A-A+

«ئوتتەك قىزىپ، سۇدەك سوۋۇيدىغان» كىشىلەرنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك

2015-يىل 8-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 244 قېتىم

مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى

48cb3cfd-6653-4408-ab50-887c34a234ec

9-دەرس 6-پارىگىراپ

«ئوتتەك قىزىپ، سۇدەك سوۋۇيدىغان» كىشىلەرنى

ئىشلەتمەسلىك كېرەك

ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ مۇۋاپىق تالانت ئىگىلىرىنى تاپمىقى ئاسان ئەمەس، بىر تەرەپتىن كۆپلىگەن تالانت ئىگىلىرىنى قېزىپ چىققاندىلا ئاندىن بايقىغىلى بولىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، نۇرغۇن كىشىلەر بىر جايدا مۇقىم تۇرمايدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن «ئوتتەك قىزىپ، سۇدەك سوۋۇيدۇ.» ئەمدىلا ئىگىلىك تىكلىگەن ئىگىلىك تىكلىگۈچى خىزمەتچى قوبۇل قىلغاندا نېمىلەرگە دېققەت قىلىشى لازىم؟ ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر قىسىم مۆھتەرەملەر كۆپچىلىككە شۇنداق ئەسكەرتىش بېرىدۇ: «ئوتتەك قىزىپ، سۇدەك سوۋۇيدىغان» ئادەملەرنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

مايۈن ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: «مېنىڭچە دائىم خىزمەت ئالماشتۇرىدىغان تۇراقسىز كىشىلەر خۇددى قايتا-قايتا توي قىلىپ ئاجرىشىپ كەتكەن ئادەمگە ئوخشايدۇ، بۇنداق كىشىلەر ئىشەنچىسىز بولىدۇ. مەن تۇراقسىز كىشىلەرنى ياخشى كۆرمەيمەن، ئەگەر بىر ياشنىڭ تەرجىمھالىدا بەش يىل ئىچىدە يەتتە قېتىم خىزمەت ئالماشتۇرغانلىقى يېزىلغان بولسا، مەن بۇنداق ئادەمنى كېرەك قىلمايمەن، مەن نۇرغۇن قېتىملاپ خىزمەت ئالماشتۇرغان تۇراقسىز كىشىلەرگە ئىشەنمەيمەن، تۇراقسىزلىق ياخشى ئىش ئەمەس! بۈگۈنكى كارخانىلار دەل شۇنداق، ئەتىدىكى كارخانىلار چوقۇم سىزنىڭ ئىلگىرىكى كارخانىدا قانچىلىك ۋاقىت تۇرغانلىقىڭىزغا، قانچىلىك ئۆگەنگەنلىكىڭىزگە ۋە ئۆگىنىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل خەجلىگەنلىكىڭىزگە قارايدۇ. كارخانىلار بۇلارغا ناھايىتى ئېتىبار بېرىدۇ.»

نېمىشقا ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلەپكى قەدىمىدىكى كارخانىلار تۇراقسىز كىشىلەرنى قوبۇل قىلسا بولمايدۇ؟ بەزىلەر مۇنداق ئىستاتسىتىكا قىلىپ باققان بولۇپ، تەننەرخ نوقتىسىدىن قارىغاندىمۇ بۇنداق كىشىلەرنى قوبۇل قىلىش قاملاشمايدۇ:

بىرىنچى، يۈز تۇرانە ئىمتىھان تەننەرخى يۇقىرى.

كۆپلەپ خىزمەت ئالماشتۇرىدىغان تۇراقسىز كىشىلەرنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھانى ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، كەسپى خادىملارمۇ ئۇلارنىڭ خىزمەت ئالماشتۇرۇش سەۋەبىنىڭ زادى ئۆزىنىڭ ئورنىغا بولغان ئېنىقلىمىسى روشەن ئەمەسلىكى، خىزمەت تەجرىبىسى توپلىماقچى بولغانلىقى، مائاش مەسىلىسى ياكى خىزمەتداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئامالسىز قالغانلىقى قاتارلىقلاردىن قايسىسىنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيدۇ. نۆۋەتتىكى خىزمەت ئىلتىماس قىلغۇچىلار خىزمەت تېپىشقا ناھايىتى كۈچەۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، بۇنداق كىشىلەردىن يىراق تۇرغان ياخشى.

ئىككىنچى، قىسقا مەزگىلدە خىزمەتتىن ئايرىلىش كەلتۈرۈپ چىقارغان تەۋەككۈل تەننەرخى يۇقىرى.

كۆپ خىزمەت ئالماشتۇرۇشنى ئويلايدىغان تۇراقسىز كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىدە ھېچقانداق كەسپى تەرەققىيات پىلانى يوق، قانداق خىزمەت ئۇچرىسا شۇنى قىلىدۇ، ئازراق ۋاقىت ئۆتۈپ تەربىيەلەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ماسلىشالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ ياكى ئۆزىگە تېخىمۇ ماس كەلگەن باشقا خىزمەتنى تاپىدۇ-دە، ئەسلىدىكى خىزمىتىنى تاشلاپ كېتىپ قالىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، تۇراقسىزلىق ئاللىقاچان بۇ كىشىلەرنىڭ ئادىتىگە ئايلانغان ياكى يۈز تۇرانە ئىمتىھاندا بايقىغىلى بولمايدىغان يېتەرسىزلىك ئۇلارنىڭ شىركەتتە ئۇزۇن مەزگىل تۇرالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا، بۇنداق كىشىلەرنىڭ قىسقا مەزگىل ئىچىدە خىزمەتتىن ئايرىلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيىنى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ.

ئۈچىنچى، شىركەتنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئىناۋەت خەتىرى چوڭ.

قوبۇل قىلىنغان خىزمەتچىنىڭ ناھايىتى تېزلا خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلىشى دائىم ئۇنى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلغان كىشىگە نىسبەتەن پاسسىپ تەسىر پەيدا قىلىدۇ، بۇنى شىركەتنىڭ سىياسىتى پەيدا قىلغان بولۇپ، بىز ئۆزگەرتەلمەيمىز، پەقەتلا ماسلىشالايمىز، خالاس.

كۆپلەپ خىزمەت ئالماشتۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى بەزەنلەر شىركەتكە ماس كېلىدىغان نامزات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ماسلىشالمايدىغانلار ناھايىتى كۆپ بولغاچقا ھەمدە يۈز تۇرانە ئىمتىھان ۋە قوبۇل قىلىش تەننەرخى يۇقىرى بولغاچقا، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن شىركەت ۋە شەخسكە ئېلىپ كېلىدىغان خەتەرنى ئويلاشقاندا، ئەمدىلا قۇرۇلغان شىركەتلەر كۆپلەپ خىزمەت ئالماشتۇرىدىغان تۇراقسىز كىشىلەرنى ئىشلىتىشتىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك.

ئومۇمەن ئېيىتقاندا، كۆپلەپ خىزمەت ئالماشتۇرىدىغان تۇراقسىز كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە ئادەمنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىدىغان ئەمەلىي ئىقتىدار يوق. ئۇلار ھەمىشە مەلۇم كارخانىلاردىكى ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىدىن پايدىلىنىپ يۇقىرى مائاشقا ئېرىشىۋالىدۇ-دە، بىر نەچچە ئاي «كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرۈۋالىدۇ.»؛ ھەتتا بۇ خىل تۈردىكى كىشىلەرنىڭ «يۈزى قېلىن» لىرى ئوخشاش ۋاقىتتا بىر نەچچە جايدا ئىشلەيدۇ-دە، ماسلىشالمىسا يەنە ئالماشتۇرىدۇ، بۇنداقلار كارخانىغا ھەرگىزمۇ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرەلمەيدۇ.

بۇ خىل كىشىلەر قارىماققا ھەر قانداق ئىشنى قىلىپ باققاندەك، ھەممىنى بىلىدىغاندەك تۇرىدۇ، بىراق خىزمەتنى ناھايىتى كۆپ ئالماشتۇرغاچقا، دائىم مەلۇم جەھەتتە تولۇق ماھارەتكە ئىگە بولالمايدۇ. بىر كارخانا كەسپى مۇتەخەسسىسكە ئېھتىياجلىق، ھەرگىزمۇ «داشقايناق  مۇتەخەسسىس» كە ئەمەس.

مايۈن مۇنداق دېگەن: «بۇ خىل كىشىلەر مەلۇم كەسپنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئۆزىگە نەتىجە قازىنىش جەھەتتە ۋەدە بېرەلمىگەچكە، كېيىنكى كۈنلىرى ھەرگىزمۇ ياخشى بولمايدۇ. بىر كارخانىدا ئىشلەشنىڭ ئالدىنقى بەش يىلى ناھايىتى مۇھىم، ھەرگىزمۇ قالايمىقان خىزمەت ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ.» شۇنىڭ ئۈچۈن، مەجبۇرىي بولۇپ قالغان ئەھۋالدىن سىرت، نورمال ئەھۋالدا كارخانا بۇ خىلدىكى «ئوتتەك قىزىپ، سۇدەك سوۋۇيدىغان» خىزمەتچىلەرنى قوبۇل قىلماسلىقى كېرەك.

ئەلۋەتتە ئىختىساسلىقلارنىڭ يۆتكىلىشى ناھايىتى تېز بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئەگەر سىز تۇراقسىز كىشىلەرنى قوبۇل قىلمىسىڭىز، ئېھتىمال كارخانىڭىزدا ئىختىساسلىق خادىملار كەمچىل بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. شۇ سەۋەبتىن، كارخانا خىزمەتچىلەرنى قوبۇل قىلغاندا چوقۇم خىزمەت ئالماشتۇرۇش نىسبىتى تۆۋەن بولغان كىشىلەرنى تاللاش، ھەمدە ئۇلارنىڭ خىزمەت ئالماشتۇرۇش سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىش كېرەك.

مەسىلەن: بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ خىزمەت ئالماشتۇرۇش سەۋەبى مائاشىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي مەخسەت قىلغان، بۇنداق كىشىلەرنى ئامال بار ئىشلىتىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك. بۇنداق كىشىلەر پايدىغا ئېرىشىشنى كۆزلەيدىغان بولغاچقا، پۇرسەت تېپىلسىلا كارخانىدىن، مەسئۇليىتىدىن ۋاز كېچىدۇ، ھەتتا كارخانىغا پاسسىپ تەسىر پەيدا قىلىدۇ.

يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ خىزمەت ئالماشتۇرۇش سەۋەبى ئىلگىرىكى كارخانىنىڭ ئۇنىڭغا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان سەھنە تەمىنلەپ بېرەلمىگەنلىكىدە. بۇنداق كىشىلەرگە قارىتا بىز شەرتنى مۇۋاپىق بوشاشتۇرساق، ھەمدە ئۇنىڭغا ماس ھالدا تەمىنات بېرىپ، بۇ ئارقىلىق ئۇنى تۇتۇپ قالساق بولىدۇ.

يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنىدا بىر قىسىم ئىشلار (كەسپ، كىشىلىك مۇناسىۋەت) نى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمىغاچقا خىزمەت ئالماشتۇرغان، كارخانا بۇ خىل كىشىلەرنى ئىشلىتىشتىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئۇ ئەسلىدىكى ئورنىدا ياخشى بىر تەرەپ قىلالمىغان ئىشلارنى يېڭى خىزمەت ئورنىدىمۇ بىر تەرەپ قىلالماسلىقى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق كىشىلەر يېڭى خىزمەت ئورنىنىڭ تەلپىگە ئاسانلىقچە ماسلىشالمايدۇ. ئەگەر بەزى ئالاھىدە سەۋەب بولسا، مەسىلەن: مەمۇرىي بىر تەرەپ قىلىشقا ئۇچراپ رازى بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار سەۋەبلىك خىزمەت ئالماشتۇرغانلار بولسا، كارخانا بۇنداق كىشىلەرنى ئىشلىتىشكە قەتئىي بولمايدۇ.

ئەلۋەتتە بىز ھەرگىز كۆپ خىزمەت ئالماشتۇرىدىغان تۇراقسىز كىشىلەرنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلمايمىز، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە بىر قىسىم مۇنەۋۋەر كىشىلەر بار بولۇپ، ئۇلار ناھايىتى قىسقا ۋاقىتتىلا كارخانىنىڭ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالايدۇ، ھەمدە ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا خىزمەت ئالماشتۇرۇپ ئاخىرىدا مۇقىملىشالايدۇ. بىراق بۇنداق كىشىلەر ناھايىتى ئاز بولغاچقا، پەقەت كۆزى ھەقىقىي ئۆتكۈر رەھبەرلەرلا ئۇلارنى بايقاپ چىقالايدۇ. ئەگەر سىز يىتۈك نەزەرگە ئىگە رەھبەر بولمىسىڭىز، ئۇنداقتا يەنىلا سىزگە «ئوتتەك قىزىپ، سۇدەك سوۋۇيدىغان» كىشىلەرنى ئىشلەتمەسلىك تەكلىپىنى بېرىمىز.

***************

مەنبە : چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى

<< مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى >> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى – ئۇيغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ