نامراتلار باشقىلارنىڭ پىكىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ،بايلار باشقىلارنىڭ تەنقىدىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ
نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ
بىرىنچى كىتاپ
ئۈچىنچى باپ سەككىزىنچى پارگىراپ
نامراتلار باشقىلارنىڭ پىكىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ، بايلار
باشقىلارنىڭ تەنقىدىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ
نامراتلارپۇل تېپىشقا كەلگەندە چاغلىق بولسىمۇ، بىراق دائىم ئۆزىنى ناھايىتى چوڭ چاغلايدۇ،شۇڭا ئۇلارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئازراق تەنقىد بولسىمۇ ئۇلارقوبۇل قىلمايدۇ. قانچە يۈزىنى ئايىغانسىرى ئۇلار شۇنچە نامراتلىقنىڭ پاتقىقىغا پاتىدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ قارشى پىكىرىنى ئۆزىگە بېرىلگەن زەربە دەپ ئويلايدۇ،نەتىجىدە ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەي ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشالمايدۇ.
بايلار بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، پۇلىسى قانچە كۆپ ئادەمنىڭ پىسخىكىسى شۇنچە تۇراقلىق بولۇپ،باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان تەنقىدىگە توغرا قارىيالايدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ ماختىشىغا يولۇققاندا كۈلۈپلا قويىدۇ، بىراق تەنقىدكە ئۇچرىغاندا چىن يۈرىكىدىن قۇلاق سالىدۇ. بۇ تەنقىد ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىسىمۇ ئۇلار مۇۋاپىق قوبۇل قىلىدۇ. نۇرغۇنلىغان ۋاقىتلاردا بايلار ئاكتىپلىق بىلەن باشقىلارنىڭ ئۆزىگە پىكىربېرىشىنى، ئۆزىنىڭ يىتەرسىز تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىشىنى، ئۆزىدىكى ئىللەتلەرنى تازىلاپ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
بۇ دەۋردە بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش – قازىنالماسلىقى ئۇنىڭ ئەقلىي كۈچىگە باغلىق ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش – ماسلىشالماسلىقى،ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارىتا مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرالىشىغا باغلىق. بىر ئادەمنىڭ تونۇش ئىقتىدارى چەكلىك بولۇپ، ئۆزىگە توغرا مۇئامىلە قىلمىقى ناھايىتى تەس، باشقىلارنىڭ پىكىرى سىزگە ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ توغرا تونۇتىدۇ،مۇۋاپىق پۇرسەت پىشىپ يىتىلگەندە ئۇ سىزنىڭ توغرا قارار چىقىرىشىڭىزغا ياردەم قىلىدۇ.
ساۋ يۆزې بولسا دۇفۇ بوتقىسى سېتىش ئارقىلىق باش كۆتۈرۈپ چىققان مىليادىر. 2003 – يىلى ئۇخىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ ئۆزىنىڭ ئىگىلىك يارىتىش يولىنى باشلىغان. مۇشەققەتلىك تىرىشىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى 2004 – يىلى باھار پەسلىنىڭ ئالدىدا بازارغا كىرگەن. ساۋيۆزې ئۆزىنىڭ دۇفۇ بوتقىلىرىنىڭ ناھايىتى بازار تېپىشىنى ئۈمىد قىلغان،بىراق ئۇنىڭ تاپشۇرۋالغىنى كۆپلىگەن زاكاز قەغەزلىرى ئەمەس، بەلكى تەرەپ –تەرەپتىن كەلگەن تەنقىد ۋە ئاغرىنىش بولغان.
نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ساۋيۆزېنىڭ دۇفۇ بوتقىلىرىنى ئىستىمال قىلغاندىن كىيىن قورسىقى ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلغان. ساتەرمەنلەر پۇل تاپالمىغانلىقتىن مال قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان، قەرز ئىگىلىرى ساۋيۆزېنى ۋەيران بولىدۇ دەپ قاراپ قەرزسۈيلەشنى باشلىغان. ھالبۇكى ساۋيۆزېغا نىسبەتەن بۇلار ھەرگىزمۇ چوڭ زەربە ئەمەس بولۇپ ، ئەڭ چوڭ زەربە بولسا ئىستىمالچىلاردىن كەلگەن ئاچچىقلىنىش ۋە ئاغرىنىش ئىدى .ئەگەر ئىستىمالچىلارنىڭ قوللىشى بولمىسا، ساۋيۆزېنىڭ ئىگىلىك يارىتىش چۈشى بەربات بولاتتى. تەنقىد ۋە گۇمانلىنىشقا دۇچ كەلگەندە ساۋيۆزې ھەرگىزمۇ ئۆزىنى يوقىتىپ قويمىدى، ئۇ سوغۇققانلىق بىلەن مەسىلىنى تەھلىل قىلىپ ئاخىرىدا بۇنىڭدىكى سەۋەبنى بايقىدى. ئەسلىدە ئىستىمالچىلارنىڭ قورسىقىنىڭ ئاغرىشىدىكى سەۋەب ساۋيۆزې كونىراپ كەتكەن دۇفۇلارنى ئىشلىتىپ بوتقا ئېچىتقان، شۇنىڭ بىلەن بوتقا ئېچىش جەريانىدا بىرخىل باكتىرىيە ھاسىل بولۇپ، ئىستىمالچىلار بۇ خىل باكتىرىيە بولغان دۇفۇ بوتقىسىنى يىگەندىن كىيىن ئۆزىنىڭ بىئارام بولغانلىقىنى ھېس قىلغان.
ئىشنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلىۋالغاندىن كىيىن، ساۋيۆزې كۆڭۈل قويۇپ دۇفۇ بوتقىسى ئېچىتىش تېخنىكىسىنى يېڭىلاش تەتقىقاتىنى باشلىغان. «قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە» دىگەندەك، 2005 – يىلىنىڭ بېشىدا ئۆزگەرتىپ ياخشىلانغاندىن كىيىنكى دۇفۇ بوتقىلىرىنىڭ بازىرى ناھايىتى ياخشى بولغان.
ساۋيۆزېنىڭ دۇفۇ بوتقىلىرىدىن مەسىلە چىقىپ ئىستىمالچىلارنىڭ تەنقىدى ۋە ئاغرىنىشىغا ئۇچرىغاندا، ساۋيۆزې ھەرگىزمۇ خۇدىنى يوقىتىپ قويمىغان، ئەكسىچە جاسارەت بىلەن تەنقىدنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى كەمچىلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.ئاندىن ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئەسلىدىكى كەمچىلىك ۋە مەسىلىلەرگە خاتىمە بېرىپ قايتا ئورنىدىن تۇرغان، ھەمدە غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن.
باشقىلار پايدىلىق تەنقىدلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، كۆپ قىسىم نامراتلار بۇنىڭغا توغرا قارىمايدۇ، ھەتتا قايىل بولمايدۇ. ئۇلار ئۆزىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزىمىز قىلىشىمىز كېرەك،باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش ئاۋارىچىلىق دەپ قارايدۇ. يەنە بىر خىل نامراتلاربولۇپ، ئۇلار باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغان قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ،بىراق ئاڭلاپ قويغاندىن كىيىن كۈلۈپلا قويىدۇ – دە، بۇ گەپ ئۇلارنىڭ «ئوڭ قۇلقىدىن كىرىپ سول قۇلقىدىن چىقىپ كېتىدۇ.» بايلار كەمتەرلىك بىلەن باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ھەتتا تەنقىدىنى ئاڭلايدۇ، ئاندىن ئۆزىنىڭ خىزمىتىگە قارىتا چوڭقۇر ئويلىنىش ئېلىپ بېرىپ پايدىلىق پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىدۇ.
بايلارنىڭ باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىشى ھەرگىزمۇ ئۇلاردا مۇستەقىل كۆز – قاراشنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئۇلار نۇرغۇنلىغان ۋاقىتلاردا مەسىلىلەرنىڭ ھەقدارغا قاراڭغۇ،كۈزەتكۈچىلەرگە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. نامراتلار دائىم ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ باشقىلارنىڭ پىكىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ ياخشى پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزى كەمچىلىكلىرى تەرەققىي قىلىپ «سەكراتقا چۈشۈپ»قالىدىغان دەرىجىگە يەتكەندە ئاندىن ھوشىنى تاپىدۇ. ھالبۇكى بۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئاللىقاچان كېچىككەن بولۇپ، ھېچقانداق ئىشنى قىلىشقا ئۈلگۈرگىلى بولمايدۇ.
بىر ئادەمنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ھەر قانچە يۇقىرى بولسىمۇ يەنىلا چەكلىك بولىدۇ، «كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ، ئۈچ ئادەم بىر يەرگە كەلسە جۇگېلىياڭ بولىدۇ.» پەقەت كۆپچىلىكنىڭ ئەقل – پاراسىتىنى جارى قىلدۇرغاندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ كەمچىلىكىنى تولۇقلاپ، ئۆزىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرگىلى بولىدۇ. شۇندىلا بايلىق يولىدا تېخىمۇ شىجائەت بىلەن ماڭغىلى، غەلبىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
سوڭشىيا شىڭجىجۇ «ياپونىيە تىجارەت ئىلاھى» دەپ تەرىپلەنگەن، گەرچە شىركەتتە ئۇنىڭ ئورنى ناھايىتى يۇقىرى بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ كارخانا ئىچىدە ھېچقانداق كىبىرى يوق بولۇپ،تۆۋەن قاتلامدىن كەلگەن خىزمەتچىلەرنىڭ تەنقىد – پىكىرىنى قوبۇل قىلىشقا ناھايىتى ماھىرئىدى.
سوڭشىيا شىڭجىجۇ دائىم ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى باشقۇرغۇچى خادىملارغا مۇنداق دەيتى: «سىز بۇ ئىشقا بولغان قارىشىڭىزنى سۆزلەپ بېقىڭ. ئەگەر سىز بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟» .بىر قىسىم ياش باشقۇرغۇچىلار دەسلەپتە ئۇنىڭ ئالدىدا سۆزلەشكە پېتىنالمىغان، بىراق ئۇلار سڭشىيا شىڭجىجۇنىڭ ئەستايىدىل چىراي ئىپادىسىنى كۆرگەندىن كىيىن تەسىرلىنىپ، ئۆزىنىڭ كۆز – قاراشلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن بايان قىلىشقا باشلايدۇ. سوڭشىيا شىڭجىجۇ قول ئاستىدىكىلەرنىڭ پىكىرىگە ناھايىتى ئېتىباربىلەن قارايدۇ، ئۇ دائىم ئۇلارنىڭ پىكىرىنى ناھايىتى زېھن قويۇپ ئاڭلاپ خاتىرىلىۋالىدۇ.
سوڭشىيا شىڭجىجۇنىڭ ۋاقتى بولسىلا زاۋۇتقا بېرىپ بىرىنچى سەپتىكى ئىشچىلارنىڭ پىكىرىگە قۇلاق سالىدۇ. ئۇ ئىشچىلارغا كۆز – قاراشلىرىنى ئەركىن ھالدا بايان قىلغۇزىدۇ، قارىشى تەرەپنىڭ قانچىلىك ئەزۋەيلىشىگە ئۇچرىغان تەقدىردىمۇ يەنىلا ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلايدۇ. سوڭشىيا شىڭجىجۇنىڭ ھېكىمەتلىرىدىن بىرى بولسا «كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىر – ئىككى جۈملە سۆزى توغرا بولىدۇ.»
سوڭشىيا شىڭجىجۇ ياپونىيەنىڭ داڭلىق كارخانىچىسى بولسىمۇ، قول ئاستىدىكىلەرنىڭ پىكىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلايدۇ. بىراق بەزى نامراتلار ئازراق ماختاشقا ئۇچرىسىلا جاھاندا ئۆزىنى بىر چاغلاپ قول ئاستىدىكىلەرنىڭ پىكىرىگە قۇلاق سالمايدۇ، ئاكتىپلىق بىلەن قول ئاستىدىكىلەرنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاشقۇ يوق گەپ.
بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقى ماددى جەھەتتىكى پەرق بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ چوڭى روھى ۋە پىسخىكا جەھەتتىكى پەرق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
توماس بولسا IBM نىڭ قۇرغۇچىسى، ئۇ دائىم قىزغىنلىق بىلەن قول ئاستىدىكىلەرنىڭ پىكىرى ۋە رازى بولمىغان تەرەپلىرىنى ئاڭلايدۇ. ئۇ يەنە خىزمەتچىلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن يۇقىرىغا ھەتتا باش لېدىرغا بىۋاستە ئۆزىنىڭ كۆز – قاراشلىرىنى ئېيتىشقا رىغبەتلەندۈرگەن، بۇنىڭ بىلەن ئوزۇنغا قالماي شىركەتتە «سۆز ئەركىنلكى» دەك ياخشى كەيپىيات شەكىللەنگەن. خادىملارنىڭ پىكىرىگە تېخىمۇ ئېتىبار بېرىش ئۈچۈن شىركەتتە يەنە مەخسۇس ئادەم مەسئۇل بولغان پىكىر ساندۇقى تەسىس قىلىنىپ، ھەر يىلى نەچچە ئونمىڭ دانە پىكىر كارتىسى تاپشۇرۋېلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا، توماس يەنە قىممىتى بارتەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان خادىملارنى مۇكاپاتلاپ، ئۇلارنىڭ تەكلىپىنى شىركەتنىڭ تۈزۈمى سۈپىتىدە قوللانغان.
بىر قېتىم،بىر ياش خىزمەتچى توماسنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ ئۇنىڭغا ناھايىتى ياخشى تەكلىپتىن بىرنى ئېيىتقان. توماس بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولغان، بىراق ئۇنىڭدا مۇكاپات بويۇمى قىلغىدەك نەرسە يوق ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ بىر باناننى تاپقان، ھەمدە بۇنى مۇكاپات بويۇمى سۈپىتىدە ئۇ خىزمەتچىگە بەرگەن. قىزىق يېرى،بانان شۇنىڭدىن كىيىن IBM شىركىتىدە مۇۋەپپەقىيەتنىڭ بەلگىسىگە ئايلانغان.
توماس ۋە سوڭشىيا شىڭجىجۇدا مۇنداق بىر ئورتاقلىق بار، يەنى ئۇلار باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاشقا ناھايىتى ماھىر، بۇ يەنە كېلىپ كۆپ قىسىم بايلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى.ئەگەر نامراتلار ئۆزىنىڭ نامرات ھالىتىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا، ئۇنداقتا ھەرگىزمۇ ئۆزىنىلا مەركەز قىلماسلىقى، باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىشى كېرەك، باشقىلارنىڭ تەنقىدى ۋە پىكىرىنى چوقۇم ئۆزىنىڭ مەسئۇليىتى ۋە مەجبۇريىتى قاتارىدا كۆرۈشى كېرەك، پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا، بايلىق ئاندىن يېقىنلىشىشقا باشلايدۇ.
بايلىقنىڭ بايانى:
ئاكتىپلىق بىلەن باشقىلارنىڭ پىكىرى ۋە تەكلىپىنى ئاڭلىغاندا يەنە ئۇسۇلغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، سىز كەمتەرلىك بىلەن باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىزمۇ، باشقىلار سىزگە كۆڭلىدىكى گەپنى قىلمايدۇ. پىكىر ئاڭلىغان ۋاقىتتا، چوقۇم ئۆزىنىڭ پوزىتسىيىسىگە، بەدەن شەكلىگە دىققەت قىلىش، كۆڭۈل قويغان تەرزدە قارشى تەرەپكە نەزەر سېلىش كېرەك. شۇندىلا قارشى تەرەپ ئۆزىنىڭ پىكىرىنىڭ ھۆرمەتكە ئېرىشكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى چىن ئويلىرىنى سۆزلەيدۇ.
خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان
نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك ناملىق كىتاب
2014-يىلى ئەقىدە شىركىتى تەرجىمە قىلدى
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام