A-A+

نامراتلار ئاۋارىچىلىقتىن قورقىدۇ، بايلار ئاۋارىچىلىقنى يوقىتالايدۇ

2015-يىل 4-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 339 قېتىم

نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ

( بىرىنچى كىتاپ )

29781515515736

4-باپ 8-پارىگىراپ

نامراتلار ئاۋارىچىلىقتىن قورقىدۇ، بايلار ئاۋارىچىلىقنى

يوقىتالايدۇ

بايلىقنى قوغلىشىش سەپىرى ھەرگىزمۇ راۋان ئەمەس، جەزمەن نۇرغۇنلىغان ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچرايدىغان گەپ. مەسىلەن: مەبلەغ، مەھسۇلات، ھەتتا ئىشەنچ جەھەتتىكى ئاۋارىچىلىقلار. بۇنداق قارىماققا ناھايىتى مۇرەككەپ بولغان ئاۋارىچىلىقلارغا يولۇققاندا بىر ئادەمنىڭ قانداق پوزىتسىيەدە يۈزلىنىشى بۇ ئادەمنىڭ كەلگۈسىدە باي ياكى نامرات بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ.

ئاددى قىلىپ ئېيىتقاندا، نامراتلار ئاۋارىچىلىقتىن قورقىدۇ، بايلار ئاۋارىچىلىقنى يوقىتالايدۇ.

كىشىلىك ھايات ئاۋارىچىلىقلارغا تولغان، ۋاقىتلىق ئاۋارىچىلىقلاردىن ساقلىنىش ناھايىتى تەس، ھالقىلىق مەسىلە بۇنىڭغا قانداق پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا. بۇ ۋاقىتلىق توسالغۇلار بايلارنى تېخىمۇ پىشىپ يىتىلدۈرىدۇ، نامراتلارنى تېخىمۇ قورقۇتىدۇ، خۇددى بىر ماقالدا ئېيتىلغاندەك: ئاۋارىچىلىق كۈچلۈكلەرنىڭ پۇرسىتى،ئاجىزلارنىڭ قەبرىسى.

نامراتلار ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىغاندا ھەمىشە ناھايىتى ئاجىز ھالەتتە يۈزلىنىدۇ، پەقەت توختىماستىن ئۆزىنىڭ تەلەيسىزلىكىدىن ئاغرىنىدۇ، ئەزەلدىن بىرەر ئىش قىلىپ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلاپ باقمايدۇ. ئەمما بايلار ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىغاندا سوغۇققانلىق بىلەن ئاكتىپ تەپەككۇر قىلىپ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلىدۇ، ھەر قېتىملىق ئاۋارىچىلىقنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كىيىن، ئۇلار خۇددى ئوتتىن قايتا تۆرەلگەن سۇمۇرغقا ئوخشاش تېخىمۇ كۈچلىنىدۇ.

تاڭنا.چېپ بولسا بىر داڭلىق سودا ماگناتى، ئۇنىڭ كەسىپلىرى ئۆي – مۈلۈك، كۆڭۈل ئېچىش ۋەقىمار سورۇنى قاتارلىقلارغا چېتىلىپ، نەچچە مىليارىد مال – مۈلكى بار. ئۇنىڭ نۇريېغىپ تۇرغان چىرايىغا ئۇ ئىلگىرى ئۇچرىغان ئېغىر زەربىلەر، ئىشلىرىدىكى ئېغىرمەغلۇبىيەتلەر يوشۇرۇنغان. ھالبۇكى ئۇچرىغان ئاۋارىچىلىقلىرى كۆپ بولسىمۇ، بىراق ئۇ مەڭگۈ تىز پۈكمەيدىغان روھى بۇيىچە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۇچرىغان ئاۋارىچىلىقلىرىنى ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان تۈرتكىلىك كۈچكە ئايلاندۇرغان.

20 –ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىنىڭ بېشىدا، ئامېرىكا ئۆي – مۈلۈك كەسپى قىيىن ئەھۋالدا قالغان.بۇنىڭغا ئەگىشىپ تاڭنانىڭ ئۆي – مۈلۈكچىلىكىمۇ پاخاللىشىپ ئالىدىغان پايدىمۇ ئازلاپ كەتكەن، ئاخىرىدا ئون مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قەرزگە بوغۇلغان. بارلىق كىشىلەر ئۇنىڭ ئويۇنىنى كۆرمەكچى بولۇپ ساقلاۋاتقاندا، تاڭنا ھەرگىزمۇ بۇ چوڭ ئاۋارىچىلىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنى ئويلىمىغان. ئۇ دەل ۋاقتىدا ھەر قايسى بانكىلارنى تەكلىپ قىلىپ كۆرۈشۈپ ئاكتىپلىق بىلەن مەبلەغنى توڭلىتىپ قەرز قايتۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇ بانكىرلارغا ئوچۇق ھالدا ئەگەر ئۇلار داۋاملىق ئۇنى قوللىسا،كەلگۈسىدە ئۇلارغا زور پايدا ئېلىپ كىلەلەيدىغانلىقىنى، ئەگەر ئۇ ۋەيران بولۇپ كەتسە بارلىق كىشىلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتقان .

بۇ بانكىرلار تاڭناغا زور سوممىلىق قەرز بەرگەن ئىدى، ئۇلار تاڭنا ھەقىقەتەن ۋەيران بولۇپ كەتسە، ئۇ ھالدا ئۆزلىرىنىڭ پۇللىرىنى قايتۇرۋالالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تاڭنانىڭ بىر قىسىم قەرز ئۆسۈمىنى كۆتۈرۋېتىش پىلانىنى قوبۇل قىپتۇ. بەش يىل توختىماستىن تىرىشىش ئارقىلىق تاڭنا يەنە بىر قېتىم ئامېرىكىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىچىلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپتۇ، ھەرقايسى چوڭ بانكىلارمۇ كۆرۈنەرلىك پايدىغا ئېرىشىپتۇ.

ناھايىتى چوڭ ئاۋارىچىلىققا دۇچ كەلگەندە تاڭنا جاسارەت بىلەن يۈزلىنىشنى تاللىغان،ئاخىرىدا ئاۋارىچىلىقنى قايتا باش كۆتۈرىدىغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرغان.

ئاۋارىچىلىق يىتىپ كەلگەندە، مەيلى ئۆزىنى قاچۇرۇش ياكى ئارقىغا چېكىنىش بولسۇن، بۇلارھېچنىمىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. پەقەت دەل ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرغاندىلا ئاندىن ئاۋارىچىلىق ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ غەلبىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

20 –ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىنىڭ بېشىدا، ۋارتىس ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگىليە نىفىت شىركىتىنىڭ سەركىسىگە ئايلىنىپتۇ، بىراق شۇ ۋاقىتتا بۇ شىركەت ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان خەتەرلىك ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەن ئىدى. 1973 – يىلى تۇنجى قېتىملىق نىفىت كىرزىسى پارتىلىغاندىن كىيىن، شىركەتتە نۇرغۇنلىغان مۇقىمسىز ئامىللار يوشۇرۇنغان بولۇپ، بۇ ئامىللار پەقەت ساختا گۈللىنىش سەۋەبىدىن كۆمۈلۈپ قالغان، خىزمەتچىلەر شىرىن چۈش قوينىدا ياشاۋاتقان ئىدى.

يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ۋارتىس بىر قېتىملىق گۈللىنىش ئىچىدىكى يوشۇرۇن كىرزىسنى كۆرۈپ يېتىدۇ، ئۇ بۇ چوڭ ئاۋارىچىلىقنى ئۆزىگە قىلىنغان رىقابەت دەپ ئويلايدۇ. ئۇ ۋەزىپىگە قويۇلغاندىن كىيىن، قاپ يۈرەكلىك بىلەن بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ كونا شەكىلدىكى باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ‹ باش لېدىر ئەڭ ئۈستىگە چىقىپ پۈتكۈل شىركەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پىرامىدا › غا ئوخشىتىدۇ، ھەمدە بۇ خىل ئۆلۈك باشقۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ كۈندىن – كۈنگە رىقابەت كەسكىن بولغان يەر شارى خاراكتېرلىك سودىغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ.

ۋارتىس قاپ يۈرەكلىك بىلەن ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئۇ «ئەنگىليە نىفىت شىركىتىدە بىرمۇ مۇقەددەس ھوقۇقلۇق ئادەم يوق» دەپ قاراپ، پەقەت شىركەتكە پايدىلىقلا بولسا، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىجادىي خاراكتېرلىك پىكىرلەرنى بېرىش ھوقۇقى بارلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ خىل ئسلاھات ئارقىلىق ئەسلىدىكى پىرامىدا شەكىللىك باشقۇرۇش ئەندىزىسى قۇياش سىستېمىسى شەكلىدىكى باشقۇرۇش ئەندىزىسىگە ئايلىنىدۇ. باش لېدىر قۇياشقا تەققاسلىنىپ، ھەرقايسى تارماق شىركەتلەر سەييارىلەرگە ئوخشىتىلىدۇ، ھەرقايسى سەييارىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئوربېتىسى بولۇپ، يەنەچوقۇم قۇياشنى ئايلىنىپ ھەركەت قىلىشى لازىم ئىدى. بۇ ئارقىلىق شىركەتتىكى ھەربىرخىزمەتچىنىڭ ئاكتىپلىقى قوزغىتىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئەڭ يۇقىرى چەكتە جارى قىلدۇرۇلۇپتۇ، بۇ شىركەتنى كۈندىن – كۈنگە ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا بازىرىغا نىسبەتەن دەل ۋە ئۈنۈملۈك ئىنكاس قايتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىپتۇ.

ھەقىقىي بايلار ئاۋارىچىلىققا يولۇققاندا چوقۇم ۋارتىسقا ئوخشاش دەل ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆزى ۋە كارخانىنى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. ئەكسىچە نامراتلاربارلىق ئاۋارىچىلىقلاردىن بىزار، ئەگەر خوجايىن ئۇنى بىر قاپ تاماكا سېتىۋېلىپ ئەكىلىشكە بۇيرۇسا، ئۇ ئۆزىنىڭ بېكارغا ماڭسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ پايدا ئېلىشقا ئۇرۇنىدۇ، ئەگەر پايدا بولمىسا ئۇ چوقۇم بۇ ئىشنى قىلمايدۇ، چۈنكى، ئۇ بۇئىشنى بىر ئاۋارىچىلىق ئورنىدا كۆرگەن.

نامراتلار ئاۋارىچىلىققا نىسبەتەن ئۆزىنى قاچۇرۇش ياكى كۆرسىمۇ – كۆرمەسكە سېلىش پوزىتسىيىسىدە بولىدۇ – دە، ئوزۇنغا قالماي چوڭ پۇرسەتتىن قۇرۇق قېلىپ،ئاۋارىچىلىق يەنىلا ئاۋۋالقىدەكلا مەۋجۇت بولىدۇ. بۇنداق بولۇپلا قالماستىن،ئىلگىرىكى ۋاقتىدا ھەل قىلىنمىغان ئۇششاق ئاۋارىچىلىقلار جۇغلىنىپ چوڭ ئاۋارىچىلىقلارنى شەكىللەندۈرىدۇ – دە، نامراتلارنى تېخىمۇ ئازاپلايدۇ.

ھەربىرئادەم ئۆز تۇرمۇشىنىڭ ناھايىتى راۋان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئاۋارىچىلىقنى ھېچكىم ياختۇرمايدۇ، بىراق تۇرمۇش يەنىلا ئاۋارىچىلىققا تولغان. ئاۋارىچىلىق ھەممىلا يەردە مەۋجۇت، بىز ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشىنى توسالمايمىز، بىز پەقەت  قانداق پوزىتسىيە بىلەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىشنى تاللىيالايمىز.

ئاۋارىچىلىقتىن قېچىپ ۋە قورقۇپ يۈرۈش يەنىلا ئۇچرىغان ئاۋارىچىلىقلارنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ ئۇنىڭدىن پايدىلانغانغا يەتمەيدۇ، شۇنداق قىلسىڭىزلا بايلىقمۇ سىزگە قاراپ كېلىدۇ.

بايلىقنىڭ بايانى:

دۇنيادىكى بارلىق ئىشلارنى ئۆز – ئارا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ، ئوخشىمايدىغان يېرى، بايلاريامان ئىشلارنى ئۆزىگە پايدىلىق بولغان ياخشى ئىشلارغا ئۆزگەرتىدۇ، بىراق نامراتلار ئىشلارنى تېخىمۇ مۇرەككەپ قىلىۋېتىدۇ. خەتەرنىڭ ئارقىسىغا بەخت يوشۇرۇنغان دىگەندەك، ئاۋارىچىلىقنىڭ ئارقىسىغىمۇ زور پۇرسەتلەر يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن. پەقەت ئاكتىپلىق بىلەن يۈزلىنىپ، ئۆزىنىڭ كەمچىلىكىنى تۈزىتىپ ماڭغاندىلا ئاۋارىچىلىقنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرغىلى بولۇشى مۇمكىن.ئاۋارىچىلىقنىڭ ئۆزگىرىشى ئۈچۈن بىر جەريان كېتىدۇ، بەزىدە بۇ جەريان بايلارنى ھاردۇرۇپ ،چارچىتىۋېتىشى مۇمكىن، بىراق ئۇلار يەنىلا ئىزچىللىق بىلەن ئىشلىرىنى ئىزىغا سالغۇچە داۋاملاشتۇرالايدۇ.

*******************************************

مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى-ئويغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام

2014-يىلى .جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ