جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى شېرىك كارخانىلار قانۇنى
1997 - يىل 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1997 - يىل 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 82 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى)
1- باب ئومۇمىي پرىنسىپ
1 - ماددا شېرىك كارخانىلارنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، شېرىك كارخانىلار ۋە شېرىكلەشكەن شەخسلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرتىپنى ساقلاش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بۇ قانۇن تۈزۈلدى.
2- ماددا بۇ قانۇندا دېيىلگەن شېرىك كارخانا بۇ قانۇن بويىچە جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە تەسىس قىلىنغان، شېرىكلەشكەن شەخسلەر شېرىكلىشىش كېلىشىمى تۈزۈپ، بىرلىكتە مەبلەغ چىقىرىدىغان، شېرىك تىجارەت قىلىدىغان، مەنپەئەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان، خەۋپ - خەتەرنى تەڭ ئۈستىگە ئالىدىغان ھەمدە شېرىك كارخانىنىڭ قەرز ئىشلىرىدا چەكسىز چاتما جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان پايدا تېپىش خاراكتېرىدىكى تەشكىلاتنى كۆرسىتىدۇ.
3 - ماددا شېرىكلىشىش كېلىشىمى قانۇن بويىچە شېرىكلەشكەن بارلىق كىشىلەرنىڭ كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىشى ئارقىسىدا يازما شەكىلدە تۈزۈلۈشى كېرەك.
4 - ماددا شېرىكلىشىش كېلىشىمى تۈزۈش، شېرىك كارخانا تەسىس قىلىشتا، ئىختىيارىيلىق، باراۋەرلىك، ئادىللىق، سەمىمىيلىك ۋە ئىشەنچلىك بولۇش پرىنسىپىغا رىئايە قىلىش كېرەك.
5 - ماددا شېرىك كارخانىلار نامىدا «چەكلىك» ياكى «چەكلىك مەسئۇلىيەت» دېگەن سۆزلەرنى قوللىنىشقا بولمايدۇ.
6 - ماددا شېرىك كارخانىلار تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ۋە كەسپىي ئەخلاققا رىئايە قىلىشى لازىم.
7 - ماددا شېرىك كارخانىلار ۋە شېرىكلەشكەن كىشىلەرنىڭ مال - مۈلكى ۋە قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.
2 ‿باب شېرىك كارخانىلارنىڭ تەسىس قىلىنىشى
8 - ماددا شېرىك كارخانىلارنى تەسىس قىلىشتا تۆۋەندىكى شەرتلەر ھازىرلىنىشى كېرەك:
(1) شېرىكلىشىدىغان كىشىلەر ئىككىدىن ئارتۇق بولۇش ۋە ھەممىسى قانۇن بويىچە چەكسىز مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان بولۇش؛
(2) يازما شېرىكلىشىش كېلىشىمى بولۇش؛
(3) شېرىكلەشكەن كىشىلەر ئەمەلىي تاپشۇرغان مەبلەغ بولۇش؛
(4) شېرىك كارخانا نامى بولۇش؛
(5) تىجارەت سورۇنى ۋە شېرىك تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ زۆرۈر شارائىتلىرى بولۇش.
9 - ماددا شېرىكلەشكەن كىشىلەر تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بولۇشى كېرەك.
10 - ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا پايدا تېپىش خاراكتېرىدىكى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى مەنئى قىلىنغان كىشىلەر شېرىك كارخانىلارنىڭ شېرىكلەشكۈچىلىرى بولۇشقا بولمايدۇ.
11 - ماددا شېرىكلەشكەن كىشىلەر پۇل، ماددىي ئەشيا، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى، بىلىم - مۈلۈك ھوقۇقى ياكى باشقا مال - مۈلۈك ھوقۇقىنى مەبلەغ قىلىپ چىقىرىشقا بولىدۇ؛ چىقىرىلغان يۇقىرىقى مەبلەغلەر شېرىكلەشكەن كىشىلەرنىڭ قانۇنىي مال - مۈلكى ۋە مال - مۈلۈك ھوقۇقى بولۇشى كېرەك.
پۇلدىن باشقا چىقىرىلغان مەبلەغلەرنى مۆلچەرلەپ باھالاشقا توغرا كەلسە، ئۇنى شېرىكلەشكەن بارلىق كىشىلەر مەسلىھەتلىشىپ بېكىتسە بولىدۇ، شېرىكلەشكەن بارلىق كىشىلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆلچەرلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۆلچەرلەپ باھالىشىغا ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ.
شېرىكلەشكەن بارلىق كىشىلەر مەسلىھەتلىشىپ بىرلىككە كەلگەن بولسا، شېرىكلەشكەن كىشىلەر ئەمگەك مۇلازىمىتىنى مەبلەغ قىلىپ چىقارسىمۇ بولىدۇ، ئۇنى مۆلچەرلەپ باھالاش چارىسىنى بارلىق شېرىكلەشكەن كىشىلەر مەسلىھەتلىشىپ بېكىتىدۇ.
12 - ماددا شېرىكلەشكەن كىشىلەر مەبلەغ چىقىرىش مەجبۇرىيىتىنى شېرىكلىشىش كېلىشىمىدە بەلگىلەنگەن مەبلەغ چىقىرىش ئۇسۇلى، سانى ۋە چىقارغان مەبلەغنى تاپشۇرۇش مۆھلىتى بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.
شېرىكلەشكەن كىشىلەر شېرىكلىشىش كېلىشىمىگە ئاساسەن ئەمەلىي تاپشۇرغان مەبلەغ شېرىك كارخانىلار ئۈچۈن چىقارغان مەبلەغ بولىدۇ.
13 - ماددا شېرىكلىشىش كېلىشىمىگە تۆۋەندىكى ئىشلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك:
(1) شېرىك كارخانىنىڭ نامى ۋە ئاساسلىق تىجارەت سورۇنىنىڭ ئورنى؛
(2) شېرىكلىشىش مەقسىتى ۋە شېرىك كارخانىنىڭ تىجارەت دائىرىسى؛
(3) شېرىكلەشكەن كىشىلەرنىڭ ئىسىم - فامىلىسى ۋە تۇرۇشلۇق ئورنى؛
(4) شېرىكلەشكەن كىشىلەرنىڭ مەبلەغ چىقىرىش ئۇسۇلى، چىقىرىدىغان مەبلەغ سانى ۋە ئۇنى تاپشۇرۇش مۆھلىتى؛
(5) پايدا تەقسىم قىلىش ۋە زىياننى ئۈستىگە ئېلىش چارىسى؛
(6) شېرىك كارخانا ئىشلىرىنىڭ بېجىرىلىشى؛
(7) شېرىكلىشىش ۋە ئۇنىڭدىن چېكىنىش؛
(8) شېرىك كارخانىنىڭ تارقىتىۋېتىلىشى ۋە ھېساباتىنىڭ ئېنىقلىنىشى؛
(9) كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقى.
شېرىكلىشىش كېلىشىمگە شېرىك كارخانىنىڭ تىجارەت مۆھلىتى ۋە شېرىكلەشكەن كىشىلەرنىڭ تالاش - تارتىشنى ھەل قىلىش چارىسىنى يېزىپ قويۇشقا بولىدۇ.
14 - ماددا شېرىكلىشىش كېلىشىمى شېرىكلەشكەن بارلىق كىشىلەر ئىمزا قويغان، تامغا باسقاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. شېرىكلەشكەن كىشىلەر شېرىكلىشىش كېلىشىمىگە ئاساسەن ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
شېرىكلەشكەن بارلىق كىشىلەر مەسلىھەتلىشىپ بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن شېرىكلىشىش كېلىشىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە ياكى ئۇنى تولۇقلاشقا بولىدۇ.
15 - ماددا شېرىك كارخانا تەسىس قىلىشنى تىزىمغا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا، كارخانىلارنى تىزىمغا ئالىدىغان ئورگانغا تىزىملىتىش ئىلتىماسنامىسى، شېرىكلىشىش كېلىشىمنامىسى، شېرىكلەشكەن كىشىلەرنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى قاتارلىق ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇش كېرەك.
قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئالاقىدار تارماقلارغا يوللاپ ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن بولسا، تەسىس قىلىشنى تىزىمغا ئالدۇرۇشقا ئىلتىماس سۇنغاندا تەستىق ھۆججىتىنى تاپشۇرۇش كېرەك.
16 - ماددا كارخانىنى تىزىملاش ئورگانلىرى تىزىمغا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش ھۆججەتلىرىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن تارتىپ 30 كۈن ئىچىدە تىزىمغا ئېلىش - ئالماسلىق ھەققىدە قارار چىقىرىشى كېرەك. بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىنى تىزىملاپ، ئۇلارغا تىجارەت كىنىشكىسى تارقىتىپ بېرىش؛ بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرىنى تىزىمغا ئالماسلىق ھەمدە ئۇلارغا يازما جاۋاب بېرىپ، سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇش كېرەك.
17 - ماددا شېرىك كارخانىغا تىجارەت كىنىشكىسى بېرىلگەن كۈنى شېرىك كارخانىنىڭ قۇرۇلغان كۈنى بولىدۇ.
شېرىك كارخانىلار تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىشتىن ئىلگىرى شېرىكلەشكەن كىشىلەر شېرىك كارخانا نامى بىلەن تىجارەت پائالىيىتى قىلىشقا بولمايدۇ.
18 - ماددا شېرىك كارخانا شۆبە ئاپپارات تەسىس قىلسا، شۆبە ئاپپارات تۇرۇشلۇق جايدىكى كارخانىلارنى تىزىمغا ئالغۇچى ئورگاننىڭ تىزىمغا ئېلىشىنى ئىلتىماس قىلىپ، تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىشى كېرەك.
3 ‿باب شېرىك كارخانىلارنىڭ مال - مۈلكى
19 - ماددا شېرىك كارخانا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە، شېرىكلەشكەن كىشىلەر چىقارغان مەبلەغ ۋە شېرىك كارخانا نامىدا ئېرىشكەن بارلىق كىرىمنىڭ ھەممىسى شېرىك كارخانىنىڭ مال - مۈلكى بولىدۇ.
شېرىك كارخانىنىڭ مال - مۈلكىنى بارلىق شېرىكلەشكەن كىشىلەر بۇ قانۇن بويىچە بىرلىكتە باشقۇرىدۇ ۋە ئىشلىتىدۇ.
20 - ماددا شېرىك كارخانىنىڭ ھېساباتى ئېنىقلىنىشتىن ئىلگىرى، شېرىكلەشكەن كىشىلەر شېرىك كارخانىنىڭ مال - مۈلكىنى بۆلۈشۈشنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ، ئەمما بۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
شېرىك كارخانىنىڭ ھېساباتى ئېنىقلىنىشتىن ئىلگىرى، شېرىكلەشكەن كىشىلەر شېرىك كارخانىنىڭ مال - مۈلكىنى ئۆز ئالدىغا يۆتكىۋەتسە ياكى بىر تەرەپ قىلسا، شېرىك كارخانا شۇ ئىش سەۋەبلىك ئەھۋالنى بىلمەيدىغان ياخشى نىيەتلىك 3 - شەخس بىلەن قارشىلىشىشقا بولمايدۇ.
21 - ماددا شېرىك كارخانا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە، شېرىكلەشكەن كىشىلەر شېرىكلەشمىگەن كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ شېرىك كارخانىدىكى ھەممە ياكى بىر قىسىم مال - مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بەرمەكچى بولسا، باشقا شېرىكلەشكەن كىشىلەرنىڭ بىردەك ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك.
شېرىكلەشكەن كىشىلەر شېرىك كارخانىدىكى ھەممە ياكى بىر قىسىم مال - مۈلكىنى ئۆزئارا ئۆتۈنۈپ بەرمەكچى بولسا، باشقا شېرىكلەشكەن كىشىلەرگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى لازىم.
22 - ماددا شېرىكلەشكەن كىشىلەر قانۇن بويىچە مال - مۈلۈك ئۈلۈشىنى ئۆتۈنىدىغان بولسا، ئوخشاش شارائىتتا باشقا شېرىكلەشكەن كىشىلەر ئالدى بىلەن ئۆتۈنۈپ ئېلىشقا ھوقۇقلۇق.
23 - ماددا بارلىق شېرىكلەشكەن كىشىلەرنىڭ ماقۇل بولۇشى ئارقىلىق، شېرىكلەشمىگەن كىشىلەر قانۇن بويىچە شېرىك كارخانىنىڭ مال - مۈلۈك ئۈلۈشىنى ئۆتۈنۈپ ئالسا، شېرىكلىشىش كېلىشىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن ئۇ كىشى شېرىك كارخانىنىڭ شېرىكلىرىگە ئايلىنىدۇ ھەمدە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى شېرىكلىشىش كېلىشىمىگە ئاساسەن ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
24 - ماددا شېرىكلەشكەن كىشىلەر ئۆزىنىڭ شېرىك كارخانىدىكى مال - مۈلۈك ئۈلۈشىنى رەنىگە قويىدىغان چاغدا، باشقا شېرىكلەشكەن كىشىلەرنىڭ بىردەك ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك.
شېرىكلەشكەن كىشىلەر ئۆزىنىڭ شېرىك كارخانىدىكى مال - مۈلۈك ئۈلۈشىنى باشقا شېرىكلەشكەن كىشىلەرنىڭ بىردەك ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ رەنىگە قويسا، ئۇنىڭ ھەرىكىتى ئىناۋەتسىز بولىدۇ ياكى شېرىكچىلىكتىن چېكىندۈرۈۋېتىلىدۇ؛ شۇ ئىش سەۋەبلىك شېرىكلەشكەن باشقا كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە تۆلەم تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
4 ‿باب شېرىك كارخانىلار ئىشلىرىنىڭ بېجىرىلىشى
25 - ماددا شېرىكلەشكەن كىشىلەر شېرىك كارخانا ئىشلىرىنى بېجىرىشتە باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، شېرىك كارخانا ئىشلىرىنى شېرىكلەشكەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بېجىرسىمۇ بولىدۇ، شېرىكلىشىش كېلىشىمىدىكى بەلگىلىمە ياكى بارلىق شېرىكلەشكەن كىشىلەرنىڭ قارار قىلىشى ئارقىلىق، بىر ياكى بىرقانچە شېرىكلەشكەن كىشىنىڭ بېجىرىشىگە ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ.
شېرىك كارخانا ئىشلىرىنى بېجىرگەن شېرىكلەشكەن كىشىلەر سىرتقا قارىتا شېرىك كارخانىغا ۋاكالەتلىك قىلىدۇ.
26 - ماددا يۇقىرىقى ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، شېرىك كارخانا ئىشلىرىنى بېجىرىش بىر ياكى بىرقانچە شېرىكلەشكەن كىشىگە ھاۋالە قىلىنغان بولسا، باشقا شېرىكلەشكەن كىشىلەر شېرىك كارخانا ئىشلىرىنى بېجىرمەيدۇ.
ئىشلارنى بېجىرىشكە قاتناشمىغان شېرىكلەشكەن كىشىلەر ئىش بېجىرگەن شېرىكلەشكەن كىشىلەرنى نازارەت قىلىشقا، ئۇلارنىڭ شېرىك كارخانا ئىشلىرىنى بېجىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق.
27 - ماددا بىر ياكى بىرقانچە شېرىكلەشكەن كىشى شېرىك كارخانا ئىشلىرىنى بېجىرسە، كېلىشىم بويىچە ئىش بېجىرىشكە قاتناشمىغان باشقا شېرىكلەشكەن كىشىلەرگە ئىش بېجىرىش ئەھۋالىنى ۋە شېرىك كارخانىنىڭ تىجارەت ئەھۋالىنى، مالىيە ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ تۇرۇشى كېرەك، ئۇلارنىڭ شېرىك كارخانا ئىشلىرىنى بېجىرىشىدىن بارلىققا كەلگەن كىرىمنىڭ ھەممىسى بارلىق شېرىكلەشكەن كىشىلەرگە تەئەللۇق بولىدۇ، كۆرۈلگەن زىيان ياكى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى بارلىق شېرىكلەشكەن كىشىلەر ئۈستىگە ئالىدۇ.
28 - ماددا شېرىكلەشكەن كىشىلەر شېرىك كارخانىنىڭ تىجارەت ۋە مالىيە ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇرۇش ئۈچۈن ھېسابات دەپتەرلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە ھوقۇقلۇق.
شېرىكلەشكەن كىشىلەر قانۇن بويىچە ياكى شېرىكلىشىش كېلىشىمى بويىچە شېرىك كارخانىنىڭ ئالاقىدار ئىشلىرى ئۈستىدە قارار چىقارماقچى بولسا، بۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى ياكى شېرىكلىشىش كېلىشىمىدە ئايرىم كېلىشىم بارلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بارلىق شېرىكلەشكەن كىشىلەرنىڭ قارار قىلىشى ئارقىلىق بىر ئادەم بىر ئاۋاز بېرىش چارىسى يولغا قويۇلسا بولىدۇ.
29 - ماددا شېرىكلىشىش كېلىشىمىدىكى بەلگىلىمە ياكى بارلىق شېرىكلەشكەن كىشىلەرنىڭ قارار قىلىشى ئارقىلىق، شېرىكلەشكەن كىشىلەر شېرىك كارخانا ئىشلىرىنى ئايرىم - ئايرىم بېجىرگەندە، شېرىكلەشكەن كىشىلەر باشقا شېرىكلەشكەن كىشىلەر بېجىرگەن ئىشقا قارىتا باشقىچە پىكىر بېرىشكە بولىدۇ. باشقىچە پىكىر بېرىلگەندە، شۇ ئىشنى بېجىرىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش كېرەك. ئەگەر تالاش - تارتىش كۆرۈلسە، بارلىق شېرىكلەشكەن كىشىلەر بىرلىكتە قارار قىلسا بولىدۇ.
شېرىك كارخانا ئىشلىرىنى بېجىرىش ھاۋالە قىلىنغان شېرىكلەشكەن كىشىلەر ئىشلارنى شېرىكلىشىش كېلىشىمى ياكى بارلىق شېرىكلەشكەن كىشىلەرنىڭ قارارى بويىچە بېجىرمىسە، باشقا شېرىكلەشكەن كىشىلەر بۇ ھاۋالىنى بىكار قىلىشنى قارار قىلىشقا بولىدۇ.
30 - ماددا شېرىكلەشكەن كىشىلەر ئۆز ئالدىغا ياكى باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ مەزكۇر شېرىك كارخانا بىلەن رىقابەتلىشىدىغان كەسپىي تىجارەتنى قىلىشقا بولمايدۇ.
شېرىكلىشىش كېلىشىمىدە ئايرىم بەلگىلىمە بارلىرىنى ياكى بارلىق شېرىكلەشكەن كىشىلەرنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، شېرىكلەشكەن كىشىلەر بۇ شېرىك كارخانا بىلەن سودا قىلىشقا بولمايدۇ.
شېرىكلەشكەن كىشىلەرنىڭ بۇ شېرىك كارخانىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا بولمايدۇ.
31 - ماددا شېرىك كارخانىلارنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىشلىرى بارلىق شېرىكلەشكەن كىشىلەرنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك:
(1) شېرىك كارخانىنىڭ كۆچمەس مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىش؛
(2) شېرىك كارخانىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش؛
(3) شېرىك كارخانىنىڭ بىلىم - مۈلۈك ھوقۇقى ۋە باشقا مال - مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈش ياكى بىر تەرەپ قىلىش؛
(4) كارخانىنى تىزىملايدىغان ئورگانغا ئۆزگەرتىپ تىزىملاش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش؛
(5)شېرىك كارخانىنىڭ نامىدا باشقىلارنى كاپالەت بىلەن تەمىن ئېتىش؛
(6) شېرىكلەشمىگەن كىشىلەرنى شېرىك كارخانىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرغۇچى خادىملىقىغا تەكلىپ قىلىش؛
(7) شېرىكلىشىش كېلىشىمى بويىچە بەلگىلەنگەن ئالاقىدار ئىشلار.
32 - ماددا شېرىك كارخانىنىڭ پايدىسى ۋە زىيىنىنى شېرىكلەشكەن كىشىلەر شېرىكلىشىش كېلىشىمىدە بەلگىلەنگەن نىسبەت بويىچە تەقسىم قىلىۋالىدۇ ۋە ئۈستىگە ئالىدۇ؛ شېرىكلىشىش كېلىشىمىدە پايدا تەقسىم قىلىش ۋە زىياننى ئۈستىگە ئېلىش نىسبىتى بەلگىلەنمىگەن بولسا، شېرىكلەشكەن كىشىلەر تەڭ تەقسىم قىلىۋالىدۇ ۋە تەڭ ئۈستىگە ئالىدۇ.
شېرىكلىشىش كېلىشىمىدە بارلىق پايدىنى بىر قىسىم شېرىكلەشكەن كىشىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىشنى ياكى بىر قىسىم شېرىكلەشكەن كىشىلەر بارلىق زىياننى ئۈستىگە ئېلىشنى بەلگىلەشكە بولمايدۇ.
33 - ماددا شېرىك كارخانا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە، شېرىكلەشكەن كىشىلەر شېرىكلىشىش كېلىشىمىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ياكى بارلىق شېرىكلەشكەن كىشىلەرنىڭ قارار قىلىشى ئارقىلىق، شېرىك كارخانىغا چىقارغان مەبلىغىنى كۆپەيتىپ، تىجارەت كۆلىمىنى كېڭەيتىش ياكى زىياننى تولدۇرۇشقا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
34 - ماددا شېرىك كارخانىنىڭ يىللىق ياكى مەلۇم مەزگىللىك پايدا تەقسىم قىلىش ياكى زىياننى ئۈستىگە ئېلىشقا دائىر كونكرېت لايىھىسى بارلىق شېرىكلەشكەن كىشىلەر تەرىپىدىن كېڭىشىپ قارار قىلىنىدۇ ياكى شېرىكلىشىش كېلىشىمىدىكى چارە بويىچە قارار قىلىنىدۇ.
35 - ماددا شېرىك كارخانىنىڭ تەكلىپ قىلىنغان باشقۇرۇش خادىملىرى شېرىك كارخانا ھوقۇق بەرگەن دائىرىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشى لازىم.
شېرىك كارخانىنىڭ تەكلىپ قىلىنغان باشقۇرۇش خادىملىرى شېرىك كارخانا بەرگەن ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ ياكى قەستەن ياكى چوڭ سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن شېرىك كارخانىغا زىيان يەتكۈزسە، قانۇن بويىچە تۆلەم تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
36 - ماددا شېرىك كارخانىلار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە كارخانىنىڭ مالىيە، بوغالتىرلىق تۈزۈملىرىنى ئورنىتىشى كېرەك.
37 - ماددا شېرىك كارخانىلار قانۇن بويىچە باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
5 ‿باب شېرىك كارخانىلار بىلەن 3 - شەخسنىڭ مۇناسىۋىتى
38 - ماددا شېرىك كارخانا شېرىكلەشكەن كىشىلەرنىڭ شېرىك كارخانىنىڭ ئىشلىرىنى بېجىرىش شۇنىڭدەك سىرتقا نىسبەتەن شېرىك كارخانىغا ۋاكالەتلىك قىلىش ھوقۇقىنى چەكلىگەندە، ئەھۋالنى بىلمەيدىغان ياخشى نىيەتلىك 3 - شەخس بىلەن قارشىلىشىشقا بولمايدۇ.
39 - ماددا شېرىك كارخانىلار ئۆزلىرىنىڭ قەرزىنى ئالدى بىلەن بارلىق مال - مۈلكى ئارقىلىق تۆلىشى كېرەك. شېرىك كارخانىنىڭ مال - مۈلكى مۇددىتى توشقان قەرزنى تۆلەشكە يەتمىسە، شېرىكلەشكەن كىشىلەر چەكسىز چاتما تۆلەم تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.
40 - ماددا شېرىك كارخانا مال - مۈلكى ئارقىلىق شېرىك كارخانىنىڭ قەرزىنى تۆلىگەندە، ئۇنىڭ يەتمىگەن قىسمىنى شېرىكلەشكەن كىشىلەر بۇ قانۇننىڭ 32 - ماددا 1 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن نىسبەت بويىچە، ئۆزىنىڭ شېرىك كارخانىغا چىقارغان مەبلىغىنىڭ سىرتىدىكى مال - مۈلكى ئارقىلىق تۆلەم تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
شېرىكلەشكەن كىشىلەرنىڭ تۆلىگەن سوممىسى چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش تۈپەيلىدىن ئۇ ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان ساندىن ئېشىپ كەتسە، باشقا شېرىكلەشكەن كىشىلەردىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
41 - ماددا شېرىك كارخانىدىكى مەلۇم شېرىكلەشكەن كىشىنىڭ ھەقدارى ھەقدارلىق ھوقۇقىنى شېرىك كارخانىدىكى قەرزدارلىقىغا توغرىلاشقا بولمايدۇ.
42 - ماددا شېرىكلەشكەن كىشى قەرزدار بولۇپ قالغان بولسا، ئۇنىڭ ھەقدارى مەزكۇر شېرىكلەشكەن كىشىنىڭ شېرىك كارخانىدىكى ھوقۇقىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزۈشكە بولمايدۇ.
43- ماددا شېرىكلەشكەن كىشىنىڭ شەخسىي مال - مۈلكى قەرزىگە يەتمىسە، مەزكۇر شېرىكلەشكەن كىشى پەقەت ئۆزىنىڭ شېرىك كارخانىدىن تەقسىم قىلىۋالغان كىرىمىنىلا تۆلەم تۆلەشكە ئىشلىتەلەيدۇ؛ ھەقدارمۇ قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەزكۇر شېرىكلەشكەن كىشىنىڭ شېرىك كارخانىدىكى مال - مۈلۈك ئۈلۈشى ئارقىلىق قەرزنى تۆلەشنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشىغىلا بولىدۇ.
مەزكۇر شېرىكلەشكەن كىشىنىڭ مال - مۈلۈك ئۈلۈشىگە قارىتا باشقا شېرىكلەشكەن كىشىلەر ئالدى بىلەن ئۆتۈنۈپ ئېلىشقا ھوقۇقلۇق.
6 ‿باب شېرىكلىشىش، شېرىكلىكتىن چېكىنىش
44 - ماددا يېڭىدىن شېرىكلەشكەن كىشىلەر شېرىكلەشكەندە بارلىق شېرىكلەشكەن كىشىلەرنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈشى ھەمدە قانۇن بويىچە يازما شېرىكلىشىش كېلىشىمى تۈزۈشى كېرەك.
شېرىكلىشىش كېلىشىمى تۈزگەندە، ئەسلىدىكى شېرىكلەشكەن كىشىلەر يېڭىدىن شېرىكلەشكەن كىشىلەرگە ئەسلىدىكى شېرىك كارخانىنىڭ تىجارەت ئەھۋالى ۋە مالىيە ئەھۋالىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
45 - ماددا يېڭىدىن شېرىكلەشكەن كىشىلەر ئەسلىدىكى شېرىكلەشكەن كىشىلەر بىلەن ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئوخشاش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. شېرىكلىشىش كېلىشىمىدە ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىدۇ.
يېڭىدىن شېرىكلەشكەن كىشىلەر شېرىكلىشىشتىن ئىلگىرىكى شېرىك كارخانىنىڭ قەرزىگە نىسبەتەن چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
46 - ماددا شېرىك كارخانىنىڭ شېرىكلىشىش كېلىشىمىدە بەلگىلەنگەن تىجارەت مۆھلىتىدە تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، شېرىكلەشكەن كىشىلەر شېرىكلىكتىن چېكىنىشكە بولىدۇ:
(1) شېرىكلىشىش كېلىشىمىدە بەلگىلەنگەن شېرىكلىكتىن چېكىنىش سەۋەبلىرى كۆرۈلسە؛
(2) بارلىق شېرىكلەشكەن كىشىلەر شېرىكلىكتىن چېكىنىشكە قوشۇلسا؛
(3) شېرىكلەشكەن كىشىنىڭ شېرىك كارخانىغا داۋاملىق قاتنىشىشى قىيىن بولۇش ئەھۋالى كېلىپ چىقسا؛
(4) باشقا شېرىكلەشكەن كىشىلەر شېرىكلىشىش كېلىشىمىدە بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتكە ئېغىر ھالدا خىلاپلىق قىلسا.
47 - ماددا شېرىكلىشىش كېلىشىمىدە شېرىك كارخانىنىڭ تىجارەت مۆھلىتى بەلگىلەنمىگەن، شېرىكلەشكەن كىشى شېرىك كارخانىنىڭ ئىشلىرىنىڭ بېجىرىلىشىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، شېرىكلىكتىن چېكىنىشكە بولىدۇ، لېكىن 30 كۈن بۇرۇن باشقا شېرىكلەشكەن كىشىلەرگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
48 - ماددا شېرىكلەشكەن كىشىلەر ئالدىنقى ئىككى ماددىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن شېرىكلىكتىن چېكىنسە، شۇ سەۋەبلىك باشقا شېرىكلەشكەن كىشىلەرگە يەتكەن زىياننى تۆلىشى كېرەك.
49 - ماددا شېرىكلەشكەن كىشىلەردە تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللاردىن بىرى كۆرۈلسە، شېرىكلىكتىن تەبىئىي ھالدا چېكىنىدۇ:
(1) ئۆلۈپ كەتسە ياكى قانۇن بويىچە ئۆلگەنلىكى جاكارلانسا؛
(2) قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق ئادەم دەپ جاكارلانسا؛
(3) قەرز تۆلەش ئىقتىدارىنى ئۆزى يوقاتسا؛
(4) خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن شېرىك كارخانىدىكى بارلىق مال - مۈلۈك ئۈلۈشى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇلغان بولسا.
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن شېرىكلىكتىن چېكىنىش ئەھۋالى ئەمەلىي كۆرۈلگەن كۈن شېرىكلىكتىن چېكىنىش كۈچكە ئىگە بولغان كۈن ھېسابلىنىدۇ.
50 - ماددا شېرىكلەشكەن كىشىلەردە تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى كۆرۈلسە، باشقا شېرىكلەشكەن كىشىلەرنىڭ بىردەك قوشۇلۇشى ئارقىلىق ئۇنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى قارار قىلىشقا بولىدۇ:
(1) مەبلەغ چىقىرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا؛
(2) قەستەنلىك ياكى زور سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن شېرىك كارخانىغا زىيان يەتكۈزسە؛
(3) شېرىك كارخانا ئىشلىرىنى بېجىرگەندە نورمالسىز قىلمىش سادىر قىلسا؛
(4) شېرىكلىشىش كېلىشىمىدە بەلگىلەنگەن باشقا سەۋەبلەر بولسا.
شېرىكلەشكەن كىشىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش قارارىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگۈچىگە يازما ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك. رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگۈچى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ رويخەتتىن ئۆچۈرۈش كۈچكە ئىگە بولىدۇ، رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگۈچى شېرىكلىكتىن چېكىنىدۇ.
رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگۈچىنىڭ رويخەتتىن ئۆچۈرۈش قارارىغا باشقىچە پىكرى بولسا، رويخەتتىن ئۆچۈرۈش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ.
54 - ماددا شېرىكلەشكەن كىشى ئۆلۈپ كەتسە ياكى قانۇن بويىچە ئۆلگەنلىكى جاكارلانسا، بۇ شېرىكلەشكەن كىشىنىڭ شېرىك كارخانىدىكى مال - مۈلۈك ئۈلۈشىدىن ئۇنىڭ قانۇنىي مىراسخورلۇق ھوقۇقىغا ئىگە مىراسخورى بەھرىمەن بولىدۇ، شېرىكلىشىش كېلىشىمىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ياكى بارلىق شېرىكلەشكەن كىشىلەرنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق، مىراسخورلۇق باشلانغان كۈندىن ئېتىبارەن شۇ مىراسخور بۇ شېرىك كارخانىنىڭ شېرىكى سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.
قانۇنىي مىراسخور بۇ شېرىك كارخانىنىڭ شېرىكى بولۇشنى خالىمىسا، شېرىك كارخانا ئۇ قانۇن بويىچە ۋارىسلىق قىلىدىغان مال - مۈلۈك ئۈلۈشىنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
قانۇنىي مىراسخور ياش - قۇرامىغا يەتمىگەن بولسا، باشقا شېرىكلەشكەن كىشىلەرنىڭ بىردەك قوشۇلۇشى ئارقىلىق، ئۇ ياش - قۇرامىغا يەتمىگەن مەزگىلدە، ئۇنىڭ ھوقۇقىنى ئۇنىڭ ۋەسىيسى ئىجرا قىلسا بولىدۇ.
52 - ماددا شېرىكلەشكەن كىشى شېرىكلىكتىن چېكىنسە، باشقا شېرىكلەشكەن كىشىلەر شېرىكلىكتىن چېكىنگەن كىشى بىلەن شېرىك كارخانىنىڭ شۇ كىشى چېكىنگەن چاغدىكى مال - مۈلۈك ئەھۋالىغا ئاساسەن راسچوت قىلىپ، شېرىكلىكتىن چېكىنگەن كىشىنىڭ مال - مۈلۈك ئۈلۈشىنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
شېرىكلىكتىن چېكىنگەندە شېرىك كارخانىنىڭ تۈگىمىگەن ئىشلىرى بولسا، تۈگىگەندىن كېيىن راسچوت قىلىش لازىم.
53 - ماددا شېرىكلىكتىن چېكىنگۈچىنىڭ شېرىك كارخانىدىكى مال - مۈلۈك ئۈلۈشىنى قايتۇرۇش چارىسى شېرىكلىشىش كېلىشىمىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىلىدۇ ياكى بارلىق شېرىكلەشكەن كىشىلەر تەرىپىدىن قارار قىلىنىدۇ، ئۇنىڭغا پۇل قايتۇرسىمۇ، ئەمەلىي نەرسە قايتۇرسىمۇ بولىدۇ.
54 - ماددا شېرىكلىكتىن چېكىنگۈچى شېرىكلىكتىن چېكىنىشتىن ئىلگىرى كۆرۈلگەن شېرىك كارخانا قەرزىگە نىسبەتەن باشقا شېرىكلەشكەنلەر بىلەن بىرگە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
55 - ماددا شېرىكلەشكەن كىشى شېرىكلىكتىن چېكىنگەندە، شېرىك كارخانىنىڭ مال - مۈلكى شېرىك كارخانىنىڭ قەرزىدىن ئاز بولسا، شېرىكلىكتىن چېكىنگۈچى بۇ قانۇننىڭ 32 - ماددا 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تېگىشلىك زىياننى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
56 - ماددا شېرىك كارخانىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش ئىشلىرىدا، شېرىكلىكتىن چېكىنىش، شېرىكلىشىشكە قاتنىشىش، شېرىكلىشىش كېلىشىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش قاتارلىق ئىشلار تۈپەيلىدىن ئۆزگىرىش يۈز بەرسە ياكى قايتىدىن تىزىملاشقا توغرا كەلسە، ئۆزگەرتىش قارارى چىقارغان ياكى ئۆزگەرتىش سەۋەبى كۆرۈلگەن كۈندىن ئېتىبارەن 15 كۈن ئىچىدە كارخانىنى تىزىملاش ئورگىنىغا بېرىپ تىزىملاشقا دائىر رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش كېرەك.
7 ‿باب شېرىك كارخانىنىڭ تارقىتىۋې تىلىشى، ھېساباتىنىڭ ئېنىقلىنىشى
57 - ماددا شېرىك كارخانىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئۇنى تارقىتىۋېتىش كېرەك:
(1) شېرىكلىشىش كېلىشىمىدە بەلگىلەنگەن تىجارەت مۆھلىتى توشۇپ، شېرىكلەشكەن كىشىلەر داۋاملىق تىجارەت قىلىشنى خالىمىسا؛
(2) شېرىكلىشىش كېلىشىمىدە بەلگىلەنگەن تارقىتىۋېتىش سەۋەبى كۆرۈلسە؛
(3) بارلىق شېرىكلەشكەن كىشىلەر تارقىتىۋېتىشنى قارار قىلسا؛
(4) شېرىكلەشكەن كىىشلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا يەتمىسە؛
(5) شېرىكلىشىش كېلىشىمىدە بەلگىلەنگەن شېرىكلىشىش مۇددىئاسى ئىشقا ئاشقان بولسا ياكى ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن بولمىسا؛
(6) قانۇن بويىچە تىجارەت كىنىشكىسى بىكار قىلىنغان بولسا؛
(7) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن شېرىك كارخانىلارنى تارقىتىۋېتىشنىڭ باشقا سەۋەبلىرى كۆرۈلگەن بولسا.
58 - ماددا شېرىك كارخانا تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ھېساباتىنى ئېنىقلاش ھەمدە ھەقدارلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىش ۋە ئېلان چىقىرىش كېرەك.
59 - ماددا شېرىك كارخانا تارقىتىۋېتىلگەندە، ھېسابات ئېنىقلاش ئىشىنى بارلىق شېرىكلەشكەن كىشىلەر ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ھېسابات ئېنىقلاش ئىشىنى بارلىق شېرىكلەشكەن كىشىلەر ئۈستىگە ئالالمىسا، بارلىق شېرىكلەشكەن كىشىلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، شېرىك كارخانا تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىنكى 15 كۈن ئىچىدە بىر ياكى بىرقانچە شېرىكلەشكەن كىشىنى ھېسابات ئېنىقلاشنى ئۈستىگە ئېلىشقا بەلگىلەشكە ياكى ھېسابات ئېنىقلاشنى 3 - شەخسكە ھاۋالە قىلىشقا بولىدۇ.
15 كۈن ئىچىدە ھېسابات ئېنىقلىغۇچىنى بېكىتكىلى بولمىسا، شېرىكلەشكەن كىشىلەر ياكى باشقا پايدا - زىيان مۇناسىۋىتى بار كىشىلەر خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھېسابات ئېنىقلىغۇچى بەلگىلەپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
60 - ماددا ھېسابات ئېنىقلىغۇچى ھېسابات ئېنىقلاش مەزگىلىدە تۆۋەندىكى ئىشلارنى بېجىرىدۇ:
(1) شېرىك كارخانىنىڭ مال - مۈلكىنى ئېنىقلاپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا مال - مۈلۈك ئاكتىپ - پاسسىپ جەدۋىلى ۋە مال - مۈلۈك تىزىملىكى تۈزۈپ چىقىدۇ؛
(2) شېرىك كارخانا بوغۇپ بولالمىغان ئالاقىدار ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ ۋە ئېنىقلايدۇ؛
(3) تاپشۇرۇپ بولمىغان باج پۇلىنى ئېنىقلايدۇ؛
(4) ھەقدارلىق، قەرزدارلىق ئىشلىرىنى ئېنىقلايدۇ؛
(5) شېرىك كارخانىنىڭ قەرز تۆلىگەندىن كېيىن قېپقالغان مال - مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ؛
(6) شېرىك كارخانىغا ۋاكالىتەن ھەق تەلەپ داۋا پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ.
61 - ماددا شېرىك كارخانىنىڭ مال - مۈلكى ھېسابات ئېنىقلاش خىراجىتىگە چىقىم قىلىنغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە تۆلەمگە بېرىلىدۇ:
(1) شېرىك كارخانا قوبۇل قىلىپ ئىشلەتكەن ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ قەرز قالغان ئىش ھەققى ۋە ئەمگەك سۇغۇرتىسى خىراجىتى؛
(2) شېرىك كارخانىنىڭ تۆلىمىگەن باج پۇلى؛
(3) شېرىك كارخانىنىڭ قەرزى؛
(4) شېرىكلەشكەن كىشىلەر چىقارغان مەبلەغنى قايتۇرۇش.
شېرىك كارخانىنىڭ مال - مۈلكى يۇقىرىقى تەرتىپ بويىچە تۆلەمگە بېرىلگەندىن كېيىنمۇ يەنە ئېشىپ قالسا، بۇ قانۇننىڭ 32 - ماددا 1 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن نىسبەت بويىچە تەقسىم قىلىنىدۇ.
62 - ماددا شېرىك كارخانىلار ھېسابات قىلغاندا، ئۇنىڭ بارلىق مال - مۈلكى ئۇنىڭ قەرزىنى تۆلەشكە يەتمىسە، بۇ قانۇننىڭ 39-، 40- ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
63 - ماددا شېرىك كارخانىلار تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئىلگىرىكى شېرىكلەشكەن كىشىلەر شېرىك كارخانا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مەزگىلدىكى قەرزدارلىققا قارىتا يەنىلا چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىن ھەقدارلار بەش يىل ئىچىدە قەرزدارلارغا قەرز تۆلەش تەلىپىنى قويمىسا، بۇ جاۋابكارلىق يوقىلىدۇ.
64 - ماددا ھېسابات ئېنىقلىنىپ بولغاندا، ھېسابات ئېنىقلاش دوكلاتى تۈزۈپ، بارلىق شېرىكلەشكەن كىشىلەر ئىمزا قويغان، تامغا باسقاندىن كېيىن، 15 كۈن ئىچىدە كارخانىنى تىزىملاش ئورگىنىغا ھېسابات ئېنىقلاش دوكلاتىنى يوللاپ، شېرىك كارخانىنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىش لازىم.
8 ‿باب قانۇنىي جاۋابكارلىق
65 - ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ساختا، يالغان ھۆججەت تاپشۇرۇپ ياكى باشقا ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ كارخانىنى تىزىملىتىۋالغان بولسا، ئۇنى ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇلىدۇ، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇشقا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، كارخانىنى تىزىملاش بىكار قىلىنىدۇ.
66 - ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، شېرىك كارخانا نامىدا «چەكلىك» ياكى «چەكلىك مەسئۇلىيەت» دېگەن سۆزلەر قوللىنىلسا، بەلگىلىك مۇددەت ئىچىدە ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇلىدۇ، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇشقا بولىدۇ.
67 - ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇن بويىچە تىجارەت كىنىشكىسى ئالماي تۇرۇپ شېرىك كارخانا نامىدا تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانسا، تىجارەت پائالىيىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇشقا بولىدۇ.
شېرىك كارخانىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرغان ئىشلىرىدا ئۆزگىرىش كۆرۈلگەندە بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئۆزگەرتىپ تىزىملىتىش رەسمىيىتى بېجىرمىسە، چەكلىك مۇددەت ئىچىدە تىزىملىتىشقا بۇيرۇلىدۇ؛ قەرەلى ئۆتكۈچە تىزىملاتمىسا، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
68 - ماددا شېرىكلەشكەن كىشىلەر شېرىك كارخانا ئىشلىرىنى بېجىرىش جەريانىدا شېرىك كارخانىغا تەئەللۇق مەنپەئەتنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالسا ياكى باشقا ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ شېرىك كارخانىنىڭ مال - مۈلكىنى ئىگىلىۋالسا، شۇ مەنپەئەت ۋە مال - مۈلۈكنى شېرىك كارخانىغا قايتۇرۇشقا بۇيرۇلىدۇ؛ شېرىك كارخانىغا ياكى باشقا شېرىكلەشكەن كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزسە، قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەنگەن بولسا، جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
69 - ماددا شېرىكلەشكەن كىشىلەر بۇ قانۇندا ياكى شېرىكلىشىش كېلىشىمىدە چوقۇم بارلىق شېرىكلەشكەن كىشىلەرنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن بېجىرىشكە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن ئىشلارنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، شېرىك كارخانىغا ياكى باشقا شېرىكلەشكەن كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا، قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
70 - ماددا ئىش بېجىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولمىغان شېرىكلەشكەن كىشىلەر شېرىك كارخانىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بېجىرىپ، شېرىك كارخانىغا ياكى باشقا شېرىكلەشكەن كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا، قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
71 - ماددا شېرىكلەشكەن كىشىلەر بۇ قانۇننىڭ 30 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەزكۇر شېرىك كارخانا بىلەن رىقابەتلىشىدىغان كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ ياكى مەزكۇر كارخانا بىلەن سودا قىلىپ، شېرىك كارخانىغا ياكى باشقا شېرىكلەشكەن كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا، قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
72 - ماددا شېرىك كارخانا قوبۇل قىلىپ ئىشلەتكەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر خىزمىتىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، شېرىك كارخانىنىڭ مال - مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگىلەپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالسا ياكى شېرىك كارخانا مەبلىغىنى يۆتكەپ ئۆزىنىڭ قىلىپ ئىشلىتىۋالسا، قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەنگەن بولسا، جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
73 - ماددا ھېسابات ئېنىقلىغۇچىلار بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە كارخانىنى تىزىملاش ئورگىنىغا ھېسابات ئېنىقلاش دوكلاتىنى يوللىمىسا ياكى ھېسابات ئېنىقلاش دوكلاتىنى يوللىغاندا مۇھىم پاكىتلارنى يوشۇرسا ياكى زور ئىشلارنى قالدۇرۇپ قويسا، تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ.
74 - ماددا شېرىكلەشكەن كىشىلەر ھېسابات ئېنىقلاش ئىشىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ھېسابات ئېنىقلىغاندا قانۇنسىز كىرىمگە ئىگە بولۇۋالسا ياكى شېرىك كارخانىنىڭ مال - مۈلكىنى ئىگىلىۋالسا، شۇ كىرىم ۋە ئىگىلىۋالغان مال - مۈلۈكنى شېرىك كارخانىغا قايتۇرۇشقا بۇيرۇلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەنگەن بولسا، جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
شېرىكلەشكەن كىشىلەر ھاۋالە قىلغان ھېسابات ئېنىقلىغۇچىدا ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىش كۆرۈلسە، شۇ كىرىم ۋە ئىگىلىۋالغان مال - مۈلۈكنى شېرىك كارخانىغا قايتۇرۇشقا ھەمدە قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا بۇيرۇلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەنگەن بولسا، جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
75 - ماددا ھېسابات ئېنىقلىغۇچىلار بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، شېرىك كارخانىنىڭ مال - مۈلكىنى يوشۇرسا، يۆتكىۋەتسە، مال - مۈلۈك ئاكتىپ - پاسسىپ جەدۋىلى ياكى مال - مۈلۈك تىزىملىكىنى ساختا تولدۇرسا ياكى كارخانا مال - مۈلكىنى قەرز تۆلىمەي تۇرۇپ تەقسىم قىلىۋەتسە، ئۇنى ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ ھەقدارلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا، قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەنگەن بولسا، جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
76 - ماددا شېرىكلەشكەن كىشىلەر شېرىكلىشىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلسا، قانۇن بويىچە كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
شېرىكلەشكەن كىشىلەرنىڭ شېرىكلىشىش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشىدا تالاش - تارتىش كۆرۈلسە، شېرىكلەشكەن كىشىلەر كېڭىشىش ياكى مۇرەسسەلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلسا بولىدۇ. شېرىكلەشكەن كىشىلەر كېڭىشىش، مۇرەسسەلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى خالىمىسا ياكى كېڭىشىش، مۇرەسسەلىشىشكە بولمىسا، شېرىكلىشىش كېلىشىمىدىكى كېسىم قىلىش ماددىسى ياكى كېيىن ھاسىل قىلىنغان يازما كېسىم قىلىش كېلىشىمىگە ئاساسەن كېسىم قىلىش ئاپپاراتلىرىغا كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ. شېرىكلەشكەن كىشىلەر شېرىكلىشىش كېلىشىمىگە كېسىم قىلىش ماددىسىنى كىرگۈزمىگەن بولسا، ئىشتىن كېيىنمۇ يازما كېسىم قىلىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنمىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ.
77 - ماددا ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانسا، شەخسىي مەنپەئەتكە بېرىلىپ كۆز بويامچىلىق قىلسا، پارا ئالسا، شېرىك كارخانىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەنگەن بولسا، جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
9 ‿باب قوشۇمچە پرىسنىپ
78 - ماددا بۇ قانۇن 1997 - يىل 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
مەنبە : باغداش تورى