سودىدا رەقىبىڭىزنى يېڭىپ پايدا تېپىشقا كۆزىڭىز يەتسە چوقۇم قىلىڭ
جېجىياڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى
بەشىنچى باب
سودىدا رەقىبىڭىزنى يېڭىپ پايدا تېپىشقا كۆزىڭىز يەتسە چوقۇم قىلىڭ
*زىيان تارتالىغىدەك ئەپتىڭىز بولمىسا مۇنداق رىقابەتلىك سودىنى قىلماڭ،
يېڭىشكە كۆزىڭىز يەتسىلا چوقۇم ئىزچىللىقىڭىز بولسۇن
«ۋاخاخا»گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى زوڭ چىڭخوۋ ئىلگىرى: «بىر ئىشقا كۆزۈم يەتسىلا، مەن ھەرگىز ئارقامغا قايتمايمەن، مەيلى قانداق قىيىنچىلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مېنىڭ ئىشەنچىم كامىلكى، پەقەت ئىزچىل ئالغا ئىلگىرىلەش، ئەگرى يوللاردىن مېڭىپ بولسىمۇ چوقۇم نىشانغا يىتىپ بېرىش كېرەك.» دېگەن.
جېجىياڭلىقلارنىڭ تەپەككۇرىدا ئىزچىللىق بولسا بىر خىل ئىقتىدار ۋە ئۈمىد نۇرى. نۇرغۇن كىشىلەر ئىگىلىك تىكلىگەن ۋاقىتتا، بىردەم بۇنى، يەنە بىردەم ئۇنى قىلىشنى ئويلايدۇ، بىراق قىلغان ھەربىر ساھەسىدە بىر ئاز ۋاقىت قىلىپلا تاشلايدۇ،شۇنىڭ بىلەن مەڭگۈ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ.
ئەمەلىيەتتە، جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ تەرەققىيات جەريانى چىدامچانلىق ۋە ئىزچىللىق بىلەن كۆرەش قىلىش جەريانى، ئۇلار ئۈمىد بار، يېڭەلەيمىز دەپ قارىسىلا ۋاز كەچمەيدۇ. جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن كارخانىچىلار، مۇۋەپپەقىيەت ئەھلىلىرى بۇ خىل ئۇسۇلدا ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تارىخىنى يېزىپ چىققان، «ئەلىبابا» نىڭ قۇرغۇچىسى مايۈن دەل بۇنىڭ مىسالى.
2000 –يىلىنىڭ ئالدى – كەينىدە، ئېنتېرنىت تورىنىڭ تەرەققىياتى ئاستىلاشقا باشلىدى، بۇۋاقىتتا مايۈن باش شىتابنى يۇرتى جېجىياڭ خاڭجۇغا يۆتكەپ سودا نىشانىنى دۆلەت ئىچىگە قاراتتى.
بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا، مايۈن ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى ھەرگىز ۋاز كەچمىدى. قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇقلىرىدا ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان چاقىرىق بولسا:‹ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئۆزى غەلبە. بىز تورنىڭ جەزمەن قايتىدىن جانلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، پەقەت بىز ھايات بولساقلا ئۆز ئۈمىدىمىزنى يوقاتمايمىز.› بۇ خىلدىكى تىركىشىش روھىغا تايىنىپ،مايۈن ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى ئىزچىل داۋاملاشتۇرالىدى. «ئۇ ۋاقىتلاردا بىزنىڭ قىلدىغان ئاساسلىق ئىشىمىز بولسا ‹ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى› بولدى، ئېنتېرنىتنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان كۆز – قارىشىمىزنى، ئىشەنچمىزنى كۈچەيتتۇق. ئىككىنچىدىن،‹ياپونغا قارشى تۇرۇش سىياسىي ئۇنىۋېرسىتىتى›تەسىس قىلىپ، غول كادىرلارنى يىتىشتۈردۇق. ئۈچىنچىدىن، ‹نەننىۋەندە بوز يەر ئېچىش›ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ،باشقىلارغا ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزگە تايىنىپ بايلىق ياراتتۇق.» دېدى مايۈن.
ئۇ ۋاقىتلاردا مايۈن ناھايىتى ئىزچىللىق بىلەن تىركەشكەن بولۇپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۇنىڭ پىسخىكىسىدا مەسىلە بار، ساراڭغا ئوخشايدۇ دەپ ھېس قىلغان ئىدى. ئەمما مايۈننىڭ ھەمراھلىرى مايۈننى ھەقىقەتەن ئىرادىلىك، يىراقنى كۆرەركەن دەپ ئويلاشقا باشلىدى. «مېنىڭ دەسلەپتىلا باشقىلار بىلەن كارىم يوق ئىدى، ئەگەر كارىم بولغان بولسا، ‹ئەلى بابا›نىڭ بۈگۈنى بولمىغان بولاتتى. باشقىلار ئاللىقاچان بىزنى تىللاپ ئەبجىقىمىزنى چىقىرىۋەتتى.» دېدى مايۈن. باشقىلارنىڭ تەنقىدىگە دۈچ كەلگەن ۋاقىتتا، مايۈن «ئۆزىنىڭ يولىدا مېڭىش، باشقىلارنىڭ گېپىگە پەرۋا قىلماسلىق»يولىدا چىڭ تۇردى.
دەل مۇشۇنداق ئىزچىللىق روھى «ئەلى بابا» نى شۇ ۋاقىتتىكى زۇلمەتلىك ۋاقىتلاردىن قۇتۇلدۇردى. «ئېنتېرنىتنىڭ قەھرىتان ۋاقىتلىرى ناھايىتى تىز ئۆتۈپ كەتتى، ئەمما مەن ئۇنىڭ يەنە بىر يىل داۋاملىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم.» ئېنتېرنىت تورىنىڭ تەرەققىياتى ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان ۋاقىتتا، مايۈن ھەقىقەتەن بىرئاز قىيالمىدى. «مەندە شۇۋاقىتقا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان سىنئالغۇلار بار، مەن بارلىق خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىرلىكتە تەڭرىنىڭ بىزگە بۇ پۇرسەتنى بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز، بىزبۇنىڭدىن تىنىچلانغاندىن كىيىن، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن بىز قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز. 2001 – يىلىدىكى قىيىنچىلىق مەزگىلى بازارنى تېخىمۇ ئېچىۋەتتى.» دېدى مايۈن.
مايۈننىڭ قارىشىچە، ئېلېكترونلۇق سودا قىلشىتا چوقۇم ئاخىرىغىچە ئېلىپ چىقالايدىغان روھ بولۇشى كېرەككەن. ئۇ: «بىر تور بەتنى ياخشى قىلىشتا، ئەقىل – پاراسەتتىن، كوللىكتىپتىن پايدىلىنىش كېرەك. پۇلىڭىز ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ ھامان خەجلىنىپ تۈگەيدۇ.» دېگەن.ئوخشاش ۋاقىتتا قۇرۇلغان نۇرغۇن تور بېكەتلىرى ھالاكەتكە يۈزلەنگەن بولسىمۇ، مايۈن يەنىلا ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان. «ئەلى بابا» نىڭ ئىزچىللىق روھى بولغاچقىلا، ئۇنىڭ بۈگۈنكى غەلبىسى بولغان. سىرتقى مۇھىت ‹سوغۇق›بولسىمۇ، ئەمما بىز شىركەتنىڭ ئچىدىكى‹ ئىسسىقتا ›-بوشاشماي ئىلگىرلەش روھىمىز بىلەن تىرىشىپ كۆرەش قىلىشىمىز كېرەك.
ھازىرقى«ئەلى بابا» نىڭ قارمىقىدىكى «تاۋباۋ» سودا تورى ئاللىقاچان ئەڭ پۇل تاپىدىغان تور بېكەتلىرىگە ئايلاندى، تورئەزالىرىنىڭ ھەريىلى تاپشۇرىدىغان 60 مىڭ يۈەن ئەزالىق ھەققىگە تايىنىپ، ئۇلارناھايىتى ئاسانلا غەلبە قىلدى.
مايۈن ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت تەجىرىبىسى ئۈستىدە توختىلىپ: «مەن ئۆزۈمنى قەھرىمان دەپ ئويلىمايمەن، كاستوم كەيسەممۇ بەزىدە بىئارام بولىمەن. مېنىڭ كومپيۇتېر بىلىملىرىممۇ چەكلىك، ئېنتېرنىت تېخنىكىسىنى، تور بېكەتنىمۇ چۈشەنمەيمەن. مەن مەڭگۈ بەل قويۇەتمەيمەن، مېنىڭچە ھەر بىر ئادەم بۇ نوقتىنى ھىس قىلىپ ،بوشاشماي ھەركەت قىلالىسىلا، مەن بىلەن ئوخشاش %80 ئادەم چوقۇم غەلبە قازىنالايدۇ.» دېگەن.
مايۈن: «بىركارخانىنىڭ مەسئۇلىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئىزچىللىق، تەۋرەنمەس روھ ناھايىتى مۇھىم. 2002 – يىلى ‹ئەلى بابا›نىڭ ئەڭ ئازاپلىق يىلى. ئەينى يىلى، شىركەتتە ئەڭ مودا بولغان بىر سۆز بولسا ‹ھايات قېلىش›ئىدى، بىز ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرالىدۇق.نۇرغۇن ئادەم مېنىڭ مۇۋەپپەقىيەت گۆھىرىمنىڭ مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىك ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.» دېگەن.
جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى دەل مۇشۇ خىل نىشاننى بېكىتىپلا، توختىماستىن كۆرەش قىلىدىغان روھتىن كەلگەن.
نىڭبو بوداۋ پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە باش لىدىرى تۇ لىخۇا: «مېنىڭ ھەر جەھەتتەباشقىلاردىن كۈچلۈك بولۇشۇم ناتايىن، ئەمما مەن ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش جەھەتتە سىزدىن كۈچلۈك بولۇشۇم، دەل مۇشۇ نوقتا مېنى غەلبە قىلغۇچىغا ئايلاندۇرغان بولۇشى مۇمكىن.» دېگەن.
ۋەنكې گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ شىسې تاغقا يامىشىشنى مىسال قىلىپ ئىزچىللىقنىڭ مۇھىملىقىنى ىسۈپەتلىگەن: «تاغقا يامىشىش مەلۇم جەھەتتە كىشىلىك ھاياتنىڭ قىسقارتىلىشى ۋە ئۇزارتىلىشى. باشلانغاندا بىز دائىم نىشاننى ناھايىتى يىراقتا دەپ ھېس قىلىمىز،چۈنكى تاغقا چىقىش جەريانى ناھايىتى جاپالىق، ھېچقانداق قىزىقارلىق بولمىغاچقا،سىز ئارلىقتا ۋاز كېچىشنىمۇ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. تاغقا چىقىشتىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا بولسا ئىزچىللىق. تۇرمۇشمۇ دەل شۇنداق، نۇرغۇن ئىشلاردا بىز داۋاملاشتۇرالمايمىز،مۇۋەپپەقىيەت ۋە مەغلۇبىيەتنىڭ ئارلىقىمۇ ھەمىشە بىر قەدەملا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن،تاغقا چىقىش جەريانىنى ھاياتلىق يولى دەپ ئويلىسىڭىز ، سىز چوقۇم توغرا دەپ قارىغان ئىشنى ئىزچىل قىلىشىڭىز كېرەك. بىراق، تاغقا چىقىش پۈتۈنلەي تۇرمۇشقا ئوخشاپ كەتمەيدۇ،تاغقاا چىقىشتىكى نىشان ناھايىتى ئاددى، چىقىش بولمىسا چۈشۈش بولىدۇ. تۇرمۇش ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭدا نۇرغۇن تاللاشلار، نۇرغۇن ئېزىتقۇلار بار، بۇ بولسا كىشىلىك ھاياتنىڭ قىسقارتىلمىسى.» دېگەن.
بىر كارخانا ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ تۇرىدۇ، بۇ ئوڭۇشسىزلىقلار ھەمىشە كۆپ تەرەپلىمىلىك بولىدۇ، مەسىلەن: سىياسەتنىڭ تەسىرى،ئىقتىسادىي كىرىزىس قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان تاشقى تەسىرلەر. بۇنداق ۋاقىتتا مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سايىسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، پەقەت ئىزچىل تىرىشقاندىلا ئاندىن غەلبىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
كۆپچىلىك ھەممىسى «ئىزچىللىق – غەلبە» دېگەن ھېكىمەتنى بىلىدۇ، بىراق، رېئال تۇرمۇشتا ئۇنىڭغا ئەمەل قىلالايدىغانلار ناھايىتى ئاز، شۇ سەۋەبتىن ئاز سانلىق كىشىلەرل امۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ، كۆپ قىسىم كىشىلەر ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەيدۇ. خۇددى لى جىياچېڭ ئېيىتقاندەك: «ئىرادە بولسا بىر خىل روھ، ھەقىقىي ئىرادىسى بار كىشىلەرئۆزىنىڭ تۇرمۇش نىشانىنى ئېنىق بىلىدۇ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالايدۇ،كۈچكە ۋە ئۈمىدكە تولغان يۈرىكى بولىدۇ، پىرىنسىپنىڭ نېمىلىكىنى، ئەمەلىيەت ۋەھەقىقەتنى بىلىدۇ، جاسارەت ۋە ئېھتىياتچانلىقى كۈچلۈك بولىدۇ.»
ئۆزىڭىزمۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغانغا ئۈمىد بار دەپ قارىسىڭىزلا، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇڭ،شۇنداق قىلسىڭىزلا چوقۇم غەلبىگە ئېرىشەلەيسىز.
**كۈچىڭىزنى مۆلچەرلەڭ، قىلالمايدىغان ئىشلارغا ئېسىلماڭ
«ۋاخاخا»گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى زوڭ چىڭخوۋ: «مەن بىر خىل مۇقىم بولۇشقا مايىل. ‹ۋاخاخا›نىڭ بۇ ئون نەچچە يىللىق تەرەققىياتى ناھايىتى تىز، بىراق ناھايىتى مۇقىم. چۈنكى مېنىڭ بۇنداق بىر پىرىنسىپىم بار: ئۆزۈم قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق. دەل مۇشۇنداق بىر پىرىنسىپنىڭ يىتەكچىلىكى بولغاچقا، ‹ۋاخاخا›نۇرغۇنلىغان ئىشلارغا تەدبىربەلگىلىگەندە ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئاساس قىلىدۇ.» دېگەن.
كۆپ قىسىم جېجىياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ قارىشىچە، سودا قىلغان دەسلەپكى مەزگىلىدە، چوقۇم ئۆزى قىلالايدىغان ئىشلارنى تاللاش كېرەك، ئۆزى قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقابولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، كارخانىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ناھايىتى تەسكەتوختايدۇ.
2006 –يىلى، ۋېنجۇلۇق سودىگەر ۋاڭ ۋېيشېڭ ۋە ئۇنىڭ شىرىكى بىر قېتىمىلق خەتەرگە تەۋەككۈل قىلدى، ئۇلار زور مىقداردىكى پۇلنى دەسمىي قىلىپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۆلەتلىك تېلېۋېزىيە قانىلىنى (ئالادىر) سېتىۋالدى ھەمدە قانال نامىنى ئۆزگەرتىپ ئەرەپ ئەلى بابا سودا قانىلى دەپ ئاتىدى، ساڭ ۋيشېڭ باش مۇدىرلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.
2006 – يىلى8 – ئاينىڭ 2- كۈنى، ۋاڭ ۋېيشېڭغا نىسبەتەن بىر ئالاھىدە كۈن. ئەرەب ئەلى باباقانىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قويۇلغان ئىدى. ئەرەب ئەلى بابا سودا قانىلى ئاساسلىقى دۆلەت ئىچىدىكى مەھسۇلاتلارغا ئېلان ئىشلەپ بېرەتتى، ئۇ جۇڭگومەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرا شەرقتە تەشۋىق قىلىدىغان كۆزنەك ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرقىسىم مەخسۇس تېمىلىق پروگراممىلىرى بولۇپ، جۇڭگو مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇراتتى. ئۇئوتتۇرا شەرقتىكى جۇڭگولۇقلار تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان تۇنجى قانال ئىدى.
ۋاڭ ۋېيشېڭ«جەنۇب شەھەر گېزىتى» نىڭ مۇخبېرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «بۇ ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن مەن كۆپ ئويلىمىغان، پەقەت ناھايىتى قىلغۇم كەلگەن، بۇ مەن ئىزچىل قىلىشنى ئويلاشقان ئىش ئىدى.» دېگەن. ئەلۋەتتە، ۋاڭ ۋېيشېڭ بۇنىڭغا نىسبەتەن تولۇق تەييارلىق قىلغان. «بۇ ئاز بولمىغان مەبلەغ، قانداق قىلىپ يىنىكلىك بىلەن بۇ ئىشنى قىلغىلى بولسۇن؟ مەن بۇنىڭغا تولۇق تەييارلىق قىلدىم.» دېدى ئۇ. ئەرەب ئەلى باباسودا قانىلىنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ۋاڭ ۋېيشېڭ ئىشەنچكە تولغان ھالدا: «ئىشقىلىشتىن بۇرۇن مەن چوقۇم تولۇق تەييارلىق قىلىمەن، قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلمايمەن. بىراق پەرەز قىلغان ئىشلىرىمدا قەتئىي ئالدى – كەينى ئويلاپ ئولتۇرمايمەن، بۇنى چوقۇم قىلىش كېرەك، مەغلۇب بولساقمۇ قەھرىمان ھېسابلىنىمىز.»دېگەن.
ۋېنجۇلۇقلارنىڭ قارىشىچە، مەغلۇبىيەت دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس، ئاتالمىش مەغلۇبىيەت پەقەت ئۆزى ئىلگىرى ئېرىشىپ باقمىغان سودا تەجىرىبىسىگە ئېرىشىشتىن ئىبارەت. دەل بۇ خىل تەجىرىبىلەر سودا قىلىشنىڭ سىرىدىن ئىبارەت، بەزىدە پۇل خەجلەپمۇ سېتىۋالغىلى بولمايدۇ.
ھەربىرئادەمگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، سودا قىلىش باشقىلارنىڭ خىرىسىلىرىنى قوبۇل قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ. چۈنكى سىز ئىلگىرى ئۇچراپ باقمىغان نۇرغۇن ئىش ۋە ئادەملەرگەيولۇقىسىز، توختىماستىن چىقىۋاتقان بۇ مەسىلىلەر سىزنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىڭىزغامۇھتاج. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەمدىلا ئىش باشلىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، تاللىغان كەسىپ ۋە ئىشلار چوقۇم ئۆزى قىلالايدىغان دائىرى ئىچىدە بولىشى كېرەك، ئۆزى قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا بولمايدۇ.
ۋەنشىياڭ گورۇھىدىكى لۇ گۇەنچىيۇ ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە بولغان باھالارغا جاۋاب بېرىپ: « بىرىنچى، كۆپچىلىك پەقەت مېنى قەھرىمان دەپ كۆرىدۇ، بىراق مېنىڭ ئارقامدا سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە قوللىشى بار؛ ئىكىنچى، ھەرقانداق ئادەم تەبئىي قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلىپ بىر قەدەم ئالغا ئىلگىرىلەشنى ئويلايدىكەن،چوقۇم جاپا تارتىپ قالىدۇ؛ ئۈچىنچى، ئومۇمەن مېنىڭ چىشىم پاتمايدىغان، قىلىشقا مادارىم يەتمەيدىغان ئىشلارنى ھەرگىز قىلمايمەن.» دېگەن ئۈچ جۈملە سۆزنى قىلغان.
لۇگۇەنچىيۇ: «بىر كارخانىنىڭ غەلبە قىلىشىدىكى قانۇنىيەتلەرنى بايقاش ناھايىتى تەس،نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ئۇ پۇرسەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىراق مەغلۇبىيەتنىڭ قانۇنىيىتىمۇ بار، ئۇ بولسىمۇ سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىزدىن ئېشىپ كەتكەندە سىز مەغلۇب بولىسىز.» دېگەن.
ۋېنجۇلۇقلارئەزەلدىن دو تىكىشكە قىزىقمايدۇ، شۇڭا ۋېنجۇلۇقلارنىڭ ئارسىدا پايچەك ئوينايدىغانلار ناھايىتى ئاز. «ئازادلىق گېزىتى» ئىلگىرى «ۋېنجۇدا پايچېكى ئاقمايدۇ.» دەپ خەۋەر بەرگەن. بەلكى سىزمۇ غەلىتە ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن. بىراق،ۋېنجۇلۇقلارنىڭ سىزگە بەرگەن چۈشەنچىسى ناھايىتى ئاددى: تونۇشلۇق بولمىغانكەنمىز،ھەرگىز قىلمايمىز.
ئۆزى قىلالمىغان ئىشلارنى قىلماسلىق بىلەن «قىسقۇچپاقىنى تۇنجى قېتىم يىيىشكە جۈرئەت قىلىش» ھەرگىز ئۆز – ئارا زىددىيەتلىك ئەمەس.
«ئاۋۋال قول سېلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان» ۋېنجۇلۇقلار يېڭى شەيئىلەرگە نىسبەتەن ئېچىۋېتىلگەن ھالەتتە بولۇشنى، بازارچۈشەنچىسى بولۇشنى، سودا پۇرسىتىنى بايقاشنى ۋە جاسارەت بىلەن قىلىشنى بىلىدۇ. ئۆزى قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق بولسا -ئۆزىنىڭ نەرسىسىنى ئۆزى يېيىش، ئۆزىگە تەۋە بولمىغان نەرسىلەرنى قوزغاتماسلىقنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداقتا، ئەگەر بىر ئادەمدە يۈرەكلىك ھالدىكى تونۇش، تونۇۋالالايدىغان كۆز ھەم ئىشەنچ بولسىلا، مۇۋەپپەقىيەت ئۇنىڭدىن يىراقلىشىپ كېتەلمەيدۇ.
***سودىنى جانلىق قىلىش، توغرا چېكىنىش ۋە ئىلگىرىلەش
ھەممىلائادەم سودىنى بارغانسىرى چوڭ قىلىشنى ئويلايدۇ، ھېچكىممۇ ئاغزىغا ئالغان گۆشتىن ۋاز كېچىشنى خالىمايدۇ. بىراق، كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتكەندە، ناھايىتى ئاسانلاخەتەرگە سەل قاراپ، ئۆزىنى ئورەككە ئىتتىرىدۇ. سودا قىلغاندا چوقۇم سوغۇققان بولۇش كېرەك، بىردەملىك ھېسىياتقا تايىنىپ خاتا قارار چىقىرىشقا بولمايدۇ.
شۇسەۋەبتىن، سودا قىلغاندا چېكىنىشنىمۇ ھەم ئىلگىرىلەشنىمۇ بىلىش كېرەك. پايدىلىق پەيت كەلگەندە ئالغا ئىلگىرىلەش، خەتەرگە يولۇققاندا چېكىنىشنى بىلىش كېرەك،مۇشۇنداق قىلغاندا ئاندىن سودىنى ئوزۇن داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ. جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ بۈگۈنگە قەدەر غەلبە قىلىپ كېلەلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئىدىيىسى زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇلارنىڭ سودىدىكى مۇۋەپپەقىيىتى ئۇلارنىڭ سودا مەيدانلىرىدا ھەم چېكىنىشنى ھەم ئالغا ئىلگىرىلەشنى بىلىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ۋاڭ جېنياۋ تولۇقسىز 3 – يىللىقتىن باشلاپ ئائىلىسىدىكىلەرگە ياردەملىشىپ كىچىك سودا قىلىشقا باشلاپ، شال ئاقلاپ ساتىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا، باشقىلار 100 جىڭ شالدىن ھەمىشە 80 جىڭ شال ئاقلايىتتى، بىراق ئۇ دائىم 68 جىڭ ئاقلايىتتى. «بۇنداقتا ئاقلانغان گۈرۈچلەرناھايىتى پاكىزە بولۇپ قالماستىن، يەنە ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ يۇقىرى بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ گۈرۈچۈمنى سېتىۋېلىشنى خالايىتتى. بۇ ئىش مېنى بىر ‹كىچىك خوجايىن›غا ئايلاندۇرى. ۋاڭ جېنياۋ ئۆزىنىڭ ئۇسۇلىدىن ئىزچىل پەخىرلىنەتتى.
2000 –يىلى، ئوۋكاڭ ئىتالىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تارماق شىركەت قۇردى،ھەمدە سېدنىي ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىنى تونۇتتى. 2003 –يىلى ئوۋكاڭ ۋە ئىتالىيەدىكى داڭلىق ئاياغچىلىق كارخانىسى GEOX ھەمكارلىشىپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ ئاسىيا ۋە ياۋرو – ئامېرىكا رايونىدا سېتىلىدىغان مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا لايىھەلەش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولدى،ئىككى تەرەپ بارلىق تۈر ۋە بايلىق مەنبەسىدىن ئورتاق پايدىلناتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، ئوۋكاڭ يەنىلا ئۆزىنىڭ ماركىسىنى ئىشلىتەتتى. بۇنداقتا، ئوۋكاڭ ئۆزىنىڭ ماركىسىنى ساقلاپلا قالماستىن، يەنە GEOXشىركىتىنىڭ تېخنىكا ۋە ئۇسۇلىدىن پايدىلىناتتى.
جېجىياڭلىقلارنىڭ قارىشىچە، تىجارەتتە پۇرسەتكە قاراپ ئۆزگىرىش، جانلىق تىجارەت قىلىش، جايىدىن – جايىغا سەكرىمەسلىك كېرەك. شېڭدا گورۇھىدىكى چېن تىيەنچىياۋ دەل كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئويۇن دەپ قارىغان نەرسىلەردىن پايدىلىنىپ بايلىققا ئېرىشكەن ۋە سودا ساھەسىدىكى گىگانىتقا ئايلانغان.
بىرمۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ قابىليىتى بەك يۇقىرى بولۇشى ناتايىن، بىراق ئۇنىڭدا چوقۇم ئەقىل – پاراسەت بولۇشى كېرەك، ئەمما ئەقىل – پاراسەت ھەرگىز كىتابتىكى ئۆلۈك نەرسىلەر ئەمەس، بەلكى ئىشلەتكىلى بولىدىغان نەرسىلەر. ئۈمىد گورۇھىدىكى چېن يۈشىننىڭ ئېيىتقىنىدەك: «ئەقىل ھەرگىزمۇ قولدىكى نەرسىنى ئوينىتىش ئەمەس، ئۇ پەقەت بىر خىل توغرا بولغان تەپەككۇر شەكلى، مەشغۇلات ئۇسۇلى ۋە ئىش بېجىرىش شەكلى،ھەتتا بىر خىل ئاشكارىلاشقا بولىدىغان نەرسە.»
تىجارەت قىلغاندا تەپەككۇر جەزمەن ئوچۇق بولۇشى كېرەك. كارخانا قۇرماقچى بولغان ئادەمنىڭ تەپەككۇرى جەزمەن ئۆتكۈر ۋە سەزگۈر بولۇشى كېرەك. پايدىلىق شارائىتتا چوقۇم ئىلگىرىلەشنى بىلىش؛ ئەكسىچە بولغاندا، «ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يىمەسلىك»، مۇۋاپىق بولۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
جېجىياڭ يىۋۇلۇق سودىگەر دىڭ گۇاڭخۇا ئىلگىرى يىپ – يىڭنە سېتىپ باققان، كىيىن ئۇمېخانىكىلىق سائەتلەرنى، ئېلېكترونلۇق سائەتلەرنى، يەنە كومپيۇتېر، يانفۇن،ھېسابلىغۇچ قاتارلىقلارنى سېتىپ باققان. 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، ئۇ پۇرسەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ، كېلەچىكى ياخشى بولمىغان شىركەتلەرنى ئىزچىل تاقاپ، ئىلگىرى –كىيىن 100 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلات سېتىپ باققان. دەل مۇشۇنداق جانلىق سودا شەكلى،دىڭ گۇاڭخۇانى چوڭ تىپلىق كومپيۇتېر، رەڭلىك تېلېۋېزور مەخسۇس سېتىش شىركىتىنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندۇرغان.
بەزىلەربۇرۇن ئەلى بابانىڭ قۇرغۇچىسى مايۈندىن: «ھەممەيلەن جېجىياڭلىقلارنى تىجارەتكەماھىر، ئەقىللىق دېيىشىدۇ، سىز قانداق قارايسىز؟» سەپ سورىغان.
مايۈن:«جېجىياڭلىقلارنىڭ ئىگىلىك يارىتىش روھىنى رەڭگارەڭ ماشىنا ئىسكىلاتى مەدەنىيىتىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ، يەنى كاللىسى ئوچۇق، يېڭى نەرسىلەرنى ئاسان قوبۇل قىلالايدۇ ۋەناھايىتى ئەمەلىيەتچىل.» دەپ جاۋاب بەرگەن.
ھازىر پۈتۈن دۇنيانىڭ قايسى جايلىرىدا جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ ئاياغ ئىزى يوق؟جېجىياڭلىقلارنىڭ سودا لوگىكىسى بولسا يىنىك تىجارەت قىلىش، مەبلەغنىڭ تىزئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئەگەر سىز 10 جېجىياڭلىقتىن نېمە ئىش قىلدىغانلىقىنى سورىسىڭىز، جەزمەن توققۇزى سودا قىلىمەن دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
«جېجىياڭلىق سودىگەرلەر پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ تاۋارلىشىشىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. باشقا جايلاردا سىز بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ پروفىسسورلىرىنى چۆرىدەپ تۇرغانلىقىنى كۆرەلمەيسىز. مەنمۇ بىر جېجىياڭلىق، ئۇلار بىلەن ئورتاق تەرەپلىرىم بار. گەرچە مېنىڭ بويۇم پاكار، ئورۇق بولساممۇ، كاللامنىڭ باشقىلاردىن كىيىن قالدىغان تەرىپى يوق.»
«جەڭ سەپلىرىنىڭ شەكلى يوق، سۇنىڭمۇ ھەم شۇنداقتۇر.» بۇ شاڭ سۇلالىسى سەۋرىدىكى جەڭ ئۇسۇلى، يەنە كېلىپ بۈگۈنكى جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ پۇل تېپىش پىرىنسىپى.
جېجىياڭلىق سودىگەرلەر دەل شۇنداق. ئۇلار باشقىلارنىڭ گەپلىرىگە ئېرەن قىلىپ كەتمەيدۇ، نېمەئىش قىلىشتىن قەتئىينەزەر ئۇلار ئۆزلىرى ھېس قىلىپ بېقىشنى ياختۇرىدۇ، قىلالىسا قىلىدۇ ۋە ۋاز كەچمەيدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى ئىپادىلەپلا قالماستىن، جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ تەپەككۇرىنىڭ جانلىقلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى.
ئەقىل –پاراسەت جۇڭگولۇقلارنىڭ كاللىسىغا قاچىلانغان، پۇل يەھۇدىيلارنىڭ يانچۇقىغاقاچىلانغان. ئەقىللىق جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ «شەرقتىكى يەھۇدىيلار» دەپ ئاتلىشىدىكى سەۋەب، دەل ئۇلارنىڭ ئەقىللىق كاللىسىنىڭ بولغانلىقىدا. جېجىياڭلىقلارسودا قىلغاندا كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەيدۇ، شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ؛ شارائىت پىشىپ يىتىلمىگەندە چېكىنىشنىمۇ بىلىدۇ. بۇ خىلدىكى چېكىنىش ۋە ئىلگىرىلەشنىڭ ئارقىسىغا جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ ئەقىل – پاراسىتى يوشۇرۇنغان.
**** ئۆزىنىڭ نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىش، ئاندىن قول
سېلىش كېرەك
جېجىياڭنىڭ سودا چەمبىرىكىدە مۇنداق بىر جۈملە سۆز ئېقىپ يۈرمەكتە : «ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ نېمە ئىش قىلىشىنى بىلمىسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى مۇنداق سودىغا ئاسانلىقچە كىرىشمەڭ.» لىيەنشاڭ گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى ياڭ يۈەنچىڭ:«مېنىڭچە ياخشى قىلىش ۋە قىلالماسلىق ئاساسلىقى ئىككى نوقتىغا باغلىق: بىرىنچى،زادى ئويلاپ يەتتىمۇ – يوق؛ ئىككىنچى، قىلغاندا قەتئىيلىك بىلەن قىلدىمۇ – يوق،قىلغانلىرى ئەتراپلىقمۇ – ئەمەسمۇ.» دېگەن.
ھەرقانداق بىر كارخانىچىغا نىسبەتەن، كارخانىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كەم بولسا بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ نىشانىنى تاۋلاش ۋە ئۆزىگە بولغان تونۇش ۋە ئىشەنچنى كۈچەيتىش كېرەك. جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ غەلبىسى«ئۆزىنىمۇ بىلىش ئۆزگىنىمۇ بىلىش» دىن كەلگەن.
ئەگەر سىزتىجارەت قىلىشنى ياكى ئىگىلىك يارىتىشنى ئويلىسىڭىز، چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ نېمە ئىش قىلدىغانلىقىڭىزنى، نېمە ئىش قىلالايدىغانلىقىڭىزنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىڭ، بۇ سىزنىڭ ئىگىلىك يارىتىش يولىڭىزغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم. پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ نېمە قىلدىغانلىقىڭىزنى ئايدىڭلاشتۇرۋالغان ۋاقىتتىلا، سىز ئاندىن ئېرىشمەكچى بولغانلىرىڭىزغا ئېرىشەلەيسىز.
جېجىياڭلىق سودىگەرلەر «ئۆزىنى بىلىش» نى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئاۋۋال ئۆزىنى چۈشىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇلار تىجارەت قىلىشنى ياكى ئىگىلىك يارىتىشنى ئويلىغان چاغدا، چوقۇم ئۆزىنىڭ نېمە ئىش قىلدىغانلىقى، نېمە ئىش قىلالايدىغانلىقى قاتارلىق سودىدىكى ئۆزىنى قاچۇرغىلى بولمايدىغان مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۋالىدۇ. پەقەت بۇمەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۋالغاندىلا ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ. ئەلىبابانىڭ قۇرغۇچىسى مايۈن: «كارخانا قۇرۇشتا چوقۇم كارخانىچى ئۆز-ئۆزىدىن ‹مەن نېمە ئىش قىلالايمەن؟ نېمەقىلىشىم كېرەك؟› دەپ سوراش كېرەك. مەن بۈگۈن كۆپچىلىككە شۇنداق بىر مەسىلىنى ئېيىتماقچى، يەنى كارخانىچىلار ئۇچرايدىغان مەسىلىلەر ناھايىتى كۆپ، ئەمما سىزئۆزىڭىزنىڭ بىرىنچى كۈنى نېمە ئىش قىلدىغانلىقىڭىزنى بىلىشىڭىز كېرەك.» دېگەن.
ئەينى يىلى،بەينىيەنچېڭ گورۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋۇ يۈنچىيەن ئۆي – مۈلۈكچىلىككە مەبلەغ سالغان ۋاقىتتا، ناھايىتى خەتەرلىك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىراق مۇشۇتەدبىر ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈردى.
ئەينى ۋاقىتتا، سودا يەر – مۈلۈكچىلىكى بىردىنلا مەبلەغ سېلىشتىكى قىزىق نوقتىغا ئايلاندى، رىقابەت ناھايىتى كەسكىن ئىدى. ۋۇ يۈنچىيەن ئۆزىنىڭ تۇنجى سودا يەر –مۈلۈكچىلىكى كەسپى – بەينىيەنچېڭنى باشلىدى. «مەن دۇنياۋىي ماركىدىكى نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان باشلىنىش نوقتىسىنى تاپالمىغانلىقىنى، مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىنى ۋال كوچىسى ۋە شاگېر كوچىلىرىغا قۇرماقچى بولغانلىقىنى كۆرگەن چاغدا، مەن پۇرسەتنى تاپتىم.»
ئۇزۇن ئۆتمەي، بەينىيەنچېڭ ۋېنجۇ شەھەرچىسىنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ قېتىم، ۋۇ يۈنچىيەن ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى ئاۋام خەلققە كۆز تىككەنلىكىنى بىلەتتى. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، ۋۇ يۈنچىيەننىڭ قارارى توغرا بولغان، بۇ ئىككى تۈرنىڭ ھەممىسى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. بۇ ئۇنىڭ نىشاننى ئېنىق قىلىدىغان روھىدىن ئايرىلالمايدۇ.
ئۆزىنىڭ غەلبىسى توغرۇلۇق توختالغاندا: «مەن ئۆزۈمنىڭ نېمە قىلىشىم كېرەكلىكىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىمەن! ھازىر دالىيەندە كۆپلىگەن مەغلۇب بولغان سودا تۈرلىرى بار، سەۋەبى ئۇلار ئۆزىنىڭ ئورنىنى، نېمە ئىش قىلدىغانلىقىنى بىلمىگەن.» دېدى.
ئادەمنىڭ ھاياتىدا دائىم نۇرغۇن پۇرسەتلەر ئۇچرايدۇ، بۇ پۇرسەتلەر بىزنىڭ قارارچىقىرىشىمىزغا باغلىق، بۇ چاغدا ئۆزىنىڭ نېمە ئىش قىلدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ناھايىتى مۇھىم. سىز ئۆزىڭىزنىڭ نېمە ئىش قىلالايدىغانلىقىڭىزنى بىلگەندە، بۇئىشنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلگەندە، بۇ ئىشنى ناھايىتى ئاسانلا قىلغىلى بولىدۇ.
جېجىياڭسودىگەرلىرى دەل مۇشۇنداق، ھەممە تەرەپتىكى ئېھتىماللىقلارنى ئويلاپ بولغاندىن كىيىن، ئۇلار ئاندىن پۈتۈن كۈچى بىلەن قىلىشقا ئاتلىنىدۇ، مۇنداق بولغاندا كۆرۈلۈش مۇمكىنچىلىكى بولغان مەغلۇبىيەتلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
خۇددى شېڭدا گورۇھىدىكى چېن تىيەنچىياۋنىڭ ئېيىتقىنىدەك: «سىز بىر ئىشنى قىلىشنى ئويلاشسىڭىز،ھەمدە بۇ ئىشنى قىلىشنى ياختۇرسىڭىز، مېنىڭچە سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىزناھايىتى ئاسان. ئەگەر سىز ئۆزىڭىز ياخشى كۆرمەيدىغان ئىشنى قىلۋاتقان بولسىڭىز،ھەمدە ئەستايىدىللىق بىلەن قىلمىسىڭىز، سىزنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى غەلبىگە ئېرىشىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس.»
*******************
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى:رەيھانگۈل نىزام
مەنبە:بېيجىڭ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋىرستىتى2013-يىلى 6-ئايدا نەشىر قىلغان خەنچە ‹‹ جېجاڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى››ناملىق كىتاب
2015-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى