دىيارىمىزدىكى قاش ئويمىچىلىق مەكتىپى (خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى 70)
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى
خوتەن قاشلىرىنى ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ئارزۇلاپ ،ئەتىۋالاپ ئىشلىتىپ كەلدى؟ئۇنىڭدىكى قانداق سېھرى كۈچ ئۇنى تارىم ۋادىسىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاتتى؟نېمە ئۈچۈن خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى يىلدىن يىلغا ئۆرلەپ ،ئىستىمالچىلار توپى توختاۋسىز كۆپۈيۈپ مېڭىۋاتىدۇ؟كىشىلەر خوتەن قاشلىرىنى نېمە مەخسەت-مۇدىئالار بىلەن سېتىۋالىدۇ؟ئۇنىڭ ئىنسان ماددىيىتى ۋە مەنىۋىيىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى نېمە؟؟؟...
يۇقارقىدەك نۇرغۇن سۇئاللارغا خوتەن قاشتېشىنىڭ ئۆزىدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تېپىش مۈمكىنچىلىكى يوق.چۈنكى ئۇ گۈھەر تاشلارغا خاس ئاددىي بىر قېزىلما بايلىق،خالاس...
يۇقارقى سۇئاللارغا توغرا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن چۇقۇم ئۇزاق تارىخ جەريانىدا شەكىللەنگەن كۆپ قاتلاملىق ،كۆپ مەنبەلىك خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى ئەتراپلىق چۈشۈنۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ئەقىدە قاشگەرلىكىمىز <<خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى >>سەھىپىمىز ئارقىلىق خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى رەتلەپ ،توپلاپ ،تەرجىمە قىلىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.
دىيارىمىزدىكى قاش ئويمىچىلىق مەكتىپى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى
شىنجاڭ ئاق قاش شەھەرچىسى قاش ئويمىچىلىق مەكتىپى - ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەمگەك ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ،خەلق ئىشلار نازارىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قۇرۇلغان مەخسۇس خوتەن قاش ئويمىچلىرىنى تەربىيلەيدىغان كەسپىي مەكتەپ.
قاش ئويمىچىلىق مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى:
ماشۆۋۇ-تۇڭگان.1957-يىلى 12-ئايدا شىنجاڭدا تۇغۇلغان.شىنجاڭ سانائەت ئىنىستۇتىنى پۈتتۈرگەن.ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدۇ. دۆلەت دەرىجىلىك قاش ئويمىچىلىق ئۇستىسى ،دۆلەت دەرىجىلىك ھۈنەر-تېخنىكا ئۇستىسى ، شىنجاڭ خوتەن قاش مەدەنىيىتى تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ، قاش ئويمىچىلىق تەربىيلەش مەكتىپىنىڭ مۇدىرى،شىنجاڭ ئۈنچە-مەرۋايىت قاشتېشى جەمىئىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، شىنجاڭ ئاق قاش شەھەرچىسى مىللىي قاش ئويمىچىلىق ھۈنەر-سەنئىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دېرىكتۇرى.
ما شۆۋۇ قىرىق نەچچە يىللىق قاش ئويمىچىلىق تارىخىغا ئىگە بۇلۇپ، ئۇ دىيارمىزنىڭ خوتەن قاش ئويمىچىلىقىدا تىخىمۇ كۆپ ئىز باسارلارنى يىتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن قاش ئويمىچىلىق تەربىيلەش مەكتىپى قۇرۇپ ، مەخسۇس ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىپ نەزىرىيە ۋە ئەمىلىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ تەربىيلىمەكتە.
شىنجاڭ ئاق قاش شەھەرچىسى مىللىي قاش ئويمىچىلىق ھۈنەر-سەنئىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى
新疆白玉城民族玉雕工艺品开发有限公司
قاش ئويمىچىلىق مەكتىپىنىڭ ئادرېسى
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى خېيلوڭجىياڭ يولى 44 -نۇمۇر
0991-4508531 0991-4508532
地址:乌鲁木齐市黑龙江路44号
2014-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى