خوتەن قاشلىرىنىڭ قىممىتى(باھاسى)نى بەلگۈلەيدىغان يەتتە ئامىل(4)
4 . خوتەن قاشلىرىنىڭ قىممىتى ( باھاسى )نى ئۇنىڭ سۈپىتى بەلگىلەيدۇ
和田玉的质地
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت قىسقارتىپ تەرجىمە قىلدى
خوتەن قاشلىرىنىڭ سۈپىتى ئۇنىڭ قىممىتىنى بەلگۈلەيدىغان ناھايتى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ،ئۇنىڭ سۈپىتىگە تۆۋەندىكى ئامىللار تەسىر كۆرسىتىدۇ:
1 . قاشنىڭ سۈپىتىگە تەسىر قىلىدىغان ئامىللار
(1) زىچلىقى
گۆھەر تاشلارغا نىسپەتەن زىچلىقى ئىنتايىن مۇھىم . خوتەن قاشلىرىدىمۇ زىچلىقى يۇقىرى بولغان قاشلارنىڭ باھاسى زىچلىقى تۆۋەن قاشلارنىڭكىدىن قىممەت بولىدۇ .
خوتەن قاش ساھەسىدىكىلەر << قاشنىڭ زىچلىقى بىلەن سىپتىلىقى ئوخشىمايدۇ ، سىپتىلىقى خوتەن قاشلىرىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىدىكى مالوكىلارنىڭ ( كىچىك دانىچىلارنىڭ ) چوڭ - كىچىكلىكىنى كۆرسىتىدۇ . زىچلىقى بولسا ئىچكى قۇرۇلمىسىنىڭ مۇرەككەپ تۈزۈلىشى ( يەنى مالوكىلارنىڭ ئارىسىدىكى زەررىچىلىك بوشلۇقلارنى ) كۆرسىتىدۇ >>دەپ قارايدۇ .
مىكروسكوپتا خوتەن قاشلىرىنى 10 ھەسسە چوڭايتىپ كۆرگىنىمىزدە قاشنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى ئېنىق كۆرۈنسە بۇ بىر قەدەر ئادەتتىكى خوتەن قاش ، ئەگەر ئىچكى قۇرۇلمىسى ئېنىق كۆرۈنمەي قالسا ئىنتايىن سۈپەتلىك خوتەن زىرە قاش ھېسابلىنىدۇ .
(2) ساپلىقى
بىر پارچە قاشنىڭ ساپلىقى (پاكىزلىقى ) ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىر پارچە ساپلىقى يۇقىرى قاش بولۇشى ئۈچۈن شۇ قاشنىڭ ئۆزىدە چېچەك ، دۇغ ، تۇمۇر ، يېرىقچىلار ناھايىتى ئاز ياكى يوقدىيەرلىك بۇلۇشى كېرەك ئەلۋەتتە .
خوتەن قاشلىرىنىڭ ئىچىدە ئاق ، كۆك ، كۈكۈش قاشلارنىڭ ساپلىق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ.
تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ داتوڭ كېنىدىن چىقىدىغان قاراكۆك قاشنىڭ قاتتىقلىقى ، زىچلىقى ، جۇلاسى ئىنتايىن ياخشى.خوتەن قارا قاشلىرىنىڭ ئېسىلى ھېسابلىنىدۇ . بىراق ساپلىقى ياخشى بولمىغاچقا ( يېرىقچا ، چېچەكلىرى كۆپ ) پايدىلىنىش ئۈنۈمى بەك تۆۋەن.
(3) جۇلاسى
خوتەن قاشلىرىنى باشقا قاش-تاشلاردىن ئالاھىدە پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكنىڭ بىرى دەل خوتەن قاشلىرىنىڭ جۇلاسى . ئەگەر جۇلالىسى بولمىسا خوتەن قاشلىرىنىڭ قاشتېشى چوڭ ئائىلىسىدە تۇتىۋاتقان ئالاھىدە ئورنىمۇ بولمايدۇ. ئاقلىقىنى دېسەك روسىيە ۋە چىڭخەي قاشلىرى خوتەن قاشلرىىدىن ئاق . پاكىزلىقىنى دېسەك خوتەن قاشلىرىدىن پاكىز قاشلار كۆپ . جۇلاسى ۋە قاتتىقلىقى بولغاچقىلا خوتەن قاشلىرى كىشىلەرنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.
خوتەن قاشلىرىنىڭ جۇلاسى بىلەن ئىچكى قۇرۇلمىسى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، قاشنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى زىچ بولغاندىلا جۇلاسىمۇ ياخشى بولىدۇ.
(4) قاتتىقلىق دەرىجىسى
خوتەن قاشلىرىنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى ئادەتتە 6 ~ 6.5 كىچە بولىدۇ . قاتتىلىق دەرىجىسى 6.9 بولغان خوتەن قاشلىرى ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ.روسىيە قاشلىرىنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى خوتەن قاشلىرىدىن تۆۋەن بولىدۇ . چىڭخەي قاشلىرىنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى روسىيە قاشلىرىدىن تۆۋەن بولىدۇ.كورىيە قاشلىرىنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى چىڭخەي قاشلىرىدىن تۆۋەن بولىدۇ .
خوتەن قاشلىرىنىڭ ئىچىدە كۆك قاش ۋە يېشىل قاشنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى ئاق قاشنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ.زىرە قاشلارنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى كان قاشلىرىنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ.
(5) يۇرۇقلۇق دەرىجىسى
كىشىلەر خوتەن قاشلىرىنىڭ گۈزەللىكىدىن باشقا يۇرۇقلۇق دەرىجىسىگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. قاشلار ئاساسەن يۇرۇق ، يېرىم يۇرۇق بولۇپ ئىلىكتىر ياغقاندا ئۆزىگە نۇر ئۆتكۈزمىگىنى تاش ھېسابلىنىدۇ.
كەسپ ئىگىلىرىنىڭ بۇ قاش بەك تۇتۇقكەن دېگىنى شۇ قاشنىڭ يۇرۇقلۇقنىڭ دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىكىنى ھەم گۆشىنىڭ تېخى ۋايىغا يېتىپ پىشمىغانلىقىنى ؛ بۇ قاش بەك سۈزۈككەن دىگىنى قاشنىڭ يۇرۇقلىق دەرىجىسىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى سۈپەتلىك قاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
2 . سۈپىتى ۋە باھاسى
( 1 ) ئۆزگىچە گۈزەللىكى
نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان خوتەن قاشلىرى ئۆزگىچە گۈزەللىكى ، سىلىقلىقى ، پارقىراقلىقى ، قاتتىقلىقى ، چىدامچانلىقى بىلەن جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ روھى تۈۋرىكى بولۇپ كەلمەكتە.
( 2 ) خام ئەشيا مەنبەسى كەمچىل
خوتەن قاشلىرى ئاز بولغاچقا قىممەتلىك . ھازىر قارايدىغان بولساق ئەتراپىمىزدا قاش دۇكانلىرى ، قاش ئويمىلار ناھايىتى كۆپ.بىراق بىرەر پارچە يارام قاش سېتىۋېلىش خېلىلا قىيىن. نۇرغۇن قاش مەستانىلىرى پۇل خەجلەپمۇ كۆڭلىدىكىدەك بىرەر تال بىلەيزۈك سېتىۋالالمايۋاتىدۇ.
بىر كىلو قاشتىن بىر تال بىلەيزۈك چىقىدۇ دەپ پەرەز قىلساق ، نەدىمۇ ئۇنداق كۆپ دەز-يېرىقچىسى يوق ، ئاپئاق سۈزۈك قۇيرۇق قاش بىزنى ساقلاپ تۇرسۇن ؟
خوتەن قاشلىرىنىڭ 90 % رەڭلىك ، 10 % ئاق چىقىدىغان بولۇپ ، قۇيرۇق قاش بۇ 10 % ئاق قاشنىڭ 1 % تىنىمۇ تەشكىل قىلمايدۇ . ھازىرقى قاش بازىرىدا چوڭ قۇيرۇق قاشنى تېپىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس ، كىچىك قۇيرۇق قاشلارمۇ ئاساسەن شەربەتلىك ئاق قاش ۋە چىڭخۇا قاشلىرىنىڭ ئىچىدىن ناھايىتى ئاز ساندا چىقىۋاتىدۇ.توردا ۋە ئالبۇملاردا ئېقىپ يۈرگەن ئېسىل قاشلارنىڭ ھەممىسى كۆرگەزمىخانىلاردا ساقلىنىۋاتىدۇ.
( 3 ) ئېسىل ئويمىلارنىڭ سۈپەتلىك خام ماتىريالغا بولغان تەلىپى
ھازىرقى قاش بازىرىدا ئەڭ مودا بولىۋاتقان بىلەيزۈك ، تەمتەك ، ئىلاھى ئويما ..... قاتارلىق ئويمىلارنى ئويۇشقا ئاساسەن يارام قاش ماتىريالى تاللىنىدۇ.نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان قېزىلىپ ئاساسەن تۈگەش باسقۇچىغا بېرىپ قالغان خوتەن قاشلىرىنىڭ بۇ ئېھتىياجلارنى قاندۇرۇپ بۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس.
بىر ئېگىزلىكى 30 سانتىمىتىر كېلىدىغان قاش لوڭقا ياكى دىئامىتىرى 15 سانتىمىتىر كېلىدىغان قاش ئىسرىقداننى ئويۇشقا ئوتتۇرچە ئالتە كىلو سۈزۈك ، پاكىز دەز-يېرىقچىسى يوق خام ماتىريال كېتىدۇ. خام ماتىريالى يارام بولمىسا ئويمىنىڭ ئېسىللىكىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.
ھازىرقى بازاردا روسىيە ، چىڭخەي ، كورىيەنىڭ قاشلىرى كۆپ.بىراق ھېچقايسىنىڭ سۈپىتى خوتەن قاشلىرىنىڭكىگە يەتمەيدۇ.كورىيە قاشلىرىنىڭ قاتتىق دەرىجىسى تۆۋەن ، ئېسىل قاش ئويمىلارنى ئويۇشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.چىڭخەي قاشلىرى بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرالىغان بىلەن يېرىقچا ۋە دۇغلىرى ئېسىل قاش ئويما بولۇپ چىقىشىغا توسالغۇ بولىدۇ.
**********
ئاپتۇر ھەققىدە :
چى باۋجىيا 池宝嘉 ___________
جوڭگۇ خوتەن قاش بازار تەھلىلچىسى
شىنجاڭ خوتەن قاشلىرى تارىخىي موزىيىنىڭ قۇرغۇچىسى، باشلىقى
‹‹جوڭگۇ خوتەن قاشلىرى ›› ژورنىلىنىڭ باشلىقى
شىنجاڭ مەرىپەت ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ فراپىسسورى
بېيجىڭ دېۋېيلەن 德威兰 مەدەنىيەت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى
2016-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى
مەنبە : << جۇڭگۇ خوتەن قاشلىرى >> ( 中国和田玉杂志 ) ژۇرنىلى 7-سان