تاش بازىرىدا خوتەن شىۋىسى
ئادەملەر مىغ _مىغ تاش بازىرىدا ئالقىنىدا نەچچە تال قاشتېشى كۆتۈرۋالغان بېشىغا توماق كەيگەن چىرايلىق ساقال قويغان ئوتتىراياشلىق بىركىشى نىڭ، قولىدىن بىر قاشتېشىنى بىر سى ئېلىپ كۆرمەكتە ...
ساقاللىق :كۆسلە يېڭىمال تېخى
خېرىدار :كۆرەي سىلى بىلەن كىلىشكىلى بومايتتى مىنە .ئۆتكەندە بەگەن تاشلىرىمۇ با پۇل تۇتۇپ ياتىتۇ ئەينا ،بۇلايىرىگىچە سېتىۋاللا ..
ساقاللىق :ئەمدى ھەدىسلەرىسىق نىڭ ئىشىكەن ،خىيدىيىنى تاپقانداسېتلىتۇ ھەدىسلە ،بىزمۇ كۆتۈرەپ يۈتمىزياھەدىسلە بۇلتىقۇ تاشلىنىما ..
خىيدا :مانى ئەزەنراق بىيەملا ئەمىسە دىيىشىپ باقىلى ...
ساقاللىق :دىيىشىپ باقىلى ھەدىسلە تاش يارام يىڭى مال تېخى بازاغىمۇ بۈگەن ئاچىقتىم بەك جىق ئەدەم كۆمىدى تېخى
خىيدا :سەل پەررەككەن ھەدىسلا ،قالىسلا ماچىچەككە
ساقاللىق :ئەمدى ھەدىسلە خۇدايىم ئاشۇندايارىتىپتۇ ئەينا ،بىزچە بوسىغۇ كاللىمىزدەي بوسابۇتتى ،پۇلىسىمۇ بەك ئۆرە ئەمەس ھەدىسلە .....
خىيدا :نەچچە پۇل دىللە بۇنى پۇلىنى بىرئۇقىلى بۇنىڭ ...
ساقاللىق :ئەمدى قالىسلا سىلى بىلەن جىق سودىمۇ قىلىشىپتىمىز ،چۆپقەتمۇ بۇلاپ قەپتىمىز ،باشقالىغا دىگەن گەپنى سىلىگە دىگىلى بومايتۇ ،
باشقىلىغا ئون بەشمىڭ دىگەن ،سىلە ئون ئىشىككى مىڭ كوي بەسلە ......
خىيدا:ۋوجون ئاندا قىيمەتمابۇ ؟
ساقاللىق :قاندا قىممەت دىگىلى بۇتا ھەدىسلە بۇنى تاشنى كۆمۈللىمۇ ،بىزگىمۇ ئالتە پاتمان دىگەن يەدىن ئەپ ئەكەلدۇق ھەدىسلە ......
خىيدا :ئاندا كۆمەپتىمە مەن بۇنى ،سىلىمۇ تاش تۇنىيتقان ئەدەم ھەدىسلە كۆمۈللىما يامان پەررەك تاش ،يېقىن گەپ قىسلايېقىن ........
ساقاللىق :ھېلىمۇ باشقىلاغا دىگەن گەپنى دىمىدىم ھوي مەنسىلىگە ،ئەمدى بىزنىڭمۇ ئاغان يەۋا ھىدىسلە تاش پەررەك بومىسىغۇ ،ئون ئىشىككى مىڭكوي دەپ بوغىچە قۇلامنى تۇتىۋاتلا ھەدىسلە .......
خىيدا : يېقىن گەپقىسلا يېقىن ئەتتىگەندە سوداقىللى ......بەشمىڭكوي دىسلە ئان بىزبىيمەدىيلى ....
ساقاللىق : يېقىن گەپقىلدىم ھوي سىلىگە بەشمىڭكوي دەپ سىلە دەلا تېخى ،بىزنىڭ مۇ ئاغان يەۋا ھەدىسلا
خىيدا :سەل چىڭ ئەپساللىمۇ بۇنى ،يامان مۇجەزلىرى چىڭ يا .......
ساقاللىق :ئەكەسلەقوللىرىنى ،ئونمىڭ كوي بەسلە ،ئەتتىگەندە سوداقىللى ......
خىيدا :ئاندادەپ تۇسىلابىيمەدىيەممىي قالدىم مەن
ساقاللىق : دىتلىرى بەك چۈپكەتتىمۇ سىلىنىڭ بەك تۈۋەن كۈرىۋەپلا تاشنى
ياندا قاراپ تۇرغان سالاچىلا : خېرىدارغا ،ئەمدى سىلىمۇ بىلمەدىسلە ھەدىسلە ،بەگەندە ئاغىلى بۇتقان نىمە ھەدىسلە ئۇ .....
خىيدا : ئەكەسلە قوللىرىنى ئۈچمىڭ نى بىرىييا ،ئىشىككى يېرىممۇ كويدىيمادەپتىم ،ھامىنى پۇلساتمە دىتىم ئاشۇنچىلەك بىرەملە ؟
ساقاللىق :سىلە تاش نى تۇنىياممىللىمۇ ،كامبوغۇدەي ،ئابدان كۆسلەتاشنى
خىيدا :كۆدۈم ھەدىسلە كۆسەم ئاشۇندا پەررەك ،چىچەككەن ئەينا ...
ساقاللىق :ئەمدى ئاندابومىسىغۇ سىلىمۇ ئۈچ مىڭكوي دىمىتلا ،مەنمۇ ئون مىڭكوي دىمىيتمە ھەدىسلە ،ئاشۇ بانى ئاسلا
خىيدا :ئالايدىدىم ئەينا ،بەسلە پايدا چىققانتۇ ....
ساقاللىق : ھازىر خېلى زىيان چىقىتى ئالىقىمىز خېلى باھاي تېخى ،
خىيدا :ھەبۇلاپتۇ ،ئۈچمىڭ ئىشىككۈز كويچا ...
ساقاللىق :كام ھوي تېخى بىي ئىشىككۈيۈز تالاشمايتمىز ھاي سىلىدىن ....
خىيدا :ئاندا دەپ تۇماي ھەدىسلە بەسلەمانى ،ئەتتىگەندە سوداقىللى ...
ساقاللىق : بىرىي دىدىم سىلىگە تاشنى بەك تۈۋەن كۈرۋاللا ھويسىلە ......
سالاچىلا :ساق تۇتىلە قولنى ئۈچيېرىممىڭغا ھە ،،،،
خىيدا :پۇل سېلىيۋەگەنگە بىزمۇ ساتىتقان نىمە ھەدىسلە ئۇ ،ساتساق بۇتۇ ئۇنى بىزما .....
ساقاللىق :ئالدۇغان خۇدايىم ساتتۇيتكەن ھەدىسلە ،بىزمۇ ئاغان ئەينا سىلىمۇ بىزدىن ئالاي دەپ تۇيتلا ....
خىيدا :قاندىغا ھە ماجامائەتنىڭ گېپى ساق كەسۇن ما ئۈچيېرىممىڭغا .....
ساقاللىق :كامبۇتۇ ،زىيان چىقىتۇ ھوي تېخى تاشتا ....
خىيدا :ئەمدى تىجارەتدىگەن گايى پايدا گايى زىيان ھەدىسلە ،داۋاملىق پايدىغا ماڭىتمەدىگىلى بومايتۇ ،.....
ساقاللىق :ئۇغۇ شۇ ھەدىسلە ،تاشقىمۇ قالاپ ساتماي بومايتۇ ،باشقىلىنىڭمۇ ئالايدىگەن يىرىباياھەدىسلە ،
خىيدا :ئالايدىگەنگە ھىساپ ئەمەس قالىسلا مۇندا، پۇل سانىغان ھىساپ ئۇنىڭغا .....
ساقاللىق :ئالاي دىگەن ئەدەم بەسەك پۇلمۇ سانادىھەدىسلە ......
سالاچىلا ساقاللىققا :سىلىمۇ بىلەك بىر گەپقىسلا ،ماۋۇلىنىڭما ئاغۇسى كەلدى پۇل ساسۇن .....
ساقاللىق: ھە توققۇزمىڭكويما بەسلە ئەمىسە ،جامائەتنىڭ گېپى .....
خىيدا :ھە يۈزكوي سالدىم بەللىما ،ئۈچمىڭ ئالتەيۈزكويغا .....
ساقاللىق :ۋوي دىدىم يا ھەدىسلە بىرە يۈكويدا ئەمەس ....بىرەيۈزكوي تالاشقۇچە بىيتمىز ھاي ئۇنى سىلىگە ....
خىيدا : بەسلە ئەمىسە جىق گەپقىلدۇتماي ،
ساقاللىق :بىرىي سىلىگە بەمىسەك كىمگە بىرەمىز ھەدىسلە ،كامسوماي ئاسلا
خىيدا :كام بوماس ھەدىسلە بىربەسلە سۈيۈنۈپ ئالاي ،
ساقاللىق :كامسوللا
خىيدا :كامسومىغانتىمە ،بەسىلەكېمىنى خۇدايىم بەسۇن ...
ساقاللىق :خۇدايىم ئىككىلىمىزگە بەسۇن ھەدىسلە ،كامسوللا
خىيدا :بىزنىڭ كېمىمىز تۈگىمىيتۇ ھەدىسلە ئاندادىگىلتۇساق ،ماتاشنى بىي بىرىپ باقسىلا يەنە سوداقىلىشىتمىز سىلەبىزلە يۈرۈشتۈرەمىز مۇندا ...
سالاچىلا خىرىدارغا :بىتكەمىدىيلايلەھەدىسلە ...
خىيدا :ئەكەسلە قوللىرىنى ئۈچمىڭ سىككۈزيۈزكوي قانداغىغا ،ئازراق يولقويسلا ھوي ،بىزمۇ ساتىلى ئۇنى
ساقاللىق :يولقويتمىزھاي ھېلىمۇ جىق يول قويدۇم سىلىگە ،ياق سىلە تاشنى ئابدان بىر كۆسلە ......
خىيدا :كۆدۈم ھەدىسلاتاشنى شۇڭائالايدىدىم ئەينا ،بەسلە مانى خۇدايىم بەسۇن ،،،
سالاچىلا ساقاللىققا :ھوي بىيلە ئەمدى .جىق لەۋزى كەتتى ماكىشىنىڭ بىيلى ..
ساقاللىق :ھە سەككىزمىڭ كويغىما ئاللىما ؟
خىيدا :ھوي ئاندا چىڭىتماي ھەدىسلە بەسىلە بومامتا
ساقاللىق : ھوي بىرىي دىدىم يائەيناسىلىە بىلەك گەپ قىسلا بىر
خىيدا :ئاندا چىڭىتمىسلا مانى ...
ساقاللىق :چىڭىتمىدىم خۇدايىم بۇيرىساسىلىگىمۇ پايداچىقىتۇ ھوي ماتاشتا ،تىگى ئەزەن ھەدىسلاتاشنىڭ ....
سالاچىلا خىيداغا :ساق بىر تۇتىلە ھىدىسلە قولنى ....
خىيدا :ھە ماجامائەتنىڭ گېپى ،يۈزكوي يول قوياملا ....
ساقاللىق : ۋويدىدىم ياسىلىگە بىرە يۈزكويدا ئەمەس ...بىرەيۈزكوي دابوسابىيتمە سىلىگە .......
سالاچىلا: جىق لەۋزىلىرىما كەتتى ھەدىسلە ،ساق بىر تۇتسىلا ،بىزبىينىمەدەپ بەگۈزىلى ...
خىيدا :مەنمۇ ساتسام بۇلا ئۇنى ،بەسىلەبومامتا يۈزكوي يولقويسلا ....
سالاچىلا :بىتقان يىرى بوسابىيلەھەدىسلە سىلىمۇ كام بۇتۇ دەپ تۇرىيۋەمىي .......
ساقاللىق :بىيتقان يىرى بوسا بىيتمە ھوي مەن ....
خىيدا : بەسىلامانى كام بوماس ..
سالاچىلا :ئۇكام ساق بىرقىلىۋەتەسەنما ...
خىيدا :ئەكەسلەقوللىرىنى قاندىغا تۆتمىڭكويغا بەللىما ....
ساقاللىق :بىي ئاسلا سىلىگە خۇدايىم بەسۇن ...
خىيدا :ۋايجان شۇندامۇ قاتتىغ ئەدىم كەنياسىلە ....
ساقاللىق: ئاندا ئەمەس ھەدىسلە تاشنى ئاتلىيا تاشنى ...
خىيدا : نان تەكسۇن ما ....
ساقاللىق :ھە نانتەكسۇن ....
مەنبە : نۇر تورى