زىبۇ-زىننەتتىن ئايرىلالمايدىغان ھىندىستان ئاياللىرى
باش ماقالە تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمدىلا ئاياقلاشقان 2015-يىللىق ھىندىستان خەلقئارا زىبۇ-زىننەت ھەپتىلىكى (iijw) دىكى كۆرگەزمە قىلىنغان زىبۇ-زىننەت. ھىندىستان بولسا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زىبۇ-زىننەت ئېكىسپورت دۆلىتى، ھىندىستان ئاياللىرىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، «ھەرقانچە نامرات بولسىمۇ زىبۇ-زىننەت تاقاش كېرەك» بۇ كىشلىك ھاياتنىڭ قائىدىسى.
ھىندىستاندا 1966-يىلى قۇرۇلغان «زىبۇ-زىننەت ئېمپورت-ئېكىسپورت كومىتىتى» (GJEPC) دەپ ئاتىلىدىغان تەشكىل بار، يەنى ھىندىستان خەلقئارا زىبۇ-زىننەت ھەپتىلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىسى.
2014-يىلى، سونام كاپۇر خەلقئارا زىبۇ-زىننەت ھەپتىلىكىگە قاتناشقان.
بوللىۋودتىكى كۆپلىگەن چولپانلارنىڭ ھەممىسى خەلقئارا زىبۇ-زىننەت كۆرگەزمە ھەپتىلىكىگە قاتنىشىدۇ، مەسلەن GJEPC نىڭ ئوبراز ئەلچىسى سونام كاپۇر.
2015-يىلى، سونام كاپۇر خەلقئارا زىبۇ-زىننەت ھەپتىلىكىگە قاتناشقان.
سونام كاپۇر داڭلىق بوللىۋودچە جەمەتتە تۇغۇلغان، ھىندىستاندىكى داڭلىق ئارتىس ئانىل كاپۇرنىڭ قىزى، ئانىل كاپۇر بولسا «نامراتلار مەھەللىسىدىكى مىليونىر» ۋە «ئىمكانسىز ۋەزىپە 4» نىڭ باش رولچىسى. ئۇنىڭ ئانىسى سۇنىتا كاپۇر بىر مودا لاھىيەلىگۈچى. 2009-يىلى ئۇ «شەخىس» ژۇرنىلى ھىندىستان نۇسخىسى ئەڭ قالتىس كىيىنگەن چولپان نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن.
بۇ يىل ئۇ يېشىل تاش رەڭلىك Michael Costello نىڭ مۇراسىم كىيىمىنى كىيىپ، ئالماس بىلەيزۈك، يېشىل تاش ھالقا، يېشىل تاش ئالماس ئۈزۈك تاقاپ (Gitanjali Gems) گىتانجالى گوروھى ئۈچۈن كۆرگەزمىدە ماڭدى.
ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ ئوبراز ئەلچىسى بولغانلىقتىن، ئۇ يەنە ھىنسىتاننىڭ كونا زىبۇ-زىننەت ماركىسى Birdhichand Ghanshayamdas تەمىنلىگەن زىبۇ-زىننەتنى تاقاپ بۇ يىللىق زىبۇ-زىننەت ھەپتىلىكىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
بوللىۋودتىكى يەنە بىر داڭلىق ئايال ئارتىس جۇھى چاۋلا قىزىل رەڭلىك ئۇزۇن كۆينەك كىيىپ، ئەنئەنىۋى ئالتۇن زىبۇ-زىننەت تانشىقنى تاقىغان.
كىشلەر تەرىپىدىن «ئەڭ چىرايلىق بوللىۋود ئايال ئارتىسىنىڭ بىرى » دەپ تەرىپلەنگەن چىترانگادا سىنگى تەننازلىقنى مۇجەسسەملىگەن ھىندىستانلىق ئايال.
سانىيا مىرزا ھىندىستاننىڭ ئەنئەنىۋى كىيىمى سارىنى كىيىپ، piece نىڭ چوڭ كۈمۈش زىبۇ-زىننىتىنى تاقىغان.
مەنبە : نۇر تورى