A-A+

نامراتلار قىيىن شارائىتتا ئۈمىدسىزلىنىدۇ،بايلار قىيىن شارائىتتىمۇ ئۈمىد ئۈزمەيدۇ

2015-يىل 3-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 246 قېتىم

نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇtimg

 بىرىنچى كىتاپ 

ئۈچىنچى باپ ئونىنچى پارگىراپ

نامراتلار قىيىن شارائىتتا ئۈمىدسىزلىنىدۇ، بايلار قىيىن شارائىتتىمۇ ئۈمىد ئۈزمەيدۇ


ئادەمنىڭ ھاياتلىق يولىنىڭ ھەمىشە راۋان بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ھەمىشە قىيىنچىلىق، ئۇنداق ياكى مۇنداق ئوڭۇشسىزلىق ئۇنىڭغا ھەمرا. بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقى شادىمان،ئازادە ۋاقىتلاردىلا ئىپادىلىنىپ قالماستىن، كۆپۈنچە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان، باشقا كۈن چۈشكەن ۋاقىتلاردا روشەن ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ.

ئوخشاش مۇھىتتا، نامراتلارنىڭ قىيىنچىلىق ئىچىدىن كۆرىدىغانلىرى بولسا ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈردىغان ھالەت، ئۇلار پەقەت ئۆزىگە پايدىسىز بولغان تەرەپنىلا كۆرىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئۇلار بالدۇرلا تەسلىم بولۇپ تىرىشىشتىن ۋاز كېچىدۇ. ئەكسىچە بايلارنىڭ قىيىنچىلىق ئىچىدە تۇرۇپ كۆرىدىغىنى ئۈمىد ۋە پۇرسەت بولۇپ،  ئۇلار قىيىنچىلىق ئىچىدىمۇ پۇرسەت ئىزدەشنى توختىتىپ قويمايدۇ.

بۈگۈنكى جۇڭگودىكى تەسىر كۈچى كۈچلۈك بولغان ئون چوڭ باينىڭ بىرى، بېيجىڭ دايىن پەن –تېخنىكا تەرەققىيات باش شىركىتىنىڭ لېدىرى جاڭسەن دەل شۇنداق بايلارنىڭ تىپىك ۋەكىل.

جاڭسەن 1965– يىلى بېيجىڭدىكى بىر ھەربىي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. 1982 – يىلى ئۇ ئەلا نەتىجە بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتىتىغا ئوقۇشقا كىرىپ خەلقئارا سىياسىي فاكولىتىتىدا ئوقۇغان.

ئالىي مەكتەپ ھويلىسىغا كىرگەن جاڭسەن ھەر قايسى پائالىيەتلەرنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىسى ئىدى. ئۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىغا ئېرىشىپلا قالماستىن، يەنە ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى مەدەنىيەت بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقلىقىغا سايلىنىپ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولغان. گۈزەل كەلگۈسى جاڭسەنگە قاراپ قۇچاق ئاچقان.

ھالبۇكى«ئالەمدە بوران – چاپقۇن بولۇپ تۇرىدۇ، ئادەمدە كۆڭۈلسىزلىك بولۇپ تۇرىدۇ » دىگەندەك ، جاڭسەن ئۈچىنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقاندا بەزىلەر ئۇنىڭ ئۈچ يىل ئىلگىرىكى بىرىنچى قېتىملىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا شەرقى شىمالدىكى مەلۇم مەكتەپكە ئۆتۈپ ئەمما بارمىغانلىقىنى، ئىككىنچى يىلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتىتىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەنلىكىنى پاش قىلغان. ئەينى ۋاقىتتىكى بەلگىلمىگە ئاساسەن، ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ تۇرۇپ بارمىغان ئوقۇغۇچىلار بىر يىل ئىمتىھان بېرىشتىن توختىتىلاتتى.

مەكتەپ بۇ خەۋەرنى بىلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى بېكار قىلىپ، ئۇنىڭغا ئوقۇشتىن چېكىنىش بۇيرۇقى بەرگەن. بۇ ئىش ئەينى ۋاقىتتا توختىماستىن يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان جاڭسەنگە ئېغىر زەربىلەرنى ئېلىپ كەلگەن. ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ ئىشنىڭ تېگىگە يىتەلمەي ئەخمىقانە ئىش قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپمۇ قالغان. ھالبۇكى قىيىنچىلىق ئىچىدە تۇرۇپمۇ جاڭسەننىڭ روھى چۈشمىگەن، ئۇ ناھايىتى تىزلا روھلىنىپ ئىرادىسى تېخىمۇ كۈچەيگەن. ئۇ دائىم ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئۆز – ئۆزىگە شۇنداق دەيىتتى: «چوقۇم كۈچلۈك بولۇش كېرەك، پەقەت تىرىشىپ ئۆگەنگەندىلا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتىتىدىكى باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارقىدا قالمايمەن.»

1986 – يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ساۋاقداشلار ھەممىسى دىپلومغا ئېرىشكەن، ھەمدە كۆپ قىسىمى مەركەزدىكى ئورگانلارغا خىزمەتكە چۈشكەن، بىراق جاڭسەن پەقەتلا بىر نىپىز ئىسپات قەغىزىگە ئېرىشكەن. گەرچە نەتىجىسى ياخشى بولسىمۇ، بىراق ئىلگىرىكى ئىش سەۋەبلىك مەكتەپ ئۇنى خىزمەتكە بۆلمىگەن. ئەينى ۋاقىتتىكى جاڭسەن ئاللىقاچان قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆزىنى تاۋلىغان؛ ئۇ  خىزمەتكە بۆلۈنمىگەنلىك سەۋەبلىك ئەكسىچە ئۆزىنىڭ پۇرسىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولىدىغانلىقىنى، چىقىش يولىنىڭمۇ كەڭرى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان.

بىر تۇتاش خىزمەتكە تەقسىم قىلىنمىغان جاڭسەن مەكتەپتىن ئايرىلىپلا جۇڭ گۇەنسۈنگە بېرىپ خىزمەت ئىزدەشنى باشلىغان، ئەمما ھەممىلا يەردە رەت قىلىنىشقا ئۇچرىغاندىن كىيىن، ئۇ ئۆزى ئىگىلىك يارىتىش قارارىغا كەلگەن. ئىگىلىك يارىتىشنىڭ دەسلىپىدە، جاڭسەن نۇرغۇنلىغان ئويلاپمۇ باقمىغان قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىققا دۇچ كەلگەن، بىراق ئۇ قىيىنچىلىقتىن قورقۇپ قالمىغان،ئەكسىچە ئۆزىنىڭ قەتئىي ئىرادىسىگە تايىنىپ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇپ چىققان.

1992 – يىلى جاڭسەن ھازىرقى دايىن شىركىتىنى تىزىمغا ئالدۇرغان. ئۇ بۇ قېتىم كۆپ يىللىق ئىگىلىك يارىتىش تەجىرىبە – ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، شىركەتنى باشقۇرۇشقا مەخسۇس خادىم تەكلىپ قىلغان. ئۈنۈملۈل تىجارەت باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئاستىدا، شىركەت ناھايىتى تىزلا بىر قىسىم چوڭ تۈرلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىققان. 1994 – يىلى دايىن شىركىتى كاڭبەي شىركىتىنىڭ ئاسىيا رايونىدىكى ئەڭ چوڭ ۋەكالەتچى سودىگىرىگە ئايلانغان. شىركەتنىڭ بارغانسىرى زورىيىشىغا ئەگىشىپ جاڭسەن نەزىرىنى بىئولوگىيىلىك دورا ياساش، ئۆي – مۈلۈك، كومپيۇتېر ئېكرانى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ساھەلەرگە تىككەن. ئوزۇن ئۆتمەستىن دايىن كومپيۇتېر شىركىتى دايىن گورۇھىغا ئايلانغان.

بۈگۈنكى كۈندە دايىن گورۇھىنىڭ كۆلىمى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، كومپيۇتېر مەھسۇلاتلىرىنى پارچە سېتىش، توپلاشتۇرۇلغان سىستېما، بىئولوگىيىلىك ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى،بىئولوگىيىلىك دورا، جۇڭگو – ئىتالىيە ھەمكارلىقىدىكى يېڭى تىپتىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە ئالىي ئۆي – مۈلۈك قاتارلىق ئالتە ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك بولغان كەسىپلەشكەن شىركەتتىن باشقا، يەنە 30 دىن ئارتۇق ئۆلكە – شەھەر، ئاپتونوم رايون ۋە ئامېرىكا قاتارلىق جايلاردا 40 تىن ئارتۇق تارماق شىركەت تەسىس قىلغان بولۇپ،ساپ مال – مۈلكى مىليارىد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان.

جاڭسەننىڭ بۈگۈنكىدەك غەلبىنى قولغا كەلتۈرىشىدىكى سەۋەب ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۇنىڭ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان چاغدىكى ئاكتىپ پوزىتسىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. دەل بۇ خىلدىكى پوزىتسىيە بولغاچقا، جاڭسەن ئوقۇش تەۋەلىكى بېكار قىلىنغاندىن كىيىنمۇ يەنىلا ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغان؛ دەل بۇ خىلدىكى ئاكتىپ پوزىتسىيە بولغاچقا، جاڭسەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە تەقسىملەنمىگەندىن كىيىنمۇ ئۆزىنى تاشلىۋەتمەي، ئەكسىچە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ۋە پارلاق ئىستىقبالىم بار دەپ قارىغان؛ دەل بۇ خىلدىكى ئاكتىپ پوزىتسىيە بولغاچقا، جاڭسەن قىيىنچىلىق ئىچىدىن ئۈمىدنى كۆرەلىگەن.

شۇنداق،بايلار قىيىنچىلىق ئىچىدە بولسىمۇ يەنىلا ئاكتىپ پوزىتسىيىدە بولۇپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ بارلىق زېھنىنى قىيىنچىلىققا قانداق خاتىمە بېرىشكە،قىيىن مۇھىتتىن قانداق قۇتۇلۇشقا قارىتىدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە ئىزچىل قىيىن مۇھىتقا پۇرسەت يوشۇرۇنغانلىقىغا بولغان ئۈمىد ۋە چوڭقۇر ئىشەنچ بار.

تەيسۇ گورۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى، تەيۋەننىڭ «تىجارەت پىرى» دەپ ئاتالغان ۋاڭ يوڭچىڭ دەل قىيىنچىلىق ئىچىدىن ئۈمىدنى كۆرەلەيدىغان ئادەم.

ۋاڭيوڭچىڭ گۈرۈچ دۇكىنى ئېچىش ئارقىلىق كاپىتال جۇغلىغاندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ نەزىرىنى ئۆزى بىلمەيدىغان ھەمدە ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەرنىڭ نەزىرىگە ئىلىنمىغان پلاستىك ماتېرىياللارغا ئاغدۇرۇپتۇ.

ۋاڭ يوڭچىڭنىڭ بۇ قارارى ئەينى ۋاقىتتىكى سانائەت گورۇپپىسىنىڭ رەئىسى يەن يەنسۈننىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراپتۇ. يەن يەنسۈننىڭ قارىشىچە پلاستىك ماتېرىياللارغا مەبلەغ سالسا پۇل تېپىشتىن ئۈمىد يوق ئىكەن.يەن يەنسۇ  تەيۋەندە پلاستىك ماتېرىياللارغا مەبلەغ سالغاندا كۆلەم جەھەتتىن ياكى تەننەرخ جەھەتتىن بولسۇن ھېچقانداق ئەۋزەللىكنىڭ يوقلۇقىنى، ھەمدە ئۆزىنى تېگى يوق ھاڭغا ئىتتىرىپ ئالغا ئىلگىرلىيەلمەيلا قالماستىن، ھەتتا ئېچىنىشلىق ۋەيران بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى كېسىپ ئېيتىپتۇ.

ھەرخىل تەھلىل ۋە سىرتقى دۇنيانىڭ تەسىرى ئاستىدا، قىيىنچىلىق ئىچىدىكى ۋاڭ يوڭچىڭ ھەرگىزمۇ ئۈمىدسىزلەنمەپتۇ، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغان جاسارىتى ۋە بىۋاستە سەزگۈسى ئارقىلىق ئۈمىدنى كۆرۈپتۇ، ھەمدە پلاستىك ماتېرىيال سانائىتىگە كىرىشنى قارار قىپتۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ۋاڭ يوڭچىڭ بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ  پلاستىك ماتېرىياللارنىڭ خۇسۇسىيىتى، ياسىلىش جەريانى، ئىشلەپچىقىرىلىش ۋە ئىش قوشۇش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئۆگىنىپتۇ.

ھالبۇكى مەبلەغ سېلىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمىغاچقا، ۋاڭ يوڭچىڭنىڭ تەيسۇ شىركىتىدە مەبلەغ راۋان يۈرۈشمەي، مەھسۇلاتلار كۆپ مىقداردا بېسىلىپ قېلىپ شىركەت تاقىلىپ قېلىش گىردابىغا بېرىپ قاپتۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا كۆپ قىسىم پايچېكلار پاينى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپتۇ، ھەتتا بەزىلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ۋاڭ يوڭچىڭنى زاڭلىق قىپتۇ.

ھەر تەرەپتىن كەلگەن بېسىم ئالدىدا ۋاڭ يوڭچىڭ ھەرگىزمۇ ئۆزىنى يوقىتىپ قويماپتۇ، ئەكسىچە سوغۇققانلىق بىلەن تەيسۇ شىركىتىنىڭ ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىپ، ئاخىرىدا كەسىپنى ئۆزگەرتىپ كۆپ قىسىم مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېتىشنى، تۆۋەن باھادا تەيسۇ شىركىتىنىڭ بارلىق ئىشلەپچىقىرىش ھوقۇقىنى سېتىۋېتىپ مۇستەقىل تىجارەت قىلىشنى، ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى قارار قىپتۇ. بۇ قارار باشقىلارنىڭ قارىشىچە ئىنتايىن ساراڭلىق ياكى ئەخمىقانىلىق ئىدى.

ۋاڭ يوڭچىڭنىڭ بۇنىڭدىن ئۈمىدنى كۆرەلىشىدىكى سەۋەب، ئۇ تەكشۈرۈش ئارقىلىق تەيۋەننىڭ دۇنيادىكى ئاساسلىق كۆيدۈرگۈچى ئىشقار ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، كۆيدۈرگۈچى ئىشقار ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئىشلىتىلمەي تاشلىۋېتىلدىغان %70 خلور گازىنىڭ دەل پلاستىك ماتېرىياللار سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىنى يىتەرلىك خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يىتىپتۇ.

ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش، تەننەرخنى كىچىكلىتىپ سېتىش باھاسىنى تۆۋەنلىتىش ۋە پلاستىك ماتېرىياللارنىڭ قايتا پىششىقلاپ ئىشلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللارئارقىلىق، ۋاڭ يوڭچىڭ ئۆزىنىڭ تەيسۇ شىركىتىنى ئۆلۈم ئېغىزىدىن قۇتۇلدۇرۇپ بارغانسىرى زورايتىپتۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، ۋاڭيوڭچىڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كەسپى تەيۋەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى قاپلاپ خىمىيە، ياغاچ ماتېرىيالى ۋە توقۇمىچىلىق قاتارلىق كۆپ خىل ساھەلەرگە كىرگەن.ۋاڭ يوڭچىڭ ئۆزىمۇ تەرىپلىنىپ «تەيۋەنگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان بىرىنچى كارخانىچى»دەپ ئاتالغان.

بايلارنىڭ باي بولۇشدىكى سەۋەب، ئۇلار قىيىنچىلىق ئىچىدە قالغان ۋاقىتتا ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى كۆرەلەيدۇ، ئۈمىد ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بايلىق نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.خۇددى ۋاڭ يوڭچىڭغا ئوخشاش ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ بېسىمى ۋە شىركەت تاقىلىپ قېلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان قىيىن ئەھۋال ئاستىدىمۇ، يەنىلا ئۆزىنىڭ ئەقل – پاراسىتى ۋە شىجائىتى ئارقىلىق بۇنىڭدىن ئۈمىد نۇرىنى كۆرەلىگەن.

ئويلاپ باقايلى، ئەگەر ۋاڭ يوڭچىڭنىڭ قىيىنچىلىق ئىچىدىن كۆرگىنى پەقەت ئۈمىدسىزلىك بولۇپ ئۈمىد بولمىغاندا، ئۇ يەنە كۆپچىلىكنىڭ غۇلغۇلىلىرىنى يېڭىپ پلاستىك ماتېرىيال سانائىتىگە كىرىشنى قارار قىلالامتى؟ ئۇ يەنە پايچېكلار پاي قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىۋاتقان، شىركەت تاقىلىپ قېلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان قىيىن ئەھۋال ئاستىدا،ئۆزىنىڭ كۆپ قىسىم كەسىپلىرىنى ۋە تەيسۇ شىركىتىنىڭ بارلىق ئىشلەپچىقىرىش ھوقۇقىنى سېتىۋېتىپ ئۆزى مۇستەقىل تىجارەت قىلالامتى؟ ئۇ يەنە «پلاستىك ماتېرىيال پادىشاھى»غا ئايلىنىپ ئۆزىنىڭ بايلىق ھېكايىسىنى يېزىپ چىقالامتى؟

جاۋابى ئېنىقلا «ياق.» جاڭسەن ۋە ۋاڭ يوڭچىڭغا ئوخشاش بايلارنىڭ سەرگۈزەشتىسى بىزگە مۇنداق بىر ھەقىقەتنى ئېيتىپ بەردى: قىيىنچىلىق ئىچىگە چەكسىز پۇرسەت يوشۇرۇنغان، پەقەت ئۈمىدۋارلىق بىلەن قېدىرىپ تەكشۈرسەكلا جەزمەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولۇش يولىدا بايلىق خەزىنىسىنى ئاچقىلى بولىدۇ.

بايلىقنىڭ بايانى:

«ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ، ئون بەشى يورۇق» . بايلىق يولىدا ھەربىر ئادەم «ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ» بولىدىغان قىيىنچىلىققا ئۇچرايدۇ، بۇنداق چاغدا ئۈمىدسىزلىكنى كۆرۈپ چېكىنىش كېرەكمۇ ياكى ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەكمۇ؟ تاللاش ھەربىر ئادەمدە ئوخشىمايدۇ .چىكىنگەنلەرئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى تۇرمۇشىغا قايتىپ داۋاملىق نامرات تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ئۈمۈدۋارلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرلىگەنلەربولسا «ئاينىڭ ئون بەشى يورۇق» بولغىچە داۋاملاشتۇرۇپ بايلارغا ئايلىنالايدۇ.


خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان

نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك ناملىق كىتاب

2014-يىلى ئەقىدە شىركىتى تەرجىمە قىلدى

تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر

 تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ