A-A+

ئىككى مىليۇنلۇق ئالماس ئىمىزگە

2016-يىل 31-ماي جاۋاھىراتلار دۇنياسى باھا يوقكەن زىيارەت: 250 قېتىم

20140618081336400 20140618081336971 20140618081337430 20140618081338447 20140618081339431

20140618081335389

ئەنگىلىيە ‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى› نىڭ 6-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بوۋاقلار قىممەت باھالىق بۇيۇملىرى ماركىسى-Suommo يېقىندا پۈتۈنلەي ساپ ئالتۇندىن ياسالغان ھەم ئالماس ئىشلىتىلگەن بوۋاقلار ئېمىزگە بوتۇلكىسىنى بازارغا سالغان. بۇ خىل ئېمىزگە بوتۇلكىسىنىڭ ئوخشىمايدىغان بەش خىل ھەجىمدىكى نۇسخىسى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 25 مىللىلىتىرلىق ئېمىزگە بوتۇلكىسىنىڭ سېتىلىش باھاسى 8300 فوند سىتىرلىڭغا يەنە خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 78850 يۈەنگە سېتىلىدىكەن، 200 مىللىلىتىرلىق نۇسخىدىكى ئېمىزگە بوتۇلكىسىنىڭ سېتىلىش باھاسى بولسا 166 مىڭ فوند سىتىرلىڭ يەنە خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن بىر مىليون 600 مىڭ يۈەنگە سېتىلىدىكەن. بۇنىڭدىنلا بۇ خىل قىممەت باھالىق ئېسىل ئېمىزگە بوتۇلكىسىنى سېتىۋالىدىغان زەردار ئاتا-ئانىلارنىڭ بوۋاقلىرىغا قانچىلىك ئامراقلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
ئىگەللىنىلىشىچە، بۇ خىل قىممەت باھالىق ئېسىل ئېمىزگە بوتۇلكىسىنى لايىھىلەپ ياساش ئىلھامى روسىيىنىڭ يۈرۈلۈك قونچاق مەھسۇلاتىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ قىممەت باھالىق ئېسىل ئېمىزگە بوتۇلكىسىنى تەجرىبىگە باي مەرۋايىت بۇيۇملار شىركىتى ياساپ چىققانىكەن. بۇ بوتۇلكىنىڭ سوسكىسىغا يەنە بىر تال بۇلاپكا بىلەن زەنجىرمۇ قوشۇلغان بولۇپ، بۇنداق بولغاندا بوۋاقلارنىڭ ئانىلىرىنىڭ بۇ ئېمىزگە بوتۇلكىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشىگە قولاي بولىدىكەن. بۇ خىل ئېمىزگە مەھسۇلاتى يەنە مەخسۇس بۇيرۇتۇپ زاكاز قىلىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، خېرىدارلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئېمىزگە بوتۇلكىسىنىڭ سىرتىغا ھەر خىل گۈل نەقىشلەرنى ئويۇپ تەييارلاپ بېرىدىكەن.

مەنبە : نۇر تورى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ