بايلار بىر قەدەم مېڭىپ ئون قەدەمنى پىلانلايدۇ
سۈرەتتە : شېنجېن دوڭرۇندا گوروھىنىڭ قۇرغۇچىسى ، ئەلى بابا گوروھىنىڭ ئىككىنچى چوڭ پاي چېكى ، مىليادىر خۇاڭ يوۋلوڭ
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
نامراتلار بىر قەدەم مېڭىپ بىر ئارام ئالىدۇ، بايلار بىر قەدەم مېڭىپ ئالدىدىكى ئون قەدەمنى پىلانلايدۇ
بىزدە «ئاياللارنىڭ چېچى ئوزۇن ئەقلى قىسقا» دەيدىغان ماقال بار .ئېنىقكى بۇ بىر جۈملە سۆز ئاياللارنى كەمسىتىش مەنىسىنى ئىپادىلىگەن. ئەمەلىيەتتە يەنە نۇرغۇنلىغان چېچىمۇ ئوزۇن، ئەقلىمۇ ئوزۇن بولغان قابىل ئاياللار بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئىككى قولىغا تايىنىپ ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغان بايلىقلارنى ياراتقان. ھازىرقى جەمئىيىتتە ئەقلى قىسىقىلار ھەرگىزمۇ ئاياللار ئەمەس، ئەكسىچە نامراتلاردۇر.ئۇلار بىر قەدەم مېڭىپ بىر ئارام ئالىدۇ.ئۇلار مەلۇم نىشانغا قاراپ ئىلگىرلىمەكچى بولسا، چوقۇم باشقىلار مېڭىپ تەييار قىلىپ قويغان يولدا ماڭىدۇ.ئۇلارنىڭ پىلانلاش ئېڭى كۈچلۈك ئەمەس، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆمىرىنى پاتپاراقچىلىق ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق ئىشتا نەتىجە قازىنالماي،بىر ئۆمۈر نامراتلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ.
نامراتلارنىڭ بىر قەدەم مېڭىپ بىر ئارام ئېلىشىدىكى سەۋەب كۆپىنچە ھاللاردا ئۇلارنىڭ راھەت – پاراغەتكە بېرىلگەنلىكىدىن بولىدۇ. ئۇلار «خوتۇن، بالا، ئىسسىق يوتقان» تىپىدىكى راھەت تۇرمۇشنى قوغلىشىدۇ، ھورۇن بولغاچقا كۈنى ئۆتسىلا كۇپايە،ئاخىرىدا خوتۇن – بالىلىرى تاشلاپ قاچقاندىلا ئاندىن چۆچۈپ ئويغىنىپ،ئۆزىنىڭ نەزەر – دائىرىسىنىڭ تارلىقىدىن پۇشايمان قىلىدۇ.
ھەر بىرئادەمدە ئازدۇر – كۆپتۇر راھەت – پاراغەتكە بېرىلىش ئىستىكى بولىدۇ، بۇ ئىنساننىڭ تەبئىتى. ھالبۇكى بىر ئادەمدە باي بولۇش ئىستىكى تۇغۇلغان ئىكەن، چوقۇم راھەت –پارغەتكە بېرىلىش ئويىنى بويسۇندۇرۇش كېرەك. مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئاشۇ بايلارنىڭ ۋۇجۇدى ھەر ۋاقىت شىجائەت ۋە جاسارەتكە تولغان بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بايلىققا بولغان قىزىقىشى ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك بولۇپ، خۇددى ئېچىرقاپ كەتكەن بۆرە توپلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت ئوۋغا ئاتلىنىشقا تەييار تۇرغىنىغا ئوخشايدۇ.
پۇرسەت پەقەت تەييارلىقى بار كىشىلەرگە مەنسۇب بولىدۇ، بايلار ھەمىشە «بىرلا چاقناپ» يوقاپ كېتىدىغان بايلىق پۇرسىتىنى تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدۇ. ئەمما نامراتلار بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، بايلىق ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرسىمۇ، ئۇلار ئۇنى كۆرۈشكە ئامالسىز قېلىپ ئۇنى قولدىن چىقىرىپ قويىدۇ.
ئەمدىلا ئوقۇش پۈتتۈرگەن بىر ئوقۇغۇچى دوستى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان ۋاقىتتا، دوستى ئۇنىڭغا قىش ۋاقتىدا كومپيۇتېرنىڭ مائوسىنى ئىشلەتكەندە قولنىڭ ئاسانلا توڭلاپ قالىدىغانلىقىدىن ئاغرىنىپ بېرىپتۇ، ئۇ بۇنى كۆڭلىگە مەھكەم پۈكۈپتۇ. ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن ئۇ ئۆزىنىڭ كەسپى تېخنىكىسىغا تايىنىپ بىر جۈپ ئادەتتىكى پەلەي بىلەن مائوسقا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپتۇ، ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن كىيىن مائوس بىر USB ئېغىزى ئارقىلىق ئىسسىيدىغان بوپتۇ، بۇنىڭ بىلەن قولنىڭ توڭلاش مەسىلىسى تۈپتىن ھەل بوپتۇ. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى ،بايلىق كىشىلەردىن يىراقتا ئەمەس، ئۇ كىشىلەرنىڭ يېنىدىلا، مەسىلە سىزدە ئۇنى بايقايدىغان كۆزنىڭ بولۇش –بولماسلىقىدا.
بايلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتە ھەرگىزمۇ بىر قەدەم مېڭىپ بىر ئارام ئېلىشقا بولمايدۇ، ئەكسىچە بىر قەدەم مېڭىپ ئون قەدەم پىلانلاش كېرەك. ئەگەر نامراتلار باي بولماقچى بولسا،بايلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە كۆز قىزارتىپ تۇرۇشقىلا بولمايدۇ، چوقۇم ئۇلارنىڭ بايلىق ئىزدەشتىكى ئەقلىنى ئۆگىنىش كېرەك. كۆپلىگەن ئەمەلىي مىساللار ئىسپاتلىدىكى، بايلىققا قاراشتىكى نەزەر – دائىرە ئوخشاش بولمىسا، قولغا كەلتۈرىدىغان بايلىقمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
جاڭ نەنچۈن بولسا فېنجوڭ ئاخباراتچىلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئۇ جۇڭگونىڭ بىنا سىرتىدىكى ئېلانچىلىقىدىكى بوشلۇقنى تولدۇغان. ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى دەل ئۇنىڭ <بىر قەدەم مېڭىپ ئون قەدەم پىلانلاش>تەك ئۆزىگە خاس نەزىرىدىن كەلگەن.
بىر قېتىم ئۇ بىر دوستى بىلەن سودا ئىشى توغرۇلۇق سۆزلەشكىلى بارغان، ئۇلار لېفىتقا چىققاندا ئۇ كىشىلەرنىڭ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايدىغانلىقىنى، مۇھىتنىڭ ناھايىتى تىنچ ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بۇ ئىش ئۇنى چوڭقۇر ئويلاندۇرغان: جۇڭگودا لېفىتنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ، لېفىتقا چىققاندا كىشىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى يوق،بۇنداقتا لېفىتنىڭ ئىچىگە بىر قىسىم «مەنزىرە» بولىدىغان ئېلانلارنى چاپلاشقا بولامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق قىلغىلى بولسا بۇ لېفىتقا چىققانلارنىڭ زېرىكىشلىك ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈشىگە پايدىلىق،ھەمدە ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدۇ.
جاڭ نەنچۈن بۇ سودا پۇرسىتىنى بايقىغاندىن كىيىن تىزلىكتە ئۆزىنىڭ بىنا ئېلانچىلىقى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپتۇ.بۇنىڭ بىلەن جاڭ نەنچۈننىڭ شىركىتى ناھايىتى تىز تەرەققىي قىلىپ،2005 – يىلى 7 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ئامېرىكىنىڭ ناسىداك شەھىرىدە شىركىتىنىڭ پايچىكىنى بازارغا سېلىپتۇ.
جاڭ نەنچۈن بۇ ئىشقا يۈرۈش قىلغان ۋاقىتتىلا، فېنجوڭ ئاخباراتچىلىقىنىڭ ئۇنى ھامان بىر كۈنى مىليادېرغا ئايلاندۇرالايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغان. ئەكسىچە ھەر كۈنى لېفىتقا چىقىدىغان ئاشۇ كىشىلەر نېمىشقا بۇ سودا پۇرسىتىنى بايقىيالمايدۇ؟ بۇ دەل نەزەر –دائىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان. چۈنكى نامراتلار پۇتىنىڭ ئاستىنىلا كۆرىدۇ، ھەرگىزمۇ «ئون قەدەم» نېرىدىكى «گۈزەل مەنزىرە» لەرنى كۆرەلمەيدۇ.
ئەلۋەتتە بايلارنىڭ ئۆزىگە خاس نەزىرى ھەرگىزمۇ تۇغۇلۇشىدىن بار بولغان ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتا تەپەككۇر قىلىشقا، كۈزىتىشكە ماھىر بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى .بىلىشىمىز كېرەككى،تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلارنى قىلىشتا كۆڭۈل قويمىغاندا، چوڭ ئىشلارنى ھەرگىزمۇ ئەقىل – پاراسەت بىلەن قىلغىلى بولمايدۇ.
نامراتلار كۆز ئالدىدىكى نەق پايدىنى كۆرۈشكە ئامراق، ئۇلار كەلگۈسىدىكى چوڭ پايدىنى كۆرەلمەيدۇ، بىز بۇنى بىر خىل تىراگىدىيە دېيىشكە مەجبۇرمىز. ئۇلاردا ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئىشەنچ كەمچىل بولغاچقا، يىراقتىكى گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرۈشكە ئامالسىز قالغان.
ھەقىقى ۋەقەلىككە ئاساسەن يېزىلغان مۇنداق بىر ھېكمەتلىك سودا ھېكايىسى بار:
مەلۇم بىر شەھەردە كىيىم – كىچەك ئىشلەيدىغان ئىككى زاۋۇت بولۇپ، بىرىنىڭ مەبلىغى ناھايىتى كۆپ بولغاچقا شەھەردىكى باشلامچى كارخانا ئىكەن. يەنە بىرىنىڭ ئانچە نامى چىقمىغان بولۇپ، بۇ كارخانىنى بىلىدىغان كىشىلەرمۇ كۆپ ئەمەسكەن.
بىر قېتىم،ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ سودىگەرلىرى بۇ «چوڭ زاۋۇت» نى تېپىپ كىيىم زاكاس قىلىپتۇ. ياپونىيەنىڭ زاكاس تالونى 400 مىڭ يۈەن، ئامېرىكىنىڭ 100 مىڭ يۈەن ئىكەن. ئامېرىكىلىق سودىگەر، ئەگەر بۇ تۇنجى قېتىملىق مال ياخشى ئىشلەنسە ئۇلار بىلەن ئوزۇنغىچە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى، ھەر يىلى مىليون يۈەندىن ئارتۇق مال زاكاس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. «چوڭ زاۋۇت» نىڭ خوجايىنى <ياپونىيە سودىگىرىنىڭ زاكاس مېلىنىڭ پايدىسى كۆپ ئىكەن، ئامېرىكېلىق سودىگەر گەرچە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ،بىراق «قۇرۇق تېرە تاراقشىتقان» بولۇشى مۇمكىن> دىگەنلەرنى ئويلاپتۇ.ھەم كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنىلا كۆرۈپ، ياپونىيە تەرەپنىڭ زاكاس مېلىنى قوبۇل قىپتۇ.
«كىچىك زاۋۇت» «چوڭ زاۋۇت» نىڭ ئامېرىكىلىق سودىگەر بىلەن ھەمكارلاشمىغانلىقىنى ئاڭلاپ،دەرھال دۆلەت ئىچىدىكى ئۇششاق – چۈششەك زاكاسلارنى قايتۇرۋېتىپتۇ، ھەمدە پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ ئامېرىكىلىق سودىگەرنىڭ مال زاكاس تالۇنىغا ئېرىشىپتۇ. ھەمدە سۈپىتى ۋە مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ۋەزىپىنى ئورۇنلاپتۇ. ئامېرىكىلىق سودىگەر بۇنىڭدىن ناھايىتى رازى بولۇپ كەلگۈسى ئون يىلدىكى بارلىق زاكاسنى بۇ «كىچىك زاۋۇت» قا بېرىپتۇ.
ئامرىكىلىق سودىگەر ئۈچۈن زاكاس مال ئىشلەشكە تايانغان «كىچىك زاۋۇت» ناھايىتى تىزلا تەرەققىي قىپتۇ.زاۋۇتنىڭ ھەر يىللىق زاكاس سوممىسى 10 مىليوندىن ئېشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا «چوڭ زاۋۇت» نىڭ ئورنىنى ئېلىپ، مەزكۇر جايدىكى باشلامچى كىيىم – كىچەك زاۋۇتىغا ئايلىنىپتۇ.
مەيلى ئادەم بولۇش ياكى ئىش قىلىشتا بولسۇن، چوقۇم نەزەرىمىزنى يىراقلارغا قويۇشىمىز كېرەك.شىركەت مال زاكاس قىلغان خېرىدارنى تاللىغاندىمۇ كىيىنلىكنى ئويلاش، شەخس ئۆزىنىڭ كەسپىنى تاللىغاندا تېخىمۇ يىراقلارغا نەزەر سېلىش كېرەك. بەزى خىزمەتلەرنىڭ مۇئاشى يۇقىرى بولسىمۇ بىراق تەرەققىيات ئىستىقبالى يوق، بەزى خىزمەتلەرنىڭ ئىش ھەققى تۆۋەن بولسىمۇ بىراق ناھايىتى ئىستىقباللىق. يىراققا نەزەر سالىدىغان كىشىلەر چوقۇم ئىستىقباللىق خىزمەتنى تاللايدۇ،
چۈنكى پەقەت «تورنى كەڭ ھەم ئوزۇن يايغاندىلا ئاندىن بېلىقنىڭ چوڭىنى تۇتقىلى بولىدۇ».
ئەگەر سىز بىر ئۆمۈر نامرات ئۆتۈشنى خالىمىسىڭىز، ئۇنداقتا ھازىردىن باشلاپ ئۆزىڭىزنىڭ نەزىرىنى يىراقلارغا تىكىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
بايلىقنىڭ بايانى:
نامراتلار بىر قەدەم مېڭىپ بىر ئارام ئالىدۇ،شۇڭلاشقا ئۇلار تەبئىيلا باي بولۇشنىڭ نۇرغۇن پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ .خۇددى ئىبرەتلىك قىسسىلەردە ئېيتىلغاندەك «جاھىللىق بىلەن ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىپ ھامان بىر كۈنى قاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە قاپسىلىپ قالىدۇ.»
بايلارنىڭ ھەرگىزمۇ ئالاھىدە ئىقتىدارى يوق، پەقەت ئۇلارنىڭ نەزەر – دائىرىسى نامراتلارغا قارىغاندا تېخىمۇ يىراقلارغا تىكىلىدۇ. بايلار ھەمىشە ئىشنى ئالدىن پەرەز قىلالايدۇ، بىراق نامراتلار ھەمىشە ئىشلارنى كېچىكىپ بىلىپ، كېچىكىپ ھېس قىلىدۇ،شۇنداق قىلىپ بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقىمۇ بارغانسىرى چوڭىيىپ بارىدۇ. ئەگەر نامراتلار ئۆزىنىڭ نامراتلىق تەغدىرىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدىكەن، چوقۇم بايلارنىڭ <بىر قەدەم مېڭىپ ئون قەدەم كۆرەلەيدىغان > ئىقتىدارىنى توختىماستىن ئۆگىنىشى، تۇرمۇشنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىشى، بۇ ئارقىلىق بايلىققا ئېرشىشى كېرەك.
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 1-قىىمىدىن ئېلىندى