نامراتلار تىز ئۆزگىرىدۇ، بايلار جاھىل كېلىدۇ
نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ
( بىرىنچى كىتاپ )
5-باپ 7-پارىگىراپ
نامراتلار تىز ئۆزگىرىدۇ، بايلار جاھىل كېلىدۇ
نۇرغۇنلىغان نامراتلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلالماسلىقىدىكى سەۋەب ئۇلارنىڭ ئەقلىنىڭ ئازبولغانلىقىدىن، ياكى ئۇلارنىڭ تەلىيى ئوڭ كەلمىگەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلاردا جاھىل روھنىڭ كەمچىل بولغانلىقىدا.
ناپالىيون ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: «نىشانغا يىتىشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار – تىرىشچانلىق ۋە ئەمەلىي كۈچ. ئەمەلىي كۈچ ئائىلە كېلىپ چىقىشى ياخشى بولغان كىشلەرگە مەنسۇپ،بىراق تىرىشچانلىق ھەربىر ئادەمگە مەنسۇپ.» ئەمەلىيەتتە ھازىرقى جەمئىيەتتە ئائىلەكېلىپ چىقىشى ياخشى بولمىغان كىشىلەردىمۇ ئەگەر جاھىللىق بىلەن تىرىشىدىغان روھ بولمىسا، ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىمۇ توزغاقتەك توزۇپ كېتىدۇ. كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى،جاھىللىق بىلەن تىركىشىدىغان روھ كىشىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا كەم بولسا بولمايدۇ، مۇنداق روھ بايلىق قوغلىشىش يولىدىمۇ ئوخشاشلا مۇھىم.
ماقال –تەمسىللەردە شۇنداق دىيىلگەن: «مۇۋەپپەقىيەت سىناپ بېقىشقا باغلىق.» ئېنىقكى مۇۋەپپەقىيەت سىناپ بېقىشقا مۇھتاج، بىراق بارلىق سىناپ بېقىشلارنىڭ ھەممىسىدە غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس، ئەگەر ھەمىشە تىرىشماستىن ئۆزگىرىپ تۇرغاندا، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ تەمىنى تېتىش مۇمكىن ئەمەس. پەقەت نىشاننى ئېنىق بەلگىلەپ ھەمدە جاھىللىق بىلەن تىرىشقاندىلا ھەقىقىي بايلىق سىزگە مەنسۇب بولىدۇ.
ھالبۇكى رېئال تۇرمۇشتا يەنە نۇرغۇنلىغان ئۆزىنىڭ خاتالىقلىرىدا چىڭ تۇرۋالىدىغان ئادەملەربار، ئۇلار قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىققا يولۇقسىلا ۋاز كېچىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلاردا يېرىم يولدا بەل قويۋىتىدىغان، تىزلا ئۆزگىرىدىغان ئىشلار دائىم يۈزبېرىدۇ. بۇمۇ ئۇلارنىڭ پىشانىسىگە باي بولۇش قىسمىتى پۈتۈلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇ نۇقتىدا بايلارنىڭ ئەۋزەللىكى ناھايىتى گەۋدىلىك. قەدىمدىن – ھازىرغىچە جۇڭگو ۋە چەتئەللەرنىڭ تارىخىدا ئۆتكەن ھەربىر بايدا جاھىللىق بىلەن تىركىشىش روھى بار. دۇنياغا داڭلىق خوندا ئاپتوموبىللىرىنىڭ قۇرغۇچىسى بېنتىيەن زوڭيىلاڭ دەل بۇ خىلدىكى بايلارنىڭ تىپىك ۋە گەۋدىلىك ۋەكىلى.
بېنتىيەن زوڭيىلاڭ 1906 – يىلى ياپونىيەدىكى بىر نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا مېخانىكىلىق ئۈسكۈنىلەرگە ناھايىتى قىزىقاتتى. 1922– يىلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن، ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن ئۇئاتا – ئانىسىنىڭ قارىشى تۇرۇشىغا قارىماستىن، توكيودىكى بىر ئاپتوموبىل رېمونت زاۋۇتىدا شاگىرىت بولىدۇ.
ئالتە يىللىق تىرىشىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بېنتىيەن زوڭيىلاڭ ئۇستام بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. ئارقىدىنلا ئۇ يۇرتىغا قايتىپ ئاپتوموبىل رېمونت زاۋۇتى قۇرۇپ چىقىدۇ.ھۈنىرى ياخشى، مۇلازىمىتى ئەتراپلىق بولغاچقا، رېمونت زاۋۇتىنىڭ سودىسى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. بىراق يىراقنى كۆزلەيدىغان بېنتىيەن زوڭيىلاڭ بۇنىڭ بىلەن قانائەت ھاسىل قىلمايدۇ، شۇنداق قىلىپ 1934 – يىلى، ئۇ ئۆزىگە تەۋە بولغان دوڭخەي سەرخىل ماشىنىلار شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئىلگىرىكى رېمونتچىلىق مۇلازىمىتىدىن ۋاز كېچىپ،ئاپتوموبىلنىڭ پارچە دېتاللىرىنى ئىشلەپ چىقىرىشقا باشلايدۇ.
1937 – يىلى بېنتىيەن زوڭيىلاڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاپتوموبىلدىكى ھالقىلىق دېتال پورشىن ھالقىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقىدۇ. ئىككىنچى يىلى، بېنتىيەن زوڭيىلاڭ ئۆزىىڭ بىر قىسىم مال – مۈلكىنى سېتىپ، سۈپەتلىك بولغان پورشىن ھالقىسى تەتقىقاتىغا كىرىشىدۇ.
تىزدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تەتقىق قىلىپ چىقىش ئۈچۈن، بېنتىيەن زوڭيىلاڭ كېچىلەپ خىزمەت قىلىپ، چارچىغاندا خىزمەت ئۈستىلىدە بىرئاز مۈگىدىۋالىدۇ. مەبلەغ قىسلىشىپ ئائىلىدە ساتىدىغان نەرسە قالمىغاندا ئۇ ئايالىنىڭ زىننەت بويۇملىرىنى نەق پۇلغا ئالماشتۇرۇپ، تەتقىقاتقا كېرەكلىك ماتېرىيال سېتىۋالىدۇ.
بىر نەچچە ئايلىق تىرىشىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بېنتىيەن زوڭيىلاڭ ئاخىرى دەسلەپكى نۇسخىسىنى ياساپ چىقىدۇ. ئۇ ئۈمىد – ئىشەنچكە تولغان ھالدا ئۆزىنىڭ كەشپىياتىنى تويوتا شىركىتىگە سېتىپ بەرمەكچى بولىدۇ، بىراق قارىشى تەرەپنىڭ قوپاللىق بىلەن رەت قىلىشىغا ئۇچرايدۇ. تويوتا شىركىتىنىڭ تېخنىك خادىمىنىڭ قارىشىچە، ئۇ تەتقىق قىلىپ چىققان سۈپەتلىك پورشىن ھالقىسىنى ئوخشاش تۈردىكى باشقا مەھسۇلاتلارغا سېلىشتۇرغاندا، ھېچقانداق گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى يوق ئىدى.
تويوتا شىركىتىنىڭ رەت قىلىشى بېنتىيەن زوڭيىلاڭنىڭ بېشىغا سوغۇق سۇ چاچقاندەك ئىش بوپتۇ،بىراق ئۇ بۇ سەۋەبلىك ۋاز كەچمىگەن. قارىشى تەرەپنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، بېنتىيەن زوڭيىلاڭ تېخىمۇ كۆپ نەزەرىيىۋى بىلىملەرنى ئۆگەنمەكچى بولغان،شۇنىڭ بىلەن ئۇ قايتىدىن مەكتەپكە قايتىپ كېلىپ نەزەرىيە ئۆگىنىشكە باشلىغان. ئۇئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلارنىڭ مەسخىرىسىگە پىسەنت قىلماستىن ئىزچىل ئۆگەنگەن،دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا پورشىن ھالقىسى تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرغان.
ئىككى يىللىق توختىماستىن تىرىشىش ئارقىلىق تويوتا شىركىتى ئاخىرى بېنتىيەن زوڭيىلاڭ بىلەن پورشىن ھالقىسى سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپتۇ. شىركەتنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، بېنتىيەن زوڭيىلاڭ يېڭى زاۋۇت قۇرماقچى بوپتۇ، بىراق ئەينى ۋاقىتتا ئىككىن چىدۇنيا ئۇرۇشى بولغاچقا، ماددى ئەشيالار ناھايىتى قىس بولۇپ، سېمونت سېتىۋالغىلى بولمايىتتى.ئەمما بېنتىيەن زوڭيىلاڭ بۇ سەۋەبلىك بەل قويىۋەتمىگەن، ئۇ ۋە ھەمراھلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، ئۇلار بىرلىكتە سېمونت ياساشنىڭ يېڭىچە ئۇسۇلىنى تېپىپ چىققان، ھەمدە زاۋۇت قۇرۇلۇشىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغان.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، بېنتىيەن زوڭيىلاڭنىڭ زاۋۇتى ئىككى قېتىملىق بومباردىمانغا يولۇقۇپ، نۇرغۇنلىغان ئەسلىھەلەر ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. بۇ ئەسلىھەلەرنى رېمونت قىلىشتا كۆپ مىقداردىكى پولات – تۆمۈر لازىم بولاتتى، بىراق ئەينى ۋاقىتتىكى مۇھىم ئىستىراتىگىيىلىك ماددى ئەشيا بولغاچقا، پولات – تۆمۈرنى قەتئىي سېتىۋالغىلى بولمايىتتى. شۇنداق قىلىپ، بېنتىيەن زوڭيىلاڭ پۈتكۈل خادىملارنى سەپەرۋەر قىلىپ سىرتتىن ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىلىدىن چۈشۈپ قالغان ماي باكىنى تىرىۋېلىپ، بۇنى ئەسلىھەلەرنى ئوڭشاشتىكى ماتېرىيال قىلغان.
ھالبۇكى، ئوزۇن ئۆتمەستىنلا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق يەرتەۋرەشتە بېنتىيەن زوڭيىلاڭنىڭ زاۋۇتى خارابىگە ئايلىنىپ قالغان. تىجارىتى قىيىنلاشقان بېنتىيەن زوڭيىلاڭ ئامالسىزلىقتىن پورشىن ھالقىسى ياساش تېخنىكىسىنى تويوتا شىركىتىگە سېتىپ بەرگەن. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ يەنىلا ۋازكەچمىگەن، ئۇنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىش ئارزۇسى ئىزچىل كۈچىيىپ بارغان.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كىيىن، ياپونىيەدە ماي ناھايىتى كەمچىل بولۇپ،نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ماشىنا ئىشلىتىشكە ئامالسىز قالغان. بېنتىيەن زوڭيىلاڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ماتورنى ۋېلسىپىتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ ساتقان، نەتىجىدە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ياختۇرۇشىغا ئېرىشىپ، كۆپچىلىك ھەممەيلەن نەق پۇلغا مال ئالغىلى بارغان. سودىنىڭ بۇنداق ياخشى بولغانلىقىنى كۆرگەن بېنتىيەن زوڭيىلاڭ زاۋۇت قۇرۇپ مەخسۇس بۇ خىل مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى قارار قىلغان. ھالبۇكى ئەينى ۋاقىتتا مەبلەغ قىس بولۇش ئەڭ قىيىن مەسىلە بولۇپ، ئويلىنىش ئارقىلىق بېنتىيەن زوڭيىلاڭ ھەربىر ۋېلسىپىت دۇكىنىغا خەت يېزىپ مەبلەغ توپلاشنى قارار قىلغان، ئاخىرىدا ئېھتىياجلىق بولغان مەبلەغنى يىغىۋالغان.
توختىماستىن جۇغلىنىش ۋە تىرىشىش ئارقىلىق، بېنتىيەن زوڭيىلاڭ 20 – ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ ماشىنىلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىشقا باشلىغان. بۈگۈنكى كۈندە، خوندا ماشىنىسى ئاللىقاچان دۇنيادىكى داڭلىق ماركىلىق ماشىنىغا ئايلانغان.
كىچىك شاگىرتتىن رېمونت زاۋۇتىنىڭ خوجايىنلىقىغىچە، ماشىنىلارنىڭ پارچە زاپچاسلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىشتىن ئۆزىگە تەۋە بولغان ماشىنا ماركىسىغا ئىگە بولۇشقىچە بولغان جەرياندا، بېنتىيەن زوڭيىلاڭ بىر قەدەم – بىر قەدەمدىن نۇرغۇن يوللارنى بېسىپ،نۇرغۇنلىغان بوران – چاپقۇنلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، بىراق ئۇ بۇ سەۋەبلىك ۋازكەچمىگەن، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ ئىزچىل تىرىشىدىغان جاھىل روھىغا تايىنىپ ئۇچرىغان قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىققا خاتىمە بەرگەن، ئاخىرىدا بايلىق مۇنارىنىڭ چوققىسىغا چىققان.
ئەگەرئىزچىل تىرىشىدىغان جاھىل روھ بولمىسا، بېنتىيەن زوڭيىلاڭ تويوتا شىركىتىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغاندىن كىيىن داۋاملىق سۈپەتلىك پورشىن ھالقىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانمايىتتى؛ ئەگەر تىزلا ئۆزگىرىپ، داۋاملىق يېرىم يولدا ۋاز كەچسە،بېنتىيەن زوڭيىلاڭنىڭ سېمونتنى تەتقىق قىلىپ يېڭىدىن زاۋۇت قۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى، ماي باكى تىرىپ بۇزۇلغان ئەسلىھەلەرنى رېمونت قىلىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى، زاۋۇتى يەر تەۋرەش سەۋەبلىك گۇمران بولغاندا قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشى ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەگەر ئىزچىل تىرىشىدىغان جاھىل روھ بولمىسا،بېنتىيەن زوڭيىلاڭ كۆپ بىلىم ۋە يۇقىرى تېخنىكىسى بولسىمۇ، ئۆزىگە تەۋە بولغان بايلىقنى قولغا كەلتۈرەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، تىزلا ئۆزگىرىدىغان ئادەت بايلىق يولىدىكى توسالغۇ،جاھىللىق بىلەن تىرىشىدىغان روھ بولسا بايلىق يولىدىكى ئەڭگۈشتەر. بۇنىڭغا نىسبەتەن، ئەلى بابا گورۇھىنىڭ باش لېدىرى مايۈن ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: «مەن كىچىىمدىن دۆت، ھازىرمۇ ئۆزۈمنى ئەقىللىق چاغلىيالمايمەن، بەزىدە كاستوم كەيسەممۇئۆزۈمنى بىئارام بولغاندەك ھېس قىلىمەن. مېنىڭ كومپيۇتېر بىلىملىرىممۇ ناھايىتى چەكلىك، تور سودىسىنى، تور بېكەت بىلىملىرىنى چۈشەنمەيمەن. بىراق مەن مەڭگۈ ۋازكەچمەيمەن. مېنىڭچە، ھەربىر ئادەم بۇ نۇقتىنى قىلالىسا، ماڭا ئوخشايدىغان %80ئادەم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ.» شۇنداق، خۇددى مايۈننىڭ ئېيىتقىنىدەك، بايلىققا ئېرىشىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىك. ئىزچىل تىرىشىدىغان روھ ئاتالمىش پاراسەت ياكى يۇقىرى ئوقۇش تارىخى ئەمەس.
شۇنىڭ ئۈچۈن، دائىم ئۆزىنىڭ ئوقۇش تارىخىنىڭ تۆۋەن، ئەقلىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىدىن ئاغرىنىپ يۈرۈيدىغان دوستۇم، دەرھال ئويغىنىڭ! ئۆزىڭىزنىڭ نامراتلىقى ۋە مەغلۇبىيىتىنى بۇ ئىشلار سەۋەبلىك دەپ قارىماڭ. ئۆزىڭىزگە قاراپ بېقىڭ، ئۆزىڭىزنىڭ تىزلا ئۆزگىرىدىغان ناچار ئادىتىنىڭ بار – يوقلۇقىغا، ئىزچىل تىرىشىدىغان روھنىڭ كەمچىل ياكى ئەمەسلىكىگە قاراپ بېقىڭ. ئەگەر سىزدە يەنە بايلارغا ئايلىنىش ئىرادىسى بولسا، ئۇنداقتا ھازىردىن باشلاپ ئۆزىڭىزنىڭ تىزلا ئۆزگىرىدىغان ناچارئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتىپ، بايلارنىڭ ئىزچىل تىرىشىدىغان روھىنى ئۆگىنىڭ!
بايلىقنىڭ بايانى:
نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولۇش يولىدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا،نامراتلار ناھايىتى تىزلا ئۆزگىرىپ بالدۇرلا ۋاز كېچىدۇ، نەتىجىدە بايلىققا ئېرىشەلمەيدۇ؛ بايلار ئىزچىللىق بىلەن تىرىشىپ بەل قويۇۋەتمىگەچكە، ئاخىرىدا بايلىقنىڭ چوققىسىغا چىقالايدۇ. ئەگەر نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولماقچى بولساق،ھەرۋاقىت تىزلا ئۆزگىرىپ بەل قويۋىتىدىغان ئادەتتىن يىراق تۇرۇشىمىز، ئىزچىل تىرىشىدىغان جاھىللىق روھىنى يىتىلدۈرۈشمىز كېرەك.
*****************************************
مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى-ئويغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام
2014-يىلى .جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى