نامراتلار ئامىتىنى سىناپ كۆرۈشكە ئامراق،بايلار ئۆزىنىڭ جۇغلانمىسىغا تايىنىپ ئىش كۆرىدۇ
نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ
بىرىنچى كىتاپ
ئۈچىنچى باپ تۆتىنچى پارىگىراپ
نامراتلار ئامىتىنى سىناپ كۆرۈشكە ئامراق، بايلار ئۆزىنىڭ
جۇغلانمىسىغا تايىنىپ ئىش كۆرىدۇ
ھەر بىرئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس ئىدىيىسى بولىدۇ، بەزىدە ئادەم خىلمۇ – خىل خىياللارنى قىلىشتىنمۇ خالى بولالمايدۇ، بىراق كۈندە «ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاش» نى خام – خىيال قىلىش ئاقىلانىلىك ئەمەس.
ئېھتىمال بەزىلەر: «قانداق ئادەم دائىم ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يەيدۇ؟»،-دەپ سورىشى مۇمكىن .ئەمەلىيەتتە دائىم ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يىيىش نامراتلارنىڭ كۈندىلىك «دەرس» گە ئايلانغان، ئۇلار ئەمەلىي ھەركەت قوللىنىپ بايلىققا ئېرىشىشنى ئويلىمايدۇ، پەقەت ئامىتى كىلىپ پۇل تېپىشنىلا خىيال قىلىدۇ.مەسىلەن: بەزى قانۇنسىز يەر ئاستى قىمارخانىلىرىدا ھەمىشە نامراتلارنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئۇلار تەر تۆكۈپ تاپقان پۇللىرىغا قىمار ئوينايدۇ، لاتارىيە سېتىۋالىدۇ،ئۆزلىرىنىڭ كىنولاردىكى قىمار پادىشاھلىرىدەك بىردەمدىلا باي بولۇشىنى ياكى خەۋەرلەردىكىدەك ئىككى يۈەنلىك لاتارىيە بېلىتى بىلەنلا بايلاردىن بولۇپ كېتىشنى خام –خىيال قىلىدۇ. بۇ خىلدىكى ‹تەلەيلىك› بولۇشنى خام-خىيال قىلىش ئادىتى خۇددى «مايمۇننىڭ ئاسماندىكى ئاينى ئۈزۈشى» دەك كۈلكىلىك بولىدۇ.
نامراتلار بايلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى مۇھاكىمە قىلغاندا ھەمىشە مۇنداق بىر گەپنى ئېغىزىغا ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ: «ئۇلارنىڭ تەلىيى بار، بىراق مېنىڭ تەلىيىم كاج كەلدى.»نامراتلارنىڭ قارىشىچە تەلەي ھەممىنى بەلگىلەيدۇ. بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى، باي – كەمبەغەل بولۇشىمۇ ئامەتنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.ئۇلار گەپ – سۆزلىرىدىمۇ ئامەتنى ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپلا قالماستىن، يەنە ئىش قىلغان چاغدىمۇ بىردەمدىلا ئامەتلىك بولۇشنى ئويلايدۇ، ھەگىزمۇ بىر ئاز – بىرئازدىن بايلىق جۇغلاشنى ئويلىمايدۇ.
بىرئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا تەلەي ھەقىقەتەن بەلگىلىك رول ئوينايدۇ، بىراق بۇ خىل رولنى سۇبيېكتىپ جەھەتتىكى تىرىشىپ كۆرەش قىلىشقا سېلىشتۇرغاندا ھېچقانچە رول ئوينىيالمايدۇ. ئەگەر تەلەيگە ھەقىقەتەن ئىشەنگىلى بولسا، ئۇنداقتا ھەممە ئادەم خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغان بولاتتى.
جوۋ ئەپەندىم بىر زاۋۇتنىڭ ئادەتتىكى خىزمەتچىسى بولۇپ ، ئۇ جاپا تارتىپ بىر نەچچە يىل پۇل جۇغلاپتۇ. ئەتراپىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ سودا قىلىپ بېيىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭمۇ سودا قىلىپ پۇل تاپقۇسى كەپتۇ. ھەم خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ سودا قىلىشنى قارار قىپتۇ. بۇ ئەسلىدە ياخشى ئىش بولۇپ، نۇرغۇنلىغان نامرات كىشىلەر سودا قىلىپ بېيىش يولىغا ماڭغان ئىدى. دوستلىرى ئۇنىڭغا پۇل تاپىدىغان بىر نەچچە تۈرنى تونۇشتۇرۇپتۇ. بىراق جوۋ ئەپەندىم ‹بۇ تۈرلەرگە مەبلەغ سالسا پۇل تېپىشنىڭ سۈرئىتى ناھايىتى ئاستا بولىدىكەن، تىزرەك ھەم كۆپ پۇل تېپىشتا چوقۇم تەلەيگە تايىنىش لازىم › دەپ ئويلاپتۇ.
بۇ ئوي پەيدا بولغاندىن كىيىن، جوۋ ئەپەندىم تەرەپ – تەرەپلەرگە بېرىپ پۇل تېپىشنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئىزدەپتۇ. بىر قېتىم ئۇ دوستى ئارقىلىق خاڭجۇ شەھىرىدە ئوسما يىلتىزىنىڭ بازىرىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى، بىر بولاق ئوسما يىلتىزىنىڭ 50يۈەنگە چىققانلىقىنى بىلىپتۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، جوۋ ئەپەندىم ئوسما يىلتىزى سېتىشنى قارار قىپتۇ. ئۇنىڭ بىر تۇغقىنى دورا زاۋۇتىدا خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، جوۋ ئەپەندىم ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تايىنىپ 15 يۈەندىن 300 بولاق ئوسما يىلتىزى سېتىۋاپتۇ. ھەم ئەگەر ھەر بىربولاق ئوسما يىلتىزىنى 50 يۈەنلىك باھادا ساتالىسا، ئۇنداقتا 10000 يۈەندىن كۆپرەك ساپ پايدا ئالىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقىپتۇ. جوۋ ئەپەندىم ئوسما يىلتىزلىرىنى سېتىپ چىقىرىپ پۇل تېپىشنى ئويلاۋاتقاندا، گېزىتتىن ھۆكۈمەتنىڭ ئوسما يىلتىزىنىڭ باھاسىنى قالايمىقان ئۆستۈرگەن قارا نىيەت سودىگەرنى جازالىغانلىقىدەك خەۋەرنى كۆرۈپتۇ، جوۋ ئەپەندىم بۇنىڭدىن قاتتىق قورقۇپ كېتىپ سودا قىلىشقا جۈرئەت قىلالماپتۇ، نەتىجىدە جوۋ ئەپەندىم پۇل تاپالمايلا قالماستىن، يەنە قولىدىكى ئوسما يىلتىزلىرى سېتىپ چىقىرىلماي زىيان تارتىپتۇ.
جوۋ ئەپەندىم ئەسلىدە ئۆزىنىڭ قولىدىكى مەبلەغدىن پايدىلىنىپ كىچىك دۇكان ئاچسا ياكى باشقا مۇقىم تۈرلەرنىڭ سودىسىنى قىلىپ، ئاز – ئازدىن پۇل جۇغلىسا بولاتتى. بىراق ئۇ ئاچكۆزلۈك بىلەن پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ، ئاقىۋەتتە ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، بايلىقنى قوغلىشىش يولىدا ئامەت ھەقىقەتەن مۇئەييەن رول ئوينايدۇ. بىراق ئامەت تاسادىبى ئۇچراپ قالمىسىلا ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتمەسلىك كېرەك. تەلەيى ئوڭدىن كېلىپ ئامەت قۇشى بېشىغا قۇنىدىغان ئادەم ناھايىتى كەمدىن – كەم ئۇچرايدۇ.دائىم ئامەتكە ئۇچراپ قېلىشنى ئويلايدىغان خىيال پەرەس ،ھۇرۇن ئادەملەر ھەمىشە ۋەيران بولىدۇ.
باي بولۇشنى ئويلايدىغان كىشىلەر چوقۇم ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى توغرىلىشى، تىرىشىش ۋە جۇغلاشقا تايىنىپ بايلىققا ئېرىشىشى، ئۆزىنىڭ زېھنىنى قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە سەرپ قىلىشى كېرەك .ھەرگىزمۇ تاسادىبى ئامەتكە ئۇچراپ قېلىشنى ئويلاپ قول قوشتۇرۇپ تۇرۇشقا بولمايدۇ. ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق باي بولغان ئاشۇ بايلار جەزمەن ناھايىتى پەم-پاراسەتلىك ئەمەلىيەتچىلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار «ھەر قانچە ئىگىز بىنانىڭمۇ بىرخىش – بىر خىشتىن قوپۇرۇلغانلىقى» دەك قائىدىنى بىلىدۇ. ھەر قانداق چوڭ نەتىجىنىڭمۇ بىر قەدەم – بىر قەدەمدىن ئىلگىرلەش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى، ھەرگىزمۇ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە پەيدا بولۇپ قالمايدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ.
«ياشى» ئىچ كىيىملىرىنىڭ باش مۇدىرى خۇاڭ يۈسۇنىڭ مۇنداق بىر ئەقىليە سۆزى بار: «پۈتۈن زېھنى بىلەن بېرىلىش بولسا بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى ئالدىنقى شەرت،غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشتە چوقۇم بىر قەدەم – بىر قەدەمدىن مېڭىش كېرەك.»خۇاڭ يۈسۇنىڭ بايلىقلىرى دەل بىر قەدەم – بىر قەدەمدىن جۇغلانغان.
ئىگىلىك يارىتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە خۇاڭ يۈسۇ ئۆزىگە ‹ئىچ كىيىم سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىش› تىن ئىبارەت بىر چوڭ نىشان بېكىتىدۇ.
گەرچە ئاخىرقى نىشان بېكىتىلگەن بولسىمۇ، بىراق خۇاڭ يۈسۇنىڭ ئىگىلىك يارىتىش يولى قاتمۇ –قات قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان.چۈنكى ئۇنىڭدا پەقەت ئۈچ دانە كىيىم تىكىش ماشىنىسى ۋە ئىجارە ئالغان ئادەتتىكى ئۈچ ئېغىز ئۆيلا بار ئىدى. دەسلەپتە ئىچ كىيىم ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىغاندا، كىيىملەرنىڭ سېتىلىشى ناھايىتى ئاستا ئىدى.ئەسلىھەلەرنىڭ ئاددى بولۇشى بىر سەۋەب بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئەينى ۋاقىتتا زاۋۇتتا ئىچ كىيىم كەسپىنى چۈشىنىدىغانلار ناھايىتى ئاز ئىدى. ھالبۇكى خۇاڭ يۈسۇ بۇ قىيىنچىلىقلاردىن قورقۇپ قالمايدۇ، ئۇ ھەمىشە ئۆزىنىڭ كونا موتوسىكىلىتىنى مىنىپ جىنخۇا شەھىرىنى ئايلىنىدۇ، ھەمدە بىر قىسىم ئاۋات جايلاردىن سودىگەر ئىزدەيدۇ. توختىماي تىرىشىش ئارقىلىق ئۇ ئاخىرى بىر نەچچە سودىنى پۈتتۈرۈپ ئازراق پۇل تاپىدۇ.
خۇاڭ يۈسۇ ھەرگىزمۇ شۈكرى قىلدىغان ئادەم ئەمەس ئىدى. بىر يىلدىن كىيىن ئۇ ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىش ئۈچۈن 800 كۋادرات مېتىرلىق زاۋۇت ئۆيىنى ئىجارىگە ئېلىپ نەچچە ئون دانە تىككۈچىلىك ماشىنىسى سېتىۋالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇ دەسلەپكى قەدەمدە ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى خۇاڭ يۈسۇ تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتكەن، ئۇ شىركەتنىڭ ئىچ كىيىم لايىھەلىگۈچىسى ۋەتېخنىك خادىمى ئىدى، ھەتتا رېمونتچىلار قىلىدىغان ئىشنىمۇ قىلاتتى. ئۆزى رېمونت قىلالمايدىغان ئەسۋابلارغا دۇچ كەلگەندە، ئۇ بۇزۇلغان سايمانلارنى كۆتۈرۈپ، ئىچ كىيىمچىلىك بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان گۇاڭجۇغا ئاپىرىپ رېمونت قىلدۇراتتى. كىرا ھەققىنى تېجەش ئۈچۈن، ئۇ ۋاگوندا نەچچە سائەتلەپ ئۆرە تۇراتتى، ئەگەر زادى بولالمىسا ئورۇندۇقنىڭ ئاستىلىرىدا مۈگىدىۋالاتتى.
ئوزۇن ئۆتمەستىن، خۇاڭ يۈسۇ ياۋروپاغا تەكشۈرۈشكە بارىدۇ. بۇ سەپەر ئۇنىڭ نەزەر –دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدۇ. ياۋروپا ئىچ كىيىمچىلىكىدە لايىھەلەنگەن ئىچكىيىملەر ناھايىتى نەپىس بولۇپ، ئۇ تۇنجى قېتىم ئۆزى ئىشلەپچىقارغان ئىچ كىيىملەربىلەن خەلقئارا سەۋىيىدىكى ئىچ كىيىملەرنىڭ ناھايىتى چوڭ پەرقى بارلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئۇ ياۋروپادىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىچ كىيىمنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە قويۇپ، خەلقئارا سەۋىيە بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىشنى قارار قىلىدۇ.1997 – يىلى خۇاڭ يۈسۇ تۇنجى قېتىم چەتئەللىك خېرىدارنىڭ زاكاسىنى قوبۇل قىلىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ ماللىرى خەلقئارا بازارلارغا كىرىپ ،خۇاڭ يۈسۇنىڭ يانچۇقىدا چەتئەل پۇللىرى پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ.
كارخانا كۆلىمىنىڭ بارغانسىرى چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، كارخانا رەھبىرى سالاھىيىتىدىكى خۇاڭ يۈسۇ ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى ۋە نەزەر – دائىرىسىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈش لازىملىقىنى ھېس قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ پۇل خەجلەپ كارخانا دېرىكتورلىرى تەربىيلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ، رەھبەرلىك سەنئىتى ۋە سېتىپ چىقىرىش ئىستىراتىگىيىسىنى ئۆگىنىشكە كىرىشىدۇ. توختىماستىن تىرىشىش ئارقىلىق، ئۇ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىنى (EMBA ) تاماملايدۇ. خۇاڭ يۈسۇنىڭ كارخانىسى چوڭىيىپ زورايغاندىن كىيىن، ئۇ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، «ياشى» نىڭ يېڭىچە ئۆزىگە خاس بولغان 1 + 1 سېتىش شەكلىنى قوللىنىدۇ، ھەمدە شاڭگاڭدىكى كىنو ئارتىسى ۋېن شىلۇنى ئوبراز ۋەكىلى بولۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن «ياشى» شىركىتى دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلار ئىچىدە تۇنجى قېتىم چولپانلارنى ئوبراز ۋەكىللىكىگە تەكلىپ قىلغان كارخانا بولۇپ قالىدۇ. خۇاڭ يۈسۇنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا، پۇل خۇددى دوملىما توپقا ئوخشاش ئۇنىڭ كارخانىسىغا ئېقىپ كىرىپ 2006 – يىلىدىكى بىر يىللىق سېتىلىش مىقدارى بىر مىليارىد 600 مىليونغا يېتىدۇ.
بايلىق ھەرگىزمۇ قار گۈللىرىگە ئوخشاش ئاسماندىن چۈشمەيدۇ. ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قۇرۇق خىياللارنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ تەلەيدىن ئۈمىد كۈتكەندىن كۆرە،ئۆزى بىر ئاز – بىر ئازدىن ئىش قىلغان ئەۋزەل. ئۆزىڭىزنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋىتى ۋە كاپىتالىنى جۇغلاپ مۇئەييەن چەككە يەتكەندىن كىيىن بايلىق ئۆزلۈكىدىن كېلىشكە باشلايدۇ. يەنە ئەمەلىيەتچانلىق بىلەن ئىگىلىك تىكلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا پۇرسەتنى يارىتىش ۋە بايقاش، كەلگۈسىدىكى بايلىقلارنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇش كېرەك.
بايلىقنىڭ بايانى:
باي بولۇش چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، ئاۋۋال چوقۇم «تەلەيدىن ئۈمىد» كۈتۈشتەك پۇرسەتپەرەسلىك پىسخىكىدىن ۋاز كېچىش كېرەك. بولۇپمۇ جەمىيەتتە مەلۇم كىشىلەرنىڭ ئامىتى كېلىپ مىليونىرغا ئايلانغانلىقى ھەققىدىكى ئەپقاچتى گەپلەر پەيدا بولغاندا چوقۇم سوغۇققانلىق بىلەن تەھلىل قىلىش، يەنى بۇ گەپلەرنىڭ ئىشىنىشكە بولدىغان –بولمايدىغانلىقىغا، قانۇنلۇق ياكى ئەمەسلىكىگە، يامان غەرەزلىك پۇرسەت ئوغرىلاش قىلمىشى ياكى ئەمەسلىكىگە قاراش كېرەك. ئەڭ مۇھىمى چوقۇم ئۆزى مۇنداق ئېقىمغا ئەگەشمەسلىكى كېرەك.
ئۆزىنىڭ قولىدىكى بايلىق ۋە شارائىتنى تولۇق چۈشىنىش، ھەمدە بۇ شارائىتلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ ئۆزىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان مەبلەغ سېلىش تۈرىنى تاللاش، ئۆزىنىڭ بايلىق يولىغا بىر نىشان بەلگىلەش كېرەك. ئەمەلىيەت جەريانىدا توختىماستىن ئۆگىنىش،توختىماستىن ئۆزىنىڭ مېڭىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئۆزىنىڭ قالايمىقان مۇبالىغە قىلىش پىسخىكىسى ۋە ئىش قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئۆزىدە تېخنىكا ۋە بىلىم جۇغلانمىسى شەكىللەندۈرۈش، ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى بىر قەدەم – بىر قەدەمدىن يۈكسەلدۈرۈش كېرەك.
شۇنىمۇ تەكىتلەش كېرەككى، گەرچە تەلەيگە تايىنىش ئىشەنچىلىك بولمىسىمۇ، بىراق ئاران ئېرىشكىلى بولىدىغان پۇرسەت كۆرۈلگەندە ھەرگىزمۇ ئىككىلەنمەسلىك، قول سالدىغاندا قول سېلىش، كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە يوقاپ كېتىدىغان پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.
خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان
نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك ناملىق كىتاب
2014-يىلى ئەقىدە شىركىتى تەرجىمە قىلدى
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام