A-A+

باي تەقدىرىنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرىدۇ،نامرات تەقدىرىنى باشقىلارغا تاپشۇرىدۇ

2015-يىل 3-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 782 قېتىم

timgنامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك

بولىدۇ

 بىرىنچى كىتاپ بىرىنچى باپ

بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ تەۋەلىك جەھەتتىكى پەرقى:

بىرىنچى پارگىراپ :

بايلار ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرىدۇ،نامراتلار

ئۆز تەقدىرىنى باشقىلارغا تاپشۇرىدۇ 


  نامراتلارنىڭ نامرات، بايلارنىڭ باي بولۇپ قېلىشىدا نۇرغۇنلىغان تەبئىي سەۋەبلەر بولۇپ، بۇ  سەۋەبلەر ئىچىدە، ئۆزىنى چۈشۈنۈش  ، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا  قارىتا توغرا ئېنىقلىما ۋە توغرا باھا بېرىش -سەل قاراشقا بولمايدىغان ئامىل بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

   نامراتلارھەمىشە گۇمانلىنىش پوزىتسىيىسىدە بولۇپ ئۆزىگە ئىشەنمەيدۇ، پاسسىپلىق بىلەن باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ئورۇن ۋە يۆنىلىش بەلگىلەپ بېرىشىنى ساقلايدۇ، ھەمدە بۇخىلدىكى بەلگىلەشنىڭ ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىش – كەلمەسلىكىدىن قەتئىينەزەر قوبۇل قىلىدۇ، ئاندىن باشقىلارنىڭ بەلگىلەپ بەرگىنى بۇيىچە قارىغۇلارچە ھەركەت قىلىپ،ئاخىرىدا ھەركىتى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

   ئەمما بايلار ئوخشىمايدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن (ئۆزى تۇرۋاتقان مۇھىت،شارائىت، ئىقتىدار، قىزىقىش قاتارلىقلار) ئۆزىنى دەڭسەيدۇ، ئاندىن ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزى ئۈچۈن توغرا ئورۇن ۋە كۆرەش نىشانى ئىزدەيدۇ.

   بۇ دەل نامراتلار بىلەن بايلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنىڭ بىرىدۇر .يەنى -نامراتلار ئۆز تەغدىرىنى باشقىلارغا تاپشۇرىدۇ، بايلار ئۆز تەغدىرىنى ئۆزى يارىتىدۇ.

   كۆپچىلىك ھەممىسى باشقىلارنىڭ ئۆزىگە نىشان بەلگىلەپ بېرىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ تاللىشىنى باشقىلارغا قوش قوللاپ ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىك ئىكەنلىكىنى، باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغا ئارلىشىشىغا يول قويۇش بولىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ يولى ۋە تۇرمۇش نىشانىنى باشقىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەنلىككە باراۋەر بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ،بۇ خىلدىكى «ئۆزىنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش» ئۇسۇلىدا بايلىققا ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس.

   پەقەت ئۆزى ئۆزى ئۈچۈن قارار قىلالىغاندىلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى، توختىماستىن ئالغا ئىلگىرىلەپ، غەلبىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. بۇ مۇۋەپپەقىيەتكە قاراپ تاشلانغان بىرىنچى قەدەم، ئەگەر بۇ بىر قەدەم بولمىسا كىيىنكى ئىلگىرىلەش، تەرەققىياتلاردىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، بايلىققا ئېرىشىشمۇ قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ.

   تايلاند تارىخىدىكى دۆلەت قۇرغان باش ۋەزىرى لىس بۇ قائىدىنى چوڭقۇر چۈشىنگەن شەخىسلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.چۈنكى، ئۇنىڭ كىچىككىنە ئاشلىق ئىسكىلاتى باشقۇرغۇچىسىدىن «توققۇزى تەل» باش ۋەزىرگە ئايلىنالىشىدىكى سەۋەب، ئۇ ئۆز تەغدىرى ئۈچۈن قارار بەلگىلەشنىڭ مۇھىملىقىنى ۋاقتىدا تونۇپ يەتكەن.

   مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 250 – يىلى، لىس ھېچقانداق نامى چىقمىغان شاڭسەيجۈن ئاشلىق ئىسكىلاتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولۇپ، ھەركۈنى ئىسكىلاتتىكى ئاشلىقنىڭ كىرىپ – چىقىش ئەھۋالىنى خاتىرىلەيىتتى. كۈنلەر مۇشۇنداق تەكرارلىنىپ ئۆتىۋېرىدۇ، لىسمۇ ئۆزىنىڭ ئازغىنە ئايلىقىنى ۋاقتىدا ئېلىپ، ئائىلىسىنى باقىدۇ، ھەمدە بۇنداق تۇرمۇشنىڭ رەنجىگۈدەك ھېچقانداق يېرى يوق، دەپ قارايدۇ.

   بىر كۈنى،لىس قورسىقى تولغاپ ئىسكىلات سىرتىدىكى ھاجەتخانىغا كىرىدۇ، ھەمدە ھاجەتخانىدىكى بىر توپ چاشقانلارنى بايقايدۇ، ھاجەتخانىغا ماكانلاشقان بۇ بىر توپ چاشقانلارنىڭ جۇغى كىچىك، جۈرئەتسىز، مويلىرى قارىداپ كەتكەن بولۇپ، پاسكىنا ھەم سېسىق ئىدى.

   لىس بۇ چاشقانلارنى كۆرگەندىن كىيىن دەرھال بىزار بولۇپ، ئادەتتە ئىسكىلاتتا كۆرۈپ تۇرىدىغان چاشقانلارنى ئىسىگە ئاپتۇ. ئۇلار كۆپ يىگەنلىكتىن سەمىرىپ كەتكەن،مويلىرى پارقىراق بولۇپ، پۈتۈن كۈن ئىسكىلاتتا ئۇياق – بۇياققا چېپىپ يۈرۈيدىكەن.ھاجەتخانىدىكى بۇ چاشقانلارغا سېلىشتۇرغاندا ئۇلار جەننەتتە ياشاۋاتقاندەك تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن.

  بۇلارنى ئويلىغان لىسنىڭ ۋۇجۇدى لەرزىگە كەپتۇ.ئۇ  ئۆزىنىڭ ئۆز ھالىتىدىن قانائەتلىنىپ بۇ كىچىك ئىسكىلاتتا ئۇدا 8 يىل باشقۇرغۇچى بولۇپ ئىشلىگەنلىكىنى، جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدا باشقىلار ئۈچۈن جان تىكىۋاتقانلىقىنى، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىنى بوزەك قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپتۇ. بۇنداقتا ھاجەتخانىدىكى چاشقانلار بىلەن مېنىڭ نېمە پەرق بولسۇن؟ ئويلاپ بۇ يەرگە كەلگەندە لىس ئۆزىنى تۇتۇۋالالماستىن: «ئىنساننىڭ ھاياتى مۇشۇ چاشقانلارنىڭ ھاياتىغا  ئوخشايدۇ، ئاشلىق ئىسكىلاتىدا بولمىساڭ ھاجەتخانىدا قالىسەن. قانداق ئادەمگە ئايلىنىش ئۆزۈڭنىڭ تەغدىرىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشىڭغا باغلىق.» دەپتۇ.

   شۇنداق قىلىپ لىس ئۆزىگە قايتا باھا بېرىپ، ئۆزى ئۈچۈن بىر مۇۋاپىق ئورۇن تېپىش قارارىغا كەپتۇ. ئىككىنچى كۈنى، ئۇ كۆپ يىلللاردىن بېرى ياشاپ كەلگەن شاڭسەيجۈندىن ئايرىلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى كۇڭزى ئىدىيىسىنىڭ تەرغىباتچىسى، ئۇستاز گوكۇاڭنىڭ قېشىغا بېرىپتۇ. كۆپ يىللىق تىرىشىش ئارقىلىق ئۇ ئاخىرى تايلاند پادىشاھىنىڭ كۈچلۈك ياردەمچىسىگە ئايلىنىپ،جاپا – مۇشەققەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان ئائىلىسىنى تايلاند پايتەختى چېڭياڭدىكى ئوردىغا كۆچۈرۈپ كىرىپتۇ.

   ئىلگىرى ھاجەتخانىدا تۇرغان چاشقان، ھازىر ئاشلىق ئىسكىلاتىدا تۇرىدۇ؛ ئىلگىرى شاڭسەيدىكى كىچىك ئەمەلدار، ھازىر تايلاندنىڭ باش ۋەزىرى بولىدۇ. لىسنىڭ بۇنداق سۈپەت خاراكتېرلىك يۈكسىلىشنى قولغا كەلتۈرەلىشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ ئۆز تەغدىرى ئۈچۈن قارار بەلگىلىگەنلىكىدە. ئۆزىگە بولغان چوڭقۇر تونۇش ۋە توغرا قارار بەلگىلەش بولغاچقا، لىس كىيىنكى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ تارىخ بەتلىرىدىن ئورۇن ئالغان.

   ئويلاپ باقايلى، ئەگەر لىس ئىزچىل ئۆزىنىڭ ھالىتىدىن قانائەتلىنىپ ئىلگىرىلەشنى ئويلىمىسا، كىچىككىنە شاڭسەيجۈندە ئاشلىق ئىسكىلاتى باشقۇرغۇچىلىقنى قىلىۋەرگەن بولسا، پاسسىپلىق بىلەن باشقىلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قارار چىقىرىشىنى، ئۆزىگە باھا بېرىشىنى ساقلىسا، ئۇنداقتا تارىختا بۇنداق مەشھۇر ھېكايىنى قالدۇرالامدۇ؟ لىسنىڭ ئىسمى يەنە كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولامدۇ؟

   جاۋاب ئەلۋەتتە «ياق». بايلىقنىڭ ئۆزىنىڭ تەغدىرىنى باشقىلارغا تۇتقۇزۇپ قويىدىغانلارغا مەنسۇب بولۇشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. ئۆزلۈكىدىن قۇل بولۇشنى خالايدىغان ئادەمنىڭ مەڭگۈ خوجايىن بولالىشى ناتايىن. ئوخشاشلا، يۇقىرىغا ئىنتىلىدىغان ئادەمنىڭ مەڭگۈ بىر جايدا تۇرۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

   كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قارار بەلگىلەپ بېرىشىنى ساقلاش ياكى ئۆزى ئۆزى ئۈچۈن ئاكتىپلىق بىلەن قارار چىقىرىش» مەسىلىسى ئاللىقاچان غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش– كەلتۈرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنقى شەرتىگە ئايلاندى. باشقىچە ئېيىتقاندا، ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزى ئۈچۈن قارار چىقىرىش بولسا غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسى.

   ئەلۋەتتە،مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەر ئۆزى ئۈچۈن قارار چىقىرىپلا قالماستىن، يەنە ئۆزىنىڭ ئورنىنى توغرا مۆلچەرلىيەلەيدۇ. چۈنكى بازار ئىقتىسادى شارائىتىدا،قارارنىڭ توغرا ياكى خاتا بولۇشى تەبئىيلا بايلىق ياكى نامراتلىقتىن ئىبارەت ئوخشىمىغان ئىككى خىل نەتىجىنى ئېلىپ كېلىدۇ.

   سىچۈەنلىك دېھقانلار ۋە ۋېنجۇلۇق دېھقانلارنىڭ ھەممىسى 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدا <كۆزى ئېچىلىپ جاھان كۆرۈشكە باشلىغان >جامائەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

   سىچۈەن دېھقانلىرىنىڭ جاھان كۆرۈش شەكلى بولسا بىۋاستە گۇاڭدۇڭدىكى شىركەتلەرگە بېرىپ ئىشلەش بولۇپ، ئۇلار ئۆزىگە نىسبەتەن ئېنىق ئورۇن بېكىتمىگەن، پەقەت خوجايىن مۇئاش تارقاتسىلا، ئۇلار ھەر قانداق ئىشنى قىلغان.

   ۋېنجۇ دېھقانلىرى ئوخشىمايدىغان يول تۇتقان، ئۇلارنىڭ ھايات كەچۈرۈش شەكلى ئاساسلىق قەلەم، كۈنلۈك، قازان قاتارلىقلارنى ئوڭشاش ياكى بىر قىسىم پارچە تۇرمۇش بويۇملىرىنى سېتىش بولغان. سەرگەردانلىق ھاياتىنىڭ دەسلىپىدىكى ئىگىلىك يارىتىشتا،ۋېنجۇ دېھقانلىرى بايلىق يارىتىش، جۇغلاشنى ئۆزىنىڭ كۆرەش نىشانى قىلغان.

   30 يىلدىن كىيىن بىرىنچى تۈركۈمدە ئىشلەمچىلىك قىلغىلى چىققان سىچۈەن دېھقانلىرى ئاللىقاچان تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنگەن، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى سىچۈەندىكى يۇرتىدا نامرات تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. بىراق ئەينى ۋاقىتتىكى ۋېنجۇ دېھقانلىرىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى .ئۇلارنىڭ ئارسىدىكى نۇرغۇن كىشى ئاللىقاچان شىركەت خوجايىنلىرىغائايلانغان بولۇپ، جۇڭگو بايلىرىنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

   سىچۈەن دېھقانلىرى ۋە ۋېنجۇ دېھقانلىرىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئوخشاش تۇرۇقلۇق، نېمىشقا شۇنچە روشەن بولغان بايلىق پەرقى كېلىپ چىقىدۇ؟ بەزىلەر يەنىلا نامرات، يەنە بەزىلەر بايلارغا ئايلانغان، بۇنىڭ سەۋەبى نەدە؟

   بۇنىڭ تۈپكى سەۋەبى -ئۆز تەغدىرى ئۈچۈن قارار چىقىرىش مەسىلىسىدە.

   سىچۈەن دېھقانلىرى ئۆزىگە ئېنىق باھا بېرەلمىگەن، ئۆزىنىڭ تەغدىرىگە نىسبەتەن ئېنىق قارارچىقارمىغان، شۇڭا ئاخىرىدا يەنىلا نامراتلار قاتارىدا بولغان. ۋېنجۇ دېھقانلىرى ئاكتىپلىق بىلەن ئۆز تەقدىرى ئۈچۈن ئۆزى قارار چىقارغان. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزى ئۈچۈن مۇۋاپىق، توغرا بولغان قارار چىقارغاچقا،ئاخىرى ئۆزىنىڭ بايلىق چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، راھەت تۇرمۇشقا ئىگە بولغان.

   بۇ پەرىقتىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ئۆز تەغدىرى ئۈچۈن ئاكتىپلىق بىلەن قارار چىقىرىش ۋە توغرا بولغان ئورۇن بەلگىلەش بولسا بايلارغا ئايلىنىشتىكى زۆرۈر ئامىل. پەقەت ئۆزىنى تونۇغاندا،ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكىنى چۈشەنگەندە، ئۆزىنىڭ ئورنىنى توغرا بەلگىلەپ،ئۆزىنىڭ ھاياتلىق نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرغاندا، ھەمدە توختىماستىن كۆرەش قىلغاندىلا ئاندىن بايلىقنىڭ قەسىرىگە كىرگىلى بولىدۇ.

   دوستۇم، سىز ئۆزىڭىزدە يۈكسەك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدىغان تەييارلىقنى قىلىپ بولدىڭىزمۇ؟ئۇنداقتا ئىشنى ئۆزىڭىزنىڭ تەغدىرى ئۈچۈن توغرا قارار چىقىرىشتىن باشلاڭ!

بايلىقنىڭ بايانى:

   نېمىشقا باشقىلارنىڭ ئەگەشكۈچىسى بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئۆزىمىز ئۈچۈن قارار بەلگىلىشىگە،بۇرنىمىزدىن يىتىلەپ مېڭىشىغا يول قويىمىز؟ نېمىشقا دائىم باشقىلارنى دورايمىز؟ نىمىشقا ئۆزىمىزنىڭ ئىدىيىسى ۋە ئىقتىدارى بۇيىچە ئۆزىمىزنىڭ تەغدىرى ئۈچۈن ئورۇن بەلگىلىمەيمىز؟ باي بولۇش ئارزۇسىنى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، چوقۇم ئوبېكتىپ ھالدا ئۆزىگە باھا بېرىش، ئۆزىنى تونۇش، ئۆزىنىڭ ئورنىنى توغرا بەلگىلەش، ئۆزىنىڭ نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، توختىماستىن كۆرەش قىلىش كېرەك!


خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان

نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك ناملىق كىتاب

2014-يىلى ئەقىدە شىركىتى تەرجىمە قىلدى

تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر

 تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ