A-A+

خوتەن قاش بىلەيزۈكنىڭ تۈرلىرى

2015-يىل 1-ئاپرېل ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 1,124 قېتىم

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى

تارىم بوستانلىقىدا ياشىغان  ئەجدەتلىرىمىز تاش قوراللار دەۋرىدىن باشلاپلا خوتەن قاشلىرىدىن پايدىلىنىپ تۈرلۈك ئىشلەپ-چىقىرىش قوراللىرى،جەڭ قوراللىرى،تۇرمۇش بۇيۇملىرى،نەزىر-چىراق ،ھەمدەپنە بۇيۇملىرى،دىنى مۇراسىم بۇيۇملىرى،زىننەت بۇيۇملىرى....قاتارلىق  بۇيۇملارنى ياساپ  تۇرمۇشىنى رەڭدارلىققا ئىگە قىلغان ۋە دۇنياغا مەشھۇر <خوتەن قاشگەرلىك مەدەنىيىتى>نى بارلىققا كەلتۈرگەن.بىز تۆۋەندە زىننەت بۇيۇملىرىدىن خوتەن قاش بىلەيزۈكلىرى ئۈستىدە توختىلىمىز.

ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى زىبۇ زىننەتلىرى دۇنياغا داڭلىق.ئۇيغۇر ئاياللىرى تەبىئەتتىكى ھەر خىل ئالتۇن، كۈمۈش، قاشتېشى ۋە ياقۇتقا ئوخشاش قىممەتلىك مېتال ۋە تاشلاردىن زىننەت ئۈچۈن ئىنتايىن كۆركەم، سىپتا سەنئەت بويۇملىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ، ئۇلار بىلەن ئۆزلىرىنى زىننەتلەپ، تېخىمۇ جەزبىدار ۋە گۈزەل كۆرۈنۈشكە تىرىشقان. ئاسماننىڭ بېزەكلىرى بولغان يۇلتۇزلار، كېچىنى يورۇتقۇچى ئاي ۋە تەبىئەت دۇنياسىدىكى گۈل-گىياھلار خوتۇن-قىزلارنىڭ بويۇن ،قول ۋە قۇلاقلىرىدا زىننەت بويۇمى بولۇپ ئەكس ئەتكەن.
قەدىمقى ئەجداتلىرىمىزدا كىمنىڭ يېنىدا قاشتېشى بولسا، ئۇنىڭغا چاقماق تەگمەيدۇ، دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بولغان . شۇڭا  سۈزۈك ، جۇلالىق خوتەن قاشلىرىدىن تۈرلۈك شەكىل ۋە نۇسقىلاردا  زەر پار قىلىنىپ  ياسالغان نەپىس،كۆركەم قاش بىلەيزۈكلەرنى سېلىش خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ ئادىتىگە ئايلانغان ھەم ئەقىدە ۋە گۈزەللىك قارىشى سىڭىپ كەتكەن بۇ ئادەت دەۋرىمىزگىچە يىتىپ كەلگەن.

بىز دەۋرىمىز قاشگەرلىك مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ جۇلالىتىش مەخسىدىدە دەۋرىمىزدىكى ۋە ئېلىمىز تارىخىدىكى خوتەن قاش بىلەيزۈكلىرىنىڭ بىر قىسىم تۈرى ۋە نۇسقىللىرىنى ئاۋامغا سۇندۇق.

قاش بىلەيزۈكلەرنىڭ تۈرى ناھايتى كۆپ بولۇپ ،ئۇنى تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە ئايرىش مۈمكىن

1.رەڭگىگە ئاساسەن

خوتەن ئاق قاش بىلەيزۈك

خوتەن-ئاق-قاش-بىلەيزۈك1

خوتەن چار قاش بىلەيزۈك

خوتەن-چار-قاش-بىلەيزۈك1

خوتەن شەربەت قاش بىلەيزۈك

خوتەن-شەربەت-قاش-بىلەيزۈك1

خوتەن قارا قاش بىلەيزۈك

خوتەن-قارا-قاش-بىلەيزۈك1

خوتەن كۆك قاش بىلەيزۈك

خوتەن-كۆك-قاش-بىلەيزۈك1

خوتەن كۆكۈش قاش بىلەيزۈك

خوتەن-كۆكۈش-قاش-بىلەيزۈك1

خوتەن يىشىل قاش بىلەيزۈك

خوتەن-يېشىل-قاش-بىلەيزۈك1

2.ئىشلەتكەن خام ماتىريالىغا ئاساسەن

خوتەن زىرە قاش بىلەيزۈك

خوتەن-زىرە-قاش-بىلەيزۈك1

خوتەن كان قاش بىلەيزۈك

خوتەن-كان-قاش-بىلەيزۈك1

خوتەن كان قاش بىلەيزۈك

خوتەن-كان-قاش-بىلەيزۈك21

3.شەكلىگە ئاساسەن

بالىلار بىلەيزۈكى

بالىلار-بىلەيزۈكى1

تولغىماچ بىلەيزۈك

تولغىماچ-بىلەيزۈك1

توم بىلەيزۈك

توم-بىلەيزۈك1

جاۋاھىرات پارا قىلىنغان بىلەيزۈكلەر

جاۋاھىرات-پارا-قىلىنغان-بىلەيزۈكلەر1

جاۋاھىرات-پارا-قىلىنغان-بىلەيزۈكلەر21

چاتما قاش بىلەيزۈكلەر

چاتما-قاش-بىلەيزۈك1

چاتما-قاش-بىلەيزۈك21 چاتما-قاش-بىلەيزۈك31 چاتما-قاش-بىلەيزۈك41 چاتما-قاش-بىلەيزۈك51

چاسا بىلەيزۈك

چاسا-بىلەيزۈك1

چوڭلار بىلەيزۈكى

چوڭلار-بىلەيزۈكى1

زىرە قاشلاردىن توقۇلغان بىلەيزۈكلەر

زىرە-قاشلاردىن-تۇقۇلغان-بىلەيزۈكلەر1

زىرە-قاشلاردىن-تۇقۇلغان-بىلەيزۈكلەر21 زىرە-قاشلاردىن-تۇقۇلغان-بىلەيزۈكلەر31

زەر ( ئالتۇن )  قاش بىلەيزۈكلەر

زەر-ئالتۇن-قاش-بىلەيزۈك1

زەر-ئالتۇن-قاش-بىلەيزۈك21 زەر-ئالتۇن-قاش-بىلەيزۈك31 زەر-ئالتۇن-قاش-بىلەيزۈك41

كاۋاك ئويما بىلەيزۈك

كاۋاك-ئويما-بىلەيزۈك1

نەقىشسىز بىلەيزۈك

نەقىشسىز-بىلەيزۈك1

نەقىشلىك بىلەيزۈك

نەقىشلىك-بىلەيزۈك1 نەقىشلىك-بىلەيزۈك21

ئىنچىكە بىلەيزۈك

ئىنچىكە-بىلەيزۈك1

تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرىلىشى،خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ گۈزەللىك قارىشى ۋە ئېھتىياجىنىڭ سەرخىللىشىشى ۋە كوھكەنلىرىمىزنىڭ لاھىيەلەش،تېخنىكا سەۋىيەسىنىڭ  ئېشىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ رەڭدار ،جۇلالىق قاش بىلەيزۈكلەر  ئىشلىنىپ ئاۋام خەلىققە سۇنۇلغۇسى.خوتەن قاشگەرلىك مەدەنىيىتىمىز تېخىمۇ جۇلالانغۇسى.

پايدىلانغان ماتىرياللار:

1.ئابدۈشكۈر مۇھەممەد ئىمىن  قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا

شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2002-يىل نەشىرى

2.قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ زىبۇ-زىننەت تاقاش ئادىتىگە نەزەر ناملىق ماقالە

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى

3.ئۇيغۇرلاردا شامانىزىم ناملىق كىتاپ

مىللەتلەر نەشىرياتى 2006-يىل نەشىرى

4.سۈرەتلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى: 中国出土玉器全集 ناملىق ئالتە قىسىملىق كىتاب

ۋە تور دۇنياسى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ