A-A+

بايلار پۇلىغا تايىنىپ «چوڭ» پۇل تاپىدۇ

2016-يىل 23-ماي مىليادىرلار باھا يوقكەن زىيارەت: 182 قېتىم

timg

سۈرەتتە : ئاسىيادىكى ئون ياش مىليادىرنىڭ بىرى ، خاڭجۇ بىرلەشمە تور ئۇچۇر شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى خې جىتاۋ


ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى

نامراتلار كۈچىگە تايىنىپ «كىچىك» پۇل تاپىدۇ، بايلار

پۇلىغا تايىنىپ «چوڭ» پۇل تاپىدۇ

بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقى تۈپ نىگىزدىن ئېيىتقاندا بايلىق ئۇقۇمىدىكى ئوخشىماسلىقتۇر. ئوخشىمىغان بايلىق قارىشى، باي ۋە نامراتلارنىڭ بايلىقىنىڭ كىلىش مەنبەسىنى ،بايلىق قۇرۇلمىسىنى، بايلىقنىڭ ئىشلىتىلىشتىكى پەرقىنى بەلگىلەيدۇ. توغرا بولغان بايلىق ئۇقۇمى تۇرمۇشنى كۈزىتىشتىن كەلگەن. مەغلۇپ بۇلۇش تەجىربىسىنىڭ توپلىنىشىمۇ بايلىقنىڭ توپلىنىشىغا تۈرۈتكە بولىدۇ. پۇل بولمىسا بولمايدۇ، لىكىن پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس .پۇلنى  كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ مەركىزى قىلىشقا بولمايدۇ، ئىسراپ قىلىشقىمۇ بولمايدۇ. قارغۇلارچە يىغىپ ساقلاپ پۇلنىڭ قۇلى بۇلۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.

ئەمىليەتتە نۇرغۇن ۋاقتىتا نامراتلارنىڭ كىشلەر ھەۋەس قىلغۇدەك بايلىققا ئىگە بولالماسلىقى ناھايىتى زۆر دەرىجىدە ئۆزىدىكى «قوي خاراكتېرى» بىلەن مۇناسۋەتلىك. يەنە كىلىپ نامراتلار پەقەت پۇل يىغىشنىلا بىلىدۇ. لىكىن پۇلنى ئىشلىتىپ پۇل تۇغدۇرۇش ئۇسۇلىنى بىلمەيدۇ. بايلار قولىدىكى پۇلنىڭ ياردىمىدە ئۆزىنىڭ بايلىقىنى تىز سۇرئەتتە ئاشۇرالايدۇ ۋە تېخىمۇ كۆپ بايلىققا ئېرىشىدۇ. شۇڭا توغرا بولغان بايلىق قارشى تۇرغۇزۇش ئىنتايىن مۇھىم.

نامراتلار كۈچىگە تايىنىپ «كىچىك» پۇل تاپىدۇ، بايلار پۇلىغا تايىنىپ «چوڭ» پۇل تاپىدۇ

نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ بايلىققا ئېرىشش ئۇسۇلىدا، روشەن پەرىق مەۋجۇت. ئىككىسىنىڭ بايلىقىنىڭ تەركىبىدىمۇ ئوخشىماسلىق بار. لىكىن كۆپىنچە پۇلغا كىشلەر دەسلەپتە ئەمگەك ئارقىلىق ئېرىشكەن.

ھەر بىر ئادەم ئوخشاش بولمىغان ئائىلىدە يەنى نامرات ياكى باي ئائىلىدە تۇغۇلىدۇ لىكىن دۇنيادا مەڭگۇ ئۇڭۇشلۇق بولىدىغان ئىش بولمىغانغا ئوخشاش ،تۇغۇلىشىدىنلا غەلبە قىلغۇچىمۇ يوق. بايلىق ۋە مۇۋاپىقيەتكە ئېرىششنى ئويلايدىغان ھەر بىر ئادەم  بۇ يولدا تەۋرەنمەي مېڭىشى ،مەيلى باشلىنىشى قانچە ئەگىرى توقاي ياكى تەكشى بولسۇن ئۆزگەرمەس ئىشەنىچ ۋە كۆپ خىل ئۇسۇل بىلەن ئالغا ئىلگىرلەپ، بۇ يولدا ئىزچىل تەۋرەنمەسلىكى كېرەك.

دەسلەپتىكى پۇل ۋە ئىجتمائى ئالاقە جۇغلانمىسى بولمسا ،ھەر بىر ئادەم ئەڭ بېشىدا ئاساسى ئىشنى ئۆزىدىن  باشلاش ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا تايىنىپ ھاياتىدىكى تۇنجى مەبلەغنى جۇغلاش كېرەك. بۇ ئىقتىدار بەلكىم مەكتەپتە ئۆگەنگەن كەسپى بىلىم بۇلۇشى، ئۆزى يرتىشتۈرگەن بېرەر ئارتۇقچىلىق بۇلۇشى مۇمكىن. لىكىن ئەڭ ئۇمۇميۈزلۈك بولغىنى يەنىلا ئۆزىدىكى كۈچ. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەھۋالى ئوخشاش. ھەتتا ئەڭ دەسلەپكى باسقۇچتىكى پۇل تېپىش ئۇسۇلىدا بەك چوڭ ئوخشىماسلىق بولماسلىقى مۇمكىن.

لىكىن بەلگىلىك مىقتاردا دەسلەپكى مەبلەغنى يىغىپ بولغاندىن كىيىن، كىشلەرنىڭ  پۇل تېپىش ئۇسۇلىدا ئوخشىماسلىق پەيدا بۇلۇشقا باشلايدۇ. بەزىلەر بۇ مەبلەغنى تۇرمۇشتا بەھىرلىنىشكە ئىشلىتىدۇ، ھەتتا بۇزۇپ چاچىدۇ. بۇ كىشلەر پەقەت باشتىن-ئاياغ ئەڭ دەسلەپكى پۇل تېپىش ئۇسۇلىنى تەكرارلايدۇ يەنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ پۇل تاپىدۇ. يەنە بىر قىسىم كىشلەر جاپا تارتىپ تاپقان پۇلىنى مۇناسىۋەت دائىرسىنى كېڭەيتىشكە ئىشلىتىدۇ، ئۈسۈش پۇرسىتى ئىزدەيدۇ ياكى باشقا ئىشلارغا مەبلەغ سالىدۇ. بۇ كىشلەرنىڭ ھەممىسى پۇل بىلەن پۇلنى تېپىش يولىغا ماڭىدۇ. بۇ نوقتىنى ھەقىقى جارى قىلدۇرالىغان ئادەم چۇقۇم بايغا ئايلىنىدۇ.

بىر يۇلۇچى ساياھەت قىلىۋېتىپ يول بويىدا ئارام ئېلىۋاتقان بىر يىگىتنى كۈرۈپتۇ. كىيىملىرى ئەسكى، قارا تەرگە چۈمۈپ كەتكەن يىگىتنىڭ يېنىدا بىر تال بامبۇك سېۋەت بۇلۇپ، ئىچىگە توشقىچە تاش پارچىسى قاچلانغان ئىكەن. ھېرىپ كەتكەن ساياھەتچى  يىگىتنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ  بىلەن پاراڭلىشىپتۇ ھەم پاراڭلىشىش جەريانىدا يىگىتنىڭ تاش پارچىسىنى تاغ ئاستىدىن 1600دىن كۆپ پەلەمپەي ئارقىلىق تاغ چوققىسىدىكى ئىش ئورنىغا ئەپچىقىدىغانلىقىنى بىلىپتۇ. ھەر بىر سېۋەت تاش توشىسا 4 يۈەن تاپىدىغان بۇلۇپ، بىر كۈندە 4 سېۋەت يۈدىگىلى بولىدىكەن. ساياھەتچى يىگىتنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش جەريانىدا، ئىختىيارسىز تۇجا مىللىتىدىن بولغان ئامېينى ئويلاپ قاپتۇ. ئۇلار مىللىي كىيىمىنى كىيىپ ساياھەتچىلەرگە ھەمراھ بۇلۇپ سۈرەتكە چۈشىدىغان بۇلۇپ، ھەر بىر پارچە  سۈرەتكە چۈشۈش ھەققى10 يۈەن، ئەڭ ياخشى پۇل تاپقان كۈنلىرى 1000 يۈەن كىرىم قىلالايدىكەن. ساياھەتچى بۇنى يىگىتكە ئېيتقان ئىكەن  ، يىگىت « ئامېي قىلغاننى مەنمۇ قىلالايمەن. ئەمما مەن يەنىلا تاش يۈدىسەم پۇل تاپالايمەن»،دەپتۇ.

يىگىت بىر كۈن ھېرىپ-چارچاپ ئىشلىسىمۇ ھىچقانچە پۇل تاپالمايدۇ. لىكىن تۇجا مىللىتىدىن بولغان ئامېي ھەر كۈنى مىڭلاپ پۇل تاپىدۇ. ئۇلار ئوخشاشلا كۈچىگە تايىنىپ پۇل تاپىدۇ. لىكىن ئۇلارنىڭ شارائىتى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئوخشاش ئەمەس. ئەگەر ھەمىشە باشقىلاردىن ئاغىرنىپ، ھازىرقىغا شۈكرى قىلىپ ئوتسە، يىگىت ھەرگىزمۇ ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد تاش يۈدۈشتىن قۇتىلالمايدۇ. ئامىيمۇ رەسىمگە چۈشىدىغانلار بولمىسا، ئىشسىز قېلىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە بايىقى ھىكايىنىڭ داۋامى تۈگمىدى، ساياھەتچىنىڭ يېتەكلىشى نەتىنجىسىدە يىگىت بىريىل تاش يۈدىگەن پۇلنى يىغىپ، بىر دانە ۋېلسپىت ئېلىپ يۇلۇچىلارنى تۇشىدى. كىيىن ۋېلىسپىت سېتىۋېلىپ ئادەم ياللاپ يولۇچىلارنى تۇشۇتقۇزدى. تەدىرجى ھالدا تىجارىتىنىڭ كۆلمىنى چوڭايتىپ، تىرانسىپورىت شىركىتى قۇردى. ئامېي ساياھەت رايۇنىدا مىللىيچە ئالاھدىلىككە ئىگە كىچىك دۇكان ئاچتى. كىيىن تورغىمۇ دۇكان ئاچتى. سودىسى بارغانسېرى گۇللەندى.

جۇڭگۇدا تاش يۈدۈشكە ئوخشاش جىسمانى ئەمگەك قىلىپ پۇل تاپىدىغانلار نۇرغۇن. نەزەر دائىرىسىنىڭ تار ۋە تەربىيەلىنىشىنىڭ  يېتەرسىز بۇلۇشى ئۇلارنى دەسلەپتە جىسمانى ئەمگەك قىلشقا مەجبۇر قىلغان.

 چەكلىك پۇلنى كىيىنكى ئەۋلادلىرىنى تەربىيلەش ئۈچۈن ئىشلەتكەن بۇ كشىلەر ئۆمىرنىڭ ئاخىرغىچە جىسمانى ئەمگەك بىلەنلا چەكلىنىدۇ. قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن پۇل، ئۇلارنىڭ بىردىنبىر بايلىقى. ئەگەر كىشلەر ھازىرقى ھالىتىدىن قانائەتلىنىپ جاپالىق پۇل تاپسا، ئىسمى-جىسمىغا لايىق نامراتلارغا ئايلىنىدۇ. كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، كۈچكە تايىنىپ پۇل تېپىش ، پەقەتلا جىسمانى ئەمگەكنىلا كۆرسەتمەيدۇ. ھەر خىل شەكىلدىكى ئەمگەكنىڭ ھەممىسى مۇشۇ تۈرگە كىرىدۇ.

 ھەر بىر ئادەمنىڭ بارلىق قىممىتى ھەرۋاقىت ئۆزىنىڭ قولىدا بولمايدۇ، ئالى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىللىرى گەرچە بىلىم ۋە تېخنىكا ئېگەللىسىمۇ، لىكىن ئۆزىنىڭ ئەقلى ۋە پىكىرىگە تايىنىپ، بىر كىشلىك ئىش ھەققىگە ئېرىشىدۇ. ساتقۇچىلار ھاراق ئۈستىلىدە خېرىدارلار بىلەن پاراڭلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ كىرىمى تۆۋەن بولماسلىقى مۇمكىن، لىكىن ئۇلارمۇ جىسمانى كۈچىگە تايىنىپ، پۇل تېپىپ تۇرمۇشنى قامدايدىغان ھالەتتىن قۇتۇلالمىغان. ھەر خىل شەكىلدىكى جىسمانى ئەمگەك ئارقىلىق، بەلگىلىك پۇل تاپقاندىن كىيىن، ئۆزگىرىش كېرەكمۇ-يوق،كېرەك بولسا  قانداق ئۆزگىرىش كېرەك؟بۇ ھەقتە ئويلانغان ۋە جاۋابىنى تاپقان ھەر بىر ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، باي بولالايدۇ. مانا بۇ مەسلىنىڭ ھالقىسى.

 2012-يىلى زوڭچىڭخوۋ شەرەپ بىلەن «فوربىس» ژورنىلىدا جۇڭگۇنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى  بايلار تىزىملىكىگە چىقتى. ئۇ جۇڭگۇدىكى ئىچىملىككە تايىنىپ چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى بېيى بولغان سودىگەر. ئۇنىڭ ئىلگىركى ئىگلىك تىكلەش تارىخىدىن كۈرۈۋېلىشقا بۇلىدۇكى، ئۇ 42 يېشىغىچە تىپتىنىچ خىزمەت قىلغان. ئۇ جىسمانى ئەمگەككە تايىنىپ تاماق يەيدىغان بۇلۇپ، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن دىھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىشقا باشلىغان. دېڭىز ساھىلىدا تۇز قازغان. تۇز قۇرۇتقان. تۇز ئىلغىغان. چايچىلىق مەيدانىدا چاي تېرىغان. شال ئورغان، يېزىدا 15 يىل تۇرغان. ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ھالى ھازىرقى سىرتقا چىقىپ جاپالىق ئىشلەيدىغان دېھقان ئىشلەمچىلەر بىلەن ئوخشاش ئىدى. لىكىن كىتابنىڭ ئىلھاملاندۈرشى ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ۋاقىت تەرپىدىن خورتىۋەتمىدى. ئىسلاھات ئېچۋېتىشتىن كىيىن ئۇ يۇرتىغا قايتىپ زاۋۇتتا كەسپى خادىم بولغان. 1987-يىلى 42 ياشقا كىرگەندە، ئۇ ئەڭ ئاخىرى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مەكتەپ قۇرغان. كارخانىنىڭ سېتىش بۈلۈمىنى كۆتىرە ئالغان. بۇ ئاساستا ئىككى يىلدىن كىيىن، ۋاخاخا ئۇزۇقلۇق يىمەكلىك زاۋۇتىنى قۇرغان. ھەمدە 1991-يىلغىچە ئىزچىل ۋاخاخا گوروھىنىڭ باش لىدىرى، قۇشۇمچە باش دېرىكتۇرلىقىنى ئۈستىگە ئالغان.

ھەر بىر قۇرۇق قول ئىگلىك تىكلەپ، بىر تىرلىيۇنلۇق  بايلىق ئۆتكىلىدىن ئۆتكەن بايلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاپ كېىدىغان جەرياننى باشتىن كەچۈرگەن. ئۇلار ئادەتتىكى خىزمەتلەردىن ئىش باشلاپ پۇرسەتنى تۇتۇپ بايلىق يارتىش ئارقىلىق بايلىق توپلىغان ۋە غەلبە قازانغان.

نامراتلىق قورقۇنچۇلۇق ئەمەس، ھەتتا ئۇنى نامراتلارنىڭ مەبلىغى دىيىشكىمۇ بولىدۇ. قايتقىدەك يولى يوق ئەھۋالدا، جاپاغا چىداش پەزىلىتى نامراتلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەبلەغنى تېپىشىغا ياردەم قىلىدۇ. بۇ مەبلەغدىن قانداق پايدىلىنىش، نامراتلار ئۈچۈن ھەقىقى خىرىس. پۇلغا تايىنىپ پۇل تېپىش ئەڭ دەسلەپتە پۈتۈنلەي پۇل مۇئامىلە جەھەتتىكى مەبلەغ سېلىشنى كۆرسەتمەيدۇ. ئۆزىنىڭ ساپاسىنىڭ ياخلىنىشىغا بولغان مەبلەغ سېلىشنى كۆرسىتىدۇ.

مەبلەغ ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولسىلا سىزنى تەدىرجى نامراتلىق ھالىتىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. جانلىق ئۆگۈنۈپ ،جانلىق ئىشلىتىپ  يەنى بىر تەرەپتىن ئىشلىتىش، بىر تەرەپتىن ئۆگۇنۇش تەدىرجى باي بۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئۆزىمىزنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرسەك غەلبە كۆز ئالدىمىزدا.

ھەر ۋاقىت ئىلگىرلەۋاتقان جەمئىيەتكە يۈزلەنگەندە، بايلار ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىدۇ .ئۇلار بىلىمگە ۋە ئۇسۇلغا تايىنىپ ياشايدۇ. نامراتلار پەقەت كۈچىگە تايىنىپ كىچىككىنە پۇل تېپىپ تۇرمۇشىىنى قامدايدۇ. بۇنداق بولسا، ھامان جەمئىيەت تەرپىدىن شاللىنىدۇ. پەقەت ئەمگەك ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەپ ئېرىشكەن مەبلەغ تەدىرجى ھالدا ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، ماھارەت ئېگىسىگە ئايلاندۈرىدۇ. ئاندىن جەمئىيەت تەرپىدىن شاللىنىپ كەتمەيدۇ. ئەڭ دەسلەپكى جاپالىق ئەمگەك ئارقىلىق ئېرىشكەن ئازغىنە بايلىق كىيىنكى غەلبە قازىنىشنىڭ مەبلىغى بولىدۇ.

بايلىقنىڭ بايانى:

نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ باشلىنىش نوقتىسىدىكى مەبلىغىنىڭ كىلىش مەنبەسى ئاساسەن ئوخشاش. بەزى بايلار باشلىنىشتا بەلكىم نامراتلاردىنمۇ بەك غۇربەتچىلىكتە تۇرۇپ  ئىش باشلىغان بۇلۇشى مۇمىكن .لېكىن نامىراتلار مۇقىم كېرىمىنى ساقلاۋاتقان مەزگىلدە بايلار جاپادا تاپقان مەبلىغىنى ئشلىتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن ۋە تېىخىمۇ چوڭ مۇۋاپېقىيەتگە ئېرىشكەن

بولىشى مۇمكىن.

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 2-قىسمىدىن ئېلىندى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ