A-A+

خوتەن قاشلىرىنىڭ قىممىتى(باھاسى)نى بەلگۈلەيدىغان يەتتە ئامىل(6)

2016-يىل 5-ئىيۇل ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 280 قېتىم

6 . خوتەن قاشلىرىنىڭ قىممىتى ( باھاسى )نى ئۇنىڭ سىرىتقى كۈرۈنىشى

( ھۆسنى-جامالى ) بەلگىلەيدۇ

和田玉的色相

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت قىسقارتىپ تەرجىمە قىلدى

20150327040842910

20126495647964

خوتەن قاشلىرىنىڭ سىرىتقى كۈرۈنىشىمۇ ئۇنىڭ قىممىتىنى بەلگۈلەيدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ، سىرىتقى كۈرۈنىشى بويىچە قاشلارغا باھا بېرىشتە تۆۋەندىكى بەش نوقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم:

1.خوتەن قاش رەڭگىنىڭ سۈزۈكلىكى 

خەلقئارادا خوتەن قاشلىرىنىڭ رەڭگى يەتتە خىل دەپ قارىلىدۇ.خوتەن قاشلىرىنىڭ تۈزۈلىشى كۆك تارغاق قاش ياكى باشقا گۆھەر تاشلارغا ئوخشىمايدۇ.ھازىرقى قاش بازىرىدا ئەڭ قىممىتى ئەلۋەتتە ئاق قاش.بىراق ئۆتمۈشتە خوتەن قاشلىرى  قانچە سۈزۈك ( پاكىز ) بولغانسىرى شۇنچە پۇلغا يارايتى.

خوتەن قاشلىرىنىڭ سۈزۈكلىكىنىڭ ئۇنىڭ رەڭگى ياكى چاپىنى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ئۇنىڭ خىرىستالدەك سۈزۈكلىرىمۇ بار ، ئەينەكتەك تۇتۇقلىرىمۇ بار . قاشلارنىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسىگە بېقىپ كىشىگە  بېغىشلايدىغان تۇيغۇسىمۇ ئوخشىمايدۇ .

ئاق ، سېرىق ، قارا قاشلارنىڭ رەڭگى قانچە توق بولغانسىرى شۇنچە سۈزۈك بولىدۇ.كۆك قاشنىڭ بولسا رەڭگى ۋە سۈپىتى ياخشى بولغاندىلا ئاندىن سۈزۈك بولىدۇ.كۆك قاشنىڭ ئالاھىدە بىر تۈرى بولغان جىگدە غازىڭى قاشنىڭ رەڭگى سەل سۇسراق بولۇپ كىشىگە ئۆزگىچە تەسىر بېرىدۇ.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېشىل قاش گۈزەللىك جەھەتتە كۆك تارغاق قاشنى بېسىپ چۈشىۋاتىدۇ.بىراق يېشىل قاشنىڭ رەڭگى بەك قېنىق بولۇپ كەتسە ئانچە قارشى ئېلىشقا ئېرىشەلمەيدۇ.

قىسقىسى خوتەن قاشلىرىنىڭ رەڭگى قېنىق ، توق ،  سۈزۈك ،  پارقىراق كەلگەنلىرى بازاردا قارشى ئېلىشقا ئېرىشمەكتە.

mp22892351_1436957583598_9

2 . خوتەن قاشلىرىنىڭ ئۆزگىچە رەڭگى

خوتەن قاشلىرىنىڭ ئىچىدە بىر نەچچە خىل رەڭ ئارلىشىپ كەلگەن قاشلار ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ،مۇنداق قاشلارنىڭ باھاسىمۇ ناھايىتى قىممەت بولۇپ يىغىپ ساقلاش تىپىدىكى قاشلار قاتارىغا كىرىدۇ.

قاشلاردىكى بۇ خىل ئۆزگىچە رەڭلەر ئويمىچىلارغىمۇ يېڭى - يېڭى ئىلھاملارنى بېغىشلاپ ، ئۆزگىچە ئويمىلارنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە سەۋەب بولىدۇ.

u=3509809221,4026952109&fm=21&gp=0

3.خوتەن قاشلىرىدىكى ئەبجەش رەڭلەر

خوتەن قاش كەسپىدىكىلەردە  << خوتەن قاشتا بولسا بەش خىل رەڭ ئەگەر ، ئول قاشنىڭ ئۆزى قىممەتلىك گۆھەر >>دەيدىغان گەپ بار.

بەزى خوتەن قاشلىرى ئۇزۇن مەزگىل تەبىئىي ھادىسىىلەرگە ئۇچراش جەريانىدا رەڭگى تەبىئىي ئەبجەش بولۇپ شەكىللىنىپ قالىدۇ . بولۇپمۇ كان قاشلىرىدا بۇ خىل ئەھۋاللار پات - پات ئۇچراپ تۇرىدۇ .قاشتىكى ئەبجەش رەڭ ئەيىپ-نۇقسان ھېسابلىنىپ شۇ قاشنىڭ باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ.

u=3014634749,2108486849&fm=21&gp=0

4.خوتەن قاشلىرىدىكى تۇتۇقلۇق

قاشلاردىكى <<تۇتۇق >>ئاتالغۇسى رەڭدىكى تۇتۇقلۇقنى كۆرسەتمەستىن بەلكى شۇ قاشنىڭ ئۆزىدىكى تۇتۇقلۇق ( نۇرسىز ،جۇلاسىزلىق) نى كۆرسىتىدۇ . مەيلى ئاق قاش ياكى كۆك قاش بولسۇن ئەگەر يۈز قىسمى تۇتۇق بولسا ياكى كەسكەندىن كېيىن ئىچكى يۈزى تۇتۇق بولسا بۇنداق قاشلارنىڭ سۈپىتى ناھايىتى ئادەتتىكىچە بولىدۇ ھەم  جۇلاسىمۇ بولمايدۇ.

بىر قىسىم ئاق قاشلارنىڭ ئىچى كۆكۈشراق چىقىپ قالسا ئۇنى پارقىرىتىپ ئاق قىلغىلى بولىدۇ . بىراق قاش تەبىئىتىدىن تۇتۇق بولۇپ قالسا ئۇنى پارقىرىتىپ ، ئاقارتىش ئاساسەن مۇمكىن بولمايدۇ.

u=2927206553,1979320528&fm=21&gp=0

5.خوتەن قاشلىرىدىكى دۇغ

بىر قىسىم خوتەن قاشلىرىدا دۇغ بار . دۇغ شۇ قاشنىڭ قاشقا ئايلىنىپ بولالمىغان تاش قىسمى ھەم قاش تەركىبىدىكى كالتىسىنىڭ ئېشىپ كەتكەن قىسمىدۇر.

دۇغ قاشنىڭ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ ، شۇ قاشنىڭ مۇكەممەل بىر سەنئەت ئەسىرى بولۇپ چىقىشىغا توسالغۇ بولىدۇ.نۆۋەتتە تېخى دۇغنى ياساپ ، شەككىلەندۈرۈش تېخنىكىسى بارلىققا كەلمىدى.شۇڭا ، دۇغ خوتەن قاشلىرىنىڭ راست-يالغانلىقى پەرقلەندۈرۈشتىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى.كان قاشلىرىدىمۇ دۇغ بار.

دۇغ قاتتىق دۇغ ۋە ئارلاشما دۇغ دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ . قاتتىق دۇغ ئاساسەن قاشلارنىڭ تەسكەي يۈزىدە بولىدۇ .  قاتتىق  دۇغى بار قاشنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ.

ئارلاشما دۇغى ئاساسەن قاشلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا بولىدۇ . بۇ خىل قاشنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ ، ئۆزگىچە لاھىيە بولمىسا ئويمىچىلىققا ئاساسەن ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.

**********

ئاپتۇر ھەققىدە  :

چى باۋجىيا 池宝嘉 ___________

133050hcc8ym9pile4emih11-1

جوڭگۇ خوتەن قاش بازار تەھلىلچىسى

شىنجاڭ خوتەن قاشلىرى تارىخىي موزىيىنىڭ قۇرغۇچىسى، باشلىقى 

‹‹جوڭگۇ خوتەن قاشلىرى ›› ژورنىلىنىڭ باشلىقى

 شىنجاڭ مەرىپەت ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ فراپىسسورى

 بېيجىڭ دېۋېيلەن 德威兰 مەدەنىيەت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى

2016-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى

مەنبە : << جۇڭگۇ خوتەن قاشلىرى >> ( 中国和田玉杂志 )  ژۇرنىلى 23-سان

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ