كارخانىنىڭ يۈكسەك ئوبرازىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك
ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى
5 - باب 4 - پارگىراف
بېيىش تەپەككۇرى:
نامراتلار: تىجارەت قىلىشتا پۇل تاپساقلا بولدى، ئوبرازنىڭ لازىمى يوق.
ۋېنجۇلۇقلار: ئوبراز بىر ئادەمنىڭ ئىناۋىتىگە ئوخشايدۇ، كارخانىغا نىسبەتەن داڭق چىقىرىش ناھايىتى مۇھىم، يۈكسەك ئوبراز تېخىمۇ مۇھىم، كارخانىچىلىقتا داڭق چىقىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپلا قالماستىن، يۈكسەك ئوبرازنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك.
ئوبراز شىركەتنىڭ خېرىدار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە ئاكتىپلىق بىلەن ئۇنى تارقىتىش دەرىجىسىنى كۆتۈرىدۇ.داڭق چىقىرىش مۇھىم، بىراق كارخانىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتىغا ئاساسلانغاندا، ئوبراز ناھايىتى مۇھىم. كارخانىنىڭ ئوبرازىنى تىكلەشتە جەمئىيەتتىكى ئاۋامغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈش، جەمئىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىش، كارخانىنىڭ جەمئىيەت ئالدىدىكى ئوبرازىنى تۇرغۇزۇش كېرەك.
جېڭتەي گۇرۇھىدىكى نەن سۈنخۇي ساخاۋەتنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم. ئۇ دائىم مۇنداق دەيدۇ: «بايلىقنىڭ ئاز-كۆپلۈكى ئانچە مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى بىزنىڭ جەمئىيەتكە قانچىلىك تۆھپە قوشقانلىقىمىزدا.ھەر ۋاقت جەمئىيەتنى ئويلاش، ھەر ۋاقت بىر تۈركۈم ئادەمنىڭ ياردەمگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك،سىز بۇلار ئۈچۈن تۆھپە قوشسىڭىز شۇنداق خۇش بولىسىز. شۇڭابىر ئادەمنىڭ بايلىقىنى ئۇنىڭ ئېرىشكەنلىرىگە قاراپ ئەمەس، بەلكى ئاتا قىلغانلىرىغا قاراپ ئۆلچەش كېرەك. ئۆزىمىزدە شۇنداق پوزىتسىيە بولۇشى كېرەككى،ھەرگىزمۇ پۇلنى مۇھىم ئورۇنغا قويماسلىق كېرەك. ئەگەر سىزدە بۇ خىل پوزىتسىيە بولسا، ئۇخلىسىڭىزمۇ ناھايىتى خاتىرجەم ئۇخلايسىز. ئۇنىڭدىن كېيىن سىز ئويلاپ بېقىڭ، سىزنىڭ باي بولغانلىقىڭىز ئىسلاھات-ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنىڭ پايدىسى، شۇڭا دۆلەت، جەمئىيەت ۋە نۇرغۇنلىغان ئاجىز كىشىلەر سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە موھتاج ۋاقتتا، سىز چوقۇم ئاكتىپلىق بىلەن ياردەم قىلىشىڭىز كېرەك.»
ئۇ شۇنداق دېگەن ۋە دېگەنلىرىگە ئەمەل قىلغان.
1999-يىلى ئۇ ئامېرىكىدا سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان مەزگىللەردە، باشقىلارنىڭ ئامېرىكا پارلامېنتىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، جۇڭگولۇقلارغا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.ئۇلارنىڭ سەۋەبى ‹‹جۇڭگو ھۆكۈمىتى پەقەتدۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىلا قوللاپ، چەتئەل كارخانىلىرى ۋە شەخسىي كارخانىلارنى چەتكە قاقىدۇ››دىن ئىبارەت ئىدى.
نەن سۈنخۇي بۇنىڭدىن ناھايىتى ئاچچىقلىنىپ دەرھال ئامېرىكا پارلامېنت خادىمىغا خەت يازىدۇ، ھەمدە ئىككىنچى كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئۆزىنىڭ دەسلەپكى ھېچنىمىسى يوق ۋاقتىدىن تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگىچە كەلگەن سەرگۈزەشتىلىرىنى سۆزلەپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شەخسىي كارخانىلارنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئىش بىردىنلا تاراتقۇلارنىڭ باش خەۋىرىگە ئايلىنىدۇ.
نەن سۈنخۇينىڭ بۇ خىل روھى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ، ھەتتا چەت
ئەل ھۆكۈمەتلىرىمۇ بۇ قاراشنى قوللايدۇ.
ئومۇمەن ئېيىتقاندا، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ چېگرادىن چىقىش پاسپورتىنىڭ مۆھلىتى ناھايىتى قىسقا، دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ بىر قېتىملىق ۋىزىسىنىڭ مۆھلىتىمۇ پەقەت 3 يىل بولىدۇ. ئەمما سىنگاپور مۇھاجىرلانى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ نەن سۈنخۇيغا تارقاتقان پاسپورتىنىڭ مۆھلىتى 5 يىل. سىنگاپور پەقەت جۇڭگولۇق ئىككى سودىگەرگە مۇشۇنداق پاسپورتنى بېجىرىپ بەرگەن، نەن سۈنخۇي دەل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى، بۇنىڭدىن سىنگاپور ھۆكۈمىتىنىڭ نەن سۈنخۇيغا بولغان ئىشەنچى ۋە ھۆرمىتىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
2005-يىلى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلغان جۇڭگودىكى ساخاۋەتچى كارخانچىلار تىزىملىكىدە
جېڭتەي گۇرۇھى 68 مىليون يۈەن ئىئانە سوممىسى بىلەن مەملىكىتىمىزدىكى خەلق ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار قاتارىدا بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن، بۇ ئىئانە پۇل ئاساسەن ئەيدىز بىمارلىرىنى داۋالاش ۋە مائارىپ ئىشلىرىغا مۇجەسسەملەشكەن.
ساخاۋەت ئىشلىرىغا نىسبەتەن، نەن سۈنخۇيدا بۇرۇنلا ئېنىق چۈشەنچە ھاسىل بولغان.ئۇنىڭ قارىشىچە پەقەت جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرغاندىلا، ئاندىن ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئۇ مۇنداق دېگەن: «پۇل ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە ئەمەس، ئاز-كۆپ بولسا جىددىيلىشىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەڭ مۇھىمى ئادەم بولۇش. ھاياتنىڭ قىممىتى پۇلغا تەڭ ئەمەس، كېيىن قىلىدىغان يەنە نۇرغۇنلىغان ئىشلار بار.»
دۆلىتىمىزنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، جېڭتەي گۇرۇھى بىر قېتىمدىلا 30 مىليون يۈەن ئىئانە قىلغان. جېڭتەي گۇرۇھىنىڭ باياناتچىسى يەن يى «شەرقتىكى ئۈمىد ھەپتىلىكى» گە مۇنداق دېگەن: «2004-يىلى، جېڭتەي گۇرۇھى خېنەندىكى ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ئىشلىرىغا 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلماقچى بولغان. كېيىن مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ چاقرىقى ئاستىدا، جېڭتەي خەلق ئىگىلىكىدىكى 27 كارخانا بىلەن بىرلىشىپ قىزىل لېنتا فوندىنى بارلىققا كەلتۈرگەن، ھەمدە باشلامچى بولۇش سۈپىتى بىلەن يەنە 30 مىليون يۈەن ئىئانە قىلغان.»
نەن سۈنخۇي ئۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشنى ئېنىق بىلىدۇ، ئۇ ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ باي بولغانلى
قى سەۋەبلىك ئەسلىنى ئۇنتۇپ قالمىغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ماڭا نىسبەتەن ئېيىتقاندا،
مەن كېيىن قانداق چوڭ ئىشلارنى قىلىۋېتەي، ئۆزۈمنى مەغرۇرلانماسلىققا ئاگاھلاندۇرىمەن، مەن ھېچقانچە چوڭ ئىش قىلمىدىم، پەقەتلا موزدوز ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان ئادەممەن.»
دەل بۇ خىل پوزىتسىيە بولغاچقا، نەن سۈنخۇي ئىزچىل جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ياراتقان بايلىقىنى جەمئىيەت ئۈچۈن ئىشلىتىش قارىشىنى تۇرغۇزغان، بۇ
خىل بايلىق قارىشى ئۇنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولغان.
ۋېنجۇدىكى نۇرغۇنلىغان كارخانىلار ساخاۋەت ئىشلىرىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ.
جاۋ جاڭخەن ۋېنجۇ لېچىڭدىن، 1997-يىلىدىن باشلاپ ئۇ جىلىن ئۆلكىسىنىڭ گۇڭجۇلىڭ شەھىرىدە جۇڭگو شەرق ۋېنجۇ سودا شەھەرچىسىنى قۇرۇشنى باشلىغان، ھەمدە 37 مىليون يۈەن ئىئانە قىلىپ «جاڭخەن مەكتىپى»، «جاڭخەن يولى» ۋە ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ چىقىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن پەخرىي شەھەر باشلىقلىقىغا تەكلىپ قىلىنىپ، ۋېنجۇلۇقلارنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلىگەن.
ۋېنجۇلۇق سودىگەر لىن شېڭشيوڭ پىڭياڭدىكى بىر نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان، ئۇ ھازىر شېڭشيۇڭ مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى قوشۇمچە باش لىدېرى.
كۆپ يىللاردىن بۇيان، لىن شېڭشيۇڭنىڭ «ئۈمىد قۇرۇلۇشى» غا ئىئانە قىلغان پۇلى 40 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، «ئۈمىد قۇرۇلۇشى» باشلانغۇچ مەكتىپىدىن 100 نى قۇرۇش ئارزۇسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلگە ئاشۇرغان.
بۇنىڭغا نىسبەتەن لىن شېڭشيۇڭ مۇنداق دەيدۇ: «بۈگۈن بالىلار مائارىپىغا كۆپرەك مەبلەغ سېلىش، كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ كۆيۈنۈش كېرەك، بۇنداقتا بىزنىڭ ئەتىدىكى ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە تەرەققىي قىلىش بوشلۇقىمىز تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.»
ۋېنجۇلۇق سودىگەر، شاڭخەي جىنلىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدېرى ياڭ جيېشېڭنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە بولغان كۆز-قارىشى مۇنداق: «ئومۇمەن جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ئادەم، بۇ تەسىرنىڭ چوڭ ياكى كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پەقەت ئاكتىپ تەسىر بولسىلا، ئۇ ئادەم غەلبە قىلغان بولىدۇ.»
كاپىتال شەكىللىك ۋە شەكلىسىز بولىدۇ، شەكلسىز كاپىتالمۇ بايلىق يارىتالايدۇ. كارخانا ئوبرازى دەل شەكلسىز كاپىتالدۇر. كارخانىنىڭ يۈكسەك ئوبرازىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە، كارخانىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتىنى كۆزلەش كېرەك.ئەگەر كىچىك كارخانا بولسا، سىز پەقەت داڭق چىقىرىشقىلا كۆڭۈل بۆلسىڭىز، كارخانىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ ئوبرازمۇ ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا ئۆتىدۇ.
ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:
بىز باج تاپشۇرىدىغانلار سېپىگە كىرىشكە تىرىشىمىز، بايلار قاتارىدىن چىقىپ كېتىشكە تىرىشىمىز.
-جېڭتەي گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى نەن سۈنخۇي
كارخانىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى، تاپشۇرغان بېجىمنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى، خىزمەتچىلەرنىڭ يېڭى ئۆيگە ئېرىشكەنلىكىنى، ۋاكالەتچى سودىگەرلەرنىڭ باي بولغانلىقىنى ۋە كىشىلەرنىڭ ساغلام تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەم، بۇ مېنىڭ خۇشاللىقىم.
-شاڭخەي ئەنشىن تاختاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لۈ ۋېيگۇاڭ
بۈگۈن بايلىق سىزنىڭ بولسىمۇ، ئەتە ئۇنداق بولۇشى ناتايىن. پۇل سىزنىڭ يانچۇقىڭىزدا بولسىمۇ، سىز مەبلەغ سالسىڭىز، زاۋۇت قۇرسىڭىز، سېتىش تورى شەكىللەندۈرسىڭىز، بۇلارنىڭ ھەممىسى جەمئىيەتنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلىنىدۇ. شۇنداق بىر خىل بايلىق قارىشى بولغاندىلا سىزنىڭ تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىڭىز بولىدۇ.
مەنبە: 时事出版社 نەشىر قىلغان
<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب
2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى 7-ئاينىڭ 24 -كۈنى