A-A+

جاھاندا تەڭداشسىز غەلىتە تاش زىياپىتى

2016-يىل 27-ماي ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى, غەلىتە تاش باھا يوقكەن زىيارەت: 466 قېتىم

قومۇلدىكى «جاھاندا تەڭداشسىز غەلىتە تاش زىياپىتى» جېننىس دۇنيا رېكورتىغا ئىلتىماس سۇندى

20160526235833634

جاھاندا تەڭداشسىز غەلىتە تاش زىياپىتى، قەدىمىي پۇراققا تولغان «زىياپەت ئۈستىلى» نىڭ دىيامېتىرى 16.8 مېتىر، 1088 خىل «شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەكلىرى» تىزىلغان. يەنە كېلىپ بۇ غەلىتە تاش زىياپىتىنى بۇ ساھەدە تەڭدىشى يوق دېيىشكە بولۇپلا قالماي يەنە يۇقىرى بولغان تاماشا قىلىش ۋە ساقلاش قىممىتىگە ئىگە ئىكەن. نۆۋەتتە جېننىس رېكورتىنى ئىلتىماس قىلىۋېتىپتۇ. 

20160526235821399

شىنجاڭ قومۇل غەلىتە تاش مەدەنىيەت مۇزېيىنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 1800 كىۋادرات مېتىر، مەركەزلىك ھالدا قومۇلنىڭ ھەتتا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئونمىڭغا يېقىن غەلتە تاشلارنى يىغىپ ساقلاپ كۆپچىلىككە نامايان قىلدى. كۆرگەزمە جەمئىي تۆت بۆلەك بولۇپ، «جاھاندا تەڭداشسىز» غەلىتە تاش «چوڭ غىزا» سى، «لاي تاش ساماۋى كىتابى»، غەلىتە تاش ۋە مەدەنىيەت ئىجادىيلىقى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى جاھاندا تەڭداشسىز غەلىتە تاش زىياپىتى بولسا بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ جەۋھىرى ئىكەن. 

20160526235900198

شىنجاڭ قومۇل غەلىتە تاش مەدەنىيەت مۇزېيى بولسا بىر خۇسۇسىي مۇزېي، بۇ مۇزېينىڭ قۇرغۇچىسى غەلىتە تاش قېزىش، يىغىپ ساقلاش قاتارلىق مول تەجرىبىسى ئارقىلىق بۇ مۇزېينى قۇرۇپ چىققان، مۇزېي قۇرۇلغىلىمۇ 10 ئايدىن ئاشقان. شىنجاڭ قۇمۇل غەلىتە تاش مەدەنىيەت مۇزېيىدىكى نەپىس بۇيۇملارنىڭ تۈرلىرى ياكى دەرىجىسى جەھەتتىن بولسۇن شىنجاڭدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، كەسىپچانلىقى كۈچلۈك غەيرىي تاشلار مەدەنىيەت سارىيى ئىكەن.

20160526235909855

شىنجاڭ قومۇل تىپىك مۆتىدىل بەلباغ قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا تەۋە، شۇنىڭدەك يىراق قەدىمكى زاماندىكى قەدىمكى قازاق دېڭىز بويىدا بولغاچقا، ئۆزگىچە گېئولوگىيەلىك تۈزۈلۈشى ۋە كىلىمات شارائىتى، شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ تاماشا تېشى چىقىدىغان جايغا ئايلانغان. شۇنداقلا ئېلىمىزدىكى ئۈچ چوڭ كۆركەم تاش چىقىدىغان جايلارنىڭ بىرى. 2009-يىلى، قومۇل جۇڭگو كۆركەم تاش جەمئىيىتى تەرىپىدىن «جۇڭگو بويىچە ھۇزۇرلۇق تاش شەھىرى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن. ھازىر قومۇل شەھىرى  قوغۇن، قومۇل چوڭ چىلىنى ۋە غەلىتە تاش قاتارلىقلارنىڭ قومۇلنىڭ ئۆزگىچە كەسپى قىلىپ يۈزلەندۈرمەكتە.مەنبە : نۇر تورى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ