياخۇنىڭ جۇڭگو بازىرىغا رەسمىي كىرگەن ۋاقتى 1999-يىللىرى ئىدى، ئۇ ۋاقىتلاردا جۇڭگونىڭ ئىنتېرنېت كەسپى بىخلىنىۋاتقان دەۋر بولغاچقا، ياخۇ ئامېرىكىدىكى سودا ئەندىزىسىنى جۇڭگوغا كۆچۈرۈپ كىرگەن. كېيىن جۇڭگونىڭ يەرلىك ئىنتېرنېت كارخانىلىرى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغان ھەمدە ئىنتېرنېتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، ئەمما بۇ ۋاقىتتا ياخۇ ئۆزىنىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى يۆنىلىشىنى يوقىتىپ قويغان بولۇپ، ئىنتېرنېتنىڭ ھەر بىر ساھەسىگە دېگۈدەك كىرىپ باققان.

ئالى بابا ياخۇنى سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن، ياخۇنىڭ جۇڭگودا سوسۇ، مېنخۇ، 3721 تورى، SP كەسپ سۇپىسى، يەنە بىر سودا تورى ۋە ئىزدەش تورى بار ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە سوسۇ ئومۇمىي سودا سوممىسىنىڭ %50 ىنى ئىگىلەيىتتى، SP كەسپ سۇپىسى ۋە ئېلانچىلىق ئىككىنچى ئورۇندا تۇراتتى. ئىزدەش كەسپى جەھەتتە، 3721 تورى %80 لىك تىجارەت ئۈلۈشىنى ئىگىلەيىتتى.

سېتىۋېلىنغاندىن كېيىن، ياخۇنىڭ جۇڭگودا قوللانغان «ئىشلەتكۈچى+ئىزدەش» ئىستىراتېگىيەسىگە  مايۈن تەرىپىدىن «ئىزدەش» دەپ قايتا ئېنىقلىما بېرىلدى. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، ياخۇنىڭ جۇڭگودىكى كەسپلىرى قايتا تەڭشىلىپ، SP كەسپ سۇپىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بۇنىڭغا نىسبەتەن مايۈن مۇنداق ئىككى نوقتىنى ئويلانغان ئىدى: SP كەسپ سۇپىسى ۋە ياخۇنىڭ كەلگۈسى كەسپ نىشانى بىردەك ئەمەس (SP نىڭ تولۇق ئاتىلىشى Service Provider بولۇپ، كۆچمە ئىنتېرنېت مۇلازىمىتىنىڭ بىۋاستە تەمىنلىگۈچىسى .ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تەلپىگە ئاساسەن يان تېلېفوندا ئىشلىتىشكە ماس كېلىدىغان مۇلازىمەتنى ئېچىش ۋە تەمىنلەشنى كۆرسىتىدۇ.)؛ يەنە بىر تەرەپتىن ياخۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى SP كەسپ سۇپىسىدا ساغلام بولمىغان مەزمۇنلار بار ئىدى. يەنە بىر قىسىم كىچىك ئېلانلارمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

مايۈن مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ ياخۇنى تاللىشىمىزدىكى سەۋەب: ياخۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار تېخنىكىغا ۋە جۇڭگودىكى يەتتە يىللىق تەجرىبىگە ئىگە. ئۆتكۈزگەن خاتالىقىمىز بولسۇن ياكى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىز بولسۇن ھەممىسى بىزنىڭ تەرەققىياتىمىزنىڭ ئاساسى.»

مايۈننىڭ قارىشىچە، ئىنتېرنېت يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان شەيئى بولغاچقا، ھەر قانداق ئىنتېرنېت شىركىتى سانسىزلىغان ناتونۇش نەرسىلەرگە ئۇچرايىتتى. پەقەت خاتالىق ئۆتكۈزگەندىلا ئاندىن تەجرىبىگە ئىگە بولغىلى بولاتتى، ھەمدە بىر قىسىم كارخانىلار دەل بۇنداق تەجرىبىگە جىددى ئېھتىياجلىق ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، خاتالىقمۇ بىر خىل كاپىتال ھېسابلىناتتى. پەقەت ئېرىشكەن تەجرىبىلەرنى كارخانىلارغا تەتبىقلىغاندىلا ئاندىن ئوخشاش خاتالىقنى ئۆتكۈزۈشتىن ساقلانغىلى بولاتتى.

ياخۇنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى روسگېرنىڭ قارىشىچە، ئىككى تەرەپنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەمكارلىشىشى ياخۇنىڭ جۇڭگودا غەلبە قازىنىشىدىكى مۇھىم ئامىل ئىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئۇسۇل ياخۇنىڭ ياپونىيەدە قوللانغان ئۇسۇلى بىلەن بىردەك بولۇپ، يەرلىكتە ھەمكارلاشقۇچى تاپقاندىن كېيىن، ياخۇ ئەڭ ئىشەنچىلىك كاپىتال ۋە ئەڭ ئىلغار تېخنىكىنى ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈپ، ئاخىرىدا غەلبىنى قولغا كەلتۈرەلەيىتتى. چۈنكى ياخۇ شۇنىڭغا ئىشىنەتتىكى، جۇڭگونىڭ ئىنتېرنېت كەسپى كەلگۈسى بەش يىلدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىنتېرنېت بازىرىغا ئايلىناتتى.»

مۇنەۋۋەر ئادەملەرگە نىسبەتەن، خاتالىق ئۆتكۈزۈش بەزىدە ئۇلارنى  دەل ھەقىقەتنى بايقايدىغان پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. پەقەت خاتالىق ئۆتكۈزگەندىلا، ئۇلار ئاندىن مەسىلىنىڭ نېگىزنى بايقىيالايدۇ، ھەمدە بۇنىڭدىن نۇرغۇنلىغان ساۋاق ئالالايدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ كېيىن ئوخشاش ئىشنى قىلغاندا توسقۇنلۇقتىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ بىۋاستە ئىلگىرىلىشىگە پايدىلىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ خىل ئادەملەر مەغلۇب بولۇپ باققان بولغاچقا، ئىش قىلغاندا نىشان ۋە پىلانغا تېخىمۇ ئېتىبار بېرىپ، كونكېرىت ئۇسۇل ۋە قەدەم-باسقۇچلار بويىچە ئىش بېجىرىدۇ.

گەرچە بىز خاتالىق ئۆتكۈزۈپ باققان كىشىلەرنى ھەمكارلىققا تاللاشنىڭ پايدىلىق تەرىپىنى چۈشەنگەن بولساقمۇ، ئەگەر بۇ ئادەم ئەقىللىق بولماي، پەقەت خاتالىق ئۆتكۈزۈشنى بىلىدىغان ئەمما خاتالىقتىن تەجرىبە جۇغلاشنى بىلمەيدىغان ئادەم بولسا يەنە ھەمكارلىققا ماس كەلمەيدۇ.

شۇنداق بىر قىسىم كىشىلەر باركى، ناھايىتى تېز غەلبە قىلىشنى ئويلايدۇ، ئىش قىلغاندا قارىغۇلارچە تىرىشىدۇ، ئاخىرىدا مەغلۇب بولغاندىن كېيىنمۇ نېمە خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلمەيدۇ. بىز ئامالنىڭ بارىچە بۇنداق كىشىلەر بىلەن ھەمكارلاشماسلىقىمىز كېرەك، بۇنداق كىشىلەر پۈتكۈل ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا سىزگە ھېچقانداق ياردەم قىلالمايلا قالماستىن، يەنە سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.

ئومۇمەن ئېيىتقاندا، ئىگىلىك تىكلەشتىكى ھەمراھ تاللاش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇپ  بولۇشقا بېرىپ تاقىلىدىغان مۇھىم مەسىلە، شۇڭا بۇ مەسىلىگە جەزمەن يۈكسەك ئېتىبار بېرىش كېرەك. ئەگەر ئىگىلىك تىكلەش يولىدا بىر ياخشى ھەمراھنى تاللىۋالساق، ئۇنداقتا كېيىنكى مۇساپىلەردە ئەگرى يوللارنى ئاز ماڭىمىز.

***************

مەنبە : چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى

<< مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى >> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى  شىركىتى– ئۇيغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ