خوتەن قاشلىرىنىڭ قىممىتى(باھاسى)نى بەلگۈلەيدىغان يەتتە ئامىل(7)
7. خوتەن قاشلىرىنىڭ قىممىتى ( باھاسى ) نى ئۇنىڭ شەكلى بەلگىلەيدۇ
和田玉的形态
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت قىسقارتىپ تەرجىمە قىلدى
1.خوتەن قاشلىرىنىڭ شەكلى ۋە قىممىتى
خوتەن قاشلىرى مىليون يىللىق تەبىئىي ھادىسىلەرگە ئۇچراش جەريانىدا ئۇرۇلۇپ-سۇقۇلۇپ ، تۈزلىنىپ ، سىلىقلىنىپ ھازىرقى ھالەتكە كەلگەن.
شەكلى ، ھالىتى ئۆزگىچە ، چاپانلىرى شوخ پارقىراق خوتەن قاشلىرى كىشىلەرنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەن بولسا چاپىنىدا يارىلىشىدىن ئۆزگىچە شەكىل ، رەسىم ، سان-سىپىر بولغان زىرە قاشلار ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك گۆھەر قاتارىدا ئاقسۆڭەكلەر جەمەتىنىڭ مەڭگۈلۈك مىراسىغا ئايلانماقتا.
زىرە قاشنىڭ ئۆزگىچە شەكلى كەڭ خوتەن قاش مەستانىلىرىغا ئاجايىپ ئىستىتىك گۈزەللىك تۇيغۇسى بېغىشلاپ شۇ قاشنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدە مۇھىم رول ئوينىماقتا.
2.خوتەن قاشنىڭ تەبىئىي شەكلى دەل تەبىئەتنىڭ قاشقا ئاتا قىلغان سوۋغىسى
زىرە قاشلارنىڭ تەبىئىي شەكلى زېمىندىكى تۈرلۈك-تۈمەن گۆھەرلەرنىڭ ئارىسىدا ئۆزگىچە بىر شەكىل.زىرە قاش بىلەن كان قاشنىڭ فىزىكا-خىمىيەلىك خۇسۇسىيىتى ئوخشىشىدۇ.
مىليون يىللىق مىسلىسىز ئۆزگىرىش جەريانىدا كان قاشلىرى ھازىرقى گۈزەل شەكىلگە كىرگەن.زىرە قاشلارمۇ تاغلاردىن سىرىلىپ چۈشۈپ ، باشقا تاشلارغا ئۇرۇلۇپ سۇقۇلۇپ ، پەسىللەرنىڭ ئاملىشىش جەريانىدا ھازىرقى تەبىئىي جەلىپكار ، گۈزەل شەكىلگە كىرگەن.
زىرە قاشلارنىڭ شەكىللىنىش جەريانى ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر جەريان.بىراق مۇشۇ مۇرەككەپ جەرياننى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىقلا زىرە قاشلاردا تەر تۈشۈكچىسى شەكىللىنىپ ھازىرقى تەبىئىي گۈزەل شەكىلگە كىرگەن.
قىممەتلىك ، ئۆزگىچە تەبىئىي شەكىللىك زىرە قاشلارمۇ شۇنداق مۇرەككەپ جەرياننى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق شەكىللەنگەن ئەلۋەتتە !
3.زىرە قاشلىرىنىڭ شەكلىدىكى ئالاھىدىلىك
جاھاندا بىر-بىرىگە ئوپمۇئوخشاش زىرە قاش ئۇچرىماس.ھەر بىر زىرە قاشنىڭ چىققان ئورنى ۋە شەكىللەنگەن ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىغا ئاساسەن سۈپىتى ۋە شەكلىمۇ ئوخشىمايدۇ.
ئۇششاق زىرە قاشلار ئاساسەن يۇمىلاق ، پارقىراق كېلىدۇ.چوڭ قاشلارنىڭ بىر يۈزى سۈپەتلىك بولسىمۇ يەنە بىر يۈزى سۈپەتسىز بولىدىغان ئەھۋاللار ئۇچراپ تۇرىدۇ.
4. زىرە قاشلىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان شەكىللەر
(1) چوققا ( تاغ ) شەكىللىك زىرە قاش
كەڭ قاش مەستانىلىرى ۋە يىغىپ ساقلىغۇچىلار تەبىئىي زىرە قاشلار ئارىسىدا چوققا شەكىللىك زىرە قاشنى ئەڭ ياقتۇرىدۇ . چوققا شەكىللىك زىرە قاشلار شەكلى ئۆزگىچە ، سۈپىتى ياخشى توق پارقىراق كېلىدىغان بولۇپ (باھاسىمۇ قىممەت ) تەبىئىي ھالىتىدە ھۇزۇرلىنىشىمۇ ھەم ھەرخىل ئويمىلارنى ئۇيۇشقىمۇ بولىدۇ.بولۇپمۇ تاغقا مۇناسىۋەتلىك ئويمىلارنى ئويسا يىغىپ ساقلىغۇچىلار تالىشىپ تۇرۇپ سېتىۋالىدۇ.
(2) يۇمىلاق شەكىللىك زىرە قاش
تەبىئىي زىرە قاشلار ئارىسىدا يۇمىلاق شەكىلدىكى زىرە قاشلار ئاز ئۇچرايدىغان ، قىممەتلىك گۆھەر ھېسابلىنىدۇ.يۇمىلاق قاشلارنىڭ ( يۇمىلاق بولۇپ ) شەكىللىنىشىگە ئىنتايىن ئۇزاق ۋاقىت كەتكەچكە ناھايىتى سۈپەتلىك ، پارقىراق كېلىدۇ.
(3) تىلىمچە شەكىللىك زىرە قاش
كان قاشلىرىنىڭ تاغلاردىن دومىلاپ چۈشۈپ ، دەريا -ئېقىنلاردا ئۇرۇلۇپ -سۇقۇلۇپ پارچىلىنىپ ئۆزگىرىش نەتىجىىسدە تىلىمچە شەكىللىك زىرە قاشلار شەكىللەنگەن.
تىلىمچە شەكىللىك زىرە قاشلار ئۇزۇن ،ئىنچىكە بولغاچقا ئەيىپى ئاسانلا كۆزگە چېلىقىدۇ.بۇ خىل زىرە قاشلارنىڭ شەكلى ئۆزگىچە بولغاچقا ئويمىچىلارنىڭ ئويمىچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىشىدىكى سۈيۈملۈك ماتىريالى ھېسابلىنىدۇ.
(4) ياپىلاق شەكىللىك زىرە قاش
ياپىلاق شەكىل زىرە قاشلاردا ئاز ، كان قاشلىرى ۋە ئۆتكۈنچى قاشلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.لاھىيەسى ئوبدان بولسىلا ياپىلاق شەكىللىك قاشلاردىنمۇ ئۆزگىچە ئويمىلارنى ئۇيۇپ چىقارغىلى بولىدۇ.
( 5 ) تاققا - تۇققا شەكىللىك زىرە قاش
قاراقۇرۇم باغرىدىكى دەريا-ئېقىنلاردا تاققا-تۇققا شەكىلدىكى زىرە قاشلار ؛ ئالتۇن تاغ باغرىدىكى چۆللەردە تاققا - تۇققا شەكىلدىكى ئۆتكۈنچى قاشلار كۆپ ئۇچرايدۇ.ئەگەر شەكلى تاققا-تۇققا بولغان شۇ قاش يارام بولسىلا ئاجايىپ ئېسىل ئويمىلارنى ئۇيۇپ چىققىلى بولىدۇ.جۇڭگدىكى داڭلىق ئويمىچىلىق ئۇستىسى فەن توڭشېڭ بىر پارچە شەكلى تاققا-تۇققا زىرە قاشتا << ئۆگىنىشتىكى ئۇتۇقلىرىم >> دەپ بىر دانە ئاياق ئۇيۇپ جۇڭگۇ قاش ئويمىچىلىقى بارچە گۈللەر مۇكاپاتىنىڭ ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشكەن .
سۈرەتتە : ئالتۇن مېدال ساھىبى ، زىرە قاش ئويما << ئۆگىنىشتىكى ئۇتۇقلىرىم >>
5 . ئۆزگىچە شەكىل ، ئۆزگىچە قىممەت
شەكلى ئۆزگىچە ، يارام بولغان ، 30 ~ 300 گرام ئارلىقىدىكى زىرە قاشلار يىغىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ ئالدىن تاللىشى . ئۆزگىچە شەكىللىك زىرە قاشلار ياراتقۇچىنىڭ ئىلتىپاتى ، زېمىندىكى قىممەتلىك گۆھەر.ھېچقانداق ئەيىپ نۇقسانى يوق ، مۇكەممەل زىرە قاشلاردىن يىغىپ ساقلىغۇچىلار تەبىئىي ھالىتىدە ھۇزۇرلىنىدۇ ( ئويمايدۇ ) . زىرە قاشلاردا ئانچە - مۇنچە نۇقسان ( دەز ، يېرىق ، دۇغ .... ) بولغان تەقدىردىمۇ ئويمىچىلار ئۆزگىچە لاھىيەسى ۋە يۇقىرى سەۋىيە-تېخنىكىسى بىلەن بۇ نۇقسانلارنى گۈزەللىككە ئايلاندۇرىدۇ.
**********
ئاپتۇر ھەققىدە :
چى باۋجىيا 池宝嘉 ___________
جوڭگۇ خوتەن قاش بازار تەھلىلچىسى
شىنجاڭ خوتەن قاشلىرى تارىخىي موزىيىنىڭ قۇرغۇچىسى، باشلىقى
‹‹جوڭگۇ خوتەن قاشلىرى ›› ژورنىلىنىڭ باشلىقى
شىنجاڭ مەرىپەت ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ فراپىسسورى
بېيجىڭ دېۋېيلەن 德威兰 مەدەنىيەت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى
2016-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى
مەنبە : << جۇڭگۇ خوتەن قاشلىرى >> ( 中国和田玉杂志 ) ژۇرنىلى 24-سان