A-A+

نامراتلار ئويلىيالايدۇ، قىلالمايدۇ. بايلار ئويلىيالايدۇ ھەم قىلالايدۇ

2015-يىل 4-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 330 قېتىم

نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ

( بىرىنچى كىتاپ )

29781515515736

5-باپ 5-پارىگىراپ

نامراتلار ئويلىيالايدۇ، قىلالمايدۇ. بايلار ئويلىيالايدۇ

ھەم قىلالايدۇ

ھەربىرئادەمنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغان بايلىق چۈشى بولىدۇ، يەنە بەلكى كۆپ قېتىمللاپ بايلىقنىڭ گۈزەل چۈشىنى كۆرۈپ باققان بولىدۇ. بىراق رېئال تۇرمۇشتا بايلىق چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان، ھەقىقىي بايلارغا ئايلىنالايدىغانلار يەنىلا ئاز ساندا،بۇنداق ئەھۋالنىڭ پەيدا بولۇشىدا ئېنىقلا نۇرغۇن سۇبيېكتىپ، ئوبيېكتىپ سەۋەبلەربار، ھەمدە بىر سەل قاراشقا بولمايدىغان نۇقتا بار. ئۇ بولسىمۇ: بايلارغا ئايلىنالايدىغان بۇ ئادەملەر ئويلىيالايدۇ ھەم قىلالايدۇ.

ھەممىباب ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ياش باش مۇدىرى ۋە لېدىرى جېك.ۋېلچ ئىلگىرى مۇنداق سۆزلەرنى قىلغان: «ئەگەر سىزدە غايە بولۇپ بىر ئىشنى قىلىشقا ئىرادە باغلىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا دەرھال ھەرىكەتكە كېلىڭ.» شۇنداق، ھاياجانلىنىش ھەرىكەتلىنىشكە يەتمەيدۇ. خىيال كۆپۈكتەك ئاجىز بولىدۇ، باي بولۇشتىن ئىبارەت بۇگۈزەل ئارزۇ خىيال باسقۇچىدىلا تۇرۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق ھەرىكەت قوللىنىلمىسا، ئۇنداقتا بۇ خىيال ھامان بىر كۈنى كۆپۈكتەك يوقاپ كېتىدۇ.

بايلىق رىقابىتىدە نۇرغۇنلىغان بايلارنىڭ بايلاردىن بولالىشىدىكى سەۋەب، ئۇلار قىلىشقاجۈرئەت قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئادەتتىكى كىشىلەر قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلالايدۇ. نامراتلار ئۇنداق ئەمەس، ھەر قېتىم ئۇلارنىڭ كاللىسىغا بىرەر ئويكەلسە، ئۇلار دەرھال شۇنداق ئويلايدۇ: خەتىرى بەك چوڭمۇ؟ مەغلۇب بولسام قانداق قىلىمەن؟ نەتىجىدە ھەرىكەتلىنىش جاسارىتى بۇنداق ئىككىلىنىش ئارىسىدا يوقايدۇ، ئوي– خىيالمۇ شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، ئەمما ئۇلار بايلارنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ئويغا تايىنىپ باي بولغانلىقىنى كۆرگەندە، نامراتلار يەنە ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ ئىشنى جاسارەت بىلەن قىلمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلىدۇ.

بۇ دەل نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ پەرقى: يەنى، نامراتلار ئويلىيالايدۇ، قىلالمايدۇ. بايلارئويلىيالايدۇ ھەم قىلالايدۇ.

بۇ يەردە بىز بىر كىچىك ئۇستامنىڭ كورىيەگە بېرىپ دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسى لوڭقىسى كۆرۈپ 600 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل تېپىپ كەلگەن سەرگۈزەشتىسىگە نەزەر سېلىپ باقايلى:

جياڭچاۋ خۇنەن چاڭشادىكى بىر كومپيۇتېر شىركىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى. 2002 – يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى يېقىنلاپ كەلگەندە، ئۇ مۇنداق بىر خىيالغا كەلگەن: دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت بۇنداق بىر كۈنگە چوقۇم غايەت زور سودا پۇرسىتى يوشۇرۇنغان، نېمىشقا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سودا قىلمايمەن؟

ئويلىنىپ بۇ يەرگە كەلگەندە، جىياڭچاۋ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ پۈتكۈل ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىشقا باشلىغان، ئۇ كورىيە كوماندىسىنىڭ بۇ قېتىم چوقۇم 16 كۈچلۈك كوماندىنىڭ ئىچىگە كىرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ، نەزىرىنى كورىيە بازىرىغا قاراتقان.

ئويلىغىنىنى قىلىدىغان جىياڭچاۋ ۋە قىز دوستى شۇ يىلى 5 – ئايدا ساياھەت ئۆمىكى بىلەن كورىيەگە يىتىپ كەلگەن. دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىدىن پايدىلىنىپ باي بولۇشنى ئويلاۋاتقان جىياڭچاۋ ھەرگىزمۇ قىز دوستى بىلەن شىگۇيپۇغا بېرىپ جۇڭگو كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرمىگەن، ئەكسىچە ئۇدۇل كورىيە كوماندىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان جاي فۇشەنگە بارغان.

فۇشەنگە بارغاندىن كىيىن، جىياڭچاۋ بۇ جايدىكى سودىگەرلەرنىڭ مىستىن ياسالغان 50 مىڭۋونلۇق (تەخمىنەن 300 يۈەن خەلق پۇلى) «ۋاجرا قەدىھى» سېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن.جىياڭچاۋ كۆڭلىدە، مىستىن ياسالغان بۇ بويۇمنىڭ ھەم ئېغىر ھەم قىممەت ئىكەنلىكىنى،ھەمدە مۇسابىقە مەيدانىغا ئېلىپ كىرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، مەن نېمىشقا كۆپتۈرمە سۇلياۋدىن تەقلىد قىلىپ ياسىمايمەن؟ دەپ ئويلاپتۇ. بۇنداقتا ھەم يىنىڭ ھەم قولايلىق بولۇپ، مۇسابىقە مەيدانىغا ئېلىپ كىرىشكىمۇ قولايلىق بولاتتى ھەم توپ مەستانىلىرىنىڭ قارىشى ئېلىشىغا ئۇچرايىتتى.

شۇنداق قىلىپ ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە، جىياڭچاۋ خام ماتېرىيال ۋە سايمان سېتىۋېلىپ،مېھمانخانىدا كۆڭۈل قويۇپ سۇلياۋدىن «ۋاجرا قەدىھى» ياساشقا كىرىشىپتۇ. بۇنى ياساپ بولغاندىن كىيىن، ئالتۇن رەڭ بىلەن ھەل بەرگەن ئىكەن،تېخىمۇ كۆركەم تۈسكە كىرىپتۇ.جىياڭچاۋ كېچىلەپ ئىشلەش ئارقىلىق، ئاخىرى كورىيە بىلەن پولشا كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن 150 دىن كۆپرەك سۇلياۋ «ۋاجرا قەدەھ» لىرىنى ياساپتۇ.

كورىيەكوماندىسى بىلەن پولشا كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى بولغان كۈنى، جىياڭچاۋ ئۆزى ياسىغان «ۋاجرا قەدەھ» لىرىنى فۇشەن تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئاپىرىپ ھەربىرىنى 10 مىڭ ۋونلۇق باھادا سېتىپتۇ، ھالبۇكى سودا ياخشى بولماپتۇ. جىياڭچاۋ كۆڭلىدە پەقەت كورىيە كوماندىسى يەڭسىلا ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ تىزسېتىلدىغانلىقىنى ئويلاپتۇ. نەتىجە جىياڭچاۋنىڭ پەرىزىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپتۇ، كورىيە كوماندىسى 2:0 نەتىجە بىلەن بۇ مەيدان مۇسابىقىدە يېڭىپتۇ.

خۇشاللىقتىن خۇدىنى يوقاتقان كورىيە توپ مەستانىلىرى پۇتبول مەيدانىغا بېرىپ قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىپتۇ، جىياڭچاۋنىڭ كىرىش ئېغىزىغا تىزغان كورىيەنىڭ دۆلەت بايرىقى ۋەسۇلياۋ «ۋاجرا قەدەھ» لىرىمۇ بىردەمدىلا سېتىلىپ تۈگەپتۇ. ئۇ كۈنى كەچلىكى مېھمانخانىغا قايىتقاندىن كىيىن جىياڭچاۋ ئۆزىنىڭ پايدىسىنى ھېسابلاپتۇ: تەننەرخنى چىقىرىپ تاشلىغاندىن كىيىن، توپتوغرا 10 مىليون ۋون (تەخمىنەن 60 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) تاپقان ئىدى. بىر كۈنلۈك كىرىمنىڭ 60 مىڭ يۈەن بولۇشىنى جىياڭچاۋ ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن زور پايدىنى كۆرۈپتۇ.

ئارقىدىنلا جىياڭچاۋ قىز دوستى بىلەن بىرلىكتە كورىيە كوماندىسىنىڭ ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدىغان جاي داچىيۇغا بېرىپتۇ. داچىيۇغا بارغاندىن كىيىن،ئىككەيلەن كېچىلەپ سۇلياھ «ۋاجرا قەدەھ» ياساپتۇ. ئەينى ۋاقىتتا كورىيەكوماندىسىنىڭ گوللاندىيەلىك باش تېرىنىرى شىدىك كورىيە توپ مەستانىلىرىنىڭ چوقۇنغۇچىسىغا ئايلانغان بولۇپ، ئەقىللىق جىياڭچاۋ بۇ نۇقتىنى ھېس قىلغاندىن كىيىن، شۇ جايدىكى كىشىلەرنى تېپىپ شىدىكنىڭ 5000 پارچە رەسىمىنى باستۇرۇپتۇ.نەتىجىدە مۇسابىقە كۈنى ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتى پاكپاكىزە سېتىلىپ تۈگەپتۇ، ھەتتاتەننەرخى 25 ۋون بولغان «ۋاجرا قەدەھ» 150 مىڭ ۋونلۇق يۇقىرى باھادا سېتىلىپتۇ.

كورىيە كوماندىسى بىلەن پورتوگالىيە كوماندىسىنىڭ رېنچۈەندىكى مۇسابىقىسىدە، جىياڭچاۋ ۋە ئۇنىڭ قىز دوستى مۇسابىقىدىن بۇرۇن مەھسۇلاتنىڭ يېرىمىنى سېتىش، ئېشىپ قالغانلىرىنى مۇسابىقىدىن كىيىن سېتىشنى قارار قىپتۇ. بۇ قارار ناھايىتى توغرا ئىدى، ئەينى ۋاقىتتا كورىيە كوماندىسى پورتوگالىيە كوماندىسىنى مەغلۇب قىلغاندىن كىيىن، نەق مەيداندىكى كورىيە توپ مەستانىلىرى ناھايىتى خۇشال بولغان، جىياڭچاۋ ۋەئۇنىڭ قىز دوستىمۇ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شىدىكنىڭ سۈرىتىنى سېتىپ، بىردەمدىلا 20 مىليون ۋون پۇل تاپقان.

مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، كورىيەلىكلەر كورىيە كوماندىسىنىڭ تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى 16 كۈچلۈك كوماندىغا كىرگەنلىكىنى توپتوغرا ئۈچ كېچە – كۈندۈز تەبرىكلىگەن، جىياڭچاۋ ۋە ئۇنىڭ قىز دوستىمۇ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ 10 مىليون ۋوندىن ئارتۇق پۇل تاپقان.

6 – ئاينىڭ بېشىدا، جىياڭچاۋ ۋە ئۇنىڭ قىز دوستى بىر مىليارىد ۋون (تەخمىنەن 600 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) نى ئېلىپ غەلبىلىك قايتىپ كەلگەن.

بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، جىياڭچاۋ ئادەتتىكى ئۇستامدىن بىر پۇلدارغا ئايلانغان. بۇنداق زور نەتىجىنىڭ بولۇشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ ئويلىيالايدىغان ھەم قىلالايدىغانلىقىدا.

ئويلاپ باقايلى، ئەگەر ئويلىغىنىنى قىلالمىسا، جىياڭچاۋ يەنە ئۆزىگە تونۇشلۇق بولمىغان كورىيەگە بېرىپ سودا پۇرسىتى ئىزدەمدۇ؟ ئۇ يەنە دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، كېچىلەپ«ۋاجرا قەدەھ» ياسامدۇ؟ ئۇ يەنە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۇلدارلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالامدۇ؟

جاۋاب ئەلۋەتتە «ياق.» جىياڭچاۋ كىيىنكى زىيارەت جەريانىدا يەنە مۇنداق دىگەن:«ئەمەلىيەتتە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ھەممىمىزنى غايەت زور سودا پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەن، پەقەت ئارىمىزدىكى زور كۆپ ساندىكى ئادەملەر ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى قىلىشقا پېتىنالمايدۇ، خالاس!» ئېھتىمال نۇرغۇنلىغان كىشىلەردە بۇ خىلدىكى پۇل تېپىش ئويلىرى بولغان بولۇشى مۇمكىن، بىرا ئۇ – بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جاسارەت بىلەن ھەرىكەتكە كېلەلمىگەن، نەتىجىدە بايلارنىڭ ئارقىسىدىن پۇشايمان بىلەن قاراپ قالغان.

كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، بايلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئويلىنىش يىتەرلىك ئەمەس، مۇھىمى ئويلىغانلىرىنى قىلىشتىن ئىبارەت. چۈنكى ھەرقانداق ياخشى ئىجادىيەت، مۇكەممەل ئويلارنىڭمۇ پەقەت ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلانغاندىلا ئاندىن قىممىتى بولىدۇ. ئەگەر بىز پەقەت ئەسلىدىكى جايىمىزدا ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ قىلىشقا پېتىنالمىساق، ئۇنداقتا بايلىق ئىشىكىدىن مەڭگۈ كىرەلمەيمىز.

شۇنىڭ ئۈچۈن سۆيۈملۈك دوستلار، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولۇشتا چوقۇم ئويلىغانلىرىنى قىلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك. شۇنى بىلىش كېرەككى، بايلىق ئىلاھى ھەرگىزمۇ ئويلىغانلىرىنى قىلمايدىغان ئادەمگە نەزىرىنى سالمايدۇ.

بايلىقنىڭ بايانى:

ئويلىغانلىرىڭىز قانچىلىك مۇكەممەل، سۆزلىرىڭىز قانچىلىك ئورۇنلۇق بولسۇن،سىز چوقۇم ئەمەلىيەتتە قىلىشىڭىز لازىم. ئەگەر ئويلىغانلىرىڭىزنى قىلالمىسىڭىز،ئۇنداقتا پەقەتلا قەغەز يۈزىدىكى قۇرۇق گەپ بولۇپ، ھېچقانداق نەتىجە بولمايدۇ.گەرچە قول سېلىپ ئىشلەشنىڭ خەتىرى بولسىمۇ، ھەرىكەت قوللىنىشنىڭ جەزمەن بايلىق ئېلىپ كېلەلىشى ناتايىن بولسىمۇ، بىراق ھەرىكەت قوللانمىساق نەتىجىدىن مەڭگۈ گەپ ئاچقىلى بولمايدۇ.

*******************************

مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى -ئويغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام

2014-يىلى .جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ