نامراتلار پۇرسەت كۈتۈپ ۋاقىتنى بىكارغا ئۆتكۈزۋېتىدۇ
نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ
( ئىككىنچى كىتاپ )
7-باپ 5-پاراگىراپ
قوي مىجەزلىك نامراتلار پۇرسەت كۈتۈش داۋامىدا ۋاقىتنى
بىكارغا ئۆتكۈزۋېتىدۇ
ئەگەر كۆرەش قىلىش بېلىق بولسا، پۇرسەت سۇ. سۇ بولمىسا بېلىق ھەر قانچە تىركەشسىمۇ بىكار. ئەگەر گۇللەر ئېچىلغان باھار پەسلى بولسا، پۇرسەت -گۇل ئۈچۈن جاپالىق چاڭ تارقىتىدىغان ھەسەل ھەرىسى. چۈنكى ھەسەل ھەرىسى بولمىسا، ھەر قانچە چىرايلىق گۇل بولسىمۇ، قىممىتى بولمايدۇ. ئەگەر قىينچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىق سۇنۋۇكۇڭنى تىزگنلەپ تۇردىغان ئەپسۇن بولسا، ئۇنداقتا پۇرسەت تاڭ سىڭنىڭ يىتىپ كىلىشى، تاڭ سىڭ كەلسە سۇن ۋۇكۇڭ ئاندىن باش ئاغىرىغىدىن ئۇڭۇشلۇق قۇتۇلىدۇ.
شۇڭا كەسىپتە مۇۋاپىقيەت قازىنىشتا، پۇرسەتنىڭ كىلىشى ئىنتايىن مۇھىم. لىكىن بەزى ئادەملەر پۇرسەتنى ھەدىدىن زىيادە مۇھىم بىلىدۇ. ھەتتا پۇرسەتنى ئىشتا غەلبە قىلشنىڭ بىردىنبىر ئامىلى قىلىۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ پۇرسەتنى ساقلاپ ئولتۇرۇپ، ۋاقىتنى بىكار ئوتكۈزۋېتىدۇ. لىكىن ئەمىليەتتە ئىشنى تاماملاشنىڭ ئامىلى نۇرغۇن. مەسلەن: تىرىشچانلىق، ئېجتىھات، ئېتىقاد، قەتئىيلىك قاتارلىقلار. پۇرسەت پەقەت ياردەمچى رولىنى ئوينايدۇ.
نامراتلار ھەمىشە بايلارنىڭ مۇۋاپىقيىتى ئۇلارنىڭ پۇرسىتىنىڭ بىزدىن كۆپ بولغانلىقىدا دەپ قارايدۇ. ئەگەر ئۆزىدىمۇ مۇشۇنداق پۇرسەت بولسا، ئۇ ھالدا كەسپتە مۇۋاپىقيەت قازىنىش تەس ئەمەس دەپ قارايدۇ. ئۇلار مۇشۇنداق ئويلىغانسېرى تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقنى ۋە مەغلۇبىيەتنى دائىم پۇرسەت، تەلەيگە ئارتىپ قۇيۇشنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئەمىليەتتە پۇرسەت ھەممە ئادەمگە ئوخشاش. لىكىن نامراتلار پۇرسەت سەۋەبلىك كىچىككىنە غەلبە ياكى بايلىقتىن بەھىرلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قارغۇلارچە پۇرسەت ساقلايدۇ. لىكىن ئىش ئويلىغاندەك بولمايدۇ.
19 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، بىر بالا ئامېركىدىكى نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلدى. نامرات ۋە بېقىشقا ئامالسىز ئاتا-ئانىسى بالىسى 10 ياشقا كىرگەندە، ئۇنى بىر دېھقانچىلىق مەيدانىغا شاگىرتلىققا ئاپىرىپ بېرىدۇ. بۇ كىچىكىنە بالا بۇ يەردە 11 يىل شاگىرىت بولىدۇ. بۇ 11 يىل ئىچىدە ئۇ ھەر يىلى مەكتەپكە پەقەت بىر ئايلا بارىدۇ. لىكىن شۇنداق جاپالىق كۈنلەر بولغان تەغدىردىمۇ، ئۇ يەنە 21 ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئۆگۇنۇش روھىغا تايىنىپ، تەخمىنەن 1000 پارچە كىتاب ئۇقۇيدۇ. كىتاپتىكى بىلىم ئۇنىڭغا نۇرغۇن پايدا ئېلىپ كېلىدۇ.
ئۇ دېھقانچىلىق مەيدانىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن، ماسساچوستىس شىتاتىغا بېرىپ موزدوزلىقنى ئۆگىنىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي يەنە بوستونغا بېرىپ، نۇرغۇن جايلارنى ساياھەت قىلىدۇ. پۈتۈن ساياھىتىدە پەقەت 2 دوللارغا يەتمىگەن پۇلىنى خەجلەيدۇ.
ياشاش مۇھىتى ئىنتايىن جاپالىق بولسىمۇ، لىكىن ئۇ ئۆزىنى يۇقىرى كۆتۈردىغان، چېنىقتۇردىغان پۇرسەتنى قولدىن بەرمىدى. ھەر بىر مىنۇتنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر بىر كۈننى قەدىرلىدى. ئاخىرى ئۆزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق، يۈرەكلىكلىكى ۋە ئىقتىدارىغا تايىنىپ، ئورنىدىن دەس تۇردى ھەمدە پارلامىنتقا كىرىپ، مۆجىزە خاراكتېرلىك ھاياتىنى باشلىدى. ۋاقىتنى قەدىرلەش ،غايىسىدىن ئەزەلدىن ۋاز كەچمەسلىكتىن ئىبارەت ئادەت ۋە روھ ئۇنى غەلبىگە باشلىدى. ئۇ ئامېركىنىڭ 18-نۆۋەتلىك مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ھېنرى ۋىلسون ئىدى.
ھېنرى ۋىلسوننىڭ بالىلىق دەۋرى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدۇ. 10 ياش -ئەگەر ھازىرقى ئائىلىلەرگە قۇيۇپ بەرسە، بوۋا-مومىلىرىنىڭ كۈيۈنىشى، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ گوھەردەك ئەتىۋارلايدىغان ۋاقتى. لىكىن ئۇ دېھقانچىلىق مەيدانىغا ئاپىرىپ قۇيۇلغان. ئۆزىنى ئۆزى باققان. ئۇنىڭدىكى ئازابنى ئادەتتىكى كىشلەر ھىس قىلىپ يېتەلمەيدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا 1000 پارچىغا يېقىن كىتاب ئۇقۇپ بولغان. بۇ ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى قايىل قىلىدۇ. ئەگەر ھېنرى ۋىلسون نامراتلارغا ئوخشاش ئولتۇرۇپ، پۇرسەت كۈتكەن بولسا، ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلغىنىنى دىمەيلا قويايلى، بۈگۈنكىدەك نەتىنجىگە ئېرىشەلمىگەن بولاتتى.
ۋاقىت ئادەمنى ساقلىمايدۇ. ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىش ھەمىشە كىشى ئويلاپ باقمىغان ئۇسۇلدا ۋاقىت ئىسراپ قىلغان ئادەمگە ئەكسىچە ئىنكاس قايتۇردۇ. ھەر بىر سىكۇنىت ۋاقىتنى قەدىرلەش، پۇرسەت كەلمىگەن ۋاقىتتا تىرشىپ بىلىم چۇغلاپ ئۆزىنىڭ ياشاش ئىقتىدارىنى تاۋلاش كېرەك. نامراتلار قەد كۆتۈرىمەن دەيدىكەن. ئاۋال بايلارنىڭ ھەر خىل ئارتۇقچىلىقىنى ھازىرلاش كېرەك. ۋاقىنتى قەدىرلەش ،ئىسراپ قىلماسلىق، قارغۇلارچە پۇرسەت كۈتمەسلىك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى نامراتلارنىڭ باي بۇلۇشىدا ھازىرلىنىشقا تىگىشلىك شەرتى.
«پولات قانداق تاۋلاندى» ناملىق كىتابتىكى باش ئەر پىرسۇناژ پائول كارچاگىنغا ئوخشاش ئادەمگە ئەڭ قىممەتلىك بولغىنى ھايات. ھايات بولغاندىلا ئاندىن كىيىنكى بارلىق گۇزەللىكلەرمۇ بولىدۇ. ھايات بارلىق گۇزەللىكنىڭ تۇشۇغۇچىسى. ۋاقتىنى ئىسراپ قىلش ھاياتنى ئىسراپ قىلغانلىق. ھاياتنى قەدىرلەش ،پۇرسەت كۈتۈش داۋامىدا ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىق كېرەك. بولمىسا، ھىچنەرسىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.
ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىش ئاستا-ئاستا كىشلىك تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقنى يوقىتىدۇ. بۇ ئاستا خاراكتېرلىك ئۆزىنى ئولتۈرۋالغانغا باراۋەر. شۇڭا پۇرسەتنى ساقلاش، قارغۇلارچە كۈتۈش ئىچىدە ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى ،پۇل تاپىدىغان پۇرسىتىنى ئىسراپ قىلىش ئىنتايىن ھاماقەتلىك.
بايلىقنىڭ بايانى:
نامراتلار پۇرسەتنى ساقلاش داۋامىدا ۋاقىتنى ئىسراپ قىلۋېتىدۇ. بايلار ۋاقىتنى قەدىرلەش كېرەكلىكىنى، پۇرسەتنىڭ ساقلىغانغا كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ. كىشلەر ۋاقىتنى قەدىرلەشنى ئۆگۈنىۋېلىشى، پۇرسەت كۈتۈپ ئولتۇرماسلىقى، ياشلىق باھارىغا ئۇۋال قىلماسلىقى كېرەك.
****************
مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى-ئويغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام
2014-يىلى