A-A+

چوقۇم خوجايىن بولىمەن

2015-يىل 17-ماي تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 355 قېتىم

ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى

1-باپ 1-پارگىراپ 

w0200707133487108540484

بېيش تەپەككۇرى:

نامراتلار : مېنىڭمۇ ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلىگۈم بار بىراق ئىگىلىك تىكلەش ھەممىلا ئادەمگە ماس كەلمەيدۇ، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ خەتىرى چوڭ، ئۇنىڭدىن باشقىلارغا ئىشلەپ خاتىرجەم ياشىغان ياخشى.

ۋېنجۇلۇقلار : مەن نېمە دەپ باشقىلارغا ئىشلىگۈدەكمەن؟ پۇلۇم ھەرقانچە ئاز بولسىمۇ ئىگىلىك تىكلەيمەن،ئۆزۈم ئۈچۈن ئىشلەيمەن. ئۆزۈمگە ئۆزۈم خوجايىن بولۇش مېنىڭ ھايات نېشانىم. مەغلۇب بولۇشمۇ بىر خىل ھاياتى كەچۈرمىش، خوجايىن بولۇشنى ئويلىمايدىغان ۋىنجۇلۇق ۋىنجۇلۇق ئەمەس.


كونىلاردا «ئىشلەمچىلىكنىڭ ئاخىرى يوق» دەيدىغان گەپ بار. بىر ئۆمۈر ئىشلەمچىلىك قىلىپ چوڭ نەتىجە قازىنىش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. سىماچيەن:« دېھقانچىلىقتىن ئىشچىلىق ياخشى، ئىشچىلىقتىن سودىگەرلىك ياخشى، ئۆيدە ئولتۇرىۋېلىشتىن بازار ئايلىنىش ياخشى » دېگەنىدى. شىياڭگاڭلىق باي جۇاڭ يوڭجىڭ:« ئادەتتىكى كىچىك خوجايىن بولغان تەقدىردىمۇ ئۆزىگە ئىشلەيدىغان كىشىلەرنىڭ  بېيىشىدىن ھامان ئۈمىد بار » دېگەنىدى. بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى ،باشقىلارغا ئىشلەش ئادەم ئۈچۈن ئۆزى خوجايىن بولغاندەك تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، ۋىنجۇلىقلار دەل مۇشۇنداق ئويلايدۇ.

ئۇ 22 يېشىدا چوڭ بىر شىركەتنىڭ لېدىرىغا ئايلانغان، 27 يېشىدا ۋىنجۇ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولغان، بۈگۈنكى كۈندە 30ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئۇ غەيرەت جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلىمەكتە... ئۇ دەل يوۋلى پاي چەكلىك گورۇھىنىڭ لىدىرى خۇ شۈساڭدۇر.

1994-يىلى خۇشۈساڭ ۋىنجۇ ئۇنۋېرسىتىتىنى پۈتتۈردى. ئەينى ۋاقىتتا شەھەرلىك سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسىدە خىزمەت قىلىدىغان دادىسى خۇ ۋەنچاڭ ئوغلىدىن : « ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن نېمە ئىش قىلىشنى پىلانلاۋاتىسەن؟ » دەپ سورىدى.

خۇشۈساڭ ئىككىلەنمەيلا :« مەن شىركەت قۇرىمەن، مەغلۇب بولغان تەقدىردىمۇ كارخانىدا ئىشلەشكە رازىمەنكى بىر ئۆمۈر تۆمۈر تاۋاققا قاراپ ئولتۇرىدىغان ئىش بىلەن مىنىڭ خوشۇم يوق» دېدى. ئەمەلىيەتتە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش خىيالى خۇشۈساڭنىڭ كاللىسىدا ئاللىبۇرۇن شەكىللىنىپ بولغان. ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى خوجايىن تۇرسا ئۇ خوجايىن بولمىسا ئەلۋەتتە قاملاشمايدۇ -دە.

خۇشۈساڭنىڭ ئىككىنچى تاغىسى شاڭخەيدىكى مەلۇم ئۆي-مۈلۈك شىركىتىنىڭ خوجايىنى، بەشىنچى تاغىسى ئۆز ئالدىغا شىركەت ئاچقان، چوڭ تاغىسى جىڭ يۈەنمىڭ ئەينى ۋاقىتتا ۋىنجۇدا نامى بار ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى كارخانىسىنىڭ لىدىرى. ئىككىنچى تاغىسى جىڭ يۈەنجوڭ ۋىنجۇدىكى كېيىم-كىچەك كارخانىسى گۇاڭجى گوروھىنىڭ لىدىرى، ئۈچىنچى تاغىسى جىڭ يۈەنجيې تۆۋەن بېسىملىق ئىلىكتىر ئۈسكىنىلىرى شىركىتى ئاچقان، باشقا تاغىلىرىنىڭمۇ ھەممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ شىركىتى بار. ئاكىسى ئىمپورت-ئىكىسپورت شىركىتى ئاچقان، باشقا نەۋرە ئاكا-ئىنىلىرىمۇ ھەممىسى تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

1994-يىلى خۇشۈساڭ ئۈچىنچى تاغىسى جىڭ يۈەنجيېنىڭ شىركىتىدە ئىشلەشكە باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا جىڭ يۈەنجيې تىجارىتىنى سۇلياۋ تۇرۇبا سانائىتىگە ئۆزگەرتىشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ تۈر جۇڭگو ئىچىدە تېخى ئېچىلمىغان يېڭى تۈر ئىدى.

خۇشۈساڭ ئىشنى نۆلدىن باشلىدى. ئۈچ ئايدىن كېيىن تېخنىكا خادىملىرىنى يېتەكلەش مەسئۇللىقىغا ئۆستۈرۈلدى. لېكىن بىر يىلدىن كۆپرەك تىرىشچانلىقتىن كېيىن تېخنىكىسىدا ھېچقانداق ئىلگىرلەش كۆرۈلمىدى. خۇشۈساڭ ھەر قايسى جايلارغا بېرىپ دۆلەت ئىچىدىكى تېخنىكىلارنىڭ كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى بايقىدى. شۇڭا ئۇ توردا خەلقئارالىق ھەمكارلاشقۇچى ئىزدەشكە باشلىدى. نەتىجىدە ئۇلار دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار CPVC سۇلياۋ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى-ئامرىكا NOVEON (نويى) شىركىتى بىلەن ئالاقىلاشتى. بەخىتكە يارىشا ئامرىكا NOVEON (نويى) شىركىتىمۇ شۇ يىلى بېيجىڭدا ئېچىلغان سۇلياۋ كۆرگەزمىسىگە قاتناشقانىدى. خۇشۈساڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئامرىكا نويى شىركىتىنڭ چۈشەندۈرگۈچىسى بولۇش خىزمىتىنى قولىغا ئالدى ۋە خىزمەت جەريانىدا كارخانىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئىگىلىدى.

1995-يىلى خۇشۈساڭ دۇنيادىكى 500كۈچلۈك كارخانىنىڭ بىرى بولغان ئامرىكا NOVEON (نويى) شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىش، جۇڭگو-ئامرىكا ھەمكارلىقىدىكى شىركەت قۇرۇش پىكرىنى ئوتتۇرغا قويدى. چۈنكى شىركىتىنىڭ تېخنىكا ئۆتكىلى چىقىمى كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتقان بولسىمۇ بىراق سېتىپ چىقىرىشتا ھېچقانداق بۆسۈش ھاسىل قىلالمىغان ئىدى.

بىراق ئۈچىنچى تاغىسى:« بىز نېمىشقا ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىدىكەنمىز؟ » دەپ تۇرىۋالدى.

شىركەتنىڭ ئەھۋالى كۈندىن- كۈنگە خارابلىشىۋاتقان شارائىت ئاستىدا 1997-يىلى ئەمدىلا 22 ياشقا كىرگەن خۇشۈساڭ لېدىرلىققا كۆرسىتىلدى. خۇشۈساڭ كۆپچىلىكنىڭ ئارزۇسى بويىچە 1997-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى جۇڭگو-ئامرىكا ھەمكارلىقىدىكى يوۋلى پاي چەكلىك گوروھىنى قۇردى. كېيىن يوۋلى گوروھى CPVC تۇرۇبا ئىشلەپچىقىرىش بۇيىچە دۆلەتنىڭ ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشتى ۋە ئۈزۈكسىز تەرەققى قىلدى.

2002-يىلى ئۇ ۋىنجۇ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىكىگە كۆرسىتىلدى.

بالىسىنىڭ گېپى چىققاندا خۇشۈساڭنىڭ دادىسى خۇۋەنچاڭ پەخىرلىنپ :« ئۇ باتۇر، جاسارەتلىك، پىشىپ يېتىلگەن، چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتىدىغان بالا، مېنىڭ ئۇنىڭغا دەيدىغىنىم پۇلنى ئازراق تاپساڭمۇ چوقۇم ئىززەت ھۆرمىتىڭنى، ئادىمىيلىكىڭنى يوقىتىپ قويما، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ تېخىمۇ كۆپ كىشلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئادەم بول.»

ۋىنجۇلىق بىر تورداش :« ۋىنجۇلىقلارنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان پەرقى باشقا يەرلىكلەر مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن قانداق خىزمەت تېپىشنى ئويلايدۇ، ۋىنجۇلىقلار بولسا قانداق ئىگىلىك تىكلەشنى ئويلايدۇ.بۇ دەل ۋىنجۇلىقلار بىلەن باشقىلارنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى بولسا كېرەك» دېگەنىدى. بۇ بىر ئېغىز گەپ ۋىنجۇلىقلارنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۇرىنى ئېنىق ئېچىپ بەرگەنىدى. بەلكىم مۇنداق بىر ھېكايىنى ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن:

1983-يىلى غەربى شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ مەكتەپ ئىشىكى ئالدىدا ۋىنجۇلىق بىر قىز ئوقۇغۇچى موزدوزلۇق قىلغان. ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ: « قىز بالا تۇرۇپ موزدوزلۇق قىلىشتىن نۇمۇس قىلمامسىز؟»دىگەندە، قىزچاق ئۇنىڭ دەككىسىنى بېرىپ:« بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تۇرۇپ يىرتىلىپ كەتكەن ئاياغنى كىيىشتىن نۇمۇس قىلمامسىز» دېگەن.

-سىز كېيىن نېمە ئىش قىلىسىز؟

-خوجايىن بولىمەن،- دېدى قىزچاق.

-پۇلىڭىز بولمىسا قانداق خوجايىن بولىسىز؟

-مانا ھازىر پۇل تېپىۋاتىمەنغۇ.

مانا بۇ ۋىنجۇلىقلارنىڭ ھەقىقى كارتىنىسىدۇر.

«تەڭرى ۋىنجۇلىقلارغا بايلىق ئاتا قىلغان – ۋىنجۇ ئىگىلىك مەدەنىيىتى ئىلھامى» كىتابىنىڭ يازغۇچىسى ، فۇدەن ئۇنۋېرسىتىتى پىراففىسورى، دوكتۇر يېتەكچىسى ۋۇسۇڭدى :« ۋىنجۇ سودىگەرلىرىنىڭ  مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا ھېچقانداق سىر يوق، ئۇلار پەقەت كىشلەر قەلبىنىڭ چوڭقۇر يېرىگە يوشۇرۇنغان بېيىش ئارزۇسىنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەن ۋە بۇ ئارزۇنى بازار ئىقتىسادىغا ماسلاشتۇرالىغان ،خالاس.» دېگەنىدى.

مەلەۇم بىر ئورگان ۋىنجۇ شەھرىدىكى 260 ھۆكۈمەت ئورگىنى كادىرلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، %93ئادەم «بايلىق دېمەك -سىياسەت دىمەكتۇر» دەپ قارىغان. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە %54 ۋىنجۇلىق «ھوقۇق تۇتۇشتىن پۇل تېپىش ئەلا» دەپ قارايدىكەن.

جيۇجيۇ جىيا ئوقەتچىلىك شىركىتى باش دېرىكتورى لىن لى رېن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا ئۆزى توغرىسىدا توختۇلۇپ :« مەن پەقەت خوجايىنلا بولالايمەن، چۈنكى ماڭا ئوخشاش ئوقۇش يارىخى، كەسپى تېخنىكىسى يوق ئادەمنى ھېچكىم ئىشلەتمەيدۇ، شۇڭا پەقەت خوجايىنلا بولالايمەن» دەپ چاقچاق قىلغان.

بىر ئادەمنىڭ نامراتلىقى ئۇنىڭ روھى نامراتلىقىدىن كېلىدۇ. جاھاندا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق، پەقەت قىلىشقا پېتىنالمايدىغان ئىش بار. ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى يوق ئادەمنىڭ پۇل تاپمىقى ئىنتايىن قىيىن. باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن باياشات روھى كەيپىيات بولۇشى كېرەك. كاللىمىز ئازاد بولسا يانچۇقىمىزمۇ پۇلغا تولىدۇ، بايلىققا ئىنتىلىدىغان كاللا بولسىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كەتكىلى بولىدۇ.

تيەنجىڭ گوروھىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى گاۋ تيەنلې مەملىكەتلىك سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى ئەزاسى سالاھىتى بىلەن ئونىنچى قېتىملىق سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ .بىر قېتىملىق گۇرۇپپىلار ئارا مۇنازىرىدە جۇڭگو مەركىزى سىياسى بيرونىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى جيا چىڭلىن ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگەندە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەتلەر يىغىنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چاڭ سىۋېي ئۇنى تونۇشتۇرۇپ:« بۇ كىشى ۋىنجۇدىن كەلگەن خەلق كارخانىچىسى، تيەنجىڭ گوروھىدىن گاۋ تيەنلې بولىدۇ» دېگەن.

جيا چىڭلىن ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال گاۋ تيەنلىنىڭ قولىمنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ:«مەن ۋىجۇنى بىلىمەن، ۋىنجۇدا خەلق ئىگىلىكى راۋاجلانغان. ۋىنجۇلىقلار جاپاغا چىدايدۇ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلالايدۇ، پۇرسەتنى تۇتۇشقا ماھىر. ۋىنجۇنىڭ بۇ بىر نەچچە يىللىق تەرەققىياتى ئىچكى ئىھتىياج، باج،ئىشسىزلىقنى تۈگىتىش، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە مۇھىم تۆھپە قوشتى» دېگەن.

ھەقىقەتەنمۇ « موزاينىڭ قۇيرۇقى بولغۇچە، خورازنىڭ تاجىسى بول» دېگەن ئىدىيە ۋىنجۇلىقلارنىڭ قان-قېنىغا سىڭىپ كەتكەن. ئۇلار « خورازنىڭ بېشى كىچىك بولسىمۇ ئۇ بىر نەرسە يەيدۇ، موزاينىڭ قۇيرۇقى چوڭ بولغان بىلەن ئۇ بەرىبىر پوق چىقىرىدۇ» دەپ قارايدۇ.

ۋىنجۇلىقلارنىڭ خوجايىن بولۇش ئارزۇسى ئۇلارنىڭ نۇرغۇن يەرلىك ماقال-تەمسىللەردە ئەكىس ئېتىدۇ.مەسىلەن:

پۇلۇم بولسا خوجايىن بولىمەن، پۇلۇم بولمىسىمۇ خوجايىن بولىمەن.

خوجايىن بولىمەن، پولدا يېتىشقىمۇ تەييارمەن.

پۇل تاپالىساممۇ، تاپالمىساممۇ خوجايىن بولىمەن.

باشقىلارنىڭ چوڭ شىركىتىدە ئىشلىگۈچە ئۆزۈڭنىڭ كىچىك زاۋۇتىنى قۇر.

خوجايىن بولۇشنى خالىمايدىغان ئادەم ھەقىقىي ۋىنجۇلىق ئەمەس.

..........

بەزىلەر:« ئون ۋىنجۇلىقنىڭ ئىچىدە توققۇزى خوجايىن، يەنە بىرىمۇ خوجايىن بولۇشقا تەييارلىنىۋاتقان ئادەم» دېيىشىدۇ. بۇ ئازراقمۇ مۇبالىغە ئەمەس، ئەگەر نوپۇس بويىچە ھېسابلىغاندا ۋىنجۇدا 208مىڭ يەككە سودا-سانائەتچى ئائىلىسى بار، ئەنگە ئالدۇرغان ئوتتۇرچە سومما 10مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ، خۇسىسىي ئىگىلىكتىكى كارخانىدىن 13077 سى بولۇپ ئەنگە ئالدۇرغان ئوتتۇرچە سومما 620مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. پاي ھەمكارلىقى كارخانىسىدىن 24046سى بولۇپ ئەنگە ئالدۇرغان ئوتتۇرچە سومما 490مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. شەخسلەر سەرمايىسىدىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرى ۋە پاي چەكلىك شىركىتىدىن 10453ى بولۇپ جۇڭگودىكى500 كۈچلۈك  پۇقراۋى كارخانا ئىچىدە ۋىنجۇدىكى كارخانىلاردىن 39ى بار.

ھازىر مەملىكىتىمىزدە 1مىليون 600 مىڭدىن كۆپرەك  ۋىنجۇلىق جوڭگۇنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان بولۇپ، ئۇلار ئاچقان كارخانىلار 30مىڭدىن ئاشىدۇ.ئۇلارنىڭ ئىچىدە 370مىڭدىن ئارتۇق يەككە تىجارەتچى بار بولۇپ ،يىللىق سېتىش مىقدارى 300ملياردتىن ئاشىدۇ.بۇ پۇل بىلەن  يەنە بىر ۋىنجۇ قۇرۇشقا بولىدۇ. چەتئەلدە 400مىڭدىن ئارتۇق ۋېنجولۇق سودىگەر (مۇھاجىر ) 100دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونغا تارقالغان.

ۋىنجۇلىقلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنىڭ مەقسىتى ئىنتايىن رىئال ھەم ئەمەلىي بولۇپ، مەقسىدى پۇل تېپىش.

ۋېيلى   چاقماق ئىشلەپچىقىرىش چەكلىك شىركىتىنىڭ خوجايىنى شۈ يوڭشۈي «سىز ئىگىلىك تىكلەپ غەلبە قىلىشىتا قانداق ھەركەتەندۈرگۈچ كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدىڭىز؟» دېگەن سوئالغا دۇچ كەلگەندە ئۇ :« شۇ پۇل تېپىپ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئارزۇسىنىڭ كۈچى » دەپ جاۋاب بەرگەن. ھەر بىر ۋىنجۇلىق باشقىلارنىڭ قولىدا ئىشلىگىنىدىن كۆڭلى يېرىم بولىدۇ. ئۆزى كىچىك سودا قىلسىمۇ پايدا-زىيان بىلەن ھېسابلاشمايدۇ. ۋىنجۇلىقلارنىڭ نەزىرىدە يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلىگەندە پۇل تېپىش بىردىن بىر مەخسەت ئەمەس، ئاساسلىقى تەجىربە توپلاش ۋە كىشلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ھەممىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. پەقەت پۇختا قەدەم بىلەن ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىپ كېتەلىسىلا ئۆزىنىڭ غەلبە قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

كاڭنەي گوروھى ئىتتىپاق ياچىيكىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، خۇبېيلىق دېڭ دوڭخۇا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا كاڭنەي شىركىتىگە كېلىپ خىزمەتكە چۈشكەن. دەسلەپتە ئۇ ۋىنجۇلىقلار پۇلنى بەك چوڭ بىلىدۇ، پۇلغا بەك ئىشىنىدۇ دەپ قارىغان. بىراق بارا-بارا دىڭ دوڭخۇا ۋىنقۇلىقلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئىتراپ قىلىپلا قالماستىن، ۋىنجۇلىقلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئىدىيىسى ئۇنىڭغا تەسىر قىلىپ ئۇنىڭدا ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئىدىيىسى بىخ سۈرگەن.

2002-يىلى دېڭ دوڭخۇانىڭ دادىسى خۇبېيدىكى ئۆيىدىن تېلىفون قىلپ يەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئۇنىڭ دەرھال قايتىپ كېلىشىنى ئېيىتقان. بۇ چاغدا دېڭ دوڭخۇانىڭ ئۆيىگە قايتقۇسى يوق ئىدى. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ ۋىنجۇغا كۆنۈپ قالغانلىقىنى، ۋىنجۇلىقلارنىڭ ئۇنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ۋىنجۇدا قېلىپ تەرەققى قىلغۇسى بارلىقىنى ئېيىتىدۇ.

ئەسلىدە دېڭ دوڭخۇا ۋىنجۇلىق بىر قىز دوست تېپىۋالغانىدى. قىز دوستىنىڭ ئۆيىدىكىلەر سودىگەر بولۇپ ناھايىتى باي ئىدى. لېكىن دېڭ دوڭخۇا قىز دوستىغا تايىنىۋېلىشنى خالىمايتتى. ئۇ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ ۋىنجۇنى تەۋرەتكىدەك بىرەر ئىش قىلشنى ئويلايتتى.

بۈگۈنكى كۈندە سىرتتىن ئىشلەمچىلىككە كەلگەن نۇرغۇن كىشلەر ۋىنجۇلقلارنىڭ تەسىرىدە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەيدىغان خىيالغا كەلدى. بىراق ۋىنجۇ شەھەر ئاھالىلىرى تەرىپىدىن « يېڭى ۋىنجۇلىقلار» دەپ ئاتىلىدىغان سىرتتىن كەلگەن بۇ ئادەملەر نوپۇس، ئىناۋەت قاتارلىق نۇرغۇن ئىشلاردا چەكلىمىگە ئۇچراپ يەرلىك كىشلەر ئېرىشكەن مۇئامىلىگە ئېرىشەلمىدى.

چېچەن ۋىنجۇلىقلار بالدۇرلا بۇ خىل ئىھتىياجنى كۆرۈپ يېتىپ ، 2006-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى ئوۋخەي يېزا ھەمكارلىقى بانكىسى « يېڭى ۋىنجۇلىقلار ئىگىلىك تىكلەش مەبلىغى» تۈرىنى ئوتتۇرغا قويدى. بۇنىڭ بىلەن سرتتىن كەلگەنلەر ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1 مىليون، مۇددىتى بەش يىل بولغان مەبلەغكە ئېرىشەلەيدىغان بولدى.

ئوۋشىن ھەمكارلىق بانكىسىنىڭ مەسئۇلى تۇنۇشتۇرۇپ :« بىز يەرلىك بانكا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن يېڭى ۋىنجۇلىقلار ئىگىلىك تىكلەش تۈرى مەبلىغىنى يولغا قويۇشىمىزدىكى سەۋەب شۇكى ،يېڭى ۋىنجۇلىق ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە مەخسۇس بىر مەبلەغ سۇپىسى يارىتىپ بېرىش»، « نەچچە ۋاقىتلاردىن بېرى يېڭى ۋىنجۇلىقلارنىڭ مەبلەغ ئىھتىياجى قاندۇرىلمىغان، بانكىلارمۇ مەخسۇس تۈر مەبلىغى تەسىس قىلمىغان. شۇڭا سىرىتتىن كەلگەن ۋىنجۇلىقلار ئىگىلىك يارىتىشتا دەسمايىگە ئىھتىياجلىق بولغان ۋە ۋىنجۇدا ئالدىن بېيىغان يۇرتداشلىرىدىن سوراشقا مەجبۇر بولغان» دېدى.

« يېڭى ۋىنجۇلىقلار ئىگىلىك يارىتىش مەبلىغى تۈرى» دە ئالدى بىلەن نوپۇس تەۋەلىكى چەكلىمىسى ئېلىپ تاشلاندى. ئوۋخەي رايونىدا تۇرۇشلۇق ئىسپاتى ۋە ياكى شۇ ئورۇندا خىزمەت قىلدىغانلىق ئىسپاتى بولسىلا ۋىنجۇلىق بولمىسىمۇ قەرز  بېجىرەلەيدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەلۇم ئىقتىسادى ئاساسقا ئىگە يېڭى ۋىنجۇلىقلار ئۆي-زىمىن قاتارلىق مۇقىم مۈلۈكنى رەنىگە قويۇش ئارقىلىق ئۆسۈمى تېخىمۇ تۆۋەن بولغان رەنە مەبلىغىگە ئىگە بولالايدىغان، رەنىگە قويىدىغان نەرسىسى بولمىسىمۇ، مەلۇم ئىقتىسادى ئاساسقا ئىگە كىپىللىك قىلغۇچى بىلەن تەمىنلىيەلىسە كېپىللىك مەبلىغىدىن بەھىرلىنەلەيدىغان بولدى.

بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى ،ئىگىلىك تىكلەش گېنى ۋىنجۇلىقلارنىڭ بېيىشىنىڭ ئاساسى، سىزنىڭ روھىڭىزدا باي بولىدىغان ئىدىيە جۇش ئۇرغان بولسا ئۇنداقتا سىزمۇ بېيىش ئۈچۈن تىرىشقان، بايلىقمۇ يېقىلا يەردە سىزنى ساقلاپ تۇرغان بولىدۇ. ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن سىزدە ئىشچى بولمايمەن بەلكىم خوجايىن بولىمەن، باشقىلار خوجايىن بولسا بولىدۇ، نېمىشقا مەن بولالمىغۇدەكمەن؟ دەيدىغان ئىدىيە بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن سىز چەكسىز ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئېرىشىپ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشلىرىغا ئاتلىنالايسىز.

ئەلۋەتتە ئىگىلىك تىكلەشتىن بۇرۇن چوقۇم ئىگىلىك تىكلەشنىڭ پايدا-زېيىنى توغرىسىدا ئېنىق ئويلىنىشىىمىز لازىم.

ئىگىلىك تىكلەشنىڭ مۇستەقىللىق خاراكتىرى كۈچلۈك، ھېچكىم سىزنى باشقۇرمايدۇ، خىزمەت قىلغۇڭىز كەلسە قىلىسىز،  قىلغۇڭىز كەلمىسە قىلمايسىز، ھەممىسى سىىزنىڭ بايلىققا بولغان مۇئامىلىڭىز تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. يېقىن دوست بۇرادەرلىرىڭىزنى ئۆزىىڭىزگە تارتىپ باشقىلار بىلەن بىرلىكتە رىقابەتلىشەلەيسىز.كۈچلۈك رىقابەتچانلىققا ئىگە قۇشۇنىڭىز ۋە ئۆزىڭىزدىكى يۇشۇرۇن ئىقىدارنى جارى قىلدۇرالايسىز.

ئىگىلىك تىكلەشنىڭ زىيىنى ، خەتىرى چوڭ، كىرىم مۇقىم ئەمەس، بەزىدە ئايدا نەچچە ئونمىڭنى تېپىشىڭىز، بەزىدە نەچچە مىڭ زىيان تارتىشىڭىز مۇمكىن. جاپاسى كۆپ، ئۆزىڭىز بىر ئادەم نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.سىز ھەم خوجايىن، ھەم مال ساتقۇچى، ھەم ئىجرائىي ھەيئەت، ھەم يەنە ئارقا سەپ خىزمەتچىسى. خىزمەت ۋاقتىڭىز مۇقىم ئەمەس، مەيلى قانداق ۋاقىت بولۇشىدىن قەتئىي پەقەت ئىش بولسىلا سىز چوقۇم قىلىشىڭىز كېرەك، ئىشتىن چۈشۈش دەيدىغان ئىدىيە بولماسلىقى كېرەك. مالىيە مەبلىغى چوڭ سېلىنغانلىق سەۋەبىدىن بەلكىم چوڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىڭىز، ھەتتاكى قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچراپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

شۇڭا بىز ئىگىلىك تىكلەشتىن بۇرۇن چوقۇم ئۇنىڭ پايدا-زىيىنى توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلىنىشىمىز كېرەك. ئەگەر سىز مەن بۇ ئىشنى قىلشقا ئامراق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياخشى قىلىپ كېتەلەيمەن دەپ قارىسىڭىز، ئىجتىمائىي شارائىت يار بەرسە ئۇنداقتا سىز ئىككىلەنمەي ئالغا قەدەم تاشلاڭ، پايدا-زىيان ئۈستىدە جىق ئويلاشماڭ، ئارزۇنىڭ ئۆزىلا بىر خىل ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ.

ۋىنجۇلىقلار ئۈزۈندىسى:

مەن پەقەت خوجايىن بولۇشقىلا ماس كېلىمەن، مەندەك ھېچقانداق ئوقۇش تارىخى، ھېچقانداق كەسپى تېخنىكىسى يوق ئادەمنى ھېچكىم خىزمەتچىلىككە ياللىمايدۇ، شۇڭا پەقەت خوجايىنلىققىلا ماس كېلىمەن.

ــــ 99+1 ئوقەتچىلىك شىركىتى باش دېرىكتورى                       لىن لى رىن


 مەنبە: 时事出版社   نەشىر قىلغان

<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب

2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى 

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى 

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ