تاتلىق سۇ مەرۋايىتى
مەرۋايىت ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىلەر ( 3 )
ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم يازمىسى
مەرۋايىت ________ پۈتۈن دۇنيا خەلقى قەدىمدىن ھازىرغىچە ئورتاق ياخشى كۆرۈپ ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان بىر تۈرلۈك جاۋاھىرات بولۇپ ، چىقىش ئورنىغا قاراپ تاتلىق سۇ مەرۋايىتى ۋە تۇزلۇق سۇ مەرۋايىتى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ . بىز مەزكۇر ماقالىمىزدە تاتلىق سۇمەرۋايىتى ھەققىدە توختىلىمىز .
تاتلىق سۇ مەرۋايىتىمۇ تۇزلۇق سۇ مەرۋايىتىغا ئوخشاشلا قۇلۇلىنىڭ بەدىنىدىن چىقىدۇ . ئادەتتە نورمال شارائىتتا قۇلۇلە تېنىدە ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە يېتىلگەندىن كېيىن ئايرىۋېلىنىدۇ.قۇلۇلە تېنىدە تۇرغان ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا ،مەرۋايىتلارنىڭ سۈپىتى شۇنچە ياخشى بولىدۇ.قۇلۇلىنى يېرىپ ئىسسىق ھارارىتى تېخى يوقىمىغان قۇلۇلە تېنىدىن قاتتىق ھەم پاقىراق مەرۋايىتلار ئايرىۋېلىنىدۇ.
تاتلىق سۇ مەرۋايىتى ____ تاتلىق سۇ كۆللىرىدە بېقىپ ئۆستۈرىلىدۇ ياكى تەبىئىي ھالدا ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە سۇدا - قۇلۇلە تېنىدە يېتىلىدۇ .
تاتلىق سۇ مەرۋايىتىنى يىتىشتۈرۈش قولاي بولۇپ، تاتلىق سۇ كۆللىرىدە بېقىلىۋاتقان قۇلۇلىلەر قاراتمىلىقى بولغان ھالدا مەخسۇس بېقىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۆسۈپ يېتىلىشىمۇ تۇزلۇق سۇ شارائىتىدا يىتىلىدىغان قۇلۇلىلەرگە قارىغاندا تېز بولىدۇ. ھازىرقى تاتلىق سۇ مەرۋايىتلىرى ئاساسەن قۇلۇلىنى تېخنىكىلىق تەلەپ بويىچە بېقىش ئارقىلىق يىتىلدۈرىلىدۇ .
تاتلىق سۇ مەرۋايىتى ئاق ، قىزغۇچ ، سۆسۈن ، ساغۇچ ، قىزىل ،قارا .... قاتارلىق رەڭلەردە بولۇپ جۇڭگۇ بازىرىدا ئاق ، قىزغۇچ ، سۆسۈن رەڭدىكىلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ ، قىزىل ۋە قارا مەرۋايىت ناھايىتى ئاز چىقىدۇ . مەرۋايىت زىننەت بۇيۇملىرىدىن باشقا تىبابەت ئىشلىرىغىمۇئىشلىتىلىدۇ .
2015-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى