خوتەن قاشلىرىنىڭ شىپالىق رولى(خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى 40)
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى
خوتەن قاشلىرىنى ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ئارزۇلاپ ،ئەتىۋالاپ ئىشلىتىپ كەلدى؟ئۇنىڭدىكى قانداق سېھرى كۈچ ئۇنى تارىم ۋادىسىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاتتى؟نېمە ئۈچۈن خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى يىلدىن يىلغا ئۆرلەپ ،ئىستىمالچىلار توپى توختاۋسىز كۆپۈيۈپ مېڭىۋاتىدۇ؟كىشىلەر خوتەن قاشلىرىنى نېمە مەخسەت-مۇدىئالار بىلەن سېتىۋالىدۇ؟ئۇنىڭ ئىنسان ماددىيىتى ۋە مەنىۋىيىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى نېمە؟؟؟...
يۇقارقىدەك نۇرغۇن سۇئاللارغا خوتەن قاشتېشىنىڭ ئۆزىدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تېپىش مۈمكىنچىلىكى يوق.چۈنكى ئۇ گۈھەر تاشلارغا خاس ئاددىي بىر قېزىلما بايلىق،خالاس...
يۇقارقى سۇئاللارغا توغرا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن چۇقۇم ئۇزاق تارىخ جەريانىدا شەكىللەنگەن كۆپ قاتلاملىق ،كۆپ مەنبەلىك خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى ئەتراپلىق چۈشۈنۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىمىز دىيارىمىز قېزىلما بايلىقلىرىنىڭ خان تاجى ، دۇنياۋى داڭلىق ماركا << خوتەن قاش >> ھەققىدە ئاۋامنى ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن كۆپ يىللىق ئىزدىنىش ئارقىلىق خوتەن قاش مەدەنىيىتى توغرىسىدىكى ماتىرياللاردىن 100 پارچە ماقالىنى رەتلەپ ،توپلاپ ،تەرجىمە قىلىپ ، يېزىپ <<خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى >>سەھىپىمىز ئارقىلىق ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.
خوتەن قاشلىرىنىڭ شىپالىق رولى
1 . خوتەن قاشلىرىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى رولى
ئاپتۇرى:ئۇبۇل ھەسەن
(خوتەن مەرىپەت ئالىي تېخنىكوم ئوقۇتقۇچىسى ،تەتقىقاتچى )
خوتەن قاشتېشىنى قەدىمىي دەۋرلەردىن باشلاپ پادىشاھ جەمەتى ۋە باي - ئاقسۆڭەكلەر يۇقۇرى مەرتىۋىسنى ئىپادىلەيدىغان قىمممەتلىك ئېسىل بۇيۇم سۈپىتىدە تاقاپ كەلگەن . ئۇنىڭدىن باشقا خوتەن قاشتېشى ساغلاملىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتە كۆپلىگەن شىپالىق ، خاسىيەتلىك روللارغا ئىگە بولۇپ كەلمەكتە .
قەدىمقى ئۇيغۇر تېبابەت ئىلمىدە « قاشتېشى يۈرەكنى سەگىتىدۇ ، يۈرەكتىكى قىزىقلىقنى ۋە دەرتنى ئالىدۇ » دەپ كۆرسىتىلگەن .
قاشتېشى مارجاننى ئۇزۇنراق تىزىپ بوينىغا سېلىۋالسا ئادەمنىڭ مىجەزىنى تەڭشەيدۇ ، قارا بېسىش ، چۈشىدىن قورقۇش ، چۆچۈش ، تەشۋىشلىنىشنى تۈگىتىدۇ ، ئۇيقۇسىنى شېرىن ، يېتەرلىك ، راھەت قىلىدۇ .
قاشتېشى بىر خىل سۈزۈك ، چاقماق ئېسىل تاش بولۇپ ، ھەر خىل رەڭدە بولىدۇ . ئۇنىڭ ئاق رەڭلىكى ئادەمنى گۈلدۈرمامىدىن ، چاقماق چېقىنلىرىدىن قورقۇشتىن ، ئۇسسۇزلۇقتىن ساقلايدۇ . شۇڭا قاشتېشىنى ۋە قاشتېشى ئۈزۈك ، قاشتېشى مارجانلارنى ھەمراھ قىلىش كېرەك . ئۈزۈككە كۆز قىلىپ ياسىتىلىپ قولغا سېلىنسىمۇ بولىدۇ .
قاشتېشى دۆلەت گۆھىرى ، تەۋەررۈك بۇيۇم بولۇپ ، ئەجدادلىرىمىز ئۇنى قىممەتلىك زىبۇ - زىننەت بۇيۇمى سۈپىتىدىلا ئىشلىتىپ قالماي ، قىممەتلىق ، ئەتىۋارلىق دورا سۈپىتىدە ئىشلىتىپ كەلگەن . ئۇيغۇر تىبابىتىدە يەنە ئاق قاشتېشىنى ئېزىپ ئۇنىڭ تالقىنى بىلەن شاپتۇلنىڭ قۇرۇتۇلغان چېچىكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ياسىغان ئۇپىنى تېرىگە سۈركەش ئارقىلىق ئادەم بەدىنىنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىدا پەيدا بولغان ئاق كېسەل ( بەرەس ) ۋە ھەر خىل تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاپ ساقايتقان .
خوتەندە ئۆتكەن مەرھۇم ئاتاقلىق ئۇستاز تېۋىپ ئەمەت ھاجىم ئاياللار كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا قاشتېشىنى سۇغا سۈرۈپ ئىچىشنى ياكى قاشتېشى چىلانغان سۇنى ئىچۈرۈش ئارقىلىق ئاياللار كېسەللىكىنى داۋالاپ ساقايتقان ۋە روھىي كېسەللىكنىمۇ داۋالاپ ساقايتقان .
يۈرەك كېسەللىكى بارلارغا بوينىغا قاشتېشى مارجان ، قاشتېشى بۇلاپكا ئېسىشنى ، قولىغا قاشتېشى بىلەيزۈك سېلىشنى تەشەببۇس قىلغان . نەتىجىدە بۇ خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاش ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن .
ھازىر ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىدە مۇرەككەپ رېتسېپلىق دورىلارغا قاشتېشى تالقىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ .
ئۆيدە ، ئىشخانىدا ياكى يېنىدا قاشتېشى ھەمراھ قىلىپ ، كەيپىياتى ياخشى بولمىغان چاغدا ، پىسخىكا جەھەتتىن توسالغۇغا ئۇچراپ بىئاراملىق ھېس قىلغاندا ياكى ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولمايۋاتقاندا ، قايغۇ ياكى دەرت - ئەلەمگە ئۇچرىغان چاغدا قاشتېشىنى قولىغا ئېلىپ ۋە ئۇنى كۆرۈپ ياكى قولىدا سىلاپ بەش - ئون مىنۇت ئويناپ بەرسە ، دەرھال كەيپىياتى ياخشىلىنىپ ئۆزىنى ئەركىن - ئازادە ۋە خوشال ھېس قىلىدۇ .
كۆزىگە ئاق چۈشكەن ، كۆز نۇرىنى يىغالمايدىغان كىشىلەر ئاق قاشتېشىنى كۆز ۋە كۆز ئەتراپىغا سۈرۈپ بەرسە شىپالىق ئۈنۈمنى كۆرىدۇ . قولى تىترەيدىغان ، يۈزىنىڭ قان - تومۇرلىرى پالەچلەنگەن ، ئاستىنقى قاپىقى لىپىلداپ تۇرىدىغان ، كۆزى ياكى ئېغىزى مايماق بولۇپ قالغان كىشىلەرمۇ قاشتېشىنى شۇ يەرگە سۈرۈپ بەرسە ۋە قاشتېشىنى ئېقىن سۇغا چىلاپ قويۇپ سۇيىنى ئىچىپ بەرسە كېسىلى شىپا تاپىدۇ .
مىللىتىمىزدە خېلى بۇرۇندىن باشلاپ سۇ چىڭقايدىغان ئىدىش ، كوزا ، تۇڭ ، چېلەك ، چەينەك ، سۇ قاپاقلىرىغا قاشتېشى سېلىپ ، قاشتېشىنىڭ سۈيىنى ئىچىپ بەدەننى قوۋۋەتلەندۈرۈش بىر قەدەم ئومۇملاشقان .
قاشتېشى سۇدىكى تاش ئېرىتمىلىرىنى سۈزىدۇ ، سۈيدۈك يوللىرىغا تاش چۈشۈش ، بۆرەك قاناللىرىغا تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
خوتەندىكى يۇرۇڭقاش ۋە قاراقاش دەرياسى ئېقىن سۈيىنىڭ يۇقۇرى قان بېسىمنى چۈشۈرۈش ، بەدەننىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىغا چۈشكەن تاشلارنى ئېرىتىپ چۈشۈرۈش ، يۈرەكنى ساغلاملاشتۇرۇش ، تېرىنى رەڭدار ، پارقىراق قىلىش ، چىرايلىق قىلىشتەك شىپالىق روللارغا ۋە خاسىيەتلىك دورىلىق قىممەتكە ئىگە بولۇشى بۇ دەريالاردا قاشتېشى مەنبەسىنىڭ كۆپ بولغانلىقىدا بولىشى مۈمكىن .
مەنبە:باشلان تورى
***********************
2 . خوتەن قاشلىرىنىڭ خەن تېبابىتىدىكى رولى
ئەقىدە قاشگەرلىك شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت تەرجىمىسى
ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتى پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئەقىل كۆزىنى قاماشتۇرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئەجداتلىرىمىزنىڭ خوتەن قاشلىرىنى نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەنلىكىنى،باشقا ئەل خەلقلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچە ھېرىسمەن ئىكەنلىكنى بىلىۋېلىش تەس بولمىسا كېرەك.تېخى يېقىنقى زامانلارغىچە بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ كەتكەن خوتەن قاشلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بىز بىلەن نېمە سەۋەبتىن مۇنچە ياتلىشىپ كەتكەنلىكى ئىزدىنىش،تەتقىق قىلىش ۋە تەشۋىق قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرىدۇر!
خوتەن قاشلىرىنىڭ ساقلىقنى ساقلاشتىكى رولى دۆلىتىمىزنىڭ خەنزۇ تىبابىتىدىكى بۈيۈك ئەسىرى ‹‹خاسىيەتلىك دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى››(神农本草)ۋە ‹‹دورا ئۆسۈملىكلىرى تىزمىسى››(本草纲目)دا تۆۋەندىكىدەك خاتىرلەنگەن.
خوتەن قاشلىرى-قىزىتمىنى قايتۇرۇپ،ئۇسسۇزلىقنى باسىدۇ.ئۆپكىنى سىلىقلاپ ئاۋازنى ياڭراق قىلىدۇ.چاچنى پارقىرىتىدۇ.بەش ئەزانى كۈچلەندۈرىدۈ.مۇسكۇل،ئۇستىخانلارنى چىڭىتىدۇ.نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇپ،قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ.كۆرۈش،ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ.
دۆلىتىمىزدە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن پادىشاھلاردىن -ۋۇ زېتىيەن،كاڭ شى،چىيەن لوڭ،سىشى تەيخۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قاش ئويما بۇيۇملارنى ئىشلەتكەن.مەسىلەن:قاش ياستۇق،قاش ئىستاكان، قاش ئاسقۇ ۋە بىلەيزۈك قاتارلىقلار....
يىقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىزدە خوتەن قاشلىرىغا بولغان تەتقىقاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ خوتەن قاشلىرىنىڭ ساقلىقنى ساقلاشتىكى ئىلمى رولى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىسپاتلاندى.
1.ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئىسپاتلىشىچە خوتەن قاشلىرى تەركىبىدە مىس،سىنىك،ماگىنىي،سېلىن،خېرۇم،مانگان،كۇبالىت قاتارلىق ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك ئىلمىنىتلار مول بولۇپ داۋاملىق قاش بۇيۇملارنى ئىشلەتكەندە يۇقارقى ماددىلار تېرە ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە شۈمۈرۈلۈپ ئورگانىزىملارنىڭ ئىقتىدارىنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدىكەن.
2.قاشلارنىڭ ئىسىقلىقنى شۈمۈرۈش ئىقتىدارى كۈچلۈش بولۇش ۋە ئىسسىقلىق رېئاكسىيە تارقىتىشتەك فىزىيكىلىق ئالاھىدىلىكى بار بولۇپ،بۇ ئارقىلىق قاندىكى ئوكسىنىتنىڭ سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.قاندىكى پىرمىنىتنىڭ بۇزۇلىشىنى قوغداپ ھەم قان ھەرىكىتىنى ئەڭ ياخشى ساقلاپ ماددا ئاملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ بەدەننىڭ فىزولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
3.سېپىكتىرلىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە خوتەن قاشلىرى تەركىبىدىكى ئالاھىدە دانىچە قۇرۇلما ئادەم بەدىنى قۇبۇل قىلالايدىغان ئىمپىرا قىزىل نۇرلۇق ئىلىكتىرو ماگىنىت تارقىتىدۇ.بۇ خىل ئېلىكتىرو ماگىنىت دولقۇنى 8-15 مىكرو مىتىر بولۇپ ئادەم بەدىنى تارقاتقان ئىمپىرا قىزىل نۇرلۇق ئېلىكتىرو ماگىنىت دولقۇنى بىلەن ئوخشاش بولغاچقا ئادەم بەدىنىگە ناھايىتى پايدىلىق.بۇ ھال قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ ئادەم بەدىنىدە مىكروپ ئۆلتۈرۈش يېڭى ھۈجەيرە پەيدا قىلىش جەھەتتە ئاكتىپ رول ئويناپ كېسەللەرنى ھەيدەپ ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ.
4.كىلىنكىلىق تەجرىبىلەردىن ئىسپاتلىنىشىچە خوتەن قاشلىرى ئادەم بەدىنىدىكى-يۇقىرى قان بېسىم،نېرۋا ئاجىزلىقى،مېڭە قان تۇمۇرى تۇسۇلۇش،ئارتىرىيە تۇمۇرلىرى قېتىشىش قاتارلىق نۇرغۇن كېسەللەرگە ئالاھىدە مەنپەت قىلىدۇ.بۇلۇپمۇ،بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ ئەركلىك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش،قاننى كۈچلەندۈرۈش،چىرايدىكى قۇرۇق-داغلارنى يوقىتىش جەھەتتە 98% يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە.
داۋاملىق خوتەن قاش بۇيۇملىرىنى ئېسىپ يۈرگەندە ياكى قولدا سىلاپ ئوينىغاندا قولدىكى ئۈگە-پەللىلەر ئارقىلىق بەدەندىكى ئىچكى ئەزالارغا تەسىر قىلىپ ئىمونت كۈچىنى كۈچەيتىدۇ.
قولغا دائىم بىلەيزۈك سېلىپ يۈرگەندە بەدەننى ئۇۋىلاش رولىنى ئويناپلا قالماستىن قېرىلاردىكى دېۋەڭلىك،كۈرۈش قابىلىيىتى ئاجىزلاش قاتارلىقلارغا رەشەن مەنپەئەت قىلىدۇ.ئادەمنى روھلۇق قىلىدۇ.
خوتەن قاشلىرىدىن ئىشلەنگەن زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ساقلىقنى ساقلاشتىكى رولى ۋە ئۇنى ئىشلەتكەن چاغدىكى روھى ھالەت بىلەن باشقا زىننەت بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكەن چاغدىكى ئەھۋال روشەن پەرىقلىق بولۇپ قاشتېشى بۇيۇملىرىدىكى ئەۋزەللىك بىلەن بۇلارنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.
مەنبە: قاشتېشى دۇنياسى ئىلىكتۇرۇنلۇق ژۇرنىلى 2008-يىلى 2-ساندىن تەرجىمە قىلىندى ھەم تورداشلارغا قۇلاي بۇلۇشى ئۈچۈن ئەسلى تېكىستى قۇشۇمچە قىلىندى.
2013-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى