A-A+

مەۋھۇملاشقان تىجارەت

2015-يىل 15-ئىيۇل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 391 قېتىم

ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى

4 - باب 11 - پارگىراف

w0200707133487108540484

بېيىش تەپەككۇرى:

   نامراتلار: مەبلەغ، تالانتلىقلار ،تېخنىكا  ۋە ياخشى بولغان سودا ئۇسۇلى قاتارلىقلارنىڭ كەمچىل بولۇشى تەرەققىياتنىڭ توختاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تەرەققىي قىلىش ۋە

پايدا ئېلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس.

ۋېنجۇلۇقلار: مەبلەغ كەمچىل بولسا قورققۇدەك يېرى يوق، باشقىلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلىساق بولىدۇ. پەقەت ئۆزىمىزنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرسەك، كۈچلۈك تۈرىمىزنى داۋاملىق تولۇقلىساق، ئۆزىمىزگە تونۇشلۇق بولمىغان ئىشلارنى قىلالايدىغان كىشىلەرگە تاپشۇرۇپ بەرسەكلا پۇل تېپىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.


   كارخانا تەرەققىي قىلماقچى بولىدىكەن چوقۇم كېڭىيىشى كېرەك، كېڭىيىشتە چوقۇم مەبلەغ ۋە تېخنىكا قاتارلىق ئامىللار لازىم بولىدۇ. بىراق يېتەرلىك مەبلەغ، مۇۋاپىق تالانت ئىگىسى بولمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەجىبا مۇنداق ئەھۋالدا كارخانا تەرەققىي قىلالمامدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى-ياق.

   ۋېنجۇدىكى كارخانىلارنىڭ ھەممىسى كىچىكلىكتىن زورايغان، كارخانا تەرەققىي قىلىش ۋە

كېڭىيىشتە مەبلەغ ۋە تالانتلىقلار كەمچىل بولۇشتەك ئەھۋال ئاستىدا، ئەقىللىق ۋېنجۇلۇقلار «ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» دەپ ئولتۇرمىغان، ئۇلار ئاكتىپلىق بىلەن مەۋھۇم تىجارەت شەكلىدىن پايدىلىنىپ كارخانىنى ئاز مەبلەغ بىلەن تېز تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان.

   مەۋھۇملاشقان تىجارەت-كارخانىدا كاپىتال چەكلىك بولغان شارائىت ئاستىدا، تىجارەتتىكى ئەۋزەل ئورۇننى ئىگىلەش ئۈچۈن مەۋھۇم ئىشلەپچىقىرىش، مەۋھۇم تىجارەت شەكىللىرىنى قوللىنىپ، كېلىشىش، ۋاكالىتەن بېجىرىش ۋە ئىجارە ئېلىش قاتارلىق باشقىلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىش شەكىللىرى ئارقىلىق، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش قاتارلىقلارنى باشقىلارغا كۆتۈرە بېرىدىغان تىجارەت باشقۇرۇش شەكلى.

   ئاددى قىلىپ ئېيىتقاندا، مەھسۇلاتقا ئۆز ماركىسىنى چاپلاپ پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە سېتىش ھوقۇقىنى بىرىپ ساتقۇزۇش. مەۋھۇم تىجارەتتە كارخانىنىڭ كېڭىيىشى -كاپىتالنىڭ كېڭىيىشى ۋە كارخانا تەشكىلىنىڭ كېڭىيىشىنى كۆرسەتمەيدۇ، ئەكسىچە تىجارەت فۇنكىسىيەسى ۋە تىجارەت نەتىجىسىنىڭ كېڭىيىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا تىجارەت باشقۇرغاندا، كارخانا پەقەت ئۆزىنىڭ يادرولۇق فۇنكىسىيەسىنى ساقلاپ قېلىپ، ئۆزىگە تونۇشلۇق بولمىغان، ئەمەلىي كۈچى يەتمەيدىغان ۋە ئەۋزەللىكى بولمىغان باشقا تۈرلەرنى ئايرىپ چىقىپ، باشقىلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ مەبلەغنى رەتلەيدۇ، باشقىلارنىڭ ئەۋزەللىكى ئارقىلىق ئۆز كەمچىلىكىنى تولۇقلايدۇ. كارخانا ئۆزىدىكى ئادەم كۈچى، مالىيە ۋە ماددى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، كارخانا تەرەققىياتىغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلىنىدۇ، بۇ ئارقىلىق كارخانىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ساقلاپ قالىدۇ-دە، بازار رىقابىتىدە يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرالايدۇ.

   نۆۋەتتە، ۋېنجۇدىكى 70 دىن ئارتۇق كارخانا مەۋھۇملاشقان تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللىنىدۇ، مەسىلەن: مېيتىس.باڭۋېي، سىنما، بەيلېد، گاۋباڭ قاتارلىق داڭلىق ماركىلار مەۋھۇملاشقان تىجارەت ئەندىزىسىگە تەۋە، ئۇلارنىڭ مەۋھۇملاشقان تىجارەت ئەندىزىسى ئاساسلىقى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مەۋھۇملىشىشىدا ئىپادىلىنىدۇ، يەنى ئۇلار ئۆز ماركىسىنى چاپلاپ پىششىقلاپ ئىشلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ كۆپ قىسىمى «جۇجاڭ دەرياسى دېلتا رايونى» ۋە «چاڭجياڭ دەرياسى دېلتا رايونى» غا جايلاشقان، بۇنىڭدا ۋېنجۇدا ھەر يىلى 10 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق پىششىقلاپ ئىشلەش ھەققى ئوبوروت بولىدۇ. مېيتىس.باڭۋېي دۆلىتىمىزدىكى كىيىم-كېچەك ساھەسىدە تۇنجى قېتىم مەۋھۇملاشقان تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللانغان كارخانا، باش دىرېكتور جۇ چېڭجيەن مۇنداق دەيدۇ: «مېيتىس.باڭۋېي ئۈچۈن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار نەچچە يۈزگە يېتىدۇ، بىز ئۇلارغا ھەر يىلى 2 مىليارد ئەتراپىدا پىششىقلاپ ئىشلەش ھەققى تاپشۇرىمىز.»

   1994-يىلى قۇرۇلغان مېيتىس.باڭۋېي بىر كىيىم-كېچەك كارخانىسى. 1995-يىلى مېيتىس.باڭۋېينىڭ سېتىش سوممىسى ئارانلا 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇقراق ئىدى؛ 2000-يىلى سېتىش سوممىسى 510 مىليون يۈەنگە يەتكەن؛ 2001-يىلى مېيتىس.باڭۋېينىڭ سېتىش سوممىسى 870 مىليون يۈەنگە يەتكەن؛ 2002-يىلى يىللىق سېتىش سوممىسى 1 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن ئاشقان؛ 2003-يىلى 2 مىلياردغا يېقىنلاشقان.

   10 يىلغا يەتمىگەن تەرەققىيات جەريانىدا، مېيتىس.باڭۋېينىڭ سېتىش سوممىسى 300 ھەسسە ئاشقان، تەرەققىيات سۈرئىتى تۈز سىزىق بويىچە يۇقىرىلاپ، سېتىش تورى مەملىكىتىمىزدىكى 26 ئۆلكە-شەھەردىكى 100 دىن ئارتۇق شەھەرنى قاپلىغان. بىراق سىز مېيتىس.باڭۋېينىڭ زاۋۇتى يوق كارخانا ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟

   جۇ چېڭجيەن ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن: «سىز بۇنى پۈتۈنلەي ئاددى بىر سۆز بىلەن يەنى -باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئارقىلىق ئۆزىنى تولۇقلاش-دىگەن سۆز بىلەن چۈشەندۈرسىڭىز بولىدۇ، ھازىر جېجياڭدىكى نۇرغۇنلىغان كارخانىلار مەۋھۇملاشقان تىجارەت شەكلىنى قوللىنىشقا باشلىدى.»

جۇ چېڭجيەننىڭ ئېيتىشىچە، ئەمەلىيەتتە مەۋھۇملاشقان تىجارەت - باشقىلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىدىغان بىر خىل شەكل، مېيتىس.باڭۋېيغا ئوخشاش قىسقىغىنە نەچچە يىلنىڭ ئىچىدە تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغان كارخانىلارنىڭ ھەممىسى بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغان. بۇ خىل ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنىڭ ئارتۇقچىلىقى تەكرار ئىشلەپچىقىرىش ئاۋارىچىلىقىدىن ساقلانغىلى، كەسپلىشىش يولىغا قاراپ ماڭغىلى، كارخانىنىڭ مەبلەغ، ئەسلىھە ۋە تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردىكى چەكلىمىلىكىنى بېكار قىلىپ، تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش نىشانىغا يەتكىلى بولىدۇ.

جۇ چېڭجيەن مۇنداق دېگەن: «يەككە ئىگىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ جۇغلىشى ناھايىتى تەس بولغان ئەھۋال ئاستىدا، ئەگەر بىز مەۋھۇملاشقان ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى قوللانمىغان بولساق بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كېلەلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئىشلەپچىقىرىشقا كېتەرلىك زاۋۇتلارنى ئۆزىمىز قۇرماقچى بولساق، ئەڭ بولمىغاندا نەچچە يىل ۋاقت كېتىشى مۇمكىن، بۇ سۈرئەتتە نەچچە مىڭلىغان مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىنى قۇرۇشتىن تېخىمۇ گەپ ئاچقىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقتنى ھېسابلىمىغان تەغدىردىمۇ، ھەر بىر زاۋۇتنى قۇرۇش ئۈچۈن نەچچە 10 مىليون يۈەن مەبلەغ كېتەتتى، بىزنىڭ قارمىقىمىزدا يەنە 100 دىن كۆپرەك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بار، بۇمۇ ئاز گەپ ئەمەس.»

نۆۋەتتە، مېيتىس.باڭۋېينىڭ ھېچقايسى مەھسۇلاتنى ئۆزى ئىشلەپچىقارمايدۇ، ئەكسىچە گۇاڭدۇڭ، جياڭسۇ قاتارلىق جايلاردىكى 20 دىن كۆپرەك كارخانىغا ئىشلەپچىقىرىشنى كۆتۈرە بېرىدۇ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مەۋھۇملاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. پەقەت بۇ بىر تۈردىلا، شىركەت 200 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئاساسىي ئەسلىھە ھەققىنى تېجەپ قالغان. سېتىش جەھەتتە، مېيتىس.باڭۋېي زەنجىرسىمان سېتىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كېلىشىم ئارقىلىق سېتىش ھوقۇقىنى مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن. مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرى مېيتىس.باڭۋېينىڭ بىرلىككە كەلگەن ماركىسى، تىجارەت ئەندىزىسى ۋە مۇلازىمەت شەكلىنى قوللىنىش بىلەن بىر ۋاقتتا، رايونلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن مېيتىس.باڭۋېيغا 50 مىڭ يۈەندىن 350 مىڭ يۈەنگىچە ئىجازەت بېرىش ھەققى تاپشۇرىدۇ. نۆۋەتتە، مەزكۇر شىركەت ئاللىقاچان 800 دىن ئارتۇق مەخسۇس سېتىش دۇكىنىغا ئىگە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز ساندىكى بىۋاستە سېتىش دۇكىنىدىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئىجازەت بېرىلگەن مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرى.

   ئەگەر بۇ مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىنىڭ ھەممىسىنى مېيتىس.باڭۋېي مەبلەغ چىقىرىپ قۇرۇشقا توغرا كەلسە، بىر تەرەپتىن بىر قەدەر ئۇزۇن ۋاقت كېتىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن 200 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ كېتىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق، مېيتىس.باڭۋېي مەبلەغنى تېجەپلا قالماستىن، يەنە ئىجازەت بېرىش ھەققى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان مەبلەغ توپلىۋالغان.

ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى كۆتۈرە بېرىۋەتكەندىن كېيىن، مېيتىس.باڭۋېي ئاساسىي كۈچىنى مەھسۇلات لايىھەلەش، بازار باشقۇرۇش ۋە ماركا تەشۋىقاتى قاتارلىق جەھەتلەرگە سەرپ قىلغان. 1998-يىلى، مېيتىس.باڭۋېي شاڭخەيدە لايىھەلەش مەركىزى تەسىس قىلغان، ھەمدە فرانسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى داڭلىق لايىھەلەش ئۇستىلىرى بىلەن ئۇزۇن مەزگىللىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، مودىغا ماسلاشقان «لايىھەلىگۈچى+ئىستېمالچى» ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن، ھەر يىلى تەخمىنەن مىڭ خىل يېڭى لايىھەنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى %50 ىنىڭ بازارغا كىرىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ياخشى بولغان ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇلار يەنە «جۇڭگودىكى بىرىنچى كوچا»-شاڭخەيدىكى نەنجىڭ يولىدا 2000 كۋادرات مېتىرغا يېقىن بىۋاستە سېتىش دۇكىنى تەسىس قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ كىيىم-كېچەك مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنى بەرپا قىلغان. دۇن فۇچېڭ باش ئۇسۇلچى بولغان ParaPara مودا ئۇسۇل ئېلانىمۇ مەركىزى تېلېۋېزىيە ئىستانىسسىدا ئىزچىل قويۇلۇپ، مېيتىس.باڭۋېينىڭ «ئۆزگىچە يولدا مېڭىش» ئىدىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.

   بەيلېد كىيىم-كېچەك كارخانىسىمۇ سېتىش يوللىرىنى مەۋھۇملاشتۇرغان. 1997-يىلىدىن باشلاپ، بەيلېد ئىجازەت بېرىپ سېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئۈچ يىل ۋاقت ئىچىدە 300 دىن ئارتۇق مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئەگەر ئۇلار مەھسۇلاتلىرىنى ساتقۇچى سودىگەرلەر ئارقىلىق سېتىپ چىقارماقچى بولسا ئۆز ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى تەسكە توختاپلا قالماستىن، يەنە تېخىمۇ كۆپ ئېلان چىقىمى تارتىشىغا توغرا كېلەتتى. بەيلېد بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق سېتىش تورى شەكىللەندۈرۈشكە كېتەرلىك نۇرغۇنلىغان مەبلەغنى تېجەپ قالغان. ئارقىدىنلا، بەيلېد قاپ يۈرەكلىك بىلەن مەۋھۇملاشقان ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى قوللانغان، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىنى تاقىۋەتكەن، گۇاڭدۇڭنىڭ جۇڭشەن شەھىرىدىكى سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلالايدىغان سەككىز كارخانىنى بەيلېد مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش نۇقتىسى قىلىپ بېكىتكەن.

   سىنما ۋېنجۇدىكى يەنە بىر كىيىم-كېچەك ماركىسى، يەنە كېلىپ ياشلار ئەڭ ياختۇرىدىغان ماركىلارنىڭ بىرى. باش دىرېكتور چيۇ گۇاڭخې مەۋھۇملاشقان تىجارەت شەكلىنى كارخانا تەرەققىياتىدىكى مۇھىم يوللارنىڭ بىرى قىلغان. 2006-يىلى، ئۇلار سېتىش سوممىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنى %50 كە يەتكۈزۈپ، سېتىش سوممىسىنى 2 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يەتكۈزمەكچى بولغان.

  2005-يىلى سىنما مەۋھۇملاشقان ئىشلەپچىقىرىشنى يەرلىكلەشتۈرمەكچى بولغان، بۇنىڭغا ۋېنجۇدىكى نۇرغۇنلىغان كارخانىلار ئاۋاز قوشۇپ، سىنمانىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ۋەكالىتەن ئىشلەپچىقىرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەسلىدە ۋېنجۇدىكى نۇرغۇنلىغان كىيىم-كېچەك كارخانىلىرى تىجارەتنى مەۋھۇملاشتۇرغان ۋاقتتا، ئىشلەپچىقىرىش نۇقتىلىرىنى سىرتقى جايلارغا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. كېيىن بۇ كارخانىلار سىرتلاردا ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىشنىڭ نۇرغۇن پايدىسىز تەرەپلىرى بارلىقىنى ھېس قىلغان.

   2005-يىلى سىنمانىڭ تۆت تۈرلۈك ئاساسلىق يازلىق كىيىملىرى ئېھتىياجنى قاندۇرالمىغان، سىنما دەرھال ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ زاكازنى كۆپەيتكەن. بىراق قارىشى تەرەپنىڭ زاكازلىرى ئاللىقاچان توشۇپ كەتكەن بولۇپ، بۇ سىنماغا زور زىيان سالغان. بۇ سىنمانىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى يەرلىكلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولغان.

چوڭ كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىشنى يەرلىكلەشتۈرسە، بۇ ۋېنجۇدىكى بىر قىسىم ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارغا زور پايدا ئېلىپ كېلەتتى. ۋېنجۇ تېڭشۈ كىيىم-كېچەك كارخانىسىنىڭ باش دىرېكتورى تۇ يۈنشۈ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئىشلەپچىقىرىشنى يەرلىكلەشتۈرەلىسەك ناھايىتى ياخشى بولىدۇ، مەن ئىلگىرى مېيتىس.باڭۋېينىڭ باش دىرېكتورى جۇ چېڭجيەن ۋە سىنمانىڭ باش دىرېكتورى بىلەن كۆرۈشكەندە، مەن دائىم كۈلۈپ تۇرۇپ قاچانلىققا ئۇلار ئۈچۈن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ بېرىدىغانلىقىمنى ئېيتاتتىم. ھازىر ھۆكۈمەت سىنمانى سىناق نۇقتا قىلدى، بۇ ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ناھايىتى ياخشى بولغان تەرەققىيات پۇرسىتى. بىز ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى مەۋھۇملاشقان تىجارەت شەكلىنى قوللىنىدىغان كارخانىلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەسلىكىمىز، كارخانىنىڭ ئىشەنچىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىشىمىز كېرەك، بۇنداقتا سىنمانى قولدىن چىقىرىپ قويساق باشقا كارخانىلار بىزگە ئىشەنمەيدۇ.»

   سىنمانىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرىنىڭ قارىشىچە، مەۋھۇملاشقان كارخانىلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلماقچى بولغاندا چوقۇم ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئەكسىچە ئىشلەپچىقىرىشنى سىرتقا قويغاندا بىر قەدەر پاسسىپ بولۇپ، ھەمكارلاشقان كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا بىر خىل ئۈزۈكچىلىك شەكىللىنىدۇ، مەۋھۇملاشقان تىجارەت شەكلىنى قوللانغان كارخانىلار مەھسۇلاتقا نىسبەتەن ئارلىشىش ھوقۇقى بولىدۇ، ئەمما كونترول قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ. يەرلىكلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش كارخانىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق. بىرىنچىدىن، بۇ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش نۇقتىسى بىلەن مەۋھۇملاشقان ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى قوللانغان كارخانا ئوتتۇرىسىدىكى ئارلىقنى كىچىكلىتىدۇ، يېڭى مەھسۇلاتنىڭ تەتقىق قىلىنىش، لايىھەلەش ۋە ئىشلەپچىقىرىش قەرەلىنى ئازايتىدۇ، مەھسۇلاتنىڭ توشۇش تەننەرخىنى ئازايتىپ، مال تارقىتىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، مەۋھۇملاشقان ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ماتېرىيالنى تەمىنلەش ھالقىسىنى كونترول قىلىشى ۋە باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇپ، مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ئاشۇرۇپ، مەھسۇلات تەننەرخىنى ئازايتىدۇ، مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بازاردىكى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

ۋېنجۇ كارخانىلىرىنىڭ مەۋھۇملاشقان ئىشلەپچىقىرىشى كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىدا بولۇپلا قالماستىن، ئاياغچىلىق، سانائەت، ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، ماشىنىسازلىق، چاقماق، كۆزئەينەك ۋە چىراق ماتېرىياللىرى قاتارلىق ساھەلەردىمۇ قوللىنىلىدۇ. مەۋھۇملاشقان ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق، ۋېنجۇ كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى دۆلىتىمىز ئومۇمىي كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئوندىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ. مەسىلەن: جۇاڭجى، باۋشىنياۋ، مېيتىس.باڭۋېي، بەيلېد، سىنما، شۆگې، خاۋرىزى قاتارلىق كىيىم-كېچەك ماركىلىرى دۆلىتىمىز بازىرىدا ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلەپ، كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنىڭ سېتىش سوممىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %100 دىن ئېشىپ كەتكەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەۋھۇملاشقان ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ۋېنجۇ كارخانىلىرىغا ئېلىپ كەلگىنى تەرەققىياتلا بولۇپ قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى بايلىق؛ ئۇلار ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارغا بايلىق يارىتىپلا قالماستىن، ئۆزلىرى ئۈچۈنمۇ غايەت زور بايلىق ئېلىپ كەلگەن.

ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:

يەككە ئىگىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ جۇغلىشى ناھايىتى تەس بولغان ئەھۋال ئاستىدا، ئەگەر بىز مەۋھۇملاشقان ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى قوللانمىغان بولساق بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كېلەلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

-مېيتىس.باڭۋېي گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى قوشۇمچە لېدىرى جۇ چېڭجيەن

كەسپىي ئىشلارنى چوقۇم كەسپ ئىگىلىرى قىلىشى كېرەك، مېنىڭ خىزمىتىم مۇناسىۋەت دا

ئىرەمنى كېڭەيتىش، كەسپ ئىگىلىرىنى بايقاش ۋە تەشكىللەش، ئاندىن ھەر خىل بايلىقلارنى ئەڭ زور دەرجىدە بىرلەشتۈرۈپ ئورتاق نىشانغا يېتىشتىن ئىبارەت.

-داليەن بەينيەن شەھەرچىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لېدىرى ۋۇ يۈنچيەن


مەنبە: 时事出版社   نەشىر قىلغان

<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب

2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى 

 ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىتەرجىمىسى 

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ