A-A+

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مەرۋايىت

مەرۋايىت ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىلەر ( 9 )

ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم يازمىسى

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مەرۋايىت 1934-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى ، فېلىپىن دۆلىتىنىڭ پالاۋان دېڭىز قولتۇقىدا بايقالغان بولۇپ ،ئۇزۇنلىقى 241 مىللىمىتىر ، كەڭلىكى 139 مىللىمىتىر ، ئېغىرلىقى  6.350 كىلوگرام كىلىدۇ .كىشىلەر تەرىپىدىن << مەرۋايىت ئاتىسى >> دەپ تەرىپلىنىدۇ.

1261

1934-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى فىلىپىننىڭ دېڭىز بويلىرىدا بىر توپ بالىلار دېڭىز جانلىقلىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن سۇ ئاستىغا شۇڭغۇيدۇ....دېڭىز قىرغىقىغا قايتىپ چىققان بۇ بىر توپ بالىلار بىر ھەمرىيىنىڭ كەملىكىنى ئۇقۇپ يەنە قايتىدىن سۇ ئاستىغا چۈشىدۇ  ۋە  بىر پۇتى   قۇلۇلە قېپىغا قىسىلىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن سۇ ئۈستىگە چىقالماي تۇنجۇقۇپ قالغان دوستىنى چوڭ بىر دانە قۇلۇلە قېپى بىلەن قۇشۇپ قىرغاققا ئېلىپ چىقىدۇ ھەم ئاللىقاچان نەپەستىن قالغان ھەمرايىنىڭ  پۇتىنى چىقىرىش ئۈچۈن قۇلۇلە قېپىنى يارىدۇ .بۇ مەرۋايىت ئەنە شۇ چاغدا بالىنىڭ پۇتىنى قىسىۋالغان شۇ قۇلۇلە قېپىدىن چىققان بولۇپ ، ھازىرغىچە دۇنيادا بايقالغان  ئەڭ چوڭ تەبىئىي مەرۋايىت ھىساپلىنىدۇ .

2161

بۇ مەرۋايىتنىڭ 1969-يىلىدىكى بازار باھاسى   تۆت مىليۇن سەكسەن مىڭ  دوللار بولۇپ ،ھازىر سان فىرانسىسكو بانكىسىنىڭ بىخەتەر ئىشكابىدا ساقلانماقتا .

2015-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ