نامراتلار پۇرسەتنى قەدىرلەشنى بىلمەيدۇ، بايلار پۇرسەتنىڭ قەدىرىگە ھەقىقىي يېتىدۇ
نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ
( بىرىنچى كىتاپ )
6-باپ 4-پارىگىراپ
نامراتلار پۇرسەتنى قەدىرلەشنى بىلمەيدۇ، بايلار
پۇرسەتنىڭ قەدىرىگە ھەقىقىي يېتىدۇ
پۇرسەت ھەربىر ئادەمگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا ناھايىتى مۇھىم، بىر ياخشى پۇرسەت نامراتلارنىڭ بايلارغا ئايلىنىشىغا ياردەم قىلالايدۇ، ئوخشاشلا بايلارنىڭ تېخىمۇكۆپ بايلىق يارىتىشىغا ياردەم قىلىدۇ.
ھالبۇكى،پۇرسەتكە بولغان خاتا چۈشەنچە ۋە تونۇش تۈپەيلىدىن، نامراتلارنىڭ قولىدا پۇرسەت بولسىمۇ، ئۇنى قىممىتى يوق تاش قاتارىدا كۆرىدۇ – دە، خالىغانچە تاشلىۋىتىدۇ.نەتىجىدە ئۇلار مەڭگۈ پۇرسەتكە ئېرىشەلمەيدۇ، بايلىقنىڭ ئىشىكىمۇ ئۇلارغا قاراپ ئېچىلمايدۇ.
بۇنىڭغا نىسبەتەن، بايلاردا ئوخشىمايدىغان پوزىتسىيە بولىدۇ، ئۇلار ھەربىر قېتىملىق پۇرسەتنى جاۋاھىرات ئورنىدا كۆرىدۇ.گەرچە جاۋاھىراتمۇ تاش بولسىمۇ، بىراق بايلار ئۇنىڭغا يوشۇرۇنغان قىممەتنى ھېس قىلالايدۇ، ھەمدە بۇنىڭدىكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتالايدۇ، ئاخىرىدا جاۋاھىراتنى سىلىقلاپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ، پۇرسەتنى بايلىققا ئايلاندۇرىدۇ.
بۇ يەردە بىز مۇنداق ھېكىمەتلىك ھېكايىنى كۆرۈپ باقايلى:
ئىلگىرى ئىككى خۇرۇم ئاياغ شىركىتى ئايرىم – ئايرىم ھالدا بىردىن مال ساتقۇچىنى تىنچ ئوكياندىكى بىر ئارالغا بازار ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە ۋە كەسىپنى كېڭەيتىشكە ئەۋەتىپتۇ.
بۇ ئىككى مال ساتقۇچى ئارالغا بارغاندىن كىيىن بۇ يەرنىڭ ئىسسق بەلباغقا جايلاشقانلىقىنى،ئارالدىكى كىشىلەرنىڭ تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە يالاڭ ئاياغ يۈرۈيدىغانلىقىنى،ئارالدىن بىر جۈپ ئاياغ تاپقىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقاپتۇ.
بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر مال ساتقۇچى ناھايىتى ئۈمىدسىزلىنىپ، دەرھال شىركەتكە مۇنداق مەزمۇندىكى تېلگرامما يوللاپتۇ: «ناھايىتى يامان بولدى! ئارالدىكى كىشىلەر يالاڭ ئاياغ يۈرۈشكە كۆنۈپ كېتىپتۇ، ئەزەلدىن ئاياغ كىيمەيدىكەن، شۇڭا بۇ جايدا ئاياغنىڭ بازىرى يوق. مەن ئەتە ئەتىگەندىلا تۇنجى نۆۋەتلىك ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ قايتىمەن.»
يەنە بىرمال ساتقۇچى ئارالدا ئايلىنىپ كۆرگەندىن كىيىن، ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن شىركەتكە مۇنداق مەزمۇندىكى تېلگرامما يوللاپتۇ: «ناھايىتى ياخشى بولدى، بۇ قېتىم بىز چوڭ سودا قىلالايدىغان بولدۇق. بۇ يەردىكى كىشىلەر يالاڭ ئاياغ ماڭىدىكەن، تېخى ئاياغ كىيىشنى ئۆگەنمەپتۇ، بۇ يەرنىڭ ئاياغ بازىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ناھايىتى زور ئىكەن.مەن بۇ يەردە ئوزۇن مەزگىل تۇرۇپ بۇ يەرنىڭ بازىرىنى ئاچماقچى.»
بۇ مال ساتقۇچىنىڭ مېھنەت بىلەن يىتەكلىشى ۋە تەشۋىق قىلىشى ئارقىلىق ئارالدىكى كىشىلەرئاستا – ئاستا ئاياغ كىيىشكە باشلاپتۇ. بۇ يەرنىڭ ئاياغ بازىرىمۇ ئېچىلىپ كۆلىمىمۇ بارغانسىرى كېڭىيىشكە باشلاپتۇ. شىركەتنىڭ تىجارىتىمۇ بۇ سەۋەبلىك بارغانسىرى ياخشىلىنىپتۇ، بۇ مال ساتقۇچىمۇ نۇرغۇن پۇل تېپىپتۇ، ھەمدە ئۆزىگە تەۋە شىركەتكىمۇ ئىگە بوپتۇ. ئەمما بىرىنچى مال ساتقۇچى يەنىلا باشقىلارئۈچۈن خىزمەت قىلىۋېرىپتۇ.
ئوخشاشلا پۇرسەتنىڭ ئالدىدا، بىرىنچى مال ساتقۇچى ئۇنى ھېچقانداق قىممىتى يوق تاش ئورنىدا كۆرۈپ، ئاسانلا تاشلىۋەتكەن، ئەمما ئىككىنچى مال ساتقۇچى بۇنى ئاسان ئېرىشكىلى بولمايدىغان جاۋاھىرات ئورنىدا كۆرۈپ، چىڭ تۇتقان، ھەمدە بۇپۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزى ئۈچۈن بايلىق ياراتقان.
پۇرسەتكە بولغان ئوخشىمىغان ئىككى خىل پوزىتسىيە ئوخشىمىغان ئىككى خىل نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپتۇ: بىرسى بايلىقنى قولدىن بېرىپ قويغان، يەنە بىرى ئەڭ ئاخىرى مول بايلىقنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇ دەل نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ پەرقى: نامراتلارپۇرسەتنىڭ قەدىرىنى بىلمەيدۇ، بايلار پۇرسەتنىڭ قەدىرىگە ھەقىقىي يېتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، بايلار ئىگە بولغان نۇرغۇنلىغان بايلىق نامراتلار تەرىپىدىن تاشلىۋىتىلگەن پۇرسەت ئارقىلىق يارىتىلغان، نامراتلار تەرىپىدىن ئەھمىيەت بېرىلمىگەن ھەتتا پۈتۈنلەي سەل قارالغان ياخشى پۇرسەت ۋە غايەت زور بايلىق دەل بايلار تەرىپىدىن ئەھمىيەت بېرىلگەن.
قەدىمدىن –ھازىرغىچە جۇڭگو ۋە چەتئەللەرنىڭ تارىخىغا قارايدىغان بولساق، بايلارنىڭ ھەممىسى پۇرسەتنى بايقاشقا، پۇرسەتنىڭ قەدىرىگە يىتىشىگە ماھىر. بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگودىكى تۇنجى فارادى ماشىنىغا ئىگە بولغان ۋە «سودا دۇنياسىدىكى سۇلماس دەرەخ» دەپ تەرىپلەنگەن، «فوربىس» ژورنىلىدىكى جۇڭگولۇق بايلارنىڭ تىزىملىكىدە نەچچە يىل ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان مىليادېر لى شاۋخۇا بۇنىڭ تىپىك ۋەكىلى.
لىشاۋخۇا بېيجىڭدىكى بىر نامرات ئىشچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن، ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن لى شاۋخۇا چېگراغا ئەۋەتىلىپ، ئۇ يەردە 8 يىللىق ياشلىق باھارىنى ئۆتكۈزگەن.
1978 – يىلى لى شاۋخۇا چېگرادىن بېيجىڭغا قايتىپ كەلگەن. ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشنىڭ دولقۇنىدىن پايدىلانغان لى شاۋخۇا «سودا دېڭىزى» غا سەكرەپ كىچىك تىجارەتلەرنى قىلىشنى باشلىغان، ھەمدە تۇنجى تۈركۈمدىكى «سودا دېڭىزى» غا سەكرىگەنلەردىن بولۇپ قالغان.
لى شاۋخۇا ئۇچرىغان تۇنجى پۇرسەت ئۇ نەنشىيادا ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشقان ۋاقىتتا پەيدا بولغان، يىغىندا ئۇ تۇيۇقسىز كۆرگەزمە ئەۋرىشكىسى سۈپىتىدە قويۇپ قويۇلغان ئىچىملىك سۇ ماشىنىسىنى كۆرۈپ قالغان، بۇ خىل ئىچىملىك سۇ ماشىنىسى ئەينى ۋاقىتتىكى جۇڭگودا ناھايىتى ئاز ئۇچرايىتتى، لى شاۋخۇا بۇنىڭدىكى غايەت زور سودا پۇرسىتىنى كۆرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېنىدىكى 300 يۈەن پۇلغا بۇنى سېتىۋېلىپ بېيجىڭغا قايىتقان، ھەمدە بۇ خىلدىكى ئىچىملىك سۇ ماشىنىسىدىن پايدىلىنىپ شېڭشادىكى بېيدەيخې دەرياسىدا ئون نەچچە تۈمەن پۇل تاپقان، بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى پايدا ئىدى.
1985 –يىلى، لى شاۋخۇا ياپونىيەگە تەكشۈرۈشكە بارغان، ئەينى ۋاقىتتا جاۋجاڭگۇاڭ پروفېسسورئىجاد قىلغان «101» تۈك ئۆستۈرۈش سۇيۇقلۇقىنىڭ ياپونىيەدىكى سېتىلىشى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، باھاسىمۇ ئۆسۈۋاتاتتى. لى شاۋخۇا بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئىستىقبالىنى كۆرگەندىن كىيىن تىزدىن جۇڭگوغا قايتىپ ھەرخىل يوللار ئارقىلىق «101» نىڭ ياپونىيەدىكى ۋاكالەتچىلىكىنى ئالغان. لى شاۋخۇانىڭ بۇ قارارى ئۇنى بىردەمدىلا نەچچە مىلياردلىق مال – مۈلۈككە ئىگە قىلغان.
20 –ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، نۇرغۇنلىغان شاڭگاڭلىقلار ياۋروپا –ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇشقا باشلىغان، بۇنىڭ بىلەن شاڭگاڭنىڭ ئۆي – مۈلۈكچىلىكىمۇناھايىتى چوڭ تەسىرگە ئۇچراپ، يەر باھاسىمۇ چۈشۈشكە باشلىغان. ئەينى ۋاقىتتا شاڭگاڭنىڭ ھەممىلا جايلىرىدا كونا بېنالارنى سېتىش توغرىسىدىكى ئېلانلارنى كۆرگىلى بولىدىغان بولۇپ، ھەتتا ئىلگىرى شاڭگاڭغا مەبلەغ سالغان سودىگەرلەرمۇ ئۆزىنىڭ قولىدىكى مال – مۈلۈكنى ناھايىتى تۆۋەن باھادا سېتىپ چىقىرىۋەتكەن. بۇ ۋاقىتتا،شاڭگاڭدىكى نۇرغۇن ئۆي – مۈلۈك بازارلىرىمۇ ۋەيران بولغان، نۇرغۇنلىغان شاڭگاڭ ئۆي– مۈلۈكچىلىك سودىگەرلىرىمۇ قايتا بۇ ساھەگە قول تىقىشقا جۈرئەت قىلالمىغان.
لى شاۋخۇا ئەكسىچە بۇنى تېپىلغۇسىز سودا پۇرسىتى دەپ قارىغان، شاڭگاڭغا ئوخشاش بىر سۇڭ يەرنىڭ باھاسى ئالتۇنغا تەڭداش بولغان جايدا بۇنداق ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈشى ناھايىتى كەم ئۇچرايىتتى. شۇنداق قىلىپ، لى شاۋخۇا زور مەبلەغ سېلىپ كۆپ مىقداردا تۆۋەن باھالىق ئۆي – مۈلۈكلەرنى سېتىۋالغان. نەتىجىدە يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا شاڭگاڭنىڭ ئۆي باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلىگەن. لى شاۋخۇا پەيتنى چىڭ تۇتۇپ، قولىدىكى بېنالارنى سېتىپ چىقىرىۋەتكەن، ھەمدە بىردىنلا مىليادېرلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
لى شاۋخۇانىڭ چېگراغا چېنىقىشقا چۈشكەن بىر ياشتىن مىليادېرغا ئايلىنالىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ پۇرسەتنى بايقاشقا، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشقا ماھىر بولغانلىقىدا. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى مەخپىيەتلىكى سورالغان ۋاقىتتا، ئۇ ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: «ھەربىرقېتىملىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش ۋە قەدىرلەش.»
شۇنداق، دەل پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشقا ۋە قەدىرلەشكە ماھىر بولغاچقا، ئۇ رىقابەت ناھايىتى كەسكىن بولغان بايلىق رىقابىتىدە تىك تۇرالىغان.
پۇرسەت ھەربىر ئادەمگە نىسبەتەن باراۋەر، ئۇ بىزنىڭ يېنىمىزدىلا، پەقەت پۇرسەتنى بايقاشقا ماھىر بىر جۈپ كۆز بولغاندىلا، ھەربىر ئادەمنىڭ بايلارغا ئايلىنىش مۇمكىنچىلىكى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن، باي بولۇشنى ئويلىشىۋاتقان دوستۇم، بايلىق يولىدا چوقۇم ناھايىتى ئاكتىپلىق بىلەن ۋە ئۆتكۈر كۆزىڭىز بىلەن پۇرسەتنى بايقاشقا ماھىر بولۇڭ.
دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بولغىنى، جاۋاھىرات تاشمۇ سىلىقلىنىشتىن بۇرۇن يەنىلا بىر تاش،ئوخشاش قائىدى بۇيىچە، پۇرسەتمۇ ئىشلىتىلىشتىن بۇرۇن پەقەتلا بىر پۇرسەت،پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بايلىق ياراتماقچى بولسىڭىز، چوقۇم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشنى ۋە ئەڭ زور دەرىجىدە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك.
بايلىقنىڭ بايانى:
ئەڭ ئۈمىدۋار غالبىيەتچى ھەرگىزمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن ئادەم ئەمەس، بەلكى ھەربىرقېتىملىق پۇرسەتنى بايقاشقا ۋە پايدىلىنىشقا ماھىر ئادەم. ھەقىقىي باي، جاۋاھىرات تاشنى ئاسىرىغاندەك پۇرسەتنى ئاسىرايدۇ، ھەمدە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كۆمۈلۈپ ياتقان بايلىقنى ئاچىدۇ.
**************************************
مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى-ئويغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام
2014-يىلى .جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى